ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

بىژدەم مۇڭداشمايلىما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
16#
yakup1232 ۋاقتى: 2016-4-26 20:07:20 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2016-4-26 19:44
گەپ قىلمىسام بولمىدى، قاتتىق تەسىرلەندىم، مەنمۇ ئاق ب ...

راسلا كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭىز، مەنمۇ مۇشۇ دىلمۇرات،سۈرخان، ئاققىركاملانىڭ، يەنە شۇنىڭدەك ئۈن- تىنسىز مۇنبەر ئۈچۈن، كۈچ چىقىرۋاتقان تەرجىمانلارنىڭ،قولىنى چىڭ سىقىپ بىر قۇچاقلىۋالسام،كۆزلىرىمدىن  ھازىرغىچە كەلمىگەن ياشلار كەپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى مېنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم بەك چوڭقۇر، بۇرۇن مەن بەك شەخسىيەتچىتىم، باشقىلارنىمۇ ئويلاشنى مۇشۇ ئېسىل نىيەتلىك كىشىلەردىن، ئۆگەندىم دېسەممۇ بولىدۇ. ھازىرقىدەك ھەممە ئادەمنىڭ قازىنى ئۆزىگە قايناۋاتقان جەمىيەتتە، پۇل مال قوغلاشماي، قېرىنداشلىرى ئۈچۈن بۇنچىلىق قۇربانلىق بەرمەك، مېنىڭچە خېلى مەن -مەن دېگەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ...
17#
ئاققىر ۋاقتى: 2016-4-26 20:17:15 | ئايرىم كۆرۈش
ما تىمىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلا كېپ كەتتى....نېمە دەي...ئاشۇ چاغلارنى...ئاجايىپ چاغلار ئىدى... ھازىرمۇ قالتىس....بۇندىن كېيىنمۇ قالتىس بولىدۇ...ئاللا خالىسا....چۈچۈك گەپلىرىڭىزنى سېغىنىپ قالغان ئىدىم سۈرخان....كەچمىشلەرنى ئەسلەتكىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
18#
abdusala ۋاقتى: 2016-4-26 20:40:31 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ........   مەن .........   
تەسىرلىك  ھىكايە فىلىم كۆرگەندەك بولدۇم
19#
كۇلمەس ۋاقتى: 2016-4-26 20:42:41 | ئايرىم كۆرۈش
پاسبان بىلەن رۇسلانلار يوقاپ كەتىغۇ ،مانا ئاقبۇركۇتتە نەچچە يىل يۇرۇپ ياش قىرقتىن ئاشتى قىرىپ كىنو كورۇشتىن قالغاندا بالامغا مىراس قىلىپ ئاقبۇركۇتىكى ئابۇنىت نامىمنىڭ مەخپى نومۇرىنى قالدۇرىمەندە ئەمدى

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
ھى ھى ھى ھى ، ئاجايىپ بىرخىل ئېسىل گەپ بولدى ماۋۇ ( ھى ھى ھى )  ۋاقتى: 2016-4-26 21:46
20#
yakup1232 ۋاقتى: 2016-4-26 21:06:15 | ئايرىم كۆرۈش
ھېلىقى بېشىدىكى ناخشا چىقىدىغان يەرلىرىگە، يېزىپ قويغان گەپلەر، بەق قىززىق چىقىپتۇ. تازا كۈلۈپتىمەن رەھمەت.....
21#
ئىھسان520 ۋاقتى: 2016-4-26 21:39:40 | ئايرىم كۆرۈش
تورخۇمارلار ئاساسەن ئوخشاشكەنمىزغۇ ، مەنمۇ شۇ كۈندە نەچچە ۋاخ ئاقبۈركۈت ، نۇرتورى، تورداشلاركۇلۇبى(65933) غا كىرىپ چىكىتىمەن ....
ئاقبۈركۈت تەرجىمە فىلىم مۇنبىرى شۇنچىلىك جەبىرلەرگە باش ئەگمەي ، بۈگۈنگە ئۇلىشىپتۇ، مەن گەرچە تەرجىمە ئىشلىرىنى قىلالمىساممۇ باشتىن ئاخىر قوللايمەن ، مۇنبەرنىڭ تىخىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۇمىد قىلىمەن ...
22#
شاكىر ۋاقتى: 2016-4-26 21:55:41 | ئايرىم كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ ئاقبۈركۈتكە بولغان مىھرىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ھىس قىلدىم،ئاقبۈركۈت روھىغا قايىللىقىم،ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى.بىكەت باشقۇرغۇچى ۋە تەرجىمان، تەھرىرلەرنىڭ داۋاملىق بىرلىكتە تىرىشىپ ئاقبۈركۈتنى تېخىمۇ ئىگىز،تېخىمۇيىراقلارغا پەرۋاز قىلدۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
23#
ئوتقاش025 ۋاقتى: 2016-4-26 23:04:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەنمۇ پىكىرىمنى بايان قىلىپ باقاي،مەن ئادەتتە ئىنكاس يازمىغىنم بىلەنمۇ ئاق بۈركۈتنىڭ كونا ئەزاسى،ئەزا بولغىلىمۇ 4يىل بولدىغۇ دەيمەن،خەتلىك فىلىم دىگەن ئاتالغۇنى دەسلىۋىدە ئاق بۈركۈتتىن بىلگەن ئىدىم،ئاق بۈركۈتتىكى كىنولاردىن ئىلھاملىنىپ(ئۇ چاغدا كىنولار ساناغلىقلا ئىدى بىراق ساز ئىدى)ئۆزۈممۇ تەرجىمە قىلىپ باقماقچى بولدۇم،توردىن قىساسكار ۋ نىڭ خەت ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئاچسام ئېچىلمىدى،توردىن ئاختۇرسام记事本شەكلىدە ئاچسا ئېچىلىدىكەن،مەن ھېچنىمىنى بىلمىگەچكە ئاسان چاغلاپ قاپتىكەنمەن،ھۆججەتنى 记事本دا ئاچسام ئۇيغۇرچە تۇنۇمىدى،قانداق قىلاي دەپ تۇرسام كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى،记事本نىڭ ئىچىدىكى ھەممە خەتنى ۋورد غا  كۈچۈرۈپ قىلساممۇ بۇلارمۇ دەپ ئويلاپ ئەكىلىپلا ۋورددا تەرجىمىنى باشلىۋەتتىم،تەرجىمىنى تۈگىتىپ بۇلۇپ دىلمۇراتقا يوللاپ بەرسەم ئۇ ماڭا ۋورد ئەمەس 记事本دا ئاچققىلى بۇلىدىغان ئاس س   شەكلىدىكى ھۆججەتنى ئەۋەتىڭ دىدى،مەن مەن ۋورددا قىلىپتىكەنمەن دىسەم ھەيران قالغانلىق ھەم ئاھ ئۇرغانلىق ئىپادىسىنى ئەۋەتىپلا گەپ قىلمىدى،مەن ئاھ تۈگەپتىمەن،تەرجىمەم بىكار كىتىپتۇ،بولدىلا كىنو تەرجىمە قىلاي دەپ يۈرگىچە غىت قىسىپ ئىشىمنى قىلاي دەپ يۈرسەم بىر نەچچە ئايدىن كىيىن ئاق بۈركۈتنىڭ ئەڭ تىپىسىدىكى سۈرەتتە مەن تەرجىمە قىلغان كىنونىڭ تەشۋىقات رەسىمى تۇرماسمۇ،ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن،تورداشلارنىڭ ئىنكاسىمۇ بىر بىرسىدىن ياخشى،شۇ چاغدا چىن دىلىمدىن دىلمۇراتقا ئاپرىن ئۇقۇدۇم،زىرىكمەي مىنىڭ شۇ خاتالىقىمنى تۈزىتىپ چىقىپتۇ،شۇ كىنودىن ساق 100سوم پايدا ئاپتىمەن،شۇندىن كىيىن ئۈزەمدە ئىشەنچ پەيدابۇلۇپ تەرجىمە ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتىم،كىيىن قۇتياردا نارۇتو،مىۋە ئوغۇرلاش..قاتارلىق تەرجىمە ئىشلىرىدا بولدۇم،بۇ بىر نەچچە يىلدا ھەقىقەتەن جېق تور بىكەتلەرنىڭ قۇرۇلغىنىنى ھەم تاشلىۋېتىلگىنىگە شاھىت بولدۇم،ئاق بۈركۈتتىكىلەرگىمۇ ئاسان ئەمەس،بىر تور بىكەتنى ماڭدۇرۇش،پۇت تىرەپ تۇرۇش ھەرگىز بىر ئادەمنىڭ قۇلىدىن كىلىدىغان ئىش ئەمەس،دىلمۇراتنىڭ ئورنىدا مەن بولسام نەچچە قېتىم ۋاز كىچەتتىم دەپ ئويلاپ ،ئاق قالىمەن بەزىدە،ئىشقىلىپ غايىسىدا ئاخىرغىچە تۇرالىغان ھەرقانداق ئادەم ھۆرمەتلەشكە لايىقتۇر

باھا سۆز

ھە مۇشۇ ئىنكاس ئىدى  ۋاقتى: 2016-4-27 00:08
24#
ئوتقاش025 ۋاقتى: 2016-4-26 23:06:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئوتقاش025 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-26 23:04
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەنمۇ پىكىرىمنى بايان ق ...

بۇمۇ مىنىڭ ئاق بۈركۈتتىكى ئۆتمىشىم بولغاچقا ئالدىنقى ئىنكاسىمنى قايتىلاپ سالدىم،بىراق ھىسياتىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمىدىم(قاتتىق ھاياجانلىق چىراي ئىپادىسى)
25#
QENDEL159 ۋاقتى: 2016-4-26 23:21:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئاپرىن سىلەرگە جاپاكەشلەر !
مەنلا ئاق بۈركۈتكە خۇمار بولدۇممىكىن دىسەم مەندىنمۇ ئىشىپ چۇشدىغانلار بار ئوخشايدۇ.
مۇنبەرنىڭ مەڭگۇ روناق تىپشىنى ئۆمىد قىلمەن.
26#
barchuq ۋاقتى: 2016-4-26 23:42:00 | ئايرىم كۆرۈش

مەنمۇ ئاق بۈركۈتنى بىلگەندىن بۇيان كۈندە زىيارەت قىلىپ كىرىپ تۇرىمەن ، بەك مىھرى ئىسسىق توربىكەت بۇ ....
27#
Ablazewolf ۋاقتى: 2016-4-26 23:46:15 | ئايرىم كۆرۈش
نەقىل:
چۈنكى ئاق بۈركۈت مەن ئۈچۈن پىداكارلىق، ئىزچىللىق، غايىسى ئۈچۈن تېرىشىپ كۆرەش قىلىشنىڭ ئۈلگىسى ھېساپلىنىدۇ.

دىلمۇراتجان بىلەن تونۇشقىلى 4، 5 يىل بوپتۇ، تېرىقچىلىك خاپا بولغۇدەك گەپ سۆزدە بولۇپ باقماپتىمىز. بىر ئۇچىرشىشقا نېسىپ بولسا دەيمەن...
سۈرخان، ئاققىركام، ئەركان، زۇلپىقار ۋە باشقا تەرجىمانلارغىمۇ ئالىي ئىھتىرام، سېغىنىشلىق سالام!
يەنە بارلىق خەتلىك فىلىم خۇمار دوستلار ئامان بولسۇن!
28#
svpvrga ۋاقتى: 2016-4-27 00:28:39 | ئايرىم كۆرۈش
      بادام دوپپا كىيىۋالغان، چىرايى ئازراق ئالىمجان كاۋاپچىغا ئوخشايدىغان سۈرخاننىڭ تېمىلىرىدىن ئىنكاسلىرىغىچە مۇشۇنداق يېقىشلىق.
      ئاقبۈركۈتكە قاچان ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىم تازا ئىسىمدە يوق، ئەمما، ئاقبۈركۈتنىڭ ئاشۇ تارىخلىرىغا ئاساسەن دىگۈدەك شاھىد بوپتىمەن، شۇنىڭغا قارىغاندا كىرگىلى ناھايىتى ئۇزاق يىللار بولغان بولسا كېرەك.دەسلەپتە كالتە كۆسەي خەنزۇچە سەۋىيەرىم بىلەن كىنو تەرجىمە قىلماقچى بولدۇم. تۇنجى قېتىم ئاقىر بوۋاينىڭ تەۋسىيسى بىلەن ھىيۇگو دىگەن فىلىمنى قاق بىر ئايدا پۈتتۈردۈم. تەرجىمە سۈپەتسىز چىقىپ قالمىسۇن دەپ بىر كىنونى تەرجىمىسى بىلەن ئۈچ قېتىم قايتا كۈرۈپ چىققان ئىدىم. شۇنىڭدىن كىيىن ئانچە مۇنچە تەرجىمىلەرگە قاتنىشىپ تۇردۇم. كىيىن مۇنبەردىكى دەرىسلىك ئارقىلىق كىنو كىرىشتۈرۈشنىمۇ ئۈگەنگەن بولدۇم. كىيىن بالام مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن كەچلەردە كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم بەك ئازلاپ كەتتى. تەرجىمىنىمۇ ئىشخانىدا خىزمەت شالاڭ چاغلاردا قىلىدىغان بولدۇم. ھەتتە بىرەر يىلدەك ھىچقانداق كىنو فىلىم ئىشلىرىغا ئارلاشمىدىم....ئۇف ف ف ف ف... لىكىن ئەمما بىراق، ئاقبۈركۈتتىن چۆرگىلەپ كىتەلمىدىم. نەچچە ئاي بۇرۇن تۇيۇقسىز سىرتقا خىزمەتكە چىقىپ كەتكەنلىكىم سەۋەبلىك، ئەركان تەرجىمە قىلىشقا بەرگەن بىر فىلىمنىڭ تەرجىمىسىنى تېخىچە تاپشۇرالماي يۈرۈيمەن، ئۇ بۇرادەرمۇ مىنى تازا تۇترۇقسىز كۆردى بولغاي. نەچچە كۈندىن كىيىن قايتىمەن، شۇ چاغدا ئايرىم پىكىرلىشەرمەن.
     دېمەك، ئاقبۈركۈت ئۈچۈن ئازدۇر كۆپتۇر تۆھپە قۇشۇپ كىلىۋاتقانلىكىم ئۈچۈن ئۆزەمنى ئاقبۈركۈتنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارىدىم، ئەلۋەتتە، مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزا بەدەلسىز ھالدا ئاقبۈركۈت ئۈچۈن ئازراق تۆھپە قۇشالىسا، ئاقبۈركۈتنىڭ كۆك قەھرىدا تېخىمۇ پەرۋاز قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
29#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-4-27 03:09:55 | ئايرىم كۆرۈش
svpvrga يوللىغان ۋاقتى  2016-4-27 00:28
بادام دوپپا كىيىۋالغان، چىرايى ئازراق ئالىمجان كاۋ ...

ۋاي سۈپۈرگە بەگ نىمۇ كۆردىكەنمىز ھە... جاھانكەزمەيۋاتقانلا ‹‹ جاھان كەزدى سۈپۈرگە ›› ئەپەندىم... بىغەملەر شەھىرىدىن قايتىش يوللىرىدا ئاق بۈركۈتكە كەپتۇلا دە......
30#
36708387 ۋاقتى: 2016-4-27 11:41:55 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى پىكىر بوپتۇ  ماڭىمۇ مۇشۇ بەتكە ئەزا بولغىلى بەش يىلچە بوپتۇ. مەن تۇنجى قىتىم ئەزا بولغان خەتلىك فىلىم تورى دەل مۇشۇ ئاق بۈركۈت ئىدى . بۇرۇن يىڭى تۇرمۇش قۇرغان ئېقتىسادىم ناچار چاغلىرىم ئېدى
نەق پۇلغا دوللار ئېلىشقا چىقىنالماي  كۈندە تارقاتقان بىر دوللار دىبو پۇلىنى يىغىپ كىنو كۆرەتتىم كىيىن ئېلان قىلىنىپ بىر ئاي بولغان كىنولارنى ھەقسىز قىلىۋەتتى .مەن قاچان ئاي توشۇپ مۇشۇ كىنونى چۈشۈرۋالارمەن دەپ كۈن ساناپ ئۆتتۈم  .گەرچە سۇرخان بۇرادەر بىلەن تونۇشچىلىقىمىز بولمىسىمۇ لىكىن سۇرخان بۇرادەر دىگەن ئاقبۈركۈتكە  كەلگەن بورانلارنى كۆرۈپ تۇردۇق .نە تاقىتىدىغان دىبو پۇلى نە ئايغا توشقان ھەقسىز كىنو بولمىسىمۇ كۈندە بىر قىتىم ئاق بۈركۈتنى يوقلاپ تۇردۇم.  ئاخىردا يانا داۋاملىق ئېچىلدى ھازىر كۈندە ئېلان قىلىنۋاتقان كىنولارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋىلىپ كۆرىۋاتىمەن . ئاق بۈركۈتنىڭ داۋاملىق پەرۋاز قىلىشىغا تىلەكداشمەن  .گەرچە بوران چاپقۇنلارنى توسۇشقا ياردەم قىلالمىساقمۇ لىكىن سىلەر تەرجىمە قىلغان كىنولارنى تولۇق سېتىۋىلىپ سىلەرنى قوللايمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

22پىنتوزىلىرى

297تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1