ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

56 تورىنى بايقۇت قىلايلى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1053 5
دامدام ۋاقتى: 2013-2-27 20:05:15 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
تۆنۈگۈن 56 تورىغا بىر قانچە سىن يوللىغان ئىدىم . تەستىقلىماپتۇ . سەۋەبىنى سوراپ خەت يازسام ئۇلاردىن جاۋاپ كەلدى . جاۋابنى ئوقۇپ تىترەپ كەتتىم . ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇيغۇرچە تىل - يېزىقتىكى سىنلارنى ئۇلار تەستىقلىمايدىكەن . ئەگەر تەستىقلانسۇن دىسەك چوقۇم خەنزۇچە يېزىق ھۆججىتىنى قوشۇشىمىز كىرەككەن . دىمەك بۇ دىگىنى ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئاقمايدۇ دىگىنى ئەمەسمۇ . بۇ ئېنىقلا ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى چەتكە قاققىنى ئەمەسمۇ . ئۇيغۇرچىنى بىلمىسە ئۇيغۇر خىزمەتچى ئالسۇن . لېكىن بىزگە ئۇنداق ماز پاراڭ قىلمىسۇن . مىكروسوفىت ، گوگۇلدەك تور ماگىناتلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئېلخەتلىرىنى ۋە ھەر قايسى كەسىپ ، مەسھۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تىل - يېزىقىغا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقتەك بۇ ئەمەلىيەتكە سېلىشتۇردىغان بولساق ئاشۇ تور ماگىناتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قانچىلىك قوللىساق ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز .  بۇرۇن يېڭى قۇرۇلغان چېغىدا ئۇنداق ئەمەستى . ئەمدى ئازراقلا پىتلىنىپ قېلىۋىدى بىزنىڭ تىل - يېزىقىمىزنى چەتكە قاققۇدەك بوپتۇ تېخى بۇ سېرىق تۈك شىركەت . ئەگەر Youtube غا ئوخشاش چەتئەل شىركەتلىرى دىيارىمىزغا كىرگەن بولسا ئىدى ، بۇ گۇيلار پوقىنى تىرىپ يەيتتتى . ناتوغرا رىقابەتتتىن تۆرىلىپ قالغان بۇ گۇيلارنىڭ نىمانچە يوغىناپ كەتكەن ھە . 10 مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ تىل - يېزىقىنى ھىسابقا ئالمىغان بولسا بىزمۇ 56 نى بايقۇت قىلايلى . سىن يوللايدىغان بىكەتلەر ئاز ئەمەسقۇ ئاخىرى .
56 نى بايقۇت قىلىشقا نىمە باھانىڭىز بار ؟   
- جىق باھانەم يوق ، پەقەت بىرلا باھانەم بار . ئۇ بولسىمۇ 56 تورى 10 مىليۇندىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىگە ئىگەن بولغان ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى چەتكە قاقتى .
- مۇشۇ باھانە يىتەرلىك .     
بۇ تېمىنى خالىغانچە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ . بولسا ھەممە تورلارغا يوللىۋېتىڭ . ئۇيغۇر تىل - يېزىقىغا مۇھەببىتى بار تورداشلار 56 دىن ئۆزىنى يىراققا ئالسۇن .
مانا بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا قايتۇرغان جاۋابى

ئاچچىقىمدا بەزى گەپ سۆزلەر تاققا - تۇققا چىقىپ كەتتى . يارەنلەرنىڭ تۈزىتىپ بېرىشىنى سورايمەن !
مەنبە:http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=52726
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار5

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
tuprak ۋاقتى: 2013-2-27 21:34:04 | ئايرىم كۆرۈش
سىز بەك ئاسان ھاياجانلاندىڭىزمۇ ياكى مەن دۆتمۇ بىلمىدىم .... ئىشقىلىپ مەن ئۇ خەقنىڭ سىزگە قايتۇرغان جاۋابىنى يەنىلا سىزنى ھۆرمەت قىپتۇ - دەپلا چۈشەندىم . سەۋەبى : خەتتە ، سىز يوللىغان مەزمۇننىڭ تېكىستى ئۇيغۇرچە ، بىز مەزمۇننىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە ئامالسىز ....... دەپتۇ . مەيلى يوغان شىركەت بولامدۇ ، مەيلى سېرىق تۈك شىكەت بولامدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئامانلىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ . ئەجەپ youtube نىڭ گپى چىقىپ قاپتۇ . ئۆتكەندە 2 ناسارا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نى ھاقارەت قىلىپ ئىشلىگەن فىلىمنى ھىچيەردە ئەمەس دەل شۇ ئاتالمىش يوغان youtube ئەڭ ئاۋۋال تارقاتقان ھەم ئۆچۈرۈشنى رەت قىلغان . شۇ چاغلاردا ھەممىمىز بىر بوپ بىر كېچىدىلا Google شىېركىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تىلەپ تازا تېما يازغان ھەم تىللىغان ...... ئەمدى سىزنىڭ 2 تال فىلىمىڭىزنى تەستىقلىمىدى - دەپلا بايقۇت قىلايلى دەپ تېما ئېلان قىلساق مىنىڭچە ئاقماسمىكىن .....
  شەخسىي كۆز قاراش ... ئىلمىي مۇلاھىزە قىلايلى ....
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +50 يىغىش سەۋەبى
سۈرخان + 50 قوشىلىمەن

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +50

يىكەنداز
svpvrga ۋاقتى: 2013-2-27 21:52:08 | ئايرىم كۆرۈش
       ئۆتكەن يىللاردا تېڭشۇن شىركىتى شەخسى ماتىريال ئوغۇرلايدۇ دەپ ھەممە يەردە چ چ نى بايقۇت قىلىش ھەققىدە غۇلۇغۇلا بۇلۇپ كەتتى، شۇ باھانىدا بىرنەچچە ئۇيغۇرچە مۇڭداشقۇ دىتاللىرى مەيدانغا كەلدى، ئەمما قايسىمىز چ چ دىن ۋاز كىچەلىدۇق؟ يېقىندا ئەمدى 360 شەخسى ماتىريال ئوغۇرلايدۇ دەپ گەپ پەيدا بولدى،  360 دىن ۋاز كىچەلەمدۇق؟ مىنىچە ناتايىن. شۇڭا بۇنداق گەپلەرنى غۇلۇغۇلا قىلمايلى، مىنىڭچە يەنىلا كۆيگەندىن كۆنگەن يامان. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئۆز تور بىكىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن بىزمۇ بەزىدە ئىرادىمىزگە خىلاپ ھالدا بەزى تېمىلارنى تور يۈزىدىن ئۈچۈرۋىتىشكە مەجبۇر بولىمىز، ئۇلارمۇ شۇنداق...
گېلەم
 ئىگىسى| دامدام ۋاقتى: 2013-2-27 22:59:32 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلارنىڭكىنى يامان بەك قوللايدىكەنمىزيۇ ،ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى بىزدىن ئوبدان بىلىدىغان ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرى قۇرغان .مەزمۇنىنى چۈشىنەلەيدىغان، http://ali.ug   تور بېتىنى قوللىمايدىكەنمىز ، ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق توربەترلىرى تۇرسا قەدرىنى بىلمىگەندىن كىيىن ئۆزىمىزگىمۇ ئاز، ئۇلار بىز يوللىغان فىلىمنىڭ مەزمۇنىنى بىلمەي تەستىقلىمىغان بولسا نېمىشقا ئۇيغۇر خىزمەتچى ئىشلەتمەيدۇ  ، ، جوڭگۇ خەنزۇچىدىن قالسىلا ئاساسلىق تىل ئۇيغۇر تىلى،10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىشلىتىدۇ ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 56 تور قانداق تور ئىدى ۋەيران بولاي دەپ قالغان تور بەت ئىدى ، ئەمدىلىكتە بىز ئۇيغۇرلار جىق نەرسىلەرنى يوللاپ ،ئازراق كۆزگە ياغ تولغاندا  بۇ نېمە دېگىنى . بىزدىمۇ بار ئۇنداق توربەتلەرگە نېمانچە ئېسلىۋالىمىز .كىنولىرىنىڭ ھەممىسى چاپاق يا بىر سۈزۈك ئەمەس . مەنغۇ ئۇنداق تور  بەتلەرگە ئاندا ساندا كىرىمەن ، نېمىشقا ئۆزىمىز قۇرغان تور بەتلەرنى قوللىمايمىز ، http://ali.ug بۇ توربەتمۇ 56 لەردىن نەچچە ھەسسە سۈزۈكقۇ  بۇنىڭغا يوللىساق ئۆزىمىزمۇ سۈزۈك فىلىملەرنى كۆرەلەيمىز ،ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىنى قوللىغان بولمايمىزمۇ ، توۋۋا  ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىنى قوللىماي شۇنداق چاپاق توربەتكە ئېسلىۋالغاندىكىن ئۆزىمىزگىمۇ ئاز .     ( لېكىن مېنىڭ شەخسى كۆز قارشىم ) قالغىنىغا يەنىلا ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆز قارشىنى ئاڭلايمىز.
كىگىز
toghraq731 ۋاقتى: 2013-2-28 02:55:00 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   toghraq731 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-3 03:01  

http://ali.ug  ھەمبەھىرلەشنى تەمىنلىسە خەلقىم چوقۇم قوللايدۇ
ئورۇندۇق
tuprak ۋاقتى: 2013-2-28 09:30:44 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىمنڭ سۈزۈك ياكى چاپاقلىقىنى سىز يوللىغان ئەسلى فىلىمنىڭ سۈپىتىمۇ بەلگىلەيدۇ .... چاپاق VCD پىلاستىنكىسىدىن بىرنى ئەكەپ HD قىلىمەن دەپ يوللىسا يەنە بىكار...
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +1 يىغىش سەۋەبى
adambalisi + 1

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +1

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

0پىنتوزىلىرى

1تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1