بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-30 11:34
چەتئەللىك مەشھۇر 100 كىنو چولپىنى (5)
41. روبېرت رېدفورد 罗伯特•雷德福 Robert Redford
«شادخوراملىقنىڭ» ئاچقۇچىسى
چارلىز روبېرت رېدفورد ئىككىنچى (.1938-8-18 Charles Robert Redford, Jr)، ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس، رېژىسسور، كىنو نازارەتچىسى، سودىگەر، مۇھىت قوغدىغۇچى، خەير ساخاۋەتچى.
بۇ كىشىنىڭ مەن بىلىدىغان كىنوسى 2014-يىلى قويۇلىدىغان «ئامېرىكىلىق كاپىتان 2» ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى «دەرياغا مۇھەببەت،大河恋» (بۇ كىنونىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئوقۇپ خېلى بولىدىغان كىنودەك ھېس قىلدىم، خەن كۆرۈرمەنلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتلىرىنى دەپ قاينىشىپ كېتىپتۇ. قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن. بىر دادا ۋە ئىككى ئوغۇل قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى دائىم دەريادا بېلىق تۇتاتتى. دادىسى باستېر بولۇپ، يېزا-بازارلاردا ۋەزخانلىق قىلىپ جان باقىدۇ. چوڭ ئوغلى نورمان دادىسىنىڭ كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يېزىسىغا قايتىپ، دىن تارقىتىشى ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. كىچىك ئوغلى پاۋلوۋ ئۇلارنىڭ ئەكسىچە ئەركىن ياشاشنى خالايتتى، ئۇنىڭ ئاجايىپ بېلىق تۇتۇش ماھارىتى بار بولۇپ، ئەپسۇسلىنارلىقى مۇشۇ خىل بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن قىمار ئويناپ، قىمارغا بېرىلىپ كېتىپ باشقىلارغا قەرز بولۇپ قالىدۇ، ئاكىسى نورمان توي قىلغاندىن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چاقىرىقنامە كېلىدۇ، ئۇ چېكاكوغا مېڭىشتىن ئاۋۋال دادىسى ۋە ئىنىسىنى بىرگە چېكاگوغا كېتىشكە ئۈندەيدۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلار يەنە بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن دەريا بويىغا بارىدۇ، ئىنىسى بۇ يەردىن كەتكىلى ئۇنىمايدۇ، شۇ قېتىمقى بېلىق تۇتۇش بولسا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىغىلىشى بولۇپ قالغان ئىدى...)
بۇ كىنودىن باشقا يەنە بىر ۋەكىللىك كىنوسى بولسا «دەريا سۈيى ئېقىپ ئۆتكەن ماكان河水流过的地方».
روبېرت رېدفورد 1995-يىلى رول ئېلىپ ئىشلىگەن «پەردە ئارقىسىدىكى يالغان سۆز؛机智问答/益智游戏/幕后谎言/ Quiz Show» دېگەن كىنوسى67-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى، ئەڭ ياخشى كىنو قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا، «ئادەتتىكى ئادەم 普通人 » 1983-يىلى 53-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا، «ئالدامچىلىق ئىچىدىكى ئالدامچىلىق 骗中骗 » دېگەن كىنوسى 1974-يىلى 46-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى باش رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
42.دۇستىن خوفمان 达斯汀•霍夫曼 Dustin Hoffman
ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىن نامايان بولغان «كىنو خاقانى»چە سالاپەت
1937-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كالىفورنىينىڭ لوس ئانژىلىس شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى. ۋەكىللىك ئەسەرلىرى «باكالاۋر 毕业生»، «قەھرىمان 小人物大英雄»، «كرىزىس 极度恐慌»، «كىرامىر ئەر خوتۇن 克莱默夫妇»، «يامغۇر ئادىمى雨人».
دۇستىن 52-61-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى باش رولچى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى.
بۇ كىشىنىڭ يەنە تۆۋەندىكى كىنولىرى بار: «تەلەيلىك مۇسابىقە ئېتى»، «گۇمپىچى مۈشۈك ئېيىق1» «گۇمپىى مۈشۈك ئېيىق2» ،
«رومانتىك چاشقان» (بۇ كارتوننى «سالپاڭ قۇلاقنىڭ سەرگۈزەشتى» دېگەن نامدا ئاققىر ئاق بۈركۈتكە ئېلىپ كىرگەن.)
«ھارۋېينىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى»، «ماگورمۇسنىڭ ئويۇنچۇق دۇكىنى»، «ئەتىر»، «مۇسابىقە مەيدانىدىكى قايتۇرما ھۇجۇم»، «پىتنە-پاسات»، «ئازغۇن شەھەر»، «لېموني سىنكىستنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتى»، «خىيالى ئارالنى ئىزدەش» ۋە باشقا تۈرلۈك ئوسكار مۇراسىمى قاتارلىقلار.
好运赛马 功夫熊猫2 功夫熊猫 浪漫的老鼠 哈维的最后机会 马格瑞姆的玩具店 香水 赛场大反攻 流言蜚语 迷失城市 雷蒙•斯尼奇的不幸历险 寻找梦幻岛
第59-61-63-64-65-70-73-75-77-78-届金球奖颁奖典礼
43. جەيىن فوندا 简•方达 Jane Fonda
گۈزەل بەدەن كىنو خانىشى
جەيىن فوندا، ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو ئارتىسى. 1937-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى داڭلىق كىنو ئارتىسى ھىنرى فوندا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 17 يېشىدا دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئوماخا رايونلۇق تىياتىر ئۆمىكى تەييارلىغان «سەھرالىق قىز 乡下姑娘» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىرغا قاتناشقان. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى ئۇ «ۋېتنام ئۇرۇشىغا قارشى ھەرىكەت 反越战运动 » كە مەستانە بولغان بولسىمۇ، سەنئەتنى يەنىلا قولدىن بەرمىگەن.
جەيىن فوندا، 1971-يىلىدىكى «پاھىشىخانىدىكى قاتىللار پىرى 花街杀人王» ۋە 1978-يىلىدىكى «شەرەپ بىلەن قايتىش 荣归 » ناملىق كىنولاردا رول ئېلىپ، ئىككى قېتىملىق ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئىگە بولدى. 1982-يىلى ئۇ پىلانلىغان كىنو «شەپەق نۇرىغا تولغان ئالتۇن كۆل 金色池塘 » دە رول ئېلىپ، دادىسىنىڭ ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئېلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
44. ئانتونىي خوپكىنىس 安东尼霍普金斯 Anthony Hopkins
سۈكۈتتىكى كىنو خاقانى
ئانتونىي خوپكىنىس 1937-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇغۇلغان، ئەنگلىيىلىك، كىنو، تېلېۋىزىيە، تىياتىرلاردا رول ئالىدىغان 3 ئۆلچەملىك ئارتىس. ئۇ ئەنگلىيە خان جەمەت تىياتېر-سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئۇقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئارتىسلىق يولىنى تاللىغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئويۇنلىرى كىنو مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، ئايال پادىشاھنىڭمۇ نەزىرىگە ئىلىنغان. 1987-يىلى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابىت 2-، ئۇنىڭغا ئوردېن بېرىپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيە كىنو تىياتىر ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىگەن. 1993-يىلى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ سىر (بىزچە تۆرە دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ غەرب ئاقسۆڭەكلىرىگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان)ئۇنۋانى بەرگەن.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «Oolong شىركىتى؛乌龙公司 »،«سەرسان قەلب؛飘流之心 »، «خاننىبال؛汉尼拔، Hannibal»، «ئۈزلۈكسىز ۋەزىپە2 (ئىمكانسىز ۋەزىپە2، پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە 2 دېگەندەك ھەرخىل تەرجىمىلىرى بار) 碟中谍2» لار..
ئۇنىڭ يېقىنقى كىنولىرىدىن بىز بىلىدىغىنىمىز: «چاقماق ئىلاھى2: زۇلمەت دۇنيا» ، «يالقۇنلۇق جەڭ مەيدان2؛赤焰战场2 » «چاقماق ئىلاھى» ، كېچە رىۋايىتى 3: بۆرە ئادەملەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى (كېچە رىۋايىتى 4 ئاق بۈركۈتتە تەرجىمە قىلىنغان. )
45. ھارۋېىي كىكتىل 哈维-凯特尔 Harvey Keitel
مىسلى جاھاندىكى يورۇق يۇلتۇز
ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو ئارتىسى، 1939-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ ئارىلاشما قانلىق بولۇپ، دادىسى رۇمىنىيىلىك، ئانىسى پولشىلىق. كىچىكىدىن قېلىپ قالغان كېكەچلىكنى يېڭىپ، 17 يېشىدا كىنو ساھەسىگە كىرىپ، نۇرغۇن كىنولارنى ئىشلەشكە قاتناشقان.
ۋەكىللىك كىنولىرى: «一酷到底»، «سان لۇيىس كۆۋرۈكى؛ 圣路伊斯大桥»، «دۆلەت گۆھىرى،国家财宝» سىستېمىسىدىكى كىنولار.
46. ئال فاكىنو 阿尔-帕西诺 Al Pacino
ھوللېۋود «ئاتامانى»
ئال فاكىنو (1940-4-25)، ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو ئارتىسى، ئۇ رولىنى ئالغان «ئاتامان»، «ئاتامان 2»، ۋە «ئاتامان3» لەردىكى مىكائېل كورلىئان (ئاتامان سىستېمىسىدىكى كىنولاردىكى 2-ئاتامان. كورلىئاننىڭ كىچىك ئوغلى) بولسا كىنو تارىخىدىكى كىشىلەر ئۇنتۇيالمايدىغان كلاسسىك ئوبرازدۇر، ئۇ يەنە 1993-يىلى، «خۇش ھىدلىق قىز» دېگەن كىنودا رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېلىپ 65-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر رولچى مۇكاپاتى ۋە 50-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار ئەڭ ياخشى ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈچى دەپ ئېلان قىلغان. بۇ مۇكاپات ئارتىسلار ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپ ھېسابلىنىدۇ.
ئال.فاكىنو رول ئالغان داڭلىق 10 كلاسسىك كىنولار تۆۋەندىكىچە
1. ئاتامان 教父
2. خۇش ھىدلىق قىز 闻香识女人
3. ئەڭ گۈزەل بىركۈن 狗日的午后
4. ئاتامان 2 教父2
5. دەھشەتلىك يالقۇن 盗火线
6. تارتۇق 疤面煞星
7. دوننېي بىراسكو (سادىقلىق) 忠奸人
8.شەيتاننىڭ جارچىسى 魔鬼代言人
9. كارلىت يولى 情枭的黎明
10.سۆيگۈ دېڭىزى 爱之海
47. جۇلىيە كىرىستىي 朱莉-克里斯蒂 Julie Christie
«سەھرا» كىنو خانىشى
جۇلىيە كىرىستىي 1941-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئاسسام شتاتىدا بىر چايزارلىق خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنى ئامېرىكىنىڭ ئەپسانىۋى گىگانت چولپىنى ئال فاكىنو «شېئىرى قەلبكە ئەڭ باي ئارتىس» دەپ ئاتىغان. ئۇ ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەردە مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن، لوندونغا كېلىپ، بىر تىياتىر مەكتىپىدە تىياتىر ۋە ناخشا بويىچە مەشىقنى قوبۇل قىلغان. 1962-يىلى تۇنجى قېتىم كىنو ساھەسىگە كىرگەن. ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى باشقا ئەنگلىيە ئارتىسلىرىغا ئوخشىمايتتى، ئۇ ئېكراننى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتى. «سۆيۈملۈكۈم 亲爱的» دېگەن فىلىمدىكى ئىپادىسى ئۇنى 1965-يىلىدىكى ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگەن.
جۇلىيە كىرىستىينىڭ ۋەكىللىك كىنولىرى: «سۆيۈملۈكۈم»، «ئوت ۋە توزان 热与尘»، «رىۋاگا دوختۇر 日瓦戈医生»، «جەننەت سىزنى ساقلايدۇ 天堂可以等待»
48. خاررىسون فورد 哈里森•福特 Harrison Ford
ھەقىقى «قەھرىمان»
خاررسون فورد (1942-7-13) ئامېرىكىلىق ئارتىس. 1973-يىلى «شاماللىق ئايلاردىكى ئامېرىكا مەنزىرىسى(رەسىمى) دېگەن كىنودا رول ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىيى كېلىشكە باشلىدى. ئارقىدىن لۇكاس(George Lucas) رېژىسسورلۇق قىلغان «پىلانېتلار ئارا جەڭ» فىلىمىدە ئاساسلىق رول ئالدى. شۇنىڭ بىلەن قالتىس قەھرىمان ئوبرازلارنى يارىتىشقا باشلىدى. 1981-يىلى، سىتېفېن سىپىربورگ رېژىسسورلۇق قىلغان، لۇكاس فىلىم ئىشلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كىنو «گۆھەر بۇلىغۇچى قوشۇن» (ياكى: يوقالغان نۆھ ئەلەيھىسسالام كېمىسى، Raiders of the Lost Ark 夺宝奇兵 ) دا رول ئالدى. بۇ كىنو پەۋقۇلئاددە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، كىنو تارىخىدا بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان كىنولارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ كىنو ھەر تەرەپلىمە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن كىنولارنىڭ بىرى. كىنودىكى قەھرىمان ئىندىئانا جىنس بىلەن خاررىسون فوندنىڭ ئىسمى بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. مۇشۇ سەۋەبلىك فوندنىڭ
نامى كىنو تارىخىغا مەڭگۈلۈك خاتىرىلەنگەن
ۋەكىللىك كىنولىرى: «پىلانېتلار ئۇرۇشى»، «گۆھەر بۇلىغۇچى قوشۇن»، «دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە قېچىش، (ياكى قاچقۇن)»، «ھاۋا ئارمىيىسى 1-نومۇر»، «گۇۋاھچى»، «كۈمۈش قاناتلىق قاتىل»
星球大战 夺宝奇兵,亡命天涯, 空军一号 银翼杀手,目击者
49. ئامىتاب باچچان 阿穆布•巴克强 Amitabh Bachchan
ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ «ئىمپېراتور» ى
ئامىتاب باچچان، ھىندىستان ئاللاھئابادلىق، 1942-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇغۇلغان. دادىسى داڭلىق شائىر، ئەسلى ئىسمى ئامىت شىرۋاستاۋا (Amit Shrivastava) بولۇپ، ئامىتاب باچچان ئۇنىڭ يېزىق ئىسمى. ئانىسى غەرىب تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان ئايال بولۇپ، ئامىتاب مانا مۇشۇنداق ئارىلاشما مەدەنىيەتلىك مۇھىتتا چوڭ بولدى. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئەڭ ئاۋۋال بەدىئىي سەنئەت ئۆگىنىپ، باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى، كېيىن يەنە باشقا بىر ئالىي مەكتەپتە پەن-تېخنىكا ئۆگىنىپ، تەبىئىي پەنلەر بويىچە باكالاۋر بولدى.
ئامىتاب 20 يېشىدا كېمە تىرانسىپورتچىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، سەنئەت بىلەن شۇغۇللاندى، تۇنجى كىنوسى 1969-يىلىدىكى رەڭسىز (قارا-ئاق رەڭلىك) فىلىم «يەتتە ھىندى 七个印度人» بولۇپ، كىنودىكى ئىپادىسى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئانچە جەلپ قىلالمىدى. 1973-يىلىغا قەدەر، گەرچە ئۇ، ئەڭ ياخشى قوشۇمچە رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، كەسىپداشلىرىنىڭ بەرگەن باھاسى پەقەت تەنقىدلا بولدى، 1973-يىلىدىكى «ئابھىمان 傲慢 Abhimaan » دېگەن كىنودا بىر ھەسەتخور ناخشىچىنىڭ رولىنى ئالدى. شۇ يىلىدىكى يەنە بىر فىلىم «ئاسارەت 镣铐» دە بىر رازۋېدچىكنىڭ رولىنى ئالدى، كېيىنكى كىنوغا رولچى تاللاشتا، ئەسلى بېكىتىلگەن ئىككى ئارتىس ئىچىدىن ھەر خىل ئىشلار سەۋەبلىك ئەڭ ئاخىرى ئۇنىڭ پۇرسىتى كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى كىنو ئۇنىڭغا ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ بەردى. كېيىنكى ئوننەچچە يىلغىچە ئۇ رول ئېلىشتىن توختىمىدى. شۇنداقلا بۇ ئىككى كىنودىكى رول ئېلىش ئۇسلۇبى، يەنى «غەزەپلەنگەن ياش» تىن ئىبارەت ئۇسلۇبى ئاساسى جەھەتتىن بېكىپ، تېزلا ئۇنىڭ رول ئېلىش ئۆلچىمى بولۇپ قالدى.
1975-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان فىلىم «Deewaar» ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسىرى بولۇپ، ئامىتاب بۇ كىنودا غەلىتە بىر ئالدامچىنىڭ رولىنى ئالدى، بۇ ئالدامچى ئۆز ئىززەت ھۆرمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، يەنە ئانىسىنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاددىي ئاۋامنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقاتتى. كىنو ئېلان قىلىنغان چاغ، ھىندىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى ئىندىرا گەندى ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى كېڭەيتىۋاتقان ۋاقىت بولۇپ، زوراۋانلىقتىن قورقماي ھۆكۈمەتنىڭ چېرىكلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەشكە جۈرئەت قىلالىغاچقا، ئامىتابنىڭ ئابرۇيى يۈكسەك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ «غەزەپلەنگەن ياش» دېگەن نامى ئۇنىڭ بىلەن ھېقىقى بىرلىشىپ كەتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ كومېدىيىلىك قىياپىتى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. 1983-يىلى، ئامىتاب بىر ھەرىكەتلىك فىلىمدە رول ئېلىۋاتقۇچە ئېغىر يارىلانغانلىقتىن ئۆلۈپ كەتكىلى تاس قالدى، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ گەرچە قايتا رولغا چىققان بولسىمۇ، جەلپ قىلىش كۈچى بۇرۇنقىدەك بولمىدى. ئۇ، 1992-يىلى كىنو ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. 5 يىللىق سۈكۈتتىن كېيىن 1997-يىلى كىنو سەھنىسىگە يەنە قايتىپ كەلدى، بىراق بىرنەچچە كىنوسىنىڭ بېلەت كىرىمى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، 2000-يىلىغا كەلگەندە ئىشلەنگەن «مۇھەببەت哈巴第穆» دېگەن كىنوسىنىڭ بېلەت كىرىمى خېلى يۇقىرى بولدى. ئۇ بۇ كىنودا ناھايىتى كەسكىن، بىراق ئادەمگەرچىلىكى يوق بىر مەكتەپ نازارەتچىسىنىڭ رولىنى ئالدى. بۇ چاغدا ئۇ «غەزەپلەنگەن ياش» ئوبرازىدىن ئاللىقاچان قالغان ئىدى. ئۇ ھازىرمۇ خېلى كۆپ كىنولاردا رول ئېلىۋاتىدۇ. ئامىتاب باچچاننىڭ ئايالىمۇ بوللېۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر ئوغۇل بىر قىزى بار.
50. كىرىستوپېر ۋالكىن 克里斯托弗•沃肯 Christopher Walken
ئۇنتۇلماس كىنو ئارتىسى
كىرىستوپېر ۋالكىن(1943-3-31) نىڭ ئەسلى ئىسمى رونالد ۋالكېن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى بىر مېتودىست مۇرىتى (خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادىسى پائول ۋالكېن گېرمانىيىلىك كۆچمەن، ئانىسى روسائېل بولسا شوتلاندىيىلىك، ھەر ئىككىسى بولكا ئۇستىسى بولۇپ، ئەينى يىللىرى ئۇلار نيۇ-يورك خانىش كوچىسىغا يېقىن يەردىكى ئاستورىيا رايونىدا بىر Walken's Bakery ناملىق بولكا دۇكىنى ئاچقان ئىدى. ۋالكېننىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى ئۆگىنىشى بولسا بولكا دۇكىنىنى ئېچىشقا ياردەملىشىپ، يېمەك-ئىچمەك سودىسىنى ياخشى كۆرىدىغان كۆچمەن قىز لىدىيە موتىكا بىلەن بىرگە ئىشلەش بولدى. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، لىدىيە موتىكا بىر رېستوراننىڭ دىرېكتورى ۋە تېلېۋىزىيە تاماق ئېتىش پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولدى. ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.
ۋەكىللىك كىنولىرى: «ئاخىرقى قارا نىشان»، «بۇغا ئوۋلىغۇچى»، «تەنھا قىز»
(终极贱靶 猎鹿人 孤独的少(女少女大盗
|