ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

[دەرسلىك] MeGUI ئارقىلىق فىلىم كىرىشتۈرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2834 29
  يېقىندىن بېرى بىرقانچە توردىشىمىزدىن فىلىم كىرىشتۈرۈش ھەققىدىكى ياردەم مەزمۇنىدا ئىنكاس ۋە ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم، قارىغاندا مۇشۇنىڭغا ئېھتىياج يۇقۇرى ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ بىلمىگىنىمگە باقماي MeGUI دېتالى ئارقىلىق فىلىم كىرىشتۈرۈش ھەققىدە بىر دەرسلىك تەييارلىدىم، تورداشلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

MeGUI بولسا MPEG-4  نى ئاساس قىلغان كۆپ ئىقتىدارلىق ئايلاندۇرۇش دېتالى. ئۇ Avsynth ئاساسىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت مۇھىتىغا تەلىپى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ بىز ئىشلىگەن ئۈنۈملەرنى ئۆلچەملىك كىرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم دېتاللارنى قوشۇپ قاچىلاش ۋە بىر قاتار تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. تورداشلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن MeGUI دېتالى بىزگە كېرەكلىك بولغان يوسۇندا تەڭشىلىپ كېرەكلىك دېتاللار بىلەن بىللە تور بوشلۇقىغا يوللاندى(كود يەشكۈچ بىرگە تەمىنلەنمىدى، چۈنكى كۆپلىگەن تورداشلار ئىلگىرى ئوخشىمىغان كود يېشىش دېتاللىرىنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردە 终极解码 دېتالىنى تەۋسىيە قىلىمەن.) چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://yunpan.cn/QzKBby7VqLRPU
ئەمدى مەن ئادەتتە قوللىنىدىغان فىلىم كىرىشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسەم.
ئالدى بىلەن دېتالنى قوزغاتقاندىن كېيىن بىز تۆۋەندىكى كۆزنەكنى كۆرىمىز،  بۇنىڭدىكى نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى مەن تېخى ئىشلىتىشنى ئۇقمايمەن، شۇڭا بىلگىنىم بويىچە سۆزلەۋېرەي...


1- باسقۇچتا يۇقارقى كۆزنەكنىڭ tools ستونىدىن Avs script creator  تاللىشىنى تاللاپ ياكى control+R نى بېسىپ بىر  AVS ئورگىنالى قۇرۇۋالىمىز. بۇ چاغدا تۆۋەندىكى كۆزنەك پەيدا بولىدۇ. بىز Video input تىن يەنى بىرىنچى ستوندىن ئۆزىمىز كىرىشتۈرمەكچى بولغان سىن ھۆججىتىنى تاللايمىز.

تاللىغاندىن كېيىن مۇنداق بىر ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ، بىز بۇنىڭدىن ئوڭ تەرەپتىكىسىنى يەنى directshowsourse نى چېكىمىز.

بۇ كۇنۇپكىنى چەككەندىن كېيىن بىز تاللىغان سىن ئايرىم بىر كۆزنەكتە ئېچىلىدۇ. ھازىرچە ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىپ تۇرىمىز.
2- باسقۇچ، تۆۋەنكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە بايىقى سىن ھۆججەتنى تاللىغان كۆزنەكتىكى filters كۇنۇپكىسىنى باسساق، ئاستىدىن AVI sourse كۆزنىكى چىقىدۇ، ئەڭ ئاستىدىكى subtitles تىن بىزگە كېرەكلىك بولغان خەت ھۆججىتىنى تاللايمىز.


ئەمدى مۇشۇ كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى script كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Avs  ئورگىنالىنى تەھرىرلەيمىز، مەسىلەن سىننىڭ رازمېرى، قوش خەتلىك بولسا يەنە بىر خەت ھۆججىتى قوشۇش دېگەندەكلەرنى مۇشۇ يەردىن تەڭشەيمىز. تەڭشەكلەر تۈگىگەندە ئاستىدىكى prewive avs script دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ خەت بىلەن سىننىڭ بىرىكىشىنى كۆرۈپ باقىمىز.


بۇ چاغدا بايا بىز ئۆچۈرۈۋەتكەن سىن ھۆججىتى چىقىدۇ، ئوخشىمىغان يېرى بۇ قېتىم خەت ھۆججىتىمۇ بىللە چىقىدۇ.
خاتالىق يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن تۆۋەنكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ avs ئورگىنالىنى ساقلىۋالىمىز.


ئەمدى باش كۆزنەككە يېنىپ كېتىدۇ، قارىساق بىز تاللىغان سىن ئۇچۇرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا چىققان بولىدۇ.
3- باسقۇچ، ئاۋاز تاللايمىز،
تۆۋەندىكى كۆرسىتىلگەن ئورۇندىن ئەسلى سىن ھۆججىتىنى تاللاپ بەرسەك ئاۋاز ھۆججىتىنى ئۆزى ئايرىپ چىقىرىۋالىدۇ.


بۇنىمۇ قىلىپ بولغاندىن كېيىن 4- باسقۇچتا ئۇچۇرلىرىنى دەلىللەيمىز، يەنى ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجەكتىكى auto encode كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. بېسىشتىن بۇرۇن سىن ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.


باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك پەيدا بولىدۇ.


بۇ كۆزنەكتىن كىرىشتۈرىدىغان سىننىڭ فورماتى، ئىسمى، ساقلايدىغان ئورۇن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىمىز. ئەگەر سىغىمىنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق file size نى تاللىۋېتىپ كەينىدىكى تاللاش تۈرىدىن select castom size نى بېسىپ شۇنىڭغا ئۆزىمىز خالىغان سىغىمنى تولدۇرۇپ ok نى چېكىۋېتىپ تۆۋەنكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك queue خېتىنى باسىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكى تەڭشەك بويىچە بۇ سىن ھۆججىتى ئەسلى چوڭلۇقى بويىچە كىرىشتۈرۈلىدۇ.


باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك پەيدا بولۇپ كىرىشتۈرۈشكە باشلايدۇ.

كىرىشتۈرۈش جەريانىدا بۇ كۆزنەك بىر نەچچە قېتىم توشۇپ يەنە قايتا پەيدا بولىدۇ، چۈنكى بۇ دېتال ئاۋاز سۈرەتلەرنى ئايرىم كودلاپ ئاندىن كىرىشتۈرىدۇ، شۇڭا كىرىشتۈرگەن ھۆججەت قايتا باشلىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار.

قوشۇمچە: MeGUI دېتالىنى قوزغاتقاندىن كېيىن نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئەسكەرتىشى كۆرۈنىدۇ، قىسمەن كومپىيوتېرلاردا نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەندىن كېيىن بەزى خاتالىقلار كۆرۈلىدىكەن، شۇڭا نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرمەي ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش3
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار29

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تورخانىدا سىناق قىلىپ باقاي دەپ Meguiنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام قاچىلىنىپ بولۇپلا كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغىتىۋەتتى كاساپەت ، گىگانىتلار زەربىدە نىڭ 2قىسىمىنى چۈشۈرۈپ بولۇپ كۆچمە دىسكامغا يۆتكىۋالماپتىكەنمەن ، قايتا چۈشۈرگىلى سالىدىغان بولدى ئەمدى.
دىۋان
شۇڭقار ۋاقتى: 2014-1-6 16:10:12 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئۈچۈنلا يوللاپسىزغۇ بۇ تىمىنى،  مەنمۇ باشقا ئىشلارنى قىلىپ دەل مۇشۇ پىرىسلاش ئىشىغا كەلگەندە توختاپ قاللاتتىم،  ئەمدى مۇشۇ ئۇسۇل بويىنچە بىر سىناپ باقاي.来自: Android客户端
يىكەنداز
karquka ۋاقتى: 2014-1-6 17:33:36 | ئايرىم كۆرۈش
بۇنداق خاتالىق چىقىۋالدى
گېلەم
don2 ۋاقتى: 2014-1-6 18:30:53 | ئايرىم كۆرۈش
قېنى ئىشلىتىپ باقاي ، دەرىسلىككە رەھمەت دوستۇم
كىگىز
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2014-1-6 18:37:32 | ئايرىم كۆرۈش
karquka يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 15:33
بۇنداق خاتالىق چىقىۋالدى

avs نى تاپالماپتۇ،   باشقا جايغا ساقلاپ بېقىڭ
ئورۇندۇق
Ablazewolf ۋاقتى: 2014-1-6 18:38:43 | ئايرىم كۆرۈش
مەن شۇ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتىرىپ سېلىپ، تولا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ ئاخىرى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغانتىم. ئەمدى شەمسى بۇرادەر سۆزلىگەن بۇ يېڭىچە ئۇسۇللاردا قايتا بىر سىناپ باقاي. چۈنكى مويىڭدا كىرىشتۈرسە بەزى ئۈنۈملەر ئۈنۈملۈك كۆرۈنمەيدىكەن.
داق يەر
باپكار ۋاقتى: 2014-1-6 19:48:35 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى قايسى دىتالدا كىرىشتۈرىمىز، ئۇستازلار يول كۆرسەتسەڭلار
مىخ
Jam ۋاقتى: 2014-1-6 20:08:20 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت مەنمۇ ئېھتىياجلىق ئىدىم ، مۇشۇنداق دەرىسلىككە.
9#
باپكار ۋاقتى: 2014-1-6 20:41:09 | ئايرىم كۆرۈش
don2 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 18:30
قېنى ئىشلىتىپ باقاي ، دەرىسلىككە رەھمەت دوستۇم

ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى قايسى دىتالدا كىرىشتۈرىمىز، ئۇستازلار يول كۆرسەتسەڭلار
10#
قىران ۋاقتى: 2014-1-6 21:14:23 | ئايرىم كۆرۈش
باپكار يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 20:41
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى قايسى دىتالدا كىرىشتۈر ...

EDIUS دىتالىدىن پايدىلىنىڭ ، شۇنىڭدا خەلقارا ئۆلچەم بويچە كىرىشتۈرۈپ چىقالايسىز . ئاۋازى ئەسلى فىلىمدىن قىسقا بولغان فىلىملەرنىمۇ مۇشۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ ئەڭ ئۆلچەملىك ھالەتتە ماسلاشتۇرالايسىز...
11#
muhammat ۋاقتى: 2014-1-6 23:50:24 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇسېستىمىدابىلەك يەربىلەن ھەپىلەشمەي فورماتىنى غىنام تەڭشىگىلى بۇلامدۇ؟来自: Android客户端
12#
Ablazewolf ۋاقتى: 2014-1-7 01:07:41 | ئايرىم كۆرۈش
muhammat يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 23:50
بۇسېستىمىدابىلەك يەربىلەن ھەپىلەشمەي فورماتىنى غىنام ...

ئۇنىڭغا م ك ۋ تۇلىنىكىس دېگەن دىتالنى ئىشلەتسىڭىڭز، بىر، ئىككى مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە فورماتىنى ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ.
13#
قىران ۋاقتى: 2014-1-7 01:41:12 | ئايرىم كۆرۈش
جەۋھەرلىك تېما بوپتۇ . ئاۋۇ رەسىمدىكى تەرجىمە ناخشا بۇرۇن يوللىنىپ بولغانمۇ ياكى ؟ قارىسام خېلى پەيزى ناخشىدەك قىلىدۇ، قولدىن بىرىۋەتمەيلى دەيمىنا
14#
muhammat ۋاقتى: 2014-1-7 13:41:28 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئۇدىتالنى قانداق چۈشۈرىمەن来自: Android客户端
15#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2014-1-8 14:39:40 | ئايرىم كۆرۈش
قىران يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 23:41
جەۋھەرلىك تېما بوپتۇ . ئاۋۇ رەسىمدىكى تەرجىمە ناخشا بۇ ...

ئۇ ناخشا ئۈنۈم سىناق قىلىشقا ئىشلەتكەن ناخشا ئىدى، تېخى كىرىشتۈرمىدىم... بۇ يېقىندا يوللاش پىلانى يوق...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1