ئەسلى ئىسمى : چىڭ گاڭ شىڭ،فاڭ شى لوڭ
ھازىرقى ئۆزگەرتىپ قوللانغان ئىسمى چىڭلۇڭ  « 成龙 »  
ئىنگىلىزچە ئىسمى : Jackie Chan  ،Jacky Chan、Yuen-Lung Chan、Long Cheng、Wellson Chin、Chan Yuan Lung、Chen Lung、Sing Lung
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1954 - يىلى 4 - ئاينىڭ 7- كۈنى  
تۇغۇلغان يىرى : شىياڭگاڭ  ،تەيپىڭشەن(太平山)
بەدەن ئېغىرلىقى:65kg
قىزقىشى:چامباشچىلىق،ماشنا،سۇ ئۈزۈش،ئۇزۇنغا يۈگىرەش
بوي ئىگىزلىكى:173CM
قان تىپى:AB
دۈلەت تەۋەلىكى:  جۇڭگو  
ھازىرقى كەسپى : كىنو ئارتىسى . رىجىسور . فېلىم ئىشلىگۈچى . ناخىشىچى . كارخانىچى . خەيرى-  ساخاۋەتچى ،  
چىڭلۇڭ 40 يىلدىن ئارتۇق  كەسپى كىنوچىلىق   ھاياتىدا جەمى  100  كىنودا رول ئالغان بۇلۇپ بۇ كىنولارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يۇقرى كىرىملىك كىنولار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان  ،  
چىڭلۇڭ دۆلىتىمىزدىن چىققان خەلىقارالىق ھەركەتلىك فېلىم چولپانى . ئۇ جۇڭگودىلا داڭلىق بۇلۇپلا قالماستىن  پۈتۈن دۇنيانىڭ  ھۈرمىتىگە ئىرىشكەن ھەركەتلىك فېلىم چولپانى ، ئۇ جۇڭگو كىنوچىلىقىدىن  ۋوللىۋوتقا چىقىپ ۋوللىۋود چولپانلار كۇچىسىدا ئۈزىنىڭ بارماق ئىزنى قالدۇرۇشقا ئىرىشەلىگەن  ئىككى نەپەر جۇڭگولۇق چولپاننىڭ بىرى  . « ۋوللىۋود چولپانلار كۇچىسى ئۇزۇن كەتكەن بىر كىچىك يول بۇلۇپ بۇ يولغا دۇنيا كۈڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ئەڭ زور مۇۋاپىقىيەت قازانغان چولپانلارلا ئۈزىنىڭ خاس يۇلتۇزى شۇنداقلا بارماق ئىزىنى قالدۇرۇشقا مۇيەسسەر بۇلالايدۇ . جۇڭگودىن پەقەت ئىككى نەپەر چولپانلارلا بۇنداق ئالىي شەرەپكە مۇيەسسەر بۇلالىغان . ئۇنىڭ بىرى چىڭلۇڭ يەنە بىرى بولسا چامباشچىلىق ئاتىسى لىشاۋلۇڭ » ھازېرقى دەۋىردە چىڭلۇڭ بىردىن - بىر  ۋوللىۋود كىنوچىلىق ساھەسىدە ئەڭ يۇقرى شەرەپكە ئىرىشەلىگەن سېرىق تەنلىك چولپان. نۇرغۇن كىشىلەر چىڭلۇڭنى دۇنيا ھەركەتلىك كىنو ساھەسىدىكى بىر مۆجىزە دەپ قارايدۇ . چۈنكى ئۇ ھازېرغىچە رول ئالغان ھەرقانداق بىر ھەركەتلىك كىنولاردىكى ئالاھىدە خەتەرلىك كۈرنۈشلەرنى  بىردىن - بىر ئۈزى ئۇرۇنلىيالايدىغان چولپان ... ئۇ ھەركەتلىك  كىنو ئىشلەش سەۋەپلىك جەمى  43 قېتىم  ئېغىر ۋە يىنىڭ دەرىجىدە يارلانغان . شۇنىڭ ئۈچۈن چىڭلۇڭ رول ئالغان ھەركەتلىك  كىنولار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىيالىغان،   

چىڭلۇڭنىڭ كىنو ئىشلەش تالانتىدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە ناخشا ئېيتىش تالانتىمۇ ئۆزگىچە بۇلۇپ . ھازىرغىچە 3 دانە ناخشا فېلاستىنكىسى چىقارغان بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقانچە يەككە ناخىشلار كۆڭۈل ئېچىش  ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان .  
ئۇنىڭ ھازېرقى دۆلەت ئىچىدىكى فېلىم ئىشلەش ھەققى 80 مىلىيۇن يۈۋەن خەلىق پۇلى بۇلۇپ جۇڭگو كىنوچىلىق ساھەسىدە ئالدىنقى 1 - ئۇرۇندا تۇرىدۇ .  

چىڭلۇڭنىڭ ئوغلى « فاڭ زۇمىڭ » مۇ ھازېرقى دۆلەت ئىچىدىكى كۆزگە كۈرۈنگەن كىنو ئارتىسى بۇلۇپ يۇقرى كىرىملىك بىر قانچە كىنولاردا رول ئېلىپ نام چىقارغان ....  
چىڭلۇڭ بىركەسپى  كىنو چولپانى ئۇنىڭ كىنو ئارقىلىق ياراتقان قىممىتى جۇڭگودىكى ھەرقانداق بىر چولپاندىن يۇقرى ئۇرۇندا تۇرىدۇ ...
1994 - يىلىدىن باشلاپ چىڭلۇڭ كۆپرەك ۋاقتىنى  بىر ئالاھىدە ئىشقا قاراتقان . ئۇ بولسىمۇ خەيرى - ساخاۋەت پائالىيىتى بۇلۇپ . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەيرى -ساخاۋەت پائالىيەتلىرىدە ئۇنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ . 2001 - يىلى چىڭلۇڭ پۈتۈن بايلىقىنىڭ يېرىمىنى بىراقلا خەيرى-  ساخاۋەت پائالىيىتىگە ئىئانە قىلىۋەتكەن . ئۇنىڭ خەيرى - ساخاۋەت ھەركىتى مىللەت ۋە دۆلەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.  قايەردە قىيىنچىلىق بولسا ئۇنى شۇ يەردە ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەھەر ۋە ناھىيەلەردىكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇرۇنلار   sos يىتىم بالىلار كەنتىدىكى يىتىم بالىلارمۇ بار . شۇنىڭ ئۈچۈن چىڭلۇڭ شىنجاڭلىقلارغا نىسپەتەن  ھەرگىزمۇ ناتۇنۇش ئادەم ئەمەس . چۈنكى ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىلگىرى يۈز بەرگەن  چوڭ-  كىچىك يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە  باشلامچىلىق بىلەن بىرقانچە مىلىيۇن يۈۋەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇم  ۋە پۇللارنى ئاپەت رايۇنىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ، ۋە ئۈزى بىۋاستە شىنجاڭغا كىلىپ  شىنجاڭدىكى بىر قانچە قېتىملىق خەيرى-  ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان  ،
ھازېرقى دەۋىردە چىڭلۇڭ  كىنوچىلىق ساھەسىدىكى زور مۇۋاپىقىيىتى شۇنداقلا خەيرى - ساخاۋەت پائالىيىتىدىكى  چوڭ تۆھپىللىرى بىلەن جۇڭگو كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدە « چوڭ ئاكا » نامى بىلەن ئاتىلىۋاتىدۇ ،  

چىڭلۇڭ رول ئالغان ۋەكىللىك كىنولاردىن  
مەس گۇمپىسى  

A پىلان  

خۇڭفەن رايۇنى  

شەھەرلىك ئوۋچى  

مەن كىم  

بۇۋاق پىلانى  

رىۋايەت  

گۇمپا چۈشى  

جىددى پەيىتتە  

يەرشارىنى 80 كۈندە ئايلىنىش  

يىڭى ساقچى ھىكايىسى  

بۇۋاق پىلانى  

قوشنا ئالاھىدە خادىم  


گۇمپا شاھى  

يىڭى شاۋلىن ئىبادەتخانىسى  

شىنخەي ئىنقىلابى

قاتارلىق نادىر كىنولاردا باش رول ئېلىپ ئۆلمەس ئوبرازلارنى ياراتقان
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار12

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
gitlr ۋاقتى: 2011-11-22 11:49:47 | ئايرىم كۆرۈش
ھەرىكەتلىك كىنۇلىرى ھەققەتەن پەيزى كىنۇنىڭ كۆرۇنشىگە ئەھمىيەت بىرىدۇ  ھى ھى  مەن ئۇنىڭ كىنۇلرىنى ئاساسى جەھەتىن كۆرۇپ بۇلغان   ھە راس مۇزاتجان رەسىم چىقماپتۇ  مەنبەسىگە بىر قاراپ باقامسىز ؟
يىكەنداز
kokqin ۋاقتى: 2011-11-22 12:01:23 | ئايرىم كۆرۈش
مەن  بەك  ئاماراق  بۇ    بالاڭزىنىڭ   كىنولىرغا   
گېلەم
سىرلىق ۋاقتى: 2011-11-22 12:28:02 | ئايرىم كۆرۈش
چىڭلۇڭنىڭ  فىلىملىرى ھەقىقەتەن ياخشى......... مەن بەك قىزقىپ كۈرمەن
كىگىز
azimat007 ۋاقتى: 2011-11-22 12:52:04 | ئايرىم كۆرۈش
كىنولىرى ھەم يۇمۇرلۇق،ھەم ھەركەتلىك
ئورۇندۇق
ئىلىياس ۋاقتى: 2011-11-22 20:37:30 | ئايرىم كۆرۈش
كىنۇنى كىنۇدەكلا ئىشلەيدۇ  ھەم كىنۇسى پاكىز ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە كۆركىلى بۇلىدۇ
داق يەر
razzak ۋاقتى: 2011-11-24 01:19:08 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن بۇ ئاداشنىڭ كىنولىرىنى
مىخ
337568075 ۋاقتى: 2013-8-22 15:44:08 | ئايرىم كۆرۈش
كىنودا رولنى پەچچەت ئالىدۇ
9#
تەنھا8848 ۋاقتى: 2013-8-27 13:48:11 | ئايرىم كۆرۈش
720p كىنولىرى بامىدۇ
10#
 ئىگىسى| muzat ۋاقتى: 2013-8-31 22:22:52 | ئايرىم كۆرۈش
خەنزۇچىسى بارمىكى....
11#
41644164 ۋاقتى: 2014-8-3 19:46:36 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئۇنىڭ كىنولىرىغابەك ئامراق
12#
1664307600 ۋاقتى: 2014-8-6 13:39:48 | ئايرىم كۆرۈش
چىڭلۇڭنىڭ سۇرئىتى بەك تىز چىقىدۇفىلىملىرىدە ھەركەتلىرى بەك يىنىك بوپ قويىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

0پىنتوزىلىرى

2تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1