Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 333|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

غەلىتە مەخلۇق: كېلىشىم[تەشۋىق فىلىم]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sidik007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-28 14:42  




فىلىم نامى: غەلىتە مەخلۇق: كېلىشىم  (غەيرىي شەكىللىك: كېلشىم)
خەنچە نامى:异形:契约
ئىنگىلىزچە نامى:  Alien:Covenant
دۆلىتى: ئامېرىكا
تىلى: ئىنگىلزچە
تۈرى: فانتازىيىلىك\قورقۇنۇشلۇق
ئۇزۇنلىقى: 123 مىنۇت
IMDb نومۇرى: 6.9/10
IMDb ئۇلىنىشى: http://www.imdb.com/title/tt2316204/
قويۇلغان ۋاقتى: 2017-يىل 6-ئاي 16-كۈنى
رېژىسسورى:Ridley Scot
سېنارىست: Michael Boris Green، Jack Paglen  John Logan


سۈرەتلەر:








فىلىم مەزمۇنى:  غەلىتە مەخلۇق يۈرۈشلىكى (تېلېۋىزىيە ئىستانسىى تەرجىمە ئىسمى) ئەڭ يېڭى قىسمى بولۇپ،
4 بۆلۈم ئىشلەنگەن. 2012-يىلى بۇ كىنونىڭ داۋامى بولغان پىرومىشىيۇس ئىشلەنگەن . فىلىم ۋەقەلىگى 2089-يىلدىن 2379-يىلغىچە ۋاقىت سىزىقىغا ئورۇنلاشۇرۇلغان بولۇپ  ،مىلادىدىن بۇرۇنقى 32مىليون يىل ئىلگىرى تاشقى پىلانىتا ئادەملىرى (ئاتالمىش ئېنژىنىرلار)
يەرشارىغا كېلىپ  ئۆزنىڭ DNAسىنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ .   (پرومىشىيۇس) 2089-يىلى دوكتۇر شاۋ بىلەن چارلى قاتارلىق تەكشۈرۈش خادىملىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاپقان ياردىكارلىقلارنى تەكشۈرش ئارقىلىق يەر شارىدىن  34.6نۇر يىلى يىراقلىقىكى Zeta 2 Reticuli يۇلتۇز سېستىمىسىدىكى lv223-پىلانىتىنى تېپىپ چىقىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن Wallander شېركىتى زور مەبلەغ چىقىرىپ  پرومىشىيۇس ناملىق تەكشۈرگۈچى ئالەم كېمىسىنى ياساپ ،ئۇنىڭغا دوكتۇر شاۋ ۋە چارلى دەيۋىد(دەيۋىد :بىئو خىمىيىلىك ماشىنا ئادەم) قاتارلىق بىر قانچە ئارخلوگ ۋە بىئولوگ بىلەن lv-223پىلانىتغاتەكشۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ .(دەيۋىدنىڭ ۋەزىپىسى بولسا شېركەت خوجايىنى پېرتىر ۋېيلەند نىڭ بۇيرۇقى بويىچە
تاشقى پىلانىتا ئادەملىرىنى تېپىپ ئۇلاردىن ئۆلمەسلىكنىڭ جاۋابىنى تېپىش ) نىشانغا يەتكەندە كېمە خادىملىرى  تاشقى پلانىتا ئادەملىرىنىڭ 3000مىڭ يىل بۇرۇن ئۆزى ياسىغان ئورگانىزىم (غەلىتە مەخلۇق)لار تەرىپىدىن ۋەيران بولغانلىقىنى بايقايدۇ .(دەيۋىد ئېنژىنېرلارنىڭ ئارسىدا بىرىنىڭ ھاياتلىقىنى بايقايدۇ)دوكتۇر شاۋ ئۇلارنى تەتقىق قىلۋاتقاندا دەيۋىد  ئورگانىزىمنى چارلىغا تەجىربە قىلىدۇ ،چارلى يۇقۇملىنىپ ئاندىن دوكتۇر شاۋمۇ يۇقۇملىنىدۇ . ئارلىقتا  پېتىر ۋىېيلەند ۋە  كېمە خادىملىرى ۋە  ئۆلۈپ دوكتۇرشاۋ بىلەن دەيۋىدلا قالىدۇ . ئاخىرىدا دوكتۇر شاۋ بىلەن دەيۋىد تاشقى پلانىتا ئادەملىرىنىڭ ئانا يۇلتۇزىغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ .
1-بۆلۈمدە  (غەيرىي شەكىللىك)   2122-يىلى ناسترومو ناملىق ئالەم كېمىسى يەتتە نەپەر خادىم بىلەن  20مىليون توننا كان روددىسىنى ئېلىپ يەرشارىغا قايتىۋاتقانداقۇتقۇزۇش سېگىنالىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ،(بۇ دەلZeta 2 Reticuli يۇلتۇز سېستىمىسىدىكىlv-426پىلانىتا بولۇپ ،ئەمەلىيەتتە Wallander شېركىتى ئالدىن پىلانلىغان ئىدى )كاپىتان داللاس ،رېپلىي  ماشىنا ئادەم ئەش.قاتارلىق بىر نەچچە خادىم بۇ پىلانىتىغا قونۇپ ئەھۋال ئىگەللىمەكچى بولىدۇ (ماشىنا ئادەم ئەشنىڭ مەخلۇق تۆرەلمىسى ئەۋرىشكىسىنى يەرشارىغا ئەپ كېتىش ۋەزىپىسى بار ئىدى  )
426-lvپىلانىتىغا قونۇپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر ئالەم كېمىسىنى بايقايدۇ، تەكشۈرۈش .ئارقىلىق تاشقى پلانىت كېمىسى ئۇچقۇچىسىنىڭمۇ مەخلۇقنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگىلى بەك ئۇزۇن بولغانلىقىنى ئېنىقلايدۇ .ئارلىقتا بىر خادىم يۇقۇملىنىدۇ كېمىگە قايقاندا ھېلىقى مەخلۇق يۇقۇملانغان خادىم تېنىدىن  يېرىپ چىقىپ  ھەممىنى ۋەيران قىلىدۇ .كېمە خادىمى رېپلىي دىن باشقا ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ .رېپلىي قۇتقۇزۇش كېمىسىگە چىقىپ ھايات قالىدۇ ،
2-بۆلۈمدە  2179-يىلى يەنى  57يىلدىن كېيىن رېپلىي يەرشارىغا قايتىپ كېلىپ ئىنسانلارنىڭ ئاللىقاچان  lv426-پىلانىتىغا ئولتۇراقلاشقىنىنى بىلىپ  شېركەتكە بولغان ئىشلارنى ئەينەن دوكىلات قىلىدۇ .شېركەت رېپلىينى بەك ئۇزۇن ئۇخلاپ كەتكەچكە نېرۋىسىدا مەسىلە بار دەپ تاكىlv426-پلانىتدىكى ئىنسانلار بىلەن ئالاقسى ئۈزۈلۈپ قالغانغا قەدەر كارى بولمايدۇ .شۇنىڭ بىلەن رېپلىي يەنە بىر قېتىم lv426 كە بېرىپ ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزغاچ ئۇلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ .شۇنىڭ بىلەن مەخلۇق جېڭى باشلىنپ ئاخىرىدا بىر كىچىك قىز ھەم بىر ھەربىي ئۈچەيلەن ھايات قالىدۇ،
3-بۆلۈمدە  شۇ يىلى رېپلىنىڭ كېمىسىدە مەخلۇق بايقىلىپ Fiorina-161 دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرمە پىلانىتىغا چۈشۈپ كېتىدۇ .ھەم شېركەت بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولىدۇ. ئارلىقتا ھېلىقى قۇتقۇزۋالغان كىچىك قىزچاق يۇقۇملانغان بولۇپ مەخلۇق تىزلا بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلايدۇ. ھەم رېپلىيمۇ يۇقۇملىنىدۇ شېركەت  ماشىنا ئادەم ئەۋەتىپ رېپلىينى يەرشارىغا ئەكىتىپ قورسىقىدىكى مەخلۇقنى تەجىربە قىلماقچى بولىدۇ. ئاخىرىدا رېپلى مەخلۇقنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ ھەم ئۆزىمۇ ئۆلىدۇ.
4-بۆلۈمدە 2379-يىلى رېپلىي شېركەت تەرىپىدىن  Auriga ناملىق ھەربىي تىببىي تەتقىقات ئالەم كېمىسىدە كىلونلىنىپ مەخلۇقنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تەجىربە قىلىدۇ .
كېمە خادىملىرى 42نەپەر ھەربىي 7نەپەر ئالىم . كىلونلانغان رېپلى كېمىدە مەخلۇق تەتقىقاتى بولۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارنى ئەسكەرتىدۇ .
ئارلىقتا باشقا بىر سودا ئالەم كېمىسى  كېلىدۇ، ئاندىن ھېلىقى مەخلۇق سولانغان جايىدىن قېچىپ چىقىپ كېمە خادىملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ،ئاخىرىدا رىپلىي بىلەن بىر ماشىنا قىزچاق
ئوڭۇشلۇق قېچىپ قۇتۇلۇپ يەرشارىغا قايتىپ كېلىدۇ،

ئەمدى قۇيۇلماقچى بولغان غەلىتە مەخلۇق: كېلىشىم  پرومىشىيۇسنىڭ داۋامى بولۇپ ،كېلشىم ناملىق بىر كېمە پەيدا بولىدۇ  
دوكتۇر شاۋ بىلەن دەيۋىد  كەتكەن تاشقى پلانىتا ئادەملىرىنىڭ ئانا يۇلتۇزىغا بارىدۇ.

















ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى1 ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2017-5-29 13:18:09 | ئايرىم كۆرۈش
ۋوي مەن بۇرۇن بۇ كىنونىڭ ئۇيۇنىنى ئويناپ بولغان ئىدىم ، كىنوسى بارلىقىنى ھىس قىلماپتىمەن دىسە ؟  مۇشۇنىڭ ئۇيۇنىمۇ بەكلا قورقۇنۇچلۇق ،
يىكەنداز
ۋاقتى: 2017-5-29 14:56:53 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
راستىننى  دىگەندە    بۇ  كىنولارنى  ئىشلىگەن  رېجىسورلارغا   قايىل     
گېلەم
ۋاقتى: 2017-5-29 15:03:37 | ئايرىم كۆرۈش
بىر كۆرۇشكە ئەرزىگۇدەك فىلىم ئوخشايدۇ ؟  رەھمەت بۇرادەر  
كىگىز
ۋاقتى: 2017-5-30 01:11:08 | ئايرىم كۆرۈش
پىرومىسىسنىڭ ئاخىرى دەيلى بۇ بۇلىمىنى دەيۋىد يەنە شۇ ماشىنا ئادەم چىغى
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-5-30 14:21:53 | ئايرىم كۆرۈش
دىمەك بۇ كىنو 4 بۆلۈمكەندە
بۇ ئالدىنقى بۆلىمى
http://www.uyntv.com/xiyou/video ... a-a38933af3a95.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 15:55 , Processed in 1.358827 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش