ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم!(يېڭى ئەزا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
829 6
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!

ئاق بۈركۈت تەرجىمە فىلىم تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم ياخشىمۇسىلەر.  مەن ئەلبارىستىن سىلەرگە ئاللاھنىڭ سالىمى بولسۇن!
مەقسەتكە كەلسەم:
مەن تەرجىمە فىلىم ئىشلىرىغا خېلى بۇرۇنلا قىزىققان ئىدىم. بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋاقىت چىقىرىپ قىلىپ باقماپتىكەنمەن.  بۇ قېتىم تەرجىمە فىلىم توغرىسىدا قاتتىق بىر سىناققا دۇچ كېلىپ ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولدۇم.  پېقىرنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەرىم خېلى بولىدۇ. ئېنگىلىزتىلىغىمۇ يامان ئەمەس.  
قارىسام مۇنبەرگە تەرجىمان قۇبۇل قىلىش سەھىپىسىدە ئىلتىماسنامە بار ئىكەن. لېكىن ئۆز بېشىمچىلىق بولسىمۇ مەن بىر فىلىمنى تەرجىمە قىلماقچى بولغانىدىم. شۇڭا مۇشۇ فىلىم تەرجىمە قىلىنىپ كۆپچىلىك بىر باھا بېرىپ باقسا ،ئاندىن مەن يەنە داۋاملاشتۇرسام دىگەن ئۈمۈدتە مەن.
مەن تەرجىمە قىلىۋاتقان فىلىمنىڭ ئىسمى:
ئېنگىلىزچە ئىسمى:Rise of the Guardians
خەنزۇچە ئىسمى: 守护者联盟
ئۇيغۇرچە ئىسمى: ھازىرچە قوغدىغۇچىلار ئەترىتى دەپ ئالدىم
فىلىم پونكىت تورى: www.riseoftheguardians.com


بۇ تېمىنى يوللاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتىم. كۆپچىلىك بىلەن تونۇشىۋېلىش بىلەن بىرگە ماۋۇ فىلىمنى يەنە باشقا تورداشلار تەرجىمە قىلىۋاتقان بولسا تەكرارلىنىپ كەتمىسۇن دىدىم.
ئەمىسە پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار6

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ahsaxum ۋاقتى: 2013-3-28 01:48:05 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahsaxum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 01:49  

ئالدى بىلەن جاپاكەشلەر سېپىگە قوشۇلماقچى بولغىنىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ، قىزغىن قارشى ئالىمىز ! بويتاقلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن !
يەنە بىر دىمەكچى بولغۇنۇم . بۇ فىلىم تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ! دىلمۇرات پىرىسلاۋاتىدۇ ! مۇمكىن بولسا باشقا فىلىمنى قىلسىڭىز !
يىكەنداز
Nejmi ۋاقتى: 2013-3-28 03:34:57 | ئايرىم كۆرۈش
قېتىلغىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز...
گېلەم
arkan2010 ۋاقتى: 2013-3-28 04:43:07 | ئايرىم كۆرۈش
تەرجىمە سېپىگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز! سىز مۇنبەرگە يېڭى ئەزا بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆرمەي قالغان ئوخشايسىز.....
ئاخساشۇم قېرىندىشىمىز بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىۋاتقانلىقىنى مۇنبەردە ئېلان قىلغىلى خېلى بولغان....
ئەگەر سىزمۇ تەرجىمە قىلىپ بولغان بولسىڭىز قىلىۋېرىڭ، تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمە سۈپىتى ئوخشىمايدۇ....
ئەگەر قىلمىغان بولسىڭىز باشقا فىلىملارنى تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
كىگىز
 ئىگىسى| ئاۋغۇست ۋاقتى: 2013-3-28 08:34:32 | ئايرىم كۆرۈش
پىرىسلىنىش باسقۇچىغا كىرگەن بولسا ، مەن دەرھال توختىتاي. باشقا فىلىم تۇتساممۇ بولىدۇ!
ئورۇندۇق
Ablazewolf ۋاقتى: 2013-3-28 08:39:21 | ئايرىم كۆرۈش
قارشى ئالىمىز بۇرادەر! ئېسىل فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
داق يەر
شۇڭقار ۋاقتى: 2013-3-28 11:57:58 | ئايرىم كۆرۈش
قارشى ئالىمىز دوستۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

7پىنتوزىلىرى

41تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1