روللاردا: Arnold Schwarzenegger
شۇنداق قىلىپ بۇ بۆلۈمنىمۇ كۆرۈپ بولدۇق، ئالدىنقى بۆلۈملىرىدىكى T-1000 تىپلىق ۋە T-X ماشىنا ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزگەرگەن جون كوننېر خېلىلا ئىلغارلاشتۇرۇلغان. شۇنداقلا ۋەقەلىكنى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ جون كوننېرنى سەلبىي پىرسوناژ قىلىۋىتەلىگەن. شۇنداقلا T-1000 نى ۋەقەلىككە قوشىۋەتكەن (شۇنداق ساقلاپ ئولتۇرسام سەتەڭ T-X كۆرۈنمىدى دېسە ). ئومۇمىي جەھەتتىن ۋەقەلىكنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرغان، بىر جۈملىسىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي كۆرۈپ چىقتىم.
قېنى قالغانلارمۇ كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغاچ فىلىمنى باھالاپ باقايلى. ياخشى يېزىلغان ئىنكاسلارغا مۇكاپات بار.