ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

[ھەپتىدە بىر چولپان]گۈزەل قىز-شراددا كاپۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
834 4
arkan2010 ۋاقتى: 2015-7-4 19:45:20 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما


ئىسمى: Shraddha Kapoor
ئۇيغۇرچە:شراددا كاپۇر

خەنچە:施拉德哈·卡普尔
جىنسى: قىز

يۇلتۇز تۈركۈمى: ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى

تۇغۇلغان ۋاقى: 1989-03-03
تۇغۇلغان جايى: ماھاراشىترا شىتاتى، بومباي

كەسپى: ئارتىس

باش كۆتۈرگەن ۋاقتى: 2013-يىلدىن ھازىرغىچە



ھاياتى توغرىسىدا:

شراددا كاپۇر بومبايدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئارتىس شاكتى كاپۇر بىلەن شىۋانگى كاپۇرنىڭ قىزى. ئايال ئارتىس پادمىنى (Padmini Kolhapure) نىڭ جىيەنى. ئۇنىڭ ئاكىسى شىتېھانىس بىر رادىيو ئىستانسىسى مۇزىكا رىياسەتچىسى ۋە ياردەمچى رېژىسسور.

ئۇ جامنابەي(Jamnabai Narsee) مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن بوستون ئۇنىۋېرسىتېغا قوبۇل قىلىنىپ، ئاساسلىقى درامما-تىياتىر تەتقىقاتىدا ئوقۇغان. كىنولاردا رول ئېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر يىل ئوقۇپلا ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن.

سەنئەت ھايات:
شراددا كاپۇر 2010-يىلى ھوللىۋودتىكى تۇنجى فىلىمى «تېن پاتتى» (Teen Patti) دا، ئامىتاب باچچان، مادخاۋان ۋە رايما سېنلار بىلەن بىرلىكتە رول ئالغان. ئەپسۇس بۇ فىلىم كۆڭۈلدىكىدەك بېلەت كىرىمى يارىتالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ رول ئېلىشتىكى ماھارىتىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. شراددا كاپۇر بۇ فىلىمدە ئالىي مەكتەپتىكى روك مۇزىكا چولپىنى ئاپارنا (Aparna) نىڭ رولىنى ئالغان. فىلىمدە Royston Abel、Ashley Lobo、Barry John لار قاتارلىقلارنىڭ بىر مۇزىكا خىزمەتخانىسى بار، شراددا فىلىمدە ياخشى بىر ئاقكۆڭۈل قىزنىڭ شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ مۇزىكا ئەترىتىدىكى گىتار ماھىرىنىڭ شۇنداقلا ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدىغان نازىنىنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان.
2011- يىلى ئۇ ياش راج فىلىم شىركىتى بىلەن بىر ئۈچ ئۆلچەملىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن توختام ئىمزالايدۇ. Y-Films مەبلەغ سالغان فىلىم «ئاخىرلاشقان سۆيگۈ»(Luv Ka the End) بۇ فىلىمدە ئۇ يېڭى ئارتىس Taaha Shah بىلەن ھەمكارلاشقان، ئۇ ئۆز رولىغا باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ، “ مەن ئوينىغان رول رېھا دىئالداس(Rhea Dialdas) نازاكەتلىك، غەلىتە شۇنداقلا ئىنتايىن كەسكىن بىر ئوبراز. ئۇ ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆزىگە خىيانەت قىلغانلىقىنى بىلگىنىدە، ئىنتايىن قايغۇرۇپ، قاتتىق چارچاپ ھالىدىن كېتىدۇ. كېيىن ئۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئويغىنىپ، قولىغا پالاق توپ ئېلىپ ئوغۇل دوستىدىن ئۆچ ئالىدۇ. گەرچە بۇ فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ھەر قايسى تاراتقۇلار شرادداغا ياخشى باھالارنى بېرىدۇ. Glamsham تەھرىر بۆلۈمىدىن Rachana مۇنداق يازىدۇ: شراددا كاپۇر چوقۇم باش كۆتۈرىدۇ، ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى بۇ فىلىمنىڭ يارقىن نۇقتىسى، ئۇ بۇ فىلىمدىكى چولپان.




قۇچقان شان-شەرەپلىرى
59-نۆۋەتلىك ھىندىستان كىنو كۆرۈرمەنلىرى مۇكاپاتى(Filmfare Awards) ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى  (نامى ئاتالغان)
ئۇ خەلق رايى بېلەت تاشلاشتا 2010 - يىلى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يېڭى ئايال ئارتىسلار قاتارىدا ئۈچىنچى بولغان .  




فىلىم تىزىملىكى:
ئىشلەنگەن ۋاقىت فىلىم نامى ئىنگىلىزچە نامى     رولى         
2010-يىلى تېن پاتتى Teen Patti Aparna Khanna
2011-يىلى ئاخىرلاشقان سۆيگۈ Luv Ka The End Rhea Dialdas
2013-يىلى ئاشىق 2 Aashiqui 2 Arohi-ئاروھى
2013-يىلى قايتا ئۇچراشقان ئاشىق-مەشۇقلار Gori Tere Pyaar Mein Dia
2014-يىلى بارماق گورۇھى Ungli
2014-يلى سۈيقەسىت Ek Villain Aisha
2014-يىلى ھەيدەر Haider
2015-يىلى ئۇسسۇل مېنىڭ ھاياتىم Any Body Can Dance 2
2014-يىلى مۇھەببەت ھېكايىسى Dedh Ishqiya item number


فىلىملەر تەپسىلاتى:    بۇ يەردە
بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان فىلىملىرىدىن:
ئاشىق 2 (ئۇيغۇرچە خەتلىك)
بۇ يەردىن كۆرۈڭ
ئاشىق 2 (ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق)
بۇ يەردىن كۆرۈڭ
ئاشىق 2 فىلىمنىڭ فىلىم مۇزىكىلىرى
بۇ يەردىن كۆرۈڭ
سۈيقەسىت (ئۇيغۇرچە خەتلىك)
بۇ يەردىن كۆرۈڭ










ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار4

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
kokqin ۋاقتى: 2015-7-6 12:24:11 | ئايرىم كۆرۈش
مەن شۇ  ئاشىق 2 دىگەن كىنونىلام كۈرۈپتىكەنمەن   
گېلەم
Ablazewolf ۋاقتى: 2015-7-6 14:17:51 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ ھەيدەر دېگەن فىلىمىمۇ بولاپ قويىدۇ.
كىگىز
 ئىگىسى| arkan2010 ۋاقتى: 2015-7-8 19:01:30 | ئايرىم كۆرۈش
ھەيدەر فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
بۇ يەردە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

36پىنتوزىلىرى

454تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1