ئىسمى: ئەجەل پۈتۈكى
خەنزۇچە ئىسمى: 死亡笔记
دۆلىتى: ياپونىيە
تۈرى: فانتازىيىلىك
تىلى: ياپونچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
فورماتى: باشقا
ۋاقتى: 2006-11-03
IMDb: tt0758742
رازمېرى: 1280×720
سىغىمى: 2.16GB
ئۇزۇنلىقى: 1- بۆلۈم 126 مىنۇت، 2- بۆلۈم 140 مىنۇت
باش رولچىلار: رايتو - تاسۈيا فۈجىۋارا
L - كېنيىچى ماتسۈياما
ياگامى زويىچىرو - كاگا تاكېشى
ۋاتارى - فۈجىمارۈ شۇنجى
ئامانې مىسا - ئېرىكا تودا
شىيورى - يۈئۈ كاشىئى
مىسورا نائومى- ئاكاسا سېتو
رېي - خوسوكاۋا شىگىكى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى: «ئەجەل پۈتۈكى» دىۋىلەرنىڭ قورالى، ئۇنىڭغا ئىسمى يېزىلغان كىشى ئۆلىدۇ. ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بۇ كىشىنىڭ قالغان ئۆمرى ئىسمى يېزىلغان «ئەجەل پۈتۈكى» نىڭ ئېگىسى بولغان دىۋىنىڭ ئۆمرىگە قوشۇلىدۇ. ئەكىسچە دىۋە «ئەجەل پۈتۈكى» ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتسا، بۇ دىۋە قۇمغا ئايلىنىپ كېتىدۇ...
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى رايتو كىچىگىدىن دادىسىنىڭ ھەققانىيەت تەربىيىسى ئاستىدا چوڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئارزۇسى قانۇن ئارقىلىق ھەققانىيەتنى ياقىلاش ئىدى. ئەمما بىر قېتىم ئۇ ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئارخىپلىرىدىن نۇغۇن جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇن سىرتىدا يايراپ يۈرىۋاتقانلىقىنى، قانۇننىڭ ئۇلارغا ئامال قىلالمىغانلىقىنى بايقايدۇ ھەم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئۇ مۇقەددەس دەپ قارىغان قانۇننىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا بىر خاتېرە دەپتەرنى تېپىۋالىدۇ. خاتېرە دەپتەرگە «ئىسمى بۇ پۈتۈككە يېزىلغان كىشى ئۆلىدۇ» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان ئىدى. رايتو مەقسەدسىزلا تېلىۋىزوردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر جىنايەتچىنىڭ ئىسمىنى بۇ خاتىرە دەپتەرگە يېزىپ قويىدۇ. ئەتىسى گېزىتتىن ئۇ جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. كېيىن ئۇ بۇ خاتىرىنىڭ ريۈكۈ ئىسىملىك دىۋە ئىنسانلار دۇنياسىغا ئېلىپ كەلگەن «ئەجەل پۈتۈكى» ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ خاتىرىنىڭ سىرلىق كارامىتى بارلىقىنى بىلىدۇ...
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ خاتىرىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق جىنايەت مەۋجۈت بولمىغان بىر دۇنيانى قۇرماقچى بولىدۇ ھەم ئېنگىلىزچىدىكى «قاتىل» يەنى KILLER نىڭ ياپونچىدىكى تەلەپپۇزى بىلەن «كىرا» دەپ ئىسىم قويۇپ جىنايەتچىلەرنى جازالاشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ، بەزىلەر ئۇنىڭغا قارشى چىقسا بەزىلەر ئۇنى قوللايدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى داڭلىق رازۋىتچىك L نى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقۇرى ئىككى تالانت ئېگىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي كۈرەش باشلىنىدۇ...
مەزكۇر فىلىم شۇ ناملىق چاتما رەسىملىك كىتابتىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، ئۇندىن باشقا ئوخشىمىغان ژانىردىكى ئەسەرلىرىمۇ بار. 2006- يىلى فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمى قويۇلغاندىن كېيىن بىراقلا ياپونىيىنىڭ دۆلەت ئىچى بېلەت كىرىم رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. شۇ يىلى 11- ئايدا قويۇلغان ئىككىنچى قىسىمى «ئاخىرقى ئىسىم» تېخىمۇ زور بېلەت كىرىمى ياراتقان. ئەمما دۆلىتىمىزدە بېلەت كىرىمى ئانچە ياخشى بولمىغان. سەۋەبى دۆلىتىمىزدە فىلىمدىكى «ئەجەل پۈتۈكى» گە ئوخشاش ئىشلەنگەن خاتېرە دەپتەر ۋە «ئەجەل پۈتۈكى» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش بۇيۇملار ئىلشەپ چىقىرىلىپ ئەسەر ھوقوقىغا دەخلى تەرۈز يەتكۈزدى دېگەن سەۋەب بىلەن ياپونىيەدە جۇڭگونىڭ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەتكە قېقىشتەك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگودىكى بەزى بالىلار «ئەجەل پۈتۈكى» خاتېرىسىنى سېتىۋېلىپ كىنودىكىگە تەقلىد قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇغ تۇغقانلىرى، ساۋاقداش، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىسمىنى خاتىرىگە يازغان، ھەتتا ئىنتايىن ۋەھشىي ئۇسۇل ۋە ئۆلۈم سەۋەبلىرىنى تەپسىلىي يېزىپ چىققان. كېيىن بۇ ئىش جەمىئەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان ھۆكۈمەت تەرەپمۇ بۇ كىنونىڭ قويۇلىشىنى چەكلىۋەتكەن... 2007- يىلى 9- ئايدا بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدا بىر جەسەت پارچىلاش دېلوسى يۈز بېرىپ جەسەتنىڭ يېنىدىن «مەن كىرا» دېگەن خەتلەر يېزىلغان باغاقچە بايقالغان...
ئەسلى بۇ فىلىم ئۈچ بۆلۈم بولۇپ، 3- بۆلۈمى رەسىملىك كىتاب ۋەقەلىكىدە يوق، ئەسلى ۋەقەلىككە يانداشتۇرۇپ ئىشلەنگەن يانداش قىسسە يەنە كېلىپ مەزمۇنىمۇ ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمدەك ئېسىل بولمىغاچقا پەقەت ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمىلا تەرجىمە قىلىندى.
ئەمدى تەرجىمە توغرىسىدا ئىككى ئېغىز سۆزلەيلى:
ئەسلى فىلىمدە «ئەجەل پۈتۈكى» نىڭ ئىگىلىرى بولغان مەخلۇقلار «しにぎみ» (شىنىگامى) يەنى ئەزرائىل دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمما بۇنى ئەزرائىل دەپ ئۇدۇل تەرجىمە قىلىشنى خالىمىدىم، چۈنكى تۆت پەرىشتە پەيغەمبەرنىڭ بىرى بولغان ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەنلا ئىنسانلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ جان ئېلىشىغا ھېچقانداق قورال-سايمان كېرەك ئەمەس، شۇڭا بۇنداق تەرجىمە قىلسام ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغاندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن... يەنە بۇنى «ئالۋاستى» دەپ تەرجىمە قىلاي دەپمۇ ئويلىغان، بىراق فىلىمدە ئىككى جايدا «ぁくま» (ئاكۈما) يەنى ئالۋاستى دېگەن سۆز سۈپەت بولۇپ كېلىدۇ، شۇڭا بۇنى ئىشلەتكىلى بولمىدى. كېيىن قارىسام فىلىمدىكى ئوبرازلار رىۋايەتلىرىمىزدىكى «دىۋە» لەر بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىكەن، شۇڭا «しにぎみ» نى دىۋە دەپ تەرجىمە قىلدىم. شۇنىڭغا ماس ھالدا «しにぎみめ» (شىنىگامىمې) يەنى ئەزرائىل كۆزى دېگەن سۆزنى «جادۇ كۆز» دەپ ئالدىم... كىشى ئىسملىرى ئاساسەن ياپونچە بولغاچقا ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىندى، پەقەت بىرىنچى قىسىمدىكى بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ئىسمى ۋە L ئېنگىلىز تىلىدا يېزىلدى.
![]()
![]()
![]()
![]() qvod://2323424979|F824129EDBAED7706EDB79A5F2E74405BFDFB513|Ejel Putuki 2.AkBurkut.Com.mkv| |