ئازراق تەرجىمە قىلىشنى ئۆگىنەيلى……
1.
بىر قىز بىر ئوغۇلغا:
-ئەخمەت،سىز ياخشى بالا ،ئۆزىڭىز تىرىشچان،ئەدەپلىك،سىز چوقۇم مەندىنمۇ ياخشى بىر قىزغا ئېرىشەلەيسىز؟-دەپتۇ……
تەرجىمىسى:
ھەي ئەخمەت دىگەن ھېڭگاڭ،ماڭا تەلەپ قويغىچە نېرى بارە……ئۆزەڭنىڭ خلىنى تاپە ماڭە……خان ئاچاڭنىڭ سىنىڭ تەلەپلىرىڭگە ھە دەيدىغانغا ۋاقتى يوق!
2.
بىر ئوغۇل بىر قىزغا:
-خالمىرەم،خاپا بولماڭ،ھازىر مىنىڭ ئوقۇشتىن باشقىنى ئويلىغىم يوق،ھازىر بىزنىڭ تازا تىرىشىپ بىلىم ئالىدىغان ۋاقتىمىز،شۇڭا ،سىزنىڭ سۆيگۈڭىزنى قۇبۇل قىلالمايمەن!
تەرجىمىسى:ماڭەۋا خالمەك،سەن سەت بىلەن يۈرسەم ،خەق زاڭلىق قىممامدۇ،سەن پاكارنى كىم يارىتىدۇ،ھى ھى،تولا خام خىيال قىلما!!
3.
بىر قىز يەنە بىر قىزغا:
-ۋىيەي دوستۇم،كۆڭلىكىڭ ھەجەپ يارىشىپتىغۇ،نىمداق چىرايلىق بوپ كەتتىڭ،چاچلىرىڭنى قارا،ۋاي ئادىشىم كۆز تەگمىسۇن ،بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسەن……
تەرجىمىسى:ۋىيەي ما سەت بىرمىنىڭ كىيىۋالغىنى ھەجەپ يارشماپتا،سېمىزلىقىغا باقماي، ھېسىپتەك قىلىپ……ۋىيى ئا چاچلىرىنىچۇ تېخى……،ياۋگۈن گىتتارچىدەك قىلىپ……،ھۆ……ساڭا كۆز ئەمەس جىنمۇ تەگمەيدۇ ھەي……
4.
بىر ئوغۇل يەنە بىر ئوغۇلغا:
-ئاداش،ئاڭلىسام ،پالانچى بىلەن يۈرۈپ قاپسەن ھە……،يامان گۇي جۇمۇ سەن،بەك چىرايلىق قىز ،بەك ياخشى قىز ئۇ……ھەممەيلەندىن چاققان چىقىپسەن!
تەرجىمىسى:خو ھاراملىق!ئالدىمىزدە بىرخىل،كەينىمىزدە بىر خىل……خەپ ھارىمى،ئايرىم ياسايمەن سىنى!
5.
باشلىق:
-شاۋخوزا، سەن ھەقىقەتەن ياخشى خىزمەتچى،گەرچە بۇ قېتىمدا ئىلغار سايلىنالمىغان بىلەن،بىراق سىنڭ ياخشى ئىشلەيدىغىنىڭنى ھەممەيلەن بىلىدۇ،مۇكاپات بولمىسىمۇ ،بىراق سىنىڭ ئىلغارلىقىڭدا گەپ يوق!داۋاملىق تىرىش!بۇدا قېتىم چوقۇم ئىلغار بولىسەن!
تەرجىمىسى:ھارىمى،مەن ئىشلە دىگەننى ئىشلە،ئارتۇق خىيالدا بومما……سىنى نىلغار قېلىش مۇمكىنمۇ؟ ھىڭ ھىڭ……بىرەر قېتىم مىنىڭ ئىشىكىمنى قاققىنىڭنى بىلمەيمەن……تېخى ئىلغار بولمىش!پوق يەپسەن،باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنى ئىشەكمۇ بىلىدۇ……،كىلەر يىلىمۇ ساڭا سان يوق!داۋامىنى ئىنكاس قايتۇرۇپ ئوقۇڭ
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
|