ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

يەنە شۇ ئىملا ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
610 6
arkan2010 ۋاقتى: 2015-12-18 00:10:33 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-18 00:14  

يېقىندىن بېرى مۇنبەردىكى كونا يېڭى تەرجىمانلارنىڭ كۈچ قوشىشى بىلەن ھەپتە-ھەپتىدە يېڭى فىلىملار تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىۋاتىدۇ....بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش شۇنداق قىلىپ تەرجىمە قىلىنغان فىلىملار كۆپەيگەن بىلەن سۈپىتى چۈشۈپ كەتسە قەتئىي بولمايدۇ شۇ سەۋەبتىن ھەر قايسى تەرجىمان ۋە تەھرىر بۇرادەرلەرنىڭ سەمىگە ئىملانى يەنە بىر قېتىم سېلىپ قويماقچىمەن.
تەھرىرلىك جەريانىدا كۆپ ئۇچراتقان سۆزلەرنىڭ توغرا ھەم خاتالىرىنى قالدۇرۇپ قوياي، كېيىنكى قېتىم تۈزىتىلىپ كېتىشىنى قاتتىق ئۈمىد قىلىمەن!

خاتاسى                                   توغرىسى
ئەمسە                               ئەمىسە
راسلا راستتىنلا                        راستىنلا
بۇلىدۇ                                 بولىدۇ
تىلىفۇن                                تېلېفون
نىيۇۋ يورك                             نيۇيورك
باھارلىق                               بارلىق
خەلىق                                خەلق
ئۈمۈد                                 ئۈمىد
مىنى مىنىڭ                           مېنى مېنىڭ
سىنى سىنىڭ                         سېنى سېنىڭ
ماخىما ماقۇلما                          ماقۇلمۇ
ئامىرىكا                                ئامېرىكا




ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇلار، ئۇندىن باشقا كۆپچىلىك ئوڭاي ئىملا كەتكۈزۈپ قويىدىغان سۆزلەنى ۋە جۈملىلەرنى مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرسا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشساق بولىدۇ، ئامال بار ھەممەيلەن بۇندىن كېيىنكى تەرجىمىلەردە ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلساق...
يەنە بىرسى تىنىش بەلگىلىرى، پەش سوراق قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىنى ئالدىغا ھېچقانداق بوشلۇق قويۇلمايدۇ، شۇ تىنش بەلگىلىرىدىن كېيىن بىر بوشلۇق قويۇۋەتسەڭلارلا بولىدۇ...كۆپ بوشلۇق قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق! ئاندىن قوشما دىئالوگلاردا تىردىن كېيىن بىر بوشلۇق قويىسىلەر!
ئاخىرىدا ھەر قايسى تور بەتلەردىكى ئىملاغا ئائىت تېمىلار ئۇلىنىش قىلىپ قوياي ۋاقتىڭلار يەتكەندە كۆرۈپ بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىك ۋە نۇقسانلارنى تۈزەشكە تىرىشقايسىلەر!


ئىملا ھەققىدە چۈشەنچە


ئىملا قائىدىسى 1


ئىملا قائىدسى ۋە ئۇنىڭ رولى


ئىملا قائىدىسى 2


ئىملا قائىدىسى 3

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش1
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار6

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
Ablazewolf ۋاقتى: 2015-12-18 11:26:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل!
جانلىق تەرجىمە، سۈپەتلىك ئىملا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز!
يىكەنداز
yasenjan1945 ۋاقتى: 2015-12-18 11:47:43 | ئايرىم كۆرۈش
什么事? دېگەننى بەزى تەرجىمانلىرىمىز قورقماي نىمىش دەپ ئالىدىكەن
تۈزىتىشكە تىرىشايلى ، رەھمەت ئەركان ئەپەندى
كىگىز
yarqinbeg ۋاقتى: 2015-12-18 15:04:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئۈمۈد بىلەن ئۈمىد ئىككى خىل ئىشلىتىلەمدىكىن دەيمەن.
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| arkan2010 ۋاقتى: 2015-12-18 21:13:21 | ئايرىم كۆرۈش
yasenjan1945 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-18 11:47
什么事? دېگەننى بەزى تەرجىمانلىرىمىز قورقماي نىمىش دەپ ئ ...

شۇ ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ راست....شۇمۇ بارئىدى..
نىمىش ئەمەس نېمە ئىش
داق يەر
ئۇچقۇن88 ۋاقتى: 2015-12-27 16:20:09 | ئايرىم كۆرۈش
ئىملانى توغرا يېزىش ھەققىدىكى ھەر قانداق چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىمەن، ئەمما بەزىدە مەنمۇ بەزىدە بىلىپ بىلمەي ئىملا خاتالىقى ئۆتكۈزۈپ قويمەن لىكىن...........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

36پىنتوزىلىرى

454تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1