- UID
- 4801
- تىزىملاتقان
- 2012-6-13
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شەمسى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-6 11:03
چۆچەك ۋە فانتازىيەنىڭ بىرى ئۆتمۈشنى، بىرى كەلگۈسىنى قوغلىشىدۇ، شۇڭلاشقىمۇ بۇ ئىككىسىنى بىر ئەسەرگە تەڭ يۇغۇرۇپ كىرگۈزمەك ئاسان ئەمەس دەپ ئويلايمەن... ئەمما بۇ كارتوندا چۆچەكنىڭ ئەسلى پۇرىقى ۋە لىنىيىسى ئەينەن ساقلاپ قېلىنىپلا قالماستىن فانتازىيە ۋاستىسى ئارقىلىق بىزگە باشقا بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ بەردى. قەدىمكى ۋەقەلىك لىنىيىسى، كەلگۈسى خىيالى زاماندىكى ۋەقە...
«تىكەنلىك شاھى» نى سېتىۋېلىپ چۈشۈرۈپ قويۇپ خېلى كۈنلەرگىچە كۆرۈشكە ۋاقتىم يەتمىدى، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا فورماتىنى ئۆزگەرتىپ يانفونۇمغا قاچىلىۋالغان ئىدىم، ئۈلۈشكۈن ئاخشام بىر كېچىلىك ئۇيقۇنى بىكار قىلدى كاساپەت... بىرىنچى نۆۋەت كۆردۈم، كاللامنى سوئال بەلگىلىرى قاپلاپ كەتتى... ئىككىنچى نۆۋەت كۆردۈم... تىكەن ئارىسىدا ياتقىنىنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىميۇ قانداق بولۇپ ئۇنىڭ سىڭلىسى بولۇپ قالغىنىنى، نەنى چۈشۈرۈپ قويغىنىمنى بىلەلمىدىم... ئۈچىنچى نۆۋەت كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن چۈشەنگەندەك بولدۇم... ئەمدى چۈشەنگىنىم بويىچە بىر باشتىن سۆزلەپ باقاي. (ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تېخى كۆرىمىگەنلەرنىڭ تۆۋەنكى مەزمۇنلارنى ئوقۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن.)
كەلگۈسىدىكى بىر پەيتتە تۇيۇقسىز تارقالغان «مېدىيۇسا» (مېدىيۇسا بولسا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى يىلان چاچلىق ئايال، ئۇنىڭ كۆزىگە قارىغان ئادەم تاشقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.) ناملىق بىر خىل ۋىرۇس تۈپەيلى ئىنسانلار يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ، يۇقۇملانغۇچى ئاتمىش كۈنگىچە تاشقا ئايلىنىپ كېتەتتى، كېسەلنىڭ ساقىيىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى، بۇ خىل ۋىرۇس ئالدىدا ھۆكۈمەتمۇ ئامالسىز قالىدۇ، بۇ چاغدا «ۋىناس دەرۋازىسى» شېركىتى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قارىتا ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرنى تېپىپ چىققانلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ بېمارلارنى توڭلىتىپ ئۇخلىتىش ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە بۇ خىل كېسەلگە ئۈنۈملۈك داۋا تېپىلغاندا ئۇلارنى قايتا ئويغىتىش پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ، ھۆكۈمەتمۇ ئامالسىز شارائىتتا ئۈمىدنى كەلگۈسىگە باغلاشقا مەجبۇر بولىدۇ ھەمدە بۇ پىلانغا «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» دەپ نام بېرىدۇ.
ئىشىكى كاسۈمى بىلەن ئىشىكى شىزۈكۈ قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار (كاسۈمى: سىڭلىسى، كۆز ئەينەك تاقايدۇ، سول بېغىشىدا تارتۇق بار؛ شىزۈكۈ: ئاچىسى، پاقالچىقىدا تارتۇق بار، توڭلىتىپ ئۇخلىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن.) ئۇ ئىككەيلەن توڭلىتىپ ئۇخلىتىش پىلانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 160 نەپەر تاللانغۇچى ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئاپتوبۇستا «ۋىناس دەرۋازىسى» نىڭ توڭلىتىپ ئۇخلىتىش پىلانى ئېلىپ بېرىلىدىغان قەدىمىي قەلئەگە قاراپ كېتىۋاتاتتى، ئاپتوبۇس ئىچىدە بىر ئايال ئەتراپىدا ھېچكىم يوقتەك قولىدىكى «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» ناملىق كىتابنى ئوقۇۋاتاتتى (مۇشۇ يەردە بىر گەپ بار)... بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن كاسۈمى بىلەن شىزۈكۈنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن، كاسۈمى ئاچىسىنىڭ توڭلىتىپ ئۇخلىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن تومۇرىنى كېسىپ ئۆلۈۋېلىپ، بۇ پۇرسەتنى ئاچىسىغا قالدۇرماقچى بولىدۇ ئەمما شىزۈكۈ ئۇنى توسۇپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنى داۋاملىق ياشاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ئۇلار قەلئەگە يېتىپ كەلدى، ھەر بىر توڭلىتىپ ئۇخلىتىلغۇچىغا بىلەيزۈك تاقىلىپ بىئو ئۆزەك ئورنىتىلدى، (مۇشۇ ئۆزەكنىڭ ئۆزىدىمۇ بىر مەسىلە بار، كاسۈمى بىلەيزۈك تاقىلىپ بولۇپ تېخى ئۆزەك تاقالماي تۇرۇپ قىيادىن چۈشۈپ كەتكەن، مۇشۇ بىئو ئۆزەك ئۇنىڭ خىيالىدا ئورنىتىلغانمۇ ياكى راست بارمۇ؟) كاسۈمى كاپسۇل ئىچىدە يۈز يىل ئۇخلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدى، ئۇنىڭ تاشقا ئايلىنىپ ئۆلۈپ كەتكۈسى يوق ئىدى، ئەمما ئۆزى يالغۇز ياشاشنى تېخىمۇ خالىمايتتى، شۇڭا ئۇ ئاچىسىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەندىن كېيىن ئاخىرى ئاچىسى بىلەن بىللە قىيادىن ئۆزىنى تاشلىماقچى بولدى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن كاسۈمى ئۆزى چۈشۈپ كەتتى... شىزۈكۈ سىڭلىسىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ قاتتىق ئۆكۈنۈش ۋە روھىي داۋالغۇش سەۋەبىدىن بەدىنىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشكە باشلىدى... بۇ خىل روھىي ھالەت ۋە شەكىلدىكى شىزۈكۈ دەل «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» توڭلىتىپ ئۇخلىتىش پىلانىنىڭ ھەقىقى نىشانى يەنى S دەرىجىلىك تەجرىبە ئوبيېكتى ئىدى.
توڭلىتىپ ئۇخلىتىش پىلانى ئالىس ناملىق سىستىمىنىڭ كونتروللۇقىدا ئېلىپ بېرىلاتتى، توڭلىتىپ ئۇخلىتىلغۇچىلارنىڭ كاپسۇل ئىچىدىكى فىزولوگىيىلىك پائالىيەتلىرى ھەتتا ئېڭى ھەم كۆرگەن چۈشلىرىنىمۇ كونترول قىلالايتتى. (بۇ يەردە بىر مەسىلە بار، يەنى: كارتون فىلىمدىكى مەخلۇقلار ئەسلىدە ھېلىقى تىم ئىسىملىك كىچىك بالىنىڭ كاللىسىدىكى نەرسىلەر، ئالىس شۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن تىمنىڭ تەپەككۈرى ئارقىلىق بۇ مەخلۇقلارنى پەيدا قىلغان.) ۋاھالەنكى ئالىسنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا S دەرىجىلىك تەجرىبە ئوبيېكتىنىڭ روھىي پائالىيىتىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاش ئىدى، توڭلىتىپ ئۇخلىتىلغۇچىلار كاپسۇل ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئالىس سىستىمىسى كونتروللۇقى ئاستىدا باشقا بىر جايدا باشقا بىر تەجرىبە ئىشلىنىۋاتاتتى... S دەرىجىلىك تەجرىبە ئوبيېكتى شىزۈكۈ ئادەتتىن تاشقىرىي روھىي ھالەت ئاستىدا كاللىسىدا ئويلىغان نەرسىلەرنى يەنى سىڭلىسى كاسۈمى بىلەن نۇرغۇنلىغان تىكەنلىك پەلەكلەرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان ئىدى. (بۇ يەنە بىر مەسىلە: نېمە ئۈچۈن باشقا نەرسە پەيدا قىلماي تىكەن پەيدا قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇ ئاپتوبۇستا كېلىۋېتىپ مۇشۇ تىكەنلەر توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغان، شۇڭا ئۇ سىڭلىسىنى قوغداش مەقسىتى ئاستىدا يوشۇرۇن ئېڭى ئارقىلىق مۇشۇ تىكەنلەرنى پەيدا قىلغان.) مۇشۇ ۋاقىتقىچە تەجرىبە ئالىسنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ، ئەمما دەل مۇشۇ چاغدا «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» پىلانىنىڭ ئاساسلىق قاتناشچىلىرىدىن بىرى (ھېلىقى كۆزئەينەك تاقىغان ئەر، ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ)، قۇرۇغلۇق ئارمىيە ئەسكىرى ئوۋن ماركونى كاپسۇلدىن چىقىرىش مەقسىتىدە توكنى ئۈزۈۋېتىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇ قىسقىغىنە نەچچە سىكۇنت ئىچىدە شىزۈكۈنىڭ روھىي پائالىيتى ئالىسنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلىدۇ شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان غايەت زور تىكەنلىك پەيدا قىلىدۇ، ۋەزىيەت كونتروللۇقىنى يوقىتىدۇ.
شىزۈكۈنىڭ ئارزۇسى كاسۈمىنىڭ داۋاملىق ياشىشى بولغاچقا ئۇ سىڭلىسىدىن بىرنى پەيدا قىلغان ئىدى، ئەمما ھەقىقىي ئەھۋالنى سىڭلىسى بىلىپ قالسا بولمايتتى، يەنە كېلىپ بۇ قەلئەدىن بىخەتەر چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىدى، شۇڭا ئۇ پەيدا قىلغان كاسۈمىنى كاپسۇل ئىچىگە ياتقۇزۇپ قويىدۇ ھەمدە كاپسۇلدىن چىقىپ كۆز ئەينەك بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ئوۋىن بىلەن كۆزئەينەكنى ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
ئالىس شىزۈكۈنىڭ نورمال روھىي پائالىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ پىلانلىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئورۇندايدۇ، يەنى كاسۈمىنىڭ قەلئەدىن بىخەتەر ئايرىلىشى ئۈچۈن ئويۇن ئويناشقا ئامراق تىم ئىسىملىك ئوغۇل بالىنىڭ كاللىسىدىكى مەخلۇقلارنى پەيدا قىلىپ توڭلىتىپ ئۇخلىتىلغۇچىلارنى ئويغىتىدۇ، لازىملىق دەپ قارىغانلاردىن باشقا ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ پەقەت كاسۈمىنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تاللىغان كىشىلەرنىلا قالدۇرۇپ قويىدۇ. (كۆز ئەينەك ئەردىن باشقا، چۈنكى ئۇنىڭدا بىئو ئۆزەك بولمىغاچقا ئالىس ئۇنىڭ ئېڭىنى كونترول قىلالمايدۇ.) ئۇلار باشلامچى- قارا تەنلىك ساقچى، جەڭچى- ماركو ئوۋن، يول باشلىغۇچى- تىم، يول باشلىغۇچىنى قوغدىغۇچى- تانا خانىم يەنە ئادەم قالقان- ھېلىقى پارلامىنت ئەزاسى. چۈنكى مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغاندا كاسۈمى ھەقىقى ئەھۋالنى ئەسكە ئېلىشقا ئۈلگۈرمەستىن قەلئەدىن چىقىپ كېتەتتى.
يول بويى ئۇلار مەخلۇقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بىر تاساددىپىي پۇرسەتتە كاسۈمى ئوۋن بىلەن كۆز ئەينەكنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالىدۇ، ئارقىدىن ئۇلار شېركەت لېدىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ بۇ ۋەقەنىڭ تۈپ مەنبەسىنى بىلىدۇ، يەنى رۇسسىيەدىكى بىر كەنتتە مېدىيۇسا ۋىرۇسى تارقىلىدۇ، بۇ كەنتتىكى بىر كىچىك قىزدىن باشقا ھەممە ئادەم شۇ ۋىرۇس بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ كەنتتە يەنە بىر غەلىتە مەخلۇق پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ئۇ كىچىك قىزنىڭ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى شۇنداقلا مەخلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەممىسى بۇ كىچىك قىزنىڭ تەپەككۈرى ئارقىلىق خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىدىن ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۆلۈنمىسىنى پەيدا قىلىپ كېسەلدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ ھەمدە خىيالىي تۇيغۇسىدىكى مەخلۇقنى رېئال جىسىمغا ئايلاندۇرىدۇ... بۇلارنى ئاڭلىغان كاسۈمى گۇمان ئىچىدە قالىدۇ، ئالىس بۇنى دەرھال سېزىپ ئۇلارنىڭ قەلئەدىن ئايرىلىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىمنىڭ ئىددىيىسىنى كوترول قىلىپ ئۇلارنى باشلاپ قەلئەدىن چىقىرىۋېتىدۇ.
چىققاندىن كېيىن كاسۈمى قىيا تۈۋىدىكى قان ئىزى ۋە سىن لېنتىسىدىن ئاچىسىنىڭ تېخىچە قەلئە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قەلئەگە قايتىپ كىرىدۇ، ئوۋنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە كىرىدۇ، ئالىس كاسۈمى بىلەن ئوۋننى ئىككى تەرەپكە ئايرىۋېتىپ ئوۋنغا ئۆلۈپ كەتكەن سىڭلىسى سۈرىتىدە كۆرۈنۈپ ئۇنى كاسۈمىغا ياردەم قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئوۋن ئالدىدىكىنىڭ ئۆز سىڭلىسى ئەمەسلىگىگە ئىشىنىپ بوينىدىكى بىئو ئۆزەكنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئالىسنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلىدۇ، بۇ چاغدا كاسۈمى ئاچىسى ياتقان تەجرىبىخانىغا كىرىدۇ، ئەمما يەنە بىر ئاچىسى تىكەنلەر ئارىسىدا پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ «ئۇيقۇدىكى ئاچىسى» نى ئويغىتىشىنى توسىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا ئوۋن ئالىس سىستىمىسىنى تاقىۋېتىدۇ، كاسۈمى تىكەنلەردىن ئاجراپ تەجرىبە كارۋىتىدا ياتقان ئاچىسىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ پاقالچىقىدا تارتۇق يوقلۇقىنى كۆرىدۇ، ئۇ ياتقان « ئاچىسى» نىڭ بېغىشىدىكى تارتۇقنى كۆرگەندە ھەممىنى ئەسكە ئالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ياتقىنى ئاچىسى ئەمەس ئۆزىنىڭ جەسىدى ئىدى... شۇنداق قىلىپ سىستىما گۇمران بولىدۇ، ئاچىسىمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، ئاخىرىدا ئاچىسى سىڭلىسىنى داۋاملىق ياشاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ئالتۇن رەڭ پىلەك بىلەن باشتىكىدەك بارماق ئىلىشتۈرۈپ خوشلىشىدۇ ھەم ئاخىرىقى كۈچى بىلەن بوشلۇقتىن چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئوۋن بىلەن كاسۈمىنى سالامەت چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
كېيىن ئوۋن زىيادە قانسىراپ كەتكەنلىكتىن تىنچلا كۆز يۇمىدۇ، پەقەت كاسۈمى بىلەن تىملا قېپقالىدۇ. (يەنە بىر مەسىلە كەلدى، نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككەيلەن تاشقا ئايلىنىپ قالمايدۇ؟ چۈنكى ھېلىقى رۇسسىيىلىكنىڭ گېپىدىن قارىغاندا تاشقا ئايلىنىشنىڭ بىردىنبىر داۋاسى ئۆزىنى كۆپەيتىش ئىكەن، ھازىرقى كاسۈمىنى بولسا ھەدىسى كۆپەيتىپ چىققان شۇڭا ئۇ تاشقا ئايلىنىپ قالمايدۇ، تىمغا كەلسەك باشتا دېگەندەك ئۇمۇ مەخلۇق پەيدا قىلىشتا مەلۇم دەرىجىدە خىيالىي تەپەككۈرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا قاتناشقان، بەلكىم شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭمۇ بۆلۈنمىسى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.) ئۇلار بىلەيزۈكنى چۆرۈۋېتىپ قول تۇتۇشۇپ ئادەملەر بار جاينى نىشانلاپ يۈرۈپ كېتىدۇ. فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئەتتىرگۈل ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا سىموۋول بولسا كېرەك.
ئاخىرىدا مۇشۇ كارتوننى تەرجىمە قىلغان قېرىندىشىمىز ئەركان خوتەنىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن، يەنە مۇشۇنداق ئېسىل فىلىملەرنى داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|