ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

يەنىلا مۇقاۋا توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
16#
ئۇسلۇب ۋاقتى: 2016-2-7 15:46:01 | ئايرىم كۆرۈش
مەن يۇقۇردىكىلەرنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن، دېمىسىمۇ نەدە تەيىنى يوق بىر مۇقاۋىلارنىمۇ ۋەھشى چىقىپتۇ، بەك پەيزە دىيىشىپ كەتكەن. ئىشقىپ نىمىنىڭ لاھىيە ئىكەنلىگىنى ئۇقمايتقان ئادەمگە ۋاقىت ئىسراپ قىلتكەنمىز، مۇقاۋا لاھىيلەپ بۇ يەدە. ما مىنىڭ شەخسىي كۆز قارشىم ھە، يەنە بىقاسىلىرىنىڭ بىييەلىرىگە تىگىپ كەتمىسۈن.
17#
razzak ۋاقتى: 2016-2-7 15:47:21 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئاساسەن بۇ پىكىرنى قوللايمەن ، مەنمۇ مۇقاۋالاھىيلەيتتىم ، بىراق بارا بارا بۇ ئىشقا قىزىقماس بۇلۇپ قالدىم ، سەۋەبىنىبۇ تىمىدا ئوبدانلا ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈپتۇ ، مۇقاۋا دىگەننىم ئەسلى مۇقاۋىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا لاھىيلىگەننى بەك ياقتۇرمەن ، بىراق بارغانسىرى قاملاشمىدى بۇ ئىشلار .
يەنە بىرگە ، بۇرمۇنچە مۇقاۋا ياسىتىپ ، بىلەت تاشلاپ تاللايدىغان ما ئىشمۇ بىر ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ جەرياننى قىسقارتىپ ، بىكەتتە كۆزگە كۈرۈنگەن مۇقاۋىچىلارنى ئايرىم ئۇچۇر قىلىپلا ، مەمەت ، سىز ما مۇقاۋىنى ئۆلچەملىك ئىشلەپ بەرسىڭىز ، سەمەت ، ما مۇقاۋا سىزگە كەتتى ھە ، مانچىلەك ۋاقىتتا پۇتتۇرۇپ بولسىڭىز بولىدۇ .
دەپلا ئۇستىراق مۇقاۋىچىلارغا تاپشۇرۇپ بىرىپلا ، ۋاقىتنى قىسقارتساق تولىمۇ ياخشى بولاتتى ، شۇ بىر كىنونى كۈرۈش ئۇچۇن ، باشتا مۇقاۋىچىلارنى ياغىمىزكەن ، نەچچە كۇن ھەتتا نەچچە ھەپتىدىن كىيىن بىلەت تاشلايدىكەنمىز ، يەنە نەچچە كۇندىن كىيىن ئاندىن كىنونى كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولىدىكەنمىز .
مۇمكىن بولسا مۇشۇ جەرياننى قىسقارتساق ، بەلكىم فىلىمنىڭ تەشۋىقاتى بۇلىشى مۇمكىن ، بىراق ۋاقىتنى ئۇندا كىينىگە تارتىپ ئۇزارتىۋەتسەڭلار بارا بارا زىرىكىنىشلىك ھىس قىلىپ قالدىكەن.
فىلىمنىڭ تەرجىمىسى پۇتۇپ ، تەھرىرلەش ياكى كىرىشتۈرۈش باسقۇچىغا كەلگەندە ، ياكى ئىلان قىلىشقا 2\3 قالغاندا ، يۇقارقى مۇقاۋا ياسىتىش ، بىلەت تاشلاش ئىشلىرىنى ئىلىپ بارساڭلار ، سىلەرگىمۇ ، كۈرۈرمەنگىمۇ ، خۇددى بۇ فىلىم ئىنتايىن تىز چىققانداك ، تەرجىمان تەھرىلەرنىڭ ، ھاردىم تالدىم دىمەي ، كۆرۈرمەنلەر
ئۇچۇن توختامسىز خىزمەت قىلغاندەك تەسىراتقا ئىگە بولاتتى . ( دىمىسىمۇ جاپانى ئوبدان چىكىۋتىسىلە ، بۇنى مۇشۇ ئىشنى بىرەر قىتىم قىلىپ باققان ئادەملەر ئوبدان بىلىدۇ ) قالغىنى مۇشۇنچىلىك پىكىر قاتناشتۇرۇپ قوياي ، ئارتۇق كەتكەن يەر بولسا ئەپۇ سورايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇر چەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-7 17:21  

مىنىڭ كىچىك بىر تەكلىۋىم ئويلۇشۇپ باقساڭلار، مۇقاۋا ئىشلەش پائالىيتىمۇ بىرخىل مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى ھەم قىزغىنلىقى ، كىمنىڭ قانداق مۇقاۋا ئىشلەيدىغانلىقىنى كىمنىڭ ياخشى كىمنىڭ ناچار مۇقاۋا ئىشلەيدىغانلىقىنى دەل شۇنداق مۇقاۋىچىلارنى بەشلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بۇلىدۇ، سىلەر دىگەندەك ياخشى مۇقاۋا لاھىلىگۈچىلەر بىلەن ئايرىم كۈرۈشۈپ قىلسىمۇ بۇلىدۇ، مىنىڭچە ئاشۇ كۆپچىلىك ئىشلىنگەن مۇقاۋىلارنى تەپسىلى بىر بىرلەپ كۆرۈپ سېلىشتۈرۇشنىمۇ بىرخىل ھۇزۇر ھىس قىلىمەن. ئاق بۈركۈتكە يېڭىدىن ئەزا بۇلۇپ كىرىۋاتقانلار ئارىسىدا فوتوشوپ قاتىللىرى يوق دىيەلمەيمىز ، ئۇلارنىڭمۇ قابىلىتىنى كۆرسىتىدىغان نامايەن قىلىدىغان مەيداننى يوق قىلىپ قويمايلى ، شۇڭا ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مەن مۇنداق ئويلۇدۇم...
كۆپچىلىك مۇقا ئىشلىسۇن ، بېلەت تاشلاش تېمىسى يازايلى، نەچچە ۋاقىتتىن قىلغان ئۇسۇل بۇيىچە دەرىجە ئايرىپ مۇكاپاتلايلى 1-نى 30 دوللار، 2-نى 20 دوللار، 3-نى 10دوللار بۇنداق قىلغاندا ئازراق بولسىمۇ ئەجىر قىلغانلارنىڭ ئەجرى بىكار كەتمەيدۇ، فىلىمگە مۇقاۋىنى ‹‹ تەرجىمان ›› ‹‹ تەھرىر ›› ‹‹ كىرىشتۈرگۈچى ›› مۇنۇ ئۈچ كاللا بىر يەرگە كىلىپ ئاشۇ فىلىمگە ماس كىلىدىغان مۇقاۋىنى مەسلىھەتلىشىپ تالاپ چىقسۇن، ئاندىن ئاشۇ مۇقاۋا ئىگىسىگە فىلىمنىڭ ھەقسىز بېلىتىنى سوۋغا قىلسۇن،  بۇ ئۈچ باشنىڭ بىرسىدە چۇقۇم ئاق بۈركۈت چوڭلىرىنىڭ بېشى بار. مەسلەن ‹‹ ئەركانكام ›› ‹‹ ئاققىركام ›› ‹‹ دىلمۇراتكام ›› ‹‹ كام....كام....كام...››لار دىگەندەك  ئۇلار ھەرگىز خاتا قارار چىقارمايدۇ، بۇنداق بولغاندا بىر فىلىمگە سۈپەتسىز بىر مۇقاۋىنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ...............ئويلۇشۇپ كۆرۈڭلار.مۇنۇ پائالىيەتنى فىلىم پۈتۈشكە 1 ھەپتە قالغاندا ئېلىپ بارساق فىلىم بىلەن مۇقاۋا بىرلا ۋاقىتتا تەييار بولىتى....


19#
نامسىز01 ۋاقتى: 2016-2-7 18:21:22 | ئايرىم كۆرۈش
emetjan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-7 14:25
مېنىڭچە توپتا ئالاقىلاشقاندىن شۇ تەرجىمان ئۆزى ياقتۇ ...

لىكىن مۇشۇ سەنئەت، لاھىيەگە كەلگەندە ھەممە ئادەمنىڭ ئىجاتچانلىقى پەرىق ئىتىدۇ ئەمەسمۇ؟
20#
hakkerboy ۋاقتى: 2016-2-7 18:29:18 | ئايرىم كۆرۈش
تېخېمۇ ئادىيلشتۇرۇپ سىلە دىگەندەك گۈزەللىك قارىشى (审美观 ) مەلۇم دەرىجە پىشىپ يىتىلگەن باشقۇرغۇچى،پىشقەدەم مۇقاۋا لاھىيلىگۈچىلەرگىلا مۇقاۋا باھالاش ھۇقۇقى بىرىلسە(تالانت سەھنىسىدىكى ئۇستازلارغا ئۇخشاش) شۇلار ھەربىر مۇقاۋا لاھىيلىگەن ئەزالارغا كۆڭلىدىكى باھىسىنى بەرگەچ ،كامچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەچ ئۆزلىرىگە يارغان مۇقاۋىلارنى تاللاپ ئان سايلام ھۇقۇقىغا قاتناشتۇرسا ياكى شۇ لارلام بىلەت تاشلاپ مۇقاۋىنى تاللىسا ئان مۇنتىزىملاشقان بولامدىكى دەيمەن.

  تاللانغان-تاللانمىغان  مۇقاۋا ئىگىلىرىنىڭ لاھىيسىغا باھا بىرىلسە شۇلار قانداق لاھىيلىگەن بولغۇيتىم،قايسى ئۈنۈم بەكراق باشقىلارغا يارىغاندۇ دىگەنلەرنى  ئۇلارمۇ كۆڭلىدا بىلىۋالسە ئەمگىكىدىن چۈشەنگەندەك بولۇپ تېخېمۇ قىزغىنلىقى ئاشاتتىدە....
21#
bikaqe ۋاقتى: 2016-2-7 21:21:10 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ بىر ئىككى ئىغىز گەپ قىلاي
مۇشۇ مۇقاۋا لاھىيەلەيدىغان ئۇستىلارغا تەكلىۋىم (بەزىلىرى) مۇقاۋا لاھىيەلەش دىسە رەسىمنىڭ خىتىنى ئۆچۈرۋىتىپ ئۈستىگە يوغان خىتىنى يىزىپ قويۇپلا مەن لاھىيەلىدىم دىمەي ، بولسا سەل ئەستايىدىل بولساق ، تەگلىك بىلەن خەت رەڭگى ماس كەلدىمۇ يوق ، ئەڭ مۇھىمى رەڭ .رەڭلىرىنى مۇقاۋىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاندىن كېيىن خەت نۇسخىلىرىنى ، شەكلىنى ئويلىغان بويىچە بىر قىلىپ كەتساڭلا. سەمىمىي تەكلىپ جىما ماۋو . يانا ما گەپتىن پۇتاخ چىقىرىپ گەپ قىلىپ يۈرمەڭلار ئەمدى
22#
rohqin ۋاقتى: 2016-2-7 23:16:58 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-7 23:27  

بىكەت بىر مەزگىل ئېغىر جىمجىتلىققا چۆكتى، يىڭى تېمىمۇ يوق، ئىنكاس تېخىمۇ يوق. بىرەر كىنو تەرجىمە قىلىنسىمۇ  مۇقاۋا ئىشلەيدىغان ئادەممۇ يوق، بەزى كىنولار ئەسلى مۇقاۋىسى بىلەن ياكى مۇقاۋىسىزلا ئېلان قىلنىدىغان ئىشلارمۇ بولدى.
تەرجىمانلار كۆپىيىپ، تەرجىمە سۈرئىتى ئېشىپ، مۇنبەرئاۋاتلىشىشقا باشلىغىلى بەك ئۇزۇن بولمىدى.

كونىلارنىڭ ئىسىدە بار، بەزى مۇقاۋا ئىشلەپ بەرگەنگە خوش بۇلۇپ يۈرگەن كۈنلەرمۇ بولغان.
  
بۇ يەردىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە ھەممىسى ئىختىيارى، قىزغىنلىق بىلەن قىلىۋاتقان ئىشلار. ھېچقانداق مەسئۇلىيەت،  مەجبۇرىيەت يوق.  قىزغىنلىق بىلەن قىلسا  خوش بۇلىمىز قىلمىسا ھېچكىمنى  نىمىشقا قىلمىدىڭ دىگىلى بولمايدۇ.

شۇڭا مۇقاۋىچى بولسۇن، تەرجىمان بولسۇن، تەھرىر، كرىشتۈرگۈچى بولسۇن ھېچقايسىغا شەرت قۇيۇش ھۇقۇقىمىز يوق. ھەممىسى ئۆز قىزغىنىلىقى، ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىۋاتىدۇ، ھېچكىمگە مائاش، ئىش ھەققى تارقاتقان ئىش يوق.

شەرتنى سەللا چوڭ قويۇپ قالساق ئالە شەرىڭنى دەپ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئولتۇرسا ھەممىنى دىلمۇرات ياكى تەرجىمان قىلىپ بولالمايدۇ.

تىما ئىگىسىنىڭ پىكىرلىرى قالتىس ئورۇنلۇق بولسىمۇ  مۇنبەرنىڭ ئۇمۇمى كەيپىياتىغا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى ھالىمىز ئۆزىمىزگە ئايدىڭ.

مۇنبەردىكى قايسى بىر ئەزا، باشقۇرغۇچى، تەرجىمان، مۇقاۋىچى  پالان، پۇكۇنچىلارنىڭ مۇنبەرگە قارغۇسى كەلمىسە مۇنبەر نامىدىن تارتىپ ئەكىرەلمەيمىز.

مۇنبەردىكى مۇشۇ يەردە پىكىر قىلىۋاتقانلارنىڭ ئارسىدا شەخسى ئىشلىرى سەۋەپلىك مۇنبەردىن ئىز دىرەكسىز يۇقاپ كىتىپ باقمىغانلاردىن كىم بار؟ يۇقاپ كەتكەندە مۇنبەرنىڭ ھالىنى ئويلاپ قويغانمۇ ؟

بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى بىر  ئويۇن، ئىملا خاتالىقى،ئەخلاقسىزلىق، كىشىلىك ھۆرمەتكە تىگىش، بىخەتەرلىك دىگەندەك مۇنبەرگە مەسئۇلىيتى كىلىپ قالىدىغان ئىشلار بولمىسا بەك قاينشىپ كەتمەيلى، ھېچقايسىمىز مۇنبەردە ئاخىرغىچە بار دىيەلمەيمىز. ھەم باشلىغان ئىشىمىزنىڭ، قويغان شەرتلىرىمىزنىڭ ھۆددىسىن ئاخىرغىچە چىقىمەن دىيەلمەيمىز.
ئىشىكنى ئىتىپ قۇيۇپ  مۇۇنبەردە ئادەم قالمىسا كىيىن يولغا چىقىپ خېرىدار ئىزدەيدىغان بۇلۇپ قالىمىز.


ھەرقېتىم مۇنبەر  قەبرىستانلىقتەك جىمىپ قالغاندا مۇنبەرنىڭ ھاياتلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغانلار دەل بىز مۇقاۋىسىنى ياراتمىغان، ئىملاسىنى ياراتمىغان، تىما ئىنكاسلىرىنى ياراتمىغان ئەزالار.

تىما ئىگىسىگە بىر جۈملە سۆز: پىكىر لىرىڭىز بەك ئورۇنلۇق ھەممىنى قوللايمەن. ئۇنداقتا سىز بۇنىڭدىن كىيىنكى مۇقاۋا ئىشلەش خىزمىتىنى ئۈستىڭىزگە ئالالامسىز ؟  ھەرقېتىملىق كىنو ئېلان قىلنىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۇختۇرۇش قىلىمىز.
بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تەييار قىلىپ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەسئۇل بولالامسىز؟  ئۇنداق قىلالمىسىڭىز قاينىغىڭىز بىكار  چۈنكى ھەركەتكە ئايلانمىغان ھەرقانداق پىلان قۇرۇق گەپ

مۇنبەرنىڭ بۈگۈنى دەل ھالىغا بېقىپ ھال تارتقانلىقتىن كەلگەن.
قاتناشقانلار سانى 2دوللار +15 يىغىش سەۋەبى
ئاققىر + 10 دوللىرىڭىز جىق بولسىم.
زەفەر01 + 5 دەھشەت نەخ يۇرەككە با.

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +15

23#
rohqin ۋاقتى: 2016-2-7 23:30:22 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ سىزنىڭ تۇنجى تىمىڭىزكەن. بۇ ساھەدە ھەقىقەتەن بىلىمىڭىز بارئىكەن، بىراق بىزگە مۇنبەردە تۇرۇپ دەرىس سۆزلەيدىغان ئادەم ئەمەس ئەمەلى ئىش قىلالايدىغان ئادەم لازىم.

مۇنبەردىكى ئەمەلى ئىش قىلالايدىغان ئادەملەرىمىزنىڭ ئەھۋالى شۇنچىلىك بولغاندىكىن نەتىجىمۇ شۇنچىلىك، بۇلارنى تىما يېزىپ، تەنقىتلەپ ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ كەينىدا مۇنبەرنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى بار.
24#
rohqin ۋاقتى: 2016-2-7 23:33:21 | ئايرىم كۆرۈش
تىما ئىگىسى  مۇنبەرگە راستىنلا  كۆڭۈل بولسىڭىز تىمىنى تەنقىتلەپ يازماي  سىز كەمچىل دىگەن مەسىلىلىرنىڭ ھەممىنى  مۇنبەردە دەرسلىك قىلىپ سۆزلەپ مۇقاۋىچىلارنى يىتەكلەڭ، ئۈگۈتۈڭ.  
ئۈگەتسىڭىزمۇ يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىننى قىلغانلار ئاندىن تەنقىتلىسىڭىز بىزمۇ ھە ھۇ دەپ تەنقىتلىشىپ بىرىمىز.
25#
janbilig ۋاقتى: 2016-2-8 00:35:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   janbilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-8 00:37  

مەنمۇ پەقەتلا رەڭلىرى ماسلاشمىغان مۇقاۋىلارنىڭ تاللىنىپ قېلۋاتقىنىغا ھەيران شۇڭىمىكىن يېقىندىن بېرى ھېچكىمگە بىلەت تاشلىماسلا بولدۇم (ئەسلى شېركەتنىڭ لوگولىرى ۋە فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ئىزاھەتلىرى قالسا ناھايىتى مۇۋاپىق، ھازىر ئىشلەۋاتقانلار مۇقاۋىنى تاقىرلام قىلىپ قويۇپ ئاندىن ئۈستىگە ئىسسىق ۋە سوغۇق رەڭلەر بولۇشى بىلەن كارى يوقلا ئارلاشتۇرۇپ خەتنى يېزىپلا قويىۋاتىدۇ)
26#
saarhil ۋاقتى: 2016-2-8 10:32:09 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saarhil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-8 10:34  
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-7 23:33
تىما ئىگىسى  مۇنبەرگە راستىنلا  كۆڭۈل بولسىڭىز تىمىنى  ...

بەك بەك بەك بەك بەك توغرا گەپ قىپسىز..

ئۇغۇل بالا...................
بەزەنلەر مۇشۇنداق نەزىرىيە سۆزلەڭ ، باشقىلاردىن قۇسۇر تېپىڭ دىسە بەك قاملاشتۇرىدۇ

ئۈزى بىرە ئىشنى ئوڭلاپ قىلالمايدۇ....

مۇقاۋىچىلارنىڭمۇ مۇشۇنداق بەس بەستە قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىگىنى ياخشى ئەمەسمۇ..

مۇشۇنداق ئۈزى بىر ئىش قىلماي قىلغانلارنى تەنقىد قىلساق ،  لاھىيلەپ يوللاۋاتقانلارمۇ ئۈزلىكىدىن يۇقاپ كىتىپ مۇقاۋىچىنى فىلىم تەرجىمە قىلغۇچى ئۈزى ئىزدەيدىغان ئىشلار يۈز بىرىدۇ.


27#
kaiyum1993 ۋاقتى: 2016-2-8 12:06:33 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ بىلەت تاشلاشقا قاتناشقا قاندا خەتنىڭ رەڭ ئۇنىمىگە قارايمەن .
مۇقاۋىدىكى رەڭلەر بىلەن ماسلاشتىمۇ يۇق دىگەنلەر قاراپ تاشلايمەن.
بەزىدە قايسى مۇقاۋىغا كوپ چۇشكەن بۇلسا شۇنىڭغا تاشلاپ قۇيۇپلا چىكەتتىم.
مەن مۇقاۋا تاللاش ئىشىدا مۇنداق ئۇيلۇدۇم.
1.بىلەت تاشلىغان مۇقاۋىغا نىمە ئۇچۇن بىلەت تاشلىغانلىقىغا ئەسكەرتىش بەرسەك
تەڭسەكتە بۇلامدۇ يۇق بىلمىدىم سىستىمىدا بىلەتنى نىمە ئۇچۇن تاشلايسىز دەپ سەۋەبىنى سۇرايدىغان قىلغىلى بۇلامۇ؟ بۇنداق بۇلغاندا تاشلىغان بىلەتنىڭ نىمە ئۇچۇن چۇشكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلاتتى.
2.ID  بىر ID تا بىر بىلەت تاشلايدىغان قىلساڭلار
ئەمەتجان تۇغرا دەپتۇ بەزىلەرنى ھەقىقەتەن كوپ ئەزالىق نۇمۇر ئىلىپ قۇيۇپ بىلەت تاشلايدىغان ئىشلارنى قالايمىقان قىلۋاتمايدۇ دىگىلى بۇلمايدۇ.
ئەمما يىڭى ئەزالارنى تاشلىيالمايدىغان قىلىپ قۇيماڭلار .
IDنى چەكلەپ قۇيساڭلا كۇپايە.
3.بىلەت تاشلانمىغان تاللانمىغان مۇقاۋىچىلارغا رىغبەتلەندۇرۇش يۇزسىدىن ئازراق بۇلسىمۇ دوللار بىرىلسە.
28#
delphi ۋاقتى: 2016-2-8 12:35:46 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ گەپلەرنى كۆپ دەپ كەتتىم پايدىسى يوق ، ئەسلىدىكى خەتلەرنى ئۆچۈرۈشتە ھەققىمىز يوق ، پەقەت تەرجىمە قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئىسمىنى ئۆچۈرۈپ ئۇيغۇرچە يىزىۋاتىمىز خالاس .
29#
delphi ۋاقتى: 2016-2-8 13:15:29 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ نۇرغۇن مۇقاۋا تاللاش تىمىلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم شۇنداق سۈپەتلىك پاكىز چىققان مۇقاۋىلار تاللانماي نەدىكى ئالىچىپا مۇقاۋىلا تاللىنىپ قېلىۋاتىدۇ ، مەن تېخى ئاقبۈركۈتتىكىلەر مۇشۇنداق ئالاچىپا مۇقاۋىلارغا ئامراق ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن .... مۇقاۋا ئىشلەڭ ئىشلىمەڭ دىمەيمەن كۈندە مۇقاۋا ئىشلىگەچ باشقىلار قانداق قىلىۋاتىدۇ مەن قانداق قىلىۋاتىمەن نەلىرىم كامچىل ئازىراق بولسىمۇ پىكىر يۈرگىزىڭ ، مەن ئىچكىردە ئىشلىگەن چېغىمدىمۇ مۇشۇنداق تەرجىمە فىلىملەرنى چىقارغان ھەمدە مۇقاۋىدىكى ھەربىر يىزىقنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ ئۆچۈرۈشكە بولامدۇ بولمامدۇ شۇنى ئىنىق ئايرىپ ئاندىن قىلاتتۇق بۇنداق قىلغاندا خەقنىڭ ئەمگىكىنى ئازىراق بولسىمۇ ھۆرمەتلىگەن بولىمىز .
30#
dilmurat ۋاقتى: 2016-2-8 13:19:10 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدى بىلەن مەزكۇر تېمىنى كۆرۈپ بېكەتكە خېلى سەۋىيىلىك باللانىڭ يىغىلغانلىقىدىن خۇش بولدۇم، ھەم بېكەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ يازغان تېما-ئىنكاسلاردىن بەكلا سۆيۈندىم، بۇنىڭغا قارىتا بەزى پىكىرلەرنى روھچىن بۇرادەر ئوتتۇرغا قويۇپ بوپتۇ، پېقىر تەكرارلاپ ئولتۇرمىساممۇ ئەمەلىيەت شۇ، ئەمدى نەق گەپتىن بىرنى قىلاي، بېلەت تاشلايدىغان ھوقۇقنى باھالاش گۇرۇپپىسىغا بەرسەك تامامەن بولىدۇ، تېما ئىگىسى بۇ گۇرۇپپىغا باش بولۇپ، ئەزالىرىنى ئۆزى تاللاپ بېكىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقاۋا ئىشلەش، باھالاش ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشنى خالامدىكىن؟

باھا سۆز

خوش كەپلا....  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-8 14:11
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

0پىنتوزىلىرى

1تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1