خەنزۇچە نامى: 第九区
ئىنگىلىزچە نامى: District 9
ۋاقتى: 2009
دۆلىتى: جەنۇبى ئافرىقا/يېڭى زېلاندىيە
تۈرى: فانتازىيەلىك
تىلى: ئىنگىلىزچە
خېتى: ئۇيغۇرچە
فورماتى: rmvb
سىغىمى: 731m
رازمېرى: 720*1280
IMDBباھا نۇمۇرى: 8.6/10 (39,683 votes)
IMDBئۇلانمىسى: http://www.imdb.com/title/tt1136608
رېژىسور: نىل.بىلومكامپ Neill Blomkamp
ئاساسلىق روللاردا: شارتو.كوپلېي Sharlto Copley ....Wikus
جاسېن.كوپ Jason Cope ....Christopher Johnson
ۋيلىيام. ئالېىن ياڭ William Allen Young ....Dirk Michaels
روبېرت.خوبىس Robert Hobbs ....Ross Pienaar
كېنىس.كوس Kenneth Nkosi ....Thomas
Vanessa Haywood ....Tania
David James ....Koobus
Mandla Gaduka ....Fundiswa
Devlin Brown
Louis Minnaar ....Piet Smit
Hlengiwe Madlala ....Sangoma
Eugene Khumbanyiwa ....Obesandjo 7
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
تەخمىنەن 30 يىل ئىلگىرى، تاشقى پىلانت جانلىقلىرى تۇنجى قېتىم يەرشارى بىلەن ئۇچراشتى,ئىنسانلار ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا قوللىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئىش ئەكسىچە چىقتى. ئەسىلىدە ئۇ تاشقى پىلانت جانلىقلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق پىلانت بۇزغۇنچىلققا ئۇچراپ، ھايات قېلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركىمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرشارىغا كېلىشتىكى مەقسىتى بولسا، ھەرگىزمۇ يەرشارىغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئەمەس بەلكى يەرشارىدىن پاناھ ئىزدەپ كېلىشى ئىكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى ئىمتىيازلىق دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرلىكەت مۇزاكىرىلىشىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىردا جەنۇبى ئافرىقىدىكى 9-رايۇننى ۋاقىتلىق ئۇلارنىڭ ئولتۇراق جايى قىلىشنى قارار قىلدى.
لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ، ئەتىراپىدىكى ياشاش مۇھىت قىيىنچىلىقى ، يەرشارىغا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بۇ تاشقى پىلانت جانلىقلىرىنىڭ غەززىپىنى قوزغاشقا باشلىدى. ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ھۆكۈمەت تەرەپ دۆلەت ھالقىغان شىركەت MNU غا تاپشۇرغان ئىدى، لېكىن بۇ شىركەتنىڭ قىزىقىدىغىنى بولسا، تاشقى پىلانت قوراللىرىنى
ئىشلىتىشنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ ئارىسىدىن نەپ ئېلىشى ئىدى. ئەمما MNU نىڭ ھەر قېتىملىق سىناقلىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشاتتى، چۈنكى تاشقى پىلانت قورالىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، چوقۇم تاشقى پىلانت جانلىقلىرىنىڭ DNA سى ئارقىلىق ئاكتىپلاشقا توغرا كېلەتتى.
MNUنىڭ ھەركەتلىرى، تاشقى پىلانتلىقلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۋەتتى. بولۇپمۇ، MNU نىڭ يەر باشقۇرۇش خادىمى ۋىكوس بىر سىرلىق ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېنى DNA نىڭ قايتا بىرىكىشىگە ئەگىشىپ ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئۆزگىرىشكە باشلىدى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ۋىكوسمۇ ئاللىقاچان پۈتۈن دۇنيانىڭ تۇتۇش ئوبىكتىغا ئايلانغان ئىدى، چۈنكى MNU نىڭ قورال تەتقىقاتىدا ئۇلارنىڭ يەنە داۋاملىق تاشقى پىلانت جانلىقلىرى بىلەن تىركىشىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى، ۋىكوس شەك-شۈبىسىزلا تاشقى پىلانت قورالىنى ئاكتىپلاشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ قالغان ئىدى.
ئەتىراپتىكى مۇھىتنىڭ ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ۋىكوسنى چەتكە قېقىشى، ۋىكوسنى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق جايدا ياشاشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇ بولسىمۇ 9-رايۇن ئىدى.
![]()
![]()
![]()
![]()
![]()
سەممىي ئەسكەرتىش: فىلىم قېتىۋالسا، توختىپ قويۇپ كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈپ بولغاندا كۆرۈڭ.
qvod://767332138|C82D60B214B81BE1C644A789B75D5E0830F65E9A|District9.rmvb| |