ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

يىڭى قۇرۇلغان تەرجىمە فىلىم بەتلىرىگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
31#
toghraq731 ۋاقتى: 2016-4-15 21:02:38 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   toghraq731 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-15 23:37  

فىلىمخۇمارنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياڭلا باللاۋ! ياخشى نەسە  مەخپىي قالمىسۇن، مەنمۇ كۆرۈپ باقاي.
32#
نۇر0997 ۋاقتى: 2016-4-16 00:43:11 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم دىگەن ئاتالغۇنى ئەينى يىللاردا بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گورۇپپىسىدىكىلەردىن بىلگەن ، ھازىر ئاساسلىق پۇت تىرەپ تۇرىۋاتقان چوڭراق بېكەتتىن ئاقبۈركۈت بىلەن قۇتيار بار، موشۇ بېكەتلەرمۇ ئەشۇ چاغدىكى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ھەم تەرەققى قىلىپ موشۇ كۈنلەرگە ئۇلاشقان ، لېكىن يېڭىدىن بېكەت قۇرغان ۋە قۇرماقچى بولىۋاتقانلارغا  سەمىمى مەسلىھەت : تەرجىمە قىلىش، كىرىشتۈرۈش ، تەھرىرلەش ، پىرىسلاپ بوشلۇققا يوللاش ، موشۇلارنىڭ ھەممىسىسگە كومپىيوتېر ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇشقا چىدىغۇدەك پولاتتەك قوڭ بىلەن قەتئى ئىرادە شۇنداقلا ھەممىدىن مۇھىمى مەلۇم ئىقتىسادى شارائىت بىلەن ۋاقىت بولمىسا  بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەن بېكەت قۇرۇپ ئاۋارە بولماڭ ، شۇ بىكەتكە ئىسراپ قىلغان ۋاقتىڭىز بىلەن زېھنىڭىزنى تەرجىمە قىلىشقا ياكى كىرىشتۈرۈشكە ئاجىراتسىڭىز بەلكىم بۇنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىشى مۇمكىن ، بىز دە يەنە يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس دەيدىغان گەپمۇ بار ، بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم خالاس ،شۇنداقلا مۇنبەردىكى ھىچكىمگىمۇ قارىتىلغان ئەمەس ، يەنىلا دەيدىغىنىم ‹‹ ئاز بولسىمۇ ساز بولسۇن ››
33#
كۆكۈيۈن ۋاقتى: 2016-4-16 12:20:14 | ئايرىم كۆرۈش
kaiyum1993 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-15 18:21
najmi دىگەن گەپلىرىنىڭمۇ ئاساسى باردۇ؟
ئ‍ۇنىڭ بىلەن رى ...

خاتا چۈشەنمىسىلە مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس ...
34#
del ۋاقتى: 2016-4-16 13:09:41 | ئايرىم كۆرۈش
كۆكۈيۈن يوللىغان ۋاقتى  2016-4-16 12:20
خاتا چۈشەنمىسىلە مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس ...

يېلىڭ چىقىپ كىتىپتىغۇ ؟
35#
 ئىگىسى| isyankar ۋاقتى: 2016-4-16 18:46:54 | ئايرىم كۆرۈش
Nejmi قېرىندىشىم بۇ ھەرگىزمۇ تەرجىمان ۋە فىلىم ئۈچۈن جاپا چەككەنلەرنىڭ ئەمگىكىگە رەھمەت دىگۈسى كەلمىگەنلىك مەسىلىسى ئەمەس
36#
كۆكۈيۈن ۋاقتى: 2016-4-16 20:18:53 | ئايرىم كۆرۈش
del يوللىغان ۋاقتى  2016-4-16 13:09
يېلىڭ چىقىپ كىتىپتىغۇ ؟

ئۇرۇشۇپ كېتىمەنما
37#
ھەرە6 ۋاقتى: 2016-4-16 20:52:13 | ئايرىم كۆرۈش
toghraq731 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-15 21:02
فىلىمخۇمارنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياڭلا باللاۋ! ياخش ...

www.filimhumar.com
38#
ھەرە6 ۋاقتى: 2016-4-16 21:04:11 | ئايرىم كۆرۈش
razzak يوللىغان ۋاقتى  2016-4-14 20:17
قارىغاندا ماگەپ مەن قۇرغان فىلىمخۇمار تورىغا مەركەزلى ...

  مەن فىلىم خۇمارنى قوللايمەن . داۋاملىق تىرىشىڭ ، كورەلمەسلەرنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماڭ . ئەمدى فىلىم خۇمارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق 3د كىنو كوردىغان زامان كەلگەندە  بەزىلەرنىڭ بۇرۇندىن يۆتلىگىسى كەپ كەتتى . بوشلۇقلار مۇقۇم بولمايۋاتقان ھازىرقىدەك رىقابەت كەسكىن بولۋاتقان ۋاقىتتا ئىچىلىپتۇ . ئاسان ئەمەس ،سوغۇق قان بولۇپ سالماقلىق بىلەن ئىلگىرلەڭ .ھازىر بىزگە بۇنداق قۇرۇق گەپ ئەمەس ئەمەلىي ھەركەت كىرەك.
39#
نامسىز01 ۋاقتى: 2016-4-17 00:13:25 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نامسىز01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-17 08:42  

ئەسلى ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ ئاستا جىممىدە چىقىپ كەتمەكچى ئىدىم، لېكىن بالىلارنىڭ ھەسەل تىتىيدىغان ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ قالارمەنمۇ دېگەن كونا ئادىتىم بويىچە قەۋەت ئاتلاپ مېڭىپ گەپ قىلماي دېسەممۇ گەپ قىلغۇم كەپكەتتى.....
فىلىمخۇمار تورىنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ قاپتۇ، لېكىن بىرەرسىڭلا دىققەت قىلمىدىڭلارمۇ فىلىمخۇمار تورى باشقا يېڭى چىققان تورلاردەك ھەممە بەتكە بىردىن كىنو يوللاپ نوقۇل ئادەم توپلاشنى ۋاسىتە قىلىۋالمىدى، بىرىنچى بولۇپ ياقتۇرغان يېرىم مۇشۇ، فىلىمخۇمار تورى ئاساسلىق ئاۋازلىق فىلىم قىلىدۇ، خەتلىك فىلىم بولسا قوشۇمچە، شۇڭا فىلىمخۇمارغا مىنىڭ ئارتۇق پىكرىم يوق پەقەت تەكىتلەيدىغىنىم خەتلىك فىلىملەرنى قىلغاندا سۈپەتلىك بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلسا....
ئاقبۈركۈتكە ئەزا بولغىنىمغا 3 يىلچە بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ بەتكە كىرىۋاتقىنىمغا 5-6 يىل بولۇپ قالدى بۇرۇن پۇل قاچىلاپ فىلىم كۆرەتتىم ھەم مۇنبەردىكى گېپى ھەسەل تەملىك، ئاچچىقسۇ-لازا تەملىك، قەشقەر پۇراقلىق، مىڭ بىر كېچە ھىكايىسىدەك ئۇزۇن، رېھىم قاننىڭ ئىتوتىدەك يۇمۇرلۇق، ئىنكاسلارنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم. بالىلارنىڭ شۇنداق چاقچاق ۋە پاراڭلىرىنى كۆرسەم كۈلۈپ كۆزۈمدىن ياش چىكىتەتتى.... ئۇنداق ئىنكاسلارنى كۆرمىگەنگىمۇ ئۇزۇن بولدى.....
ئاقبۈركۈت يېقىنقى زامان تارىخىغا قارىساق ئاقبۈركۈتمۇ ئالدىنقى قېتىمقى ئۆزگەرتىشتە تاس قالدى يەرگە چۈشۈپ كەتكىلى، بىرىمىز بىردىن ئانى مانى دەپ يۈرۈپ بىلمىگەنلەرنى توۋلاپ يۈرۈپ ئاران بىر ئۇچۇرۋالدۇق... كىيىن چىچى بار يىشو دىلمۇراتكامنىڭ ۋاقتىدا ئىلىپ بارغان دوللار سىياسىتى ئارقىلىق يەنە تەرجىمانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.....
يۇقىرىقىلار ئىككى بېكەت ھەققىدە قىسقا ئۈزۈندىلەر ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك ئەسلى ئىنكاس يېزىش سەۋەبىم مۇنداق
بەزى توربەتچىلەرنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگۈملا كېلىدۇ، خەتلىك فىلىم دەپ چىقىرىپ قويغانغا خەتلىك فىلىم كۆردىمۇ ياكى باش ئاغرىتىدىغان كىنو كۆردىمۇ ئادەم بىلگىلى بولمايدۇ، بۇرۇنقى سان ئەمەس سۈپەت بىرىنچى خەتلىك فىلىم ئىشلەش فىلىمنى ھەقىقىي ئۆلچەملىك كۆرۈش ئۈچۈن دېگەن شوئارلارنى خالانىڭ ئىچىگە قويۇپ قويغاندەكلا ئىش قىلىدىغانلار جىقىيىپ كېتىپتۇ. مەن سەل ئەسكى ئوخشايمەن دەپ ئەركانكام ۋە باشقا كونىلارغا دېسەم مېنىڭكىنى توغرا دەيدۇ ئۇف دېدىم
ھەتتا بەزىلەر بېرىلگەن تەكلىپ ئۈچۈنمۇ تىل بەردى خۇددى ‹قوڭامدا ئىشتان يوق ئىسمىم مارجان بۈۋى› دېگەندەك ئىش قىلىدىغانلار بار ئىكەن. ھېچكىم بىكارچى ئەمەس ھەممە ئادەمدە ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشى بولىدۇ، بىكارچىلار ھازىر يوق دېيەرلىك، ھەممە ئادەم قوللاڭلا دەيدىكەن بىر تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغان ئادەمنى قوللىغىلى بولامدۇ؟ تەكلىپنىڭ ئۆزى قوللاش، شۇنى چۈشەنمەيدىغانلار ئىش قىلىمەن دېمەي كۆتۈڭلارنى قىسىڭلار، بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمەي بىكار چېچىلىپ يۈرەك كېسىلىم قوزغىلىپ قالىدۇ، ئالدىنقى قېتىممۇ  ئاخىرىدا ئەركانكام قاتارلىق چوڭلار كۆڭۈل قويۇپ توختاتقان ئىدى.
شۇڭا يېقىندىن بىرى قوڭى ئوچۇقلار تەرجىمە تورى، 2 شۇم تەرجىمە تورى دېگەندەك تورلارنى كۆرسەم بوسوغىسىغا دەسسىمەي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدۇم.
ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش ھەققىدە سۆزلەر بولۇپ قاپتۇ، مەنمۇ كۆمەي تۇرۇپ ئىنكاس يېزىڭ دېسە ئەڭ قاملاشمىغان ئىنكاس يازىدىغانلارنىڭ بىرى، كۆمەي تۇرۇپ نېمىگە ئىنكاس يازىمەن؟ رەھمەت ئىيتىڭ!؟ نېمىگە ئېيتىمەن كىنونى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆلچەملىكمۇ ئۆلچەملىك ئەمەسمۇ بىلمەي تۇرۇپ  نېمىگە رەھمەت ئېيتىمەن؟
دادام ماڭا بىلمەي سۆزلىمەڭ، ئىشلىمەي يېمەڭ دەپ ئۆگەتكەن...
ھەقلىق ئەزا دەپ پۇلغا دۈم چۈشكەنلەرگىغۇ گەپ قىلماي بولدى بىكا ئاغزىمنى بۇزۇپ سالىمەن،  ىزىقىش ياكى زوق ئۈچۈن ئەمەس پۇل ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلار ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلىڭلار....
40#
نامسىز01 ۋاقتى: 2016-4-17 00:15:38 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر05 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-15 00:47
خاسلىق يارىتىش مۇھىم، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى ھەمكار ...

ئۇيغۇر05 بۇرادەر سىزچە بۇ گەپكە ئەمەل قىلدىغان توربەتلەردىن قانچىسى باردۇ ھازىر؟
41#
wiiros ۋاقتى: 2016-4-17 01:19:47 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي تېخى تۈگىمىدىمۇ بۇ جىدەل،  شاھرۇكخاننىڭ سۆزىدىن ئارىيە ئوقۇي: ناۋادا مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندىلار مۇشۇنداق ماجرالىشىپ كېتىۋەرسە، بۇنى خىرىستىيانلارنىڭ ھەل قىلىشىغا تاشلاپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

شاھرۇكخان مۇشۇنداق چوڭقۇر ئويلۇق پىكىر قىلىدۇ
42#
del ۋاقتى: 2016-4-17 12:02:33 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز01 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-17 00:15
ئۇيغۇر05 بۇرادەر سىزچە بۇ گەپكە ئەمەل قىلدىغان توربەت ...

يوق دىيىشكىمۇ بولماس ھازىر بولمىسا كىيىن چوقۇم شۇنداق بىرە بىكەتنىڭ چىقىشىغا ئىشىنىمەن .
43#
نامسىز01 ۋاقتى: 2016-4-17 15:10:54 | ئايرىم كۆرۈش
del يوللىغان ۋاقتى  2016-4-17 12:02
يوق دىيىشكىمۇ بولماس ھازىر بولمىسا كىيىن چوقۇم شۇندا ...

مەن يوق دىمەكچى ئەمەس ئۇنداق دەيدىغان توربىكەتلەر ساناقلىقلا قالدى....
44#
كائىنات ۋاقتى: 2016-4-22 00:54:44 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالاممۇ -ئەلەيكۇم :بارلىق قېرىنداشلار ئەسلى مەن ما ئىنكاسلانى كۆرۈپلا جىم تۇرۇۋالاي دېگەن، لىكىن قارىسام بەكلا قىززىپ كىتىپسىلە ،مىنىڭ ئارتۇقچە گەپ قىلغىمۇ يوق ئىدى ، لىكىن شۇندا بولسىمۇ بىر -ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قوياي .
يىقىندىن بۇيان كۆپلىگەن سۈزۈك فىلىملەر مۇنبەرلەر كۆپىيىپ قالدى ،بۇندا بولغىنى بەك ياخشى لىكىن بەزەن بىر مۇنبەرلەر يولىغان كىنۇلىرىنى ھەددىن زىيادە قىممەت باھادا سىتىۋاتىدۇ ،بەزەن كىنۇلارنى ھەق تۆلەپ سېتىۋالغاندا كىنونىڭ ئاخىرى ماسلاشمىغان ياكى چۈشۈرۈش ئادىرىسى يۇقاپ كەتكەن ،ئالاقىلاشساق مانا ئەنە دەپ ۋاقىت سوزىغان ،ھەمدە كىنو كىرىشتۈردۇق دەپ نەدىكى چاكىنا كىنولانى قىلىپ بەزەن بىر كىنوخۇمار دوسلارنىڭ قىزغىنلىققا سوغۇق سۇ سەپمەكتە ،مىنىڭ دەيدىغىنىم بولسا دوسلا كىنۇنىڭ ياخشىراقىنى قىلساڭلار ناچار كىنولار ياكى ئانچە ياخشى ئەمەس كىنولارنى بولسا ھەقسىز قىلساڭلار بولمىسا ما ھەق تۆلەپ كىنو كۆرىۋاتقانلار زىيان تاتمىسۇن، ھاز ئىقساد ناچار ۋاقىتتا بىر كويمۇ خىلى چوڭ ھىسابلىنىدۇ،،
45#
ئوتقاش025 ۋاقتى: 2016-4-25 22:59:21 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەنمۇ پىكىرىمنى بايان قىلىپ باقاي،مەن ئادەتتە ئىنكاس يازمىغىنم بىلەنمۇ ئاق بۈركۈتنىڭ كونا ئەزاسى،ئەزا بولغىلىمۇ 4يىل بولدىغۇ دەيمەن،خەتلىك فىلىم دىگەن ئاتالغۇنى دەسلىۋىدە ئاق بۈركۈتتىن بىلگەن ئىدىم،ئاق بۈركۈتتىكى كىنولاردىن ئىلھاملىنىپ(ئۇ چاغدا كىنولار ساناغلىقلا ئىدى بىراق ساز ئىدى)ئۆزۈممۇ تەرجىمە قىلىپ باقماقچى بولدۇم،توردىن قىساسكار ۋ نىڭ خەت ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئاچسام ئېچىلمىدى،توردىن ئاختۇرسام记事本شەكلىدە ئاچسا ئېچىلىدىكەن،مەن ھېچنىمىنى بىلمىگەچكە ئاسان چاغلاپ قاپتىكەنمەن،ھۆججەتنى 记事本دا ئاچسام ئۇيغۇرچە تۇنۇمىدى،قانداق قىلاي دەپ تۇرسام كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى،记事本نىڭ ئىچىدىكى ھەممە خەتنى ۋورد غا  كۈچۈرۈپ قىلساممۇ بۇلارمۇ دەپ ئويلاپ ئەكىلىپلا ۋورددا تەرجىمىنى باشلىۋەتتىم،تەرجىمىنى تۈگىتىپ بۇلۇپ دىلمۇراتقا يوللاپ بەرسەم ئۇ ماڭا ۋورد ئەمەس 记事本دا ئاچققىلى بۇلىدىغان ئاس س   شەكلىدىكى ھۆججەتنى ئەۋەتىڭ دىدى،مەن مەن ۋورددا قىلىپتىكەنمەن دىسەم ھەيران قالغانلىق ھەم ئاھ ئۇرغانلىق ئىپادىسىنى ئەۋەتىپلا گەپ قىلمىدى،مەن ئاھ تۈگەپتىمەن،تەرجىمەم بىكار كىتىپتۇ،بولدىلا تەرجىمە قىلاي دەپ يۈرگىچە قىسىۋالاي دەپ يۈرسەم بىر نەچچە ئايدىن كىيىن ئاق بۈركۈتنىڭ ئەڭ تىپىسىدىكى سۈرەتتە مەن تەرجىمە قىلغان كىنونىڭ تەشۋىقات رەسىمى تۇرماسمۇ،ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن،تورداشلارنىڭ ئىنكاسىمۇ بىر بىرسىدىن ياخشى،شۇ چاغدا چىن دىلىمدىن دىلمۇراتقا ئاپرىن ئۇقۇدۇم،زىرىكمەي مىنىڭ شۇ خاتالىقىمنى تۈزىتىپ چىقىپتۇ،شۇ كىنودىن ساق 100سوم پايدا ئاپتىمەن،شۇندىن كىيىن ئۈزەمدە ئىشەنچ پەيدابۇلۇپ تەرجىمە ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتىم،كىيىن قۇتياردا نارۇتو،مىۋە ئوغۇرلاش..قاتارلىق تەرجىمە ئىشلىرىدا بولدۇم،بۇ بىر نەچچە يىلدا ھەقىقەتەن جېق تور بىكەتلەرنىڭ قۇرۇلغىنىنى ھەم تاشلىۋېتىلگىنىگە شاھىت بولدۇم،ئاق بۈركۈتتىكىلەرگىمۇ ئاسان ئەمەس،بىر تور بىكەتنى ماڭدۇرۇش،پۇت تىرەپ تۇرۇش ھەرگىز بىر ئادەمنىڭ قۇلىدىن كىلىدىغان ئىش ئەمەس،دىلمۇراتنىڭ ئورنىدا مەن بولسام نەچچە قېتىم ۋاز كىچەتتىم دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە،ئىشقىلىپ غايىسىدا ئاخىرغىچە تۇرالىغان ھەرقانداق ئادەم ھۆرمەتلەشكە لايىقتۇر

ئاخىرىدا مىنىڭ بىر تەكلىۋىم،خەنزۇچە بەرەڭگە،يۇكۇ تورلىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە فىلىم تور بىكەتلىرىمۇ ھەمكارلىشىش يولىغا ماڭسا،مەسىلەن:نارۇتو بەرەڭگە تورىنىڭ ۋاكالەتچىسى،بىراق يۇكۇ تورىدىمۇ ئوخشاش ئىزدەپ تاپقىلى بۇلىدۇ،يۇكۇدىن نارۇتونى قۇيۇشنى باسسا ئادىرىس دەرھاللا بەرەڭگىدىكى ئادىرىس ئېچىلىدۇدە يۇكۇدىمۇ كۆرگىلى بۇلىدۇ،بۇنى ئۇيغۇرچە تور بىكەتتىمۇ قوللانساق بۇلىدۇ،مەسىلەن فىلىمخۇمار تورى بىر ياخشى كىنونى تەرجىمە قىلىدى بۇنىڭ تەشۋىقات رەسىمىنى ئاق بۈركۈتمۇ فىلىم ئامبىرىغا يوللاپ قويسا،ئاق بۈركۈتتىكى بۇ فىلىمنىڭ قۇيۇش ئادىرسىنى باسساق دەرھاللا فىلىمخۇمارنىڭ بىكىتى ئېچىلىپ فىلىمغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر چىقسا،بۇنداق بولسا ئىككى تور بىكەتكە پايدىلىق ھەم ياخشى نەرسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئادەم بەھىرلىنەلەيدۇ،فىلىم ئىزدەش ئاسان بۇلىدۇ،تەكرار تەرجىمىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ،بۇ پەقەت شەخسى تەكلىپىم خالاس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

0پىنتوزىلىرى

4تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1