ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شەمشەر تورى 9-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1878 17
شەمسى ۋاقتى: 2012-10-9 20:58:18 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىسمى:
شەمشەر تورى
خەنزۇچە ئىسمى:
刀剑神域
دۆلىتى:
ياپونىيە
تۈرى:
ئويۇن، فانتازىيە، ھەرىكەتلىك
تىلى:
ياپونچە
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
فورماتى:
RMVB
ۋاقتى:
2012-07-07
IMDb:
tt2250192
رازمېرى:
720×396
سىغىمى:
25CD×156
ئۇزۇنلىقى:
23~26
باش رولچىلار:
كىرىتو- ماسۇموكا يوشىسۇگۇ
ئاسۈنا- توماسۈ خارۇكا
رىفا (كىرىتونىڭ سىڭلىسى) - تاكېتاسۇ ئايانا
كۇرايىن- خىراتا خىروئاكى («دېڭىز قاراقچىلىرى شاھى» دىكى سانجىغا ئاۋاز بەرگەن ئادەم)
كايابا ئاكىخىكو - يامادېرا كوئىچى
شىرىكا - خىداكا رىنا
ساچى - خايامى سائورى
رىزۈ- تاكاگاكى ئاياخى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 7- كۈنى كاۋاخارا رېكىنىڭ بازارلىق رومانى «شەمشەر تورى» غا ئاساسەن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق چاتما كارتون فىلىم TOKYO MX قاتارلىق توققۇز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇشقا باشلىغان . بۈگۈنگە قەدەر ھەپتىدە بىر قىسىم يېڭىلىنىپ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى 9- قىسىمى قويۇلۇپ بولىدى. ئورگان بېتىدە ئېيتىلىشىچە بۇ كارتون فىلىمنى 25 قىسىم قىلىپ ئىشلىنىش پىلانلىنىپتۇ. (ئاپتورنىڭ ‹تېزلەتمە دۇنيا )加速世界 (› ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كارتون فىلىممۇ بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ قويۇلۇۋاتىدۇ)
قىسقىچە ۋەقەلىكى:
2022‏- يىلى ئىنسانلار مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى شېركىتى «ARGUS» رېئاللىق ۋە مەۋھۇم دۇنيانى تۇتاشتۇرغۇچى «NERvGear» نى ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تالانتلىق لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو مىسلى كۆرۈلمىگەن RPG تور ئويۇنى «شەمشەر تورى» (Sword Art Online) نى لاھىيىلەپ چىقىدۇ. ئويۇن بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن قاتتىق بازار تېپىپ تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان ئونمىڭ دانە خاتىرە نۇسخىسى تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. ئويۇنچىلار تەقەززا ئىچىدە «NERvGear» دەپ ئاتىلىدىغان دۇبۇلغىنى تاقىشىپ مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز بۇ ئويۇندا چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ يوقلىغىنى بايقىشىدۇ. كېيىن مەلۇم بولىدۇكى بۇ ئويۇننىڭ يوچۇقى بولماستىن لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئىدى. بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى شەمشەر تورىدىن چېكىنىشنىڭ بىردىن-بىر ۋاستىسى بولسا بۇ ئويۇندىكى 100 قەۋەتكە بۆلۈنگەن قەلئە ئاينكراتتونىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى ئازاد قىلىش ئىدى. باش قەھرىمان كىرىتو «شەمشەر تورى» نىڭ يېپىق سىنىقىغا قاتناشقان بولغاچقا باشقا ئويۇنچىلار بىلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەردار ئىدى...
تېزرەك شەمشەر تورىنى ئازاد قىلىپ رېئال دۇنياغا قايتىش ئىستىگىدە بارلىق ئويۇنچىلار دەرىجە ئۆستۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بىر ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2000 غا يېتىدۇ... كىرىتو بولسا يېپىق سىناققا قاتناشقانلىقى تۈپەيلى باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ «بېكىنمىچى» (يېپىق سىناققا قاتناشقا ھەم ساختىپەزلىك قىلغان ئويۇنچى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما كىرىتو باشقىلار ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تېز دەرىجە ئاشۇرۇپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئاتامانلار بىلەن يالغۇز ئېلىشقۇدەك دەرىجىگە بارىدۇ. ئاستا-ئاستا پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كىرىتو، يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە دوستلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەتراپىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنى قوغداشقا باشلايدۇ ...











ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار17

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
سۈرخان ۋاقتى: 2012-10-10 00:13:42 | ئايرىم كۆرۈش
دىۋان مېنىڭ، كىم مەندىن دىۋان تالاشسا دىكتاتۇرامغا ئۇچرايدۇ
يىكەنداز
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-10 10:48:47 | ئايرىم كۆرۈش
تۈزۈك ئادەم يوققۇ، ئەمىسە باللا دەپ قويمىدى دېمەڭلار ھە، ما كارتوننىڭ ئېسىل يەرلىرىگە كېلىۋاتىدۇ...
كېلەر قىسىمدا كىرىتو بىلەن شەمشەر تورىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئويۇنچى دۇئىلغا چۈشىدۇ، كۆرۈۋاتقان بالىلار دەڭلارچۇ قېنى، سىلەر كىرىتونىڭ يېڭىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر ياكى ئۇنىڭغا يېڭىلىپ ئاسۈنا بىلەن بىر ئۇيۇشمىدا بىللە تۇرىشىنىمۇ؟

باھا سۆز

مەن كىرىتونىڭ يېڭىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھە راست، ماۋۇ كارتوننىڭ ئاخىرىنى مەن پەرەز قىلىپ باقاي. ئويۇننى ئ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-10-10 13:32
گېلەم
ناخرۈس ۋاقتى: 2012-10-10 11:37:00 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 10:48
تۈزۈك ئادەم يوققۇ، ئەمىسە باللا دەپ قويمىدى دېمەڭلار ھ ...

ۋاي تېخى كىرىتودىنم كۈچلۈكلەر بارمۇ؟ مەن تېخى كىرىتونى ئەڭ كۈچلۈكمىكىن دەپتىمەن.
ئاسۇنا بىلەن ئىككىسى بەكلا يېقىنلىشىپ كەتتى، راست دېگەندەك توي قىلىدىغان ئوخشايدۇ
كىگىز
ئىلىياس ۋاقتى: 2012-10-10 12:48:41 | ئايرىم كۆرۈش
كىرىتونىڭ يېڭىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ئورۇندۇق
ئىلىياس ۋاقتى: 2012-10-10 12:51:18 | ئايرىم كۆرۈش
رىفا (كىرىتونىڭ سىڭلىسى)  دەپ تۇرىدىيا كىرىتونىڭ سىڭلىسى چىقامدۇ
داق يەر
سۈرخان ۋاقتى: 2012-10-10 13:32:16 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 10:48
تۈزۈك ئادەم يوققۇ، ئەمىسە باللا دەپ قويمىدى دېمەڭلار ھ ...

مەن كىرىتونىڭ يېڭىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،
ھە راست، ماۋۇ كارتوننىڭ ئاخىرىنى مەن پەرەز قىلىپ باقاي. ئويۇننى ئازاد قىلغاندىن كېيىن كىرىتو قالپىقىنى ئېلىۋىتىدۇ،سىڭلىسى ‹ئاكا مەن كۇرژىكتىن قايتىپ كەلدىم› دەپ كېلىدۇ، ئاندىن كىرىتو رېئال دۇنيادىن ئاسۇنانى ئىزدەيدۇ. ئاخىرى مۇشۇنداق تۈگەيدۇ.
ئەگەر راستلا شەمشەر تورىدىكى ۋاقىت بىلەن رېئال دۇنيادىكى ۋاقىت تەڭ ماڭىدىغان بولسا ئۇ چاغدا ئويۇنچىلار ئاچلىقتىن ئۆلمەمدۇ
مىخ
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-10 15:46:39 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 11:32
مەن كىرىتونىڭ يېڭىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،
ھە راست، م ...

دۇئىلنىڭ نەتىجىسى ئادەم ئويلىمىغان يەردىن چىقىدۇ...
  شەمشەر تورى ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئويۇندىكىلەر بىر-ئىككى سائەتكىچە توردىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، شۇ ۋاقىتتا رېئال دۇنيادا ئۇلارنىڭ تېنىنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلىپ دورا ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن ھايات تۇرىدۇ... قالغان پەرەزلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى توغرا، ئەمما شەمشەر تورى سىز ئويلىغاندىنمۇ تېز ئازاد بولىدۇ...
9#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-10 15:56:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلىياس يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 10:51
رىفا (كىرىتونىڭ سىڭلىسى)  دەپ تۇرىدىيا كىرىتونىڭ سىڭلى ...

كىرىتونىڭ سىڭلىسى بىرىنچى قىسىمدىلا چىقىدۇ ئەمما 15- قىسىمدىن باشلاپ رەسمىي باش پېرسوناژ سۈپىتىدە چىقىدۇ...
10#
ئىلىياس ۋاقتى: 2012-10-10 19:23:03 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 15:56
كىرىتونىڭ سىڭلىسى بىرىنچى قىسىمدىلا چىقىدۇ ئەمما 15- ق ...

كىرىتونىڭ سىڭلىسىمۇ ئۇيۇنغا كىرەمدۇ . بىرىنجى قىسمىدا ئۇيۇننىڭ سىرتىدا چىقىدۇ.ئەمما بىشىدا ئۇيۇننىڭ 10مىڭ نۇسخىسى سىتىلىپ بۇلسا ئۇيۇنغا قانداقكىرىدۇ؟؟؟؟
11#
ئىلىياس ۋاقتى: 2012-10-10 19:24:25 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 13:32
مەن كىرىتونىڭ يېڭىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،
ھە راست، م ...

ئىمزايىڭىزدىكى رەسىمنى قانداق چىقاردىڭىز. مەن چىقارسام چىقمىدى
12#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-10 19:32:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلىياس يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 17:23
كىرىتونىڭ سىڭلىسىمۇ ئۇيۇنغا كىرەمدۇ . بىرىنجى قىسمىد ...

ئالدىرىماڭ، ئالدىرىماڭ، بۇ كارتون سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق بىر لىنىيە بويىچە ماڭمايدۇ. ھازىر دەۋەتسەم قىزىقى بولمايدۇ قاراڭ، 14- قىسىمنى كۆرسىڭىز ھەممىنى چۈشىنىسىز.
13#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-10-10 20:17:38 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ قىسمىدا ۋەقەلىك تېخىمۇ جىددىيلىككە تولدى، كىرىتو دېمەك رەئىس ئىسۈكىرىفۇ بىلەن دوئىلغا چۈشىدىكەندە. كېيىنكى قىسمىغا قاراشلىق قالدىم ھازىر
14#
قاتىل ۋاقتى: 2012-10-10 20:36:29 | ئايرىم كۆرۈش
10-قېسېم قاچان چېقېدۇ

باھا سۆز

10-قىسمى ئېلان قىلىنغاندا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-10-10 20:44
15#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-10-10 20:44:08 | ئايرىم كۆرۈش
قاتىل يوللىغان ۋاقتى  2012-10-10 20:36
10-قېسېم قاچان چېقېدۇ

10-قىسمى ئېلان قىلىنغاندا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1