ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شەمشەر تورى 8-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1744 11
شەمسى ۋاقتى: 2012-10-5 22:32:34 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىسمى:
شەمشەر تورى
خەنزۇچە ئىسمى:
刀剑神域
دۆلىتى:
ياپونىيە
تۈرى:
ئويۇن، فانتازىيە، ھەرىكەتلىك
تىلى:
ياپونچە
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
فورماتى:
RMVB
ۋاقتى:
2012-07-07
IMDb:
tt2250192
رازمېرى:
720×396
سىغىمى:
25CD×156
ئۇزۇنلىقى:
23~26
باش رولچىلار:
كىرىتو- ماسۇموكا يوشىسۇگۇ
ئاسۈنا- توماسۈ خارۇكا
رىفا (كىرىتونىڭ سىڭلىسى) - تاكېتاسۇ ئايانا
كۇرايىن- خىراتا خىروئاكى («دېڭىز قاراقچىلىرى شاھى» دىكى سانجىغا ئاۋاز بەرگەن ئادەم)
كايابا ئاكىخىكو - يامادېرا كوئىچى
شىرىكا - خىداكا رىنا
ساچى - خايامى سائورى
رىزۈ- تاكاگاكى ئاياخى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 7- كۈنى كاۋاخارا رېكىنىڭ بازارلىق رومانى «شەمشەر تورى» غا ئاساسەن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق چاتما كارتون فىلىم TOKYO MX قاتارلىق توققۇز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇشقا باشلىغان . بۈگۈنگە قەدەر ھەپتىدە بىر قىسىم يېڭىلىنىپ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى 9- قىسىمى قويۇلۇپ بولىدى. ئورگان بېتىدە ئېيتىلىشىچە بۇ كارتون فىلىمنى 25 قىسىم قىلىپ ئىشلىنىش پىلانلىنىپتۇ. (ئاپتورنىڭ ‹تېزلەتمە دۇنيا )加速世界 (› ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كارتون فىلىممۇ بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ قويۇلۇۋاتىدۇ)
قىسقىچە ۋەقەلىكى:
2022‏- يىلى ئىنسانلار مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى شېركىتى «ARGUS» رېئاللىق ۋە مەۋھۇم دۇنيانى تۇتاشتۇرغۇچى «NERvGear» نى ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تالانتلىق لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو مىسلى كۆرۈلمىگەن RPG تور ئويۇنى «شەمشەر تورى» (Sword Art Online) نى لاھىيىلەپ چىقىدۇ. ئويۇن بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن قاتتىق بازار تېپىپ تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان ئونمىڭ دانە خاتىرە نۇسخىسى تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. ئويۇنچىلار تەقەززا ئىچىدە «NERvGear» دەپ ئاتىلىدىغان دۇبۇلغىنى تاقىشىپ مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز بۇ ئويۇندا چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ يوقلىغىنى بايقىشىدۇ. كېيىن مەلۇم بولىدۇكى بۇ ئويۇننىڭ يوچۇقى بولماستىن لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئىدى. بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى شەمشەر تورىدىن چېكىنىشنىڭ بىردىن-بىر ۋاستىسى بولسا بۇ ئويۇندىكى 100 قەۋەتكە بۆلۈنگەن قەلئە ئاينكراتتونىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى ئازاد قىلىش ئىدى. باش قەھرىمان كىرىتو «شەمشەر تورى» نىڭ يېپىق سىنىقىغا قاتناشقان بولغاچقا باشقا ئويۇنچىلار بىلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەردار ئىدى...
تېزرەك شەمشەر تورىنى ئازاد قىلىپ رېئال دۇنياغا قايتىش ئىستىگىدە بارلىق ئويۇنچىلار دەرىجە ئۆستۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بىر ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2000 غا يېتىدۇ... كىرىتو بولسا يېپىق سىناققا قاتناشقانلىقى تۈپەيلى باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ «بېكىنمىچى» (يېپىق سىناققا قاتناشقا ھەم ساختىپەزلىك قىلغان ئويۇنچى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما كىرىتو باشقىلار ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تېز دەرىجە ئاشۇرۇپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئاتامانلار بىلەن يالغۇز ئېلىشقۇدەك دەرىجىگە بارىدۇ. ئاستا-ئاستا پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كىرىتو، يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە دوستلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەتراپىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنى قوغداشقا باشلايدۇ ...











ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار11

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
رىشتە01 ۋاقتى: 2012-10-5 23:10:44 | ئايرىم كۆرۈش
دىۋاننىڭ راھىتىنى مەنمۇ كۆرەيچۇ....
يىكەنداز
مەۋلان ۋاقتى: 2012-10-6 03:34:48 | ئايرىم كۆرۈش
چوڭ بولمايدىغان بالىلار دە، نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ كارتون تەرجىمە قىلىپ يۈرگىچە باشقا نەرسە تەرجىمە قىلساڭلار بولمامدۇ دەيمەن(چاقچاق ھە)

باھا سۆز

ماندا كارتونلار كىچىك باللارنىڭ كۆرىشىگە ماس كەلمەيدۇ. چوڭلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن كارتون بۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-10-6 11:09
گېلەم
سۈرخان ۋاقتى: 2012-10-6 11:09:20 | ئايرىم كۆرۈش
مەۋلان يوللىغان ۋاقتى  2012-10-6 03:34
چوڭ بولمايدىغان بالىلار دە، نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىل ...

ماندا كارتونلار كىچىك باللارنىڭ كۆرىشىگە ماس كەلمەيدۇ. چوڭلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن كارتون بۇ
كىگىز
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-6 16:28:21 | ئايرىم كۆرۈش
مەۋلان يوللىغان ۋاقتى  2012-10-6 01:34
چوڭ بولمايدىغان بالىلار دە، نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىل ...

ھازىرقى زاماندا كىچىك بالىلار مۇشلاش فىلىم كۆرۈپ بىزدەكلەر مۇشۇنداق كارتون فىلىم كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى دەيمەن
ئورۇندۇق
227213520 ۋاقتى: 2012-10-6 18:54:04 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنى دەيمە نىمىئش بۇ
داق يەر
tekken ۋاقتى: 2012-10-6 23:59:18 | ئايرىم كۆرۈش
ما قالايمىقان گەپلەرگە پەقەت ئېتىۋار قىلماڭلار  كارتۇن فىلىمگە قىززىقىدىغانلار نۇرغۇن  
مىخ
ئىلىياس ۋاقتى: 2012-10-7 10:01:29 | ئايرىم كۆرۈش
9-قىسمى قاچان چىقىدۇ
9#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-10-7 10:30:25 | ئايرىم كۆرۈش
مەن دەيمەن بۇرۇن بىز قىزىقىپ كۆرىدىغان ئاشۇنداق «غەزەپ»، «دەھشەت» كىنولار بارا-بارا ئادەمنى قىزىقتۇرالماس بولۇپ قالدى... ئەكىسچە كارتون فىلىملارنىڭ سەۋىيىسى ئۆسۈپ كىنولاردا ئىپادىلىيەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدىغان بولدى... ئۇنىڭ ئۈستىگە كىنولار ئاسانلا ئادەمگە ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئىدىيىسىنى سىڭدۈرىۋېتىدۇ، كارتون بولسا ئىرادە ۋە كىشىلىك قەدىر قىممەتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتىدۇ... كارتون فىلىم كۆرىدىغانلار ئارىسىدا چوڭلارنىڭ كۆپ بولۇشى مۇشۇ سەۋەبتىنمىكىن دەيمەن...
10#
قۇتلۇق ۋاقتى: 2012-10-8 05:51:54 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇتلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-8 06:03  

ئوغلۇم كۆرۈپ باقسا بولغۇدەك.
11#
قاتىل ۋاقتى: 2012-10-10 20:06:34 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بەك ياقتۇرمەن ماۈۇ كارتوننېي
12#
ساباھ1 ۋاقتى: 2013-5-19 12:50:25 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئۆلگىچە ما كارتوننى ئاخىرغىچە ئىشلەيدىغان ئىشكەنتۇق ھەي دەپ قالدىمدە !!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1