ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

يۇمشاق ئەپسانە- تىنىچلىق ئىزدىگۈچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 01:41  



يۇمشاق ئەپسانە- تىنىچلىق ئىزدىگۈچى

بىرىنچى باسقۇچ- تىنىچ ۋاقىت قۇتاندا ياشاۋاتقان يولۋاس

تىنىچلىق ئىزدىگۈچى ناملىق  فىلىم سونىي شىركىتى تەرپىدىن ئىشلەنگەن بۇلۇپ دەنزىل ۋاشىنگتون باش رول ئالغان. ئاق بۈركۈت تەرجىمە فىلىم توربىكىتىدىن ئاققىر ئەپەندىم ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تارقاتقان. مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن فىلىم ھەققىدە ئاز تۇلا كوتۇلداپ قويمىساق خۇماردىن چىقمايدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.

فىلىمنىڭ باشلىنىشى ئىنتايىن گۈزەل، تىنىچ بىر جەمىيەتنى سۈرەتلىگەن بۇلۇپ ئىللىق قۇياش نۇرى، يېشىل دەرەخلەر ئادەمگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىرىدۇ. كەينىدىن ئاپىرات بۇ مۇھىتتىن ئايرىلىپ باش قەھرىمانىمىز مەيكىلنىڭ تۇرمۇشىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ خاراكتىرىنى تۇنۇشتۇرىدۇ.

سائەتنى توغۇرلاپ قۇيۇپ سائەت ئويغىتىشتىن بۇرۇن تۇرۇپ كىتىش ئۆزى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىپادىسىى بۇلۇپ مەيكىلنىڭ يەتتە يېرىم بىلەن سايراشقا توغۇرلاپ قۇيۇپ بۇرۇنلا تۇرۇپ كىتىشى دەل ئۇنىڭ ئۇيقۇغا بوزەك بولمايدىغان، كاتتا ئارزۇ -ئارمانلىرى بولمىسىمۇ ئاددىيغىنە تۇرمۇشنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.

ئۆيلەرنىڭ پاك-پاكىزە، رەتلىك تۇرىشىنى، ھەركۈنى چىشىنى چوتكىلاپ تاقىر بېشىنى قىرىپ، چاچ-ساقاللىرىنى ئېلىپ، سۈت بىلەن زەيتۇننى ئارلاشتۇرۇپ ناشتا قىلىپ، ئايىقىنى چىش چوتكىسى بىلەن پاكىزە تازىلاپ سىرتقا چىقىش تۇرمۇشقا پىشقان، ئۆزىنى سۆيدىغان، تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىشنى بىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئىشى، ئاپتۇبۇستا يۇتىسى ئۇچۇق چوكان ئورنىدىن تۇرۇپلا كەينىدىن مەيكىلنىڭ كىتاپقا قاراپ ئولتۇرغان كۈرنىشىدىن بىزگە مەيكىلنى تۇرمۇشقا پىشقان دەپلا ئويلىماڭ  ئۇ يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدىغان بىر ئ‍دەم دەپ ئۇنى ماختاشنى بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.  

سىلەردىن سوراپ باقسام قايسى بىر ئەركەك كۇچا ئاپتۇبۇسىدا فىلىمدىكىدەك بىر چوكان ئوچىراپ قالسا ئورغۇلۇقچە قارىۋالمايدۇ ياكى قاراپ سالمايدۇ.
بىزگە مەيكىلنىڭ تۇرمۇشتىلا ئەمەس ھېسيات، پىسخىكا، مەنىۋى جەھەتتىنمۇ كامالەتكەن يەتكەن بىر ئەرئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئەمدى ئۇنىڭ زاۋۇتتىكى ئىپادىسىگە قارىساق  ئىشچى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىناق-ئىجىل، يەنە ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنچە كۆيۈپ يۈرگەنلەرمۇ بار، بويتاق يۈرگىچە توي قىلىۋالسا بولمامدۇ؟ بەلكىم لايىق بىرەسى بولمىسا كىرەك دەپ ئويلىغانمۇ؟
  خاتالاشتىڭىز  تاماق يەۋاتقان بىرى «سىزنى كۆرۈپ تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كەتتىم» دەيدۇ. بۇ ئايال قارىماققا يامان ئەمەس  بۇ يەردىكى مەسىلە ھەرگىزمۇ مەيكىلگە كۆيگۈدەك ئادەمنىڭ يوقلىغى، لايىق تېپىلمىغانلىقتىن ئەمەس بەلكى مەيكىلنى بىزگە قەھىرىمان قىلىپ تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن ياراتقان ئوبراز، قايسى بىر قەھرىمان خوتۇن،  بالىلار بىلەن قەھرىمان بولغان  ھالبۇكى خوتۇن بالىلىق بولغانلار جەمىيەتنىڭ قەھرىمانى ئەمەس بالا بىلەن خوتۇننىڭ قەھرىمانى بۇلىدۇ.
ئاۋۇ بودەكنىڭ ئىشىنىڭ ئۇجۇر بۇجۇرىغىچە ئارلىشىشى بولسا قەھرىمانىمىزنى ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. بۇ كىشى بىر ئىنسانلا ئەمەس، قەھرىمانلار ئەمەس، بىر پەرىشتە، «قارا خالاتلىق پەرىشتە دەپ قويلى ئەمدى».
زاۋۇتتىن قايتىپ چايخانىغا چىققۇچە بولغان جەريان يەنىلا مەيكىلنىڭ چالا قالغان تەرىپاتلىرىنى قىلىش  دەپ چۈشەنسەك بۇلىدۇ.  چايخانىدىكى ئېلىنا بىلەن بولغان پاراڭلارنىڭ باشلىنىشى مەيكىلنى تۇنۇشتۇرۇشىن كىنونىڭ ۋەقەلىكىگە كىرىش باسقۇچى بۇلۇپ مەيكىلنىڭ قالغان كارامەتلىرىنى كىنونىڭ راۋاجىغا ئەگىشىپ تۇنۇشۇپ چىقىمىز.

زاۋۇتتىكى بالىلار ئۇنىڭ ئۆتمىشىنى سورىغاندا ھەقىقى ئەھۋالنى دىمەيدۇ  تۇنجى كۆرگەندە بىزمۇ زاۋۇتتىكىلەرگە ئوخشاش ھە دەپ ئىشىنىپ بىرىمىز. ئۆتمۈشىنى يۇشۇۇرپ ئاددي ئادەم سىياقىدا ياشاش قىلالايدىغان ئادەمنىڭ ئىشى. بۇ يەردە كاتتا بىر ئۇلۇغلۇق بار.
ئەگەر سىز بىر يولۋاس بولسىڭىز  ھەممە يەردە ئۆزىڭىزنىڭ يولۋاس ئىكەنلىكى بىلدۈرۈشكە ئالدىراپ كىتىسىز، ئەمما ھەقىقىي يولۋاس تۇرۇپ چاندۇرماي قوينىڭ سىياقىدا ياشاش قانچىلىك ئادەم قىلالايدىغان ئىش.

ئەمدى ئېلىنا توغۇرلۇقمۇ ئازراق پاراڭ قىلمىساق بولماس
ئۇ بىر پاھىشە  قەھۋەخانا بولسا ئامىركا جەمىيتىنىڭ بىر كارتىسى، ئۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭغا خۇددى باققالغا، ساتىراچقا، ئوسما ساتقۇچىغا، تازىلىقچىغا ئوخشاشلا قۇبۇل قىلىدۇ، چۈشىنىدۇ، ھېسداشلىق قىلىدۇ. مەيكىلمۇ ھەم شۇنداق.

فىلىم  بىزگە مۇلازىمنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق« جان باقماق تەسلىشىپ كەتتى» دەپ تەسەللىي بىرىش بىلەن «ئۇمۇ بىزگە ئوخشاشلا بىر ئىنسان ئۇنى قۇبۇل قىلىڭلار» دەيدۇ
شۇلارنىڭ ئورنىدا بىزنىڭ بىر ئەركەك بولغان بولسا چۇقۇمكى «ئالدىيماڭ تېخى كۈرتقان كۈنىڭىز ئالدىڭىزدا» دەيتتى ۋە ھېچ ئىش قىلالمىسا بىر ھومۇيۋېلىپ ئۇنىڭدىن يىرگىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كاتتا، پاك ئادەملىكىنى ئىسپاتلىۋالاتتى.

ھالبۇكى ھەرقانداق بىر خاتالىقنى پەقەت ھېسداشلىق ئارقىلىقلا تۈزەتكىلى بۇلىشى مۇمكىن، ھەرگىزمۇ يەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
بىر مىللەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا ئۇنىڭ ياخشى تەرپىنى كۆپرەك تىلغا ئېلىش كىرەك(ئادىل مىجىت- بۇ گەپنى راست ئادىل مىجىت دەپتىكەن چاق چاق ئەمەس)

مەيكىلنىڭ ئۇقۇۋاتقان كىتاۋى مەشھۇر «بىلىقچى بوۋاي بىلەن دېڭىز» دىگەن كاتتا ئەسەر بۇلۇپ قىزنىڭ ھىكايە ئىچىگە كىرىشى ئۇنىڭدا سەبىي، پاك، گۈزەل بىر قەلبىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
گەرچە تىنى بۇلغىنىپ پاھىشە بۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ  ئۇنىڭ بىلىقچى بوۋايدەك ھالال ئەمگەك بىلەن جان بېقىشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.
شۇنداقلا بۇ يولدا مېڭىش ئۇنىڭ ئىختىيارلىقى ئەمەس ئامالسىز قالدى، ئۇ پاكىزە ھالال ياشاش ئىسىتكىدىن ۋاز كەچمىدى دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ.

مەيكىل بىلەن قىزنىڭ ناھايتى چوڭ ئوخشاشلىقى بۇلۇپ مەيكىلمۇ ئىلگىرى گۇناھى پاھىشىدىن ئېغىر بولغان جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، ئەمما ئۇ ھازىر ئۇلاردىن قول ئۈزۈپ بىلىقچى بوۋايدەك پاكىزە، ھالال ياشاۋاتىدۇ، قىز بولسا مەيكىلنىڭ بىر قەدەم كەينىدە بۇلۇپ ئۇمۇ مەيكىلگە ئوخشاش ئۆتمۈشىنى ئېزىقتۇرۋېتىپ ئۆتمۈشى تاپالمايدىغان بىر جايدا مەيكىلدەك ھالال ياشىغۇسى بار. ئەمما قىلالمايۋاتىدۇ. بۇنى مەيكىلمۇ چۈشىنىدۇ  شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كەسىپدېشى بىلەن قەلبداش بولالايدۇ.
مەيكىل بىلەن ئېلىنا ئىككىلىسى ئازغۇن، جىنايەتچى، قاتىل، پاھىشە ئەمما ئىككىلىسىدە بۇلغانمىغان قەلب بار،بىلىقچى بوۋاينىڭ ھىكايىسى ئىككى پاھىشىنىڭ ئارزۇسىدىكى تۇرمۇش نىشانى شۇنداقلا ھەقىقەت بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرسىكى كۆرەشنىڭ تىز سىزما رەسىمى.

مەيكىلنىڭ بىلىقچى بوۋاي توغۇرلۇق ئېيتقان ھىكايىسىنى ئوپراتسىيە قىلامدۇق ؟

بوۋاي چوڭ بىلىقتىن بىرنى تۇتىۋالىدۇ، بىلىقنىڭ ھىدىنى پۇرىغان لەھەڭلەر كىىپ بىلىقنى پاك-پاكىزە يەۋىتىدۇ، بوۋاي ئامالسىز لەھەڭ بىلەن ئېلىشىدۇ، ئاخىرى ئۆزىنى لەھەڭنىڭ تىنىدە تاپىدۇ.

بىلىق ئېلىنا، بىلىقچى بوۋاي مەيكىل. بوۋاي ئېلىنانى قۇتقۇزىۋالدى، يەنى پاھىشىلىكتىن قۇتۇلدۇرۋالدى، لەھەڭلەر بىلىقنى ئىزدەپ كالدى، پوشكىننىڭ ئادەملىرى يەنى قىزنىڭ خوجايىنلىرى قىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرۋەتتى، قىزمۇ ساق قالمىدى  «ئۇنىڭ دۇختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئويلاڭ»
بواي ئامالسىز لەھەڭلەر بىلەن كۆرەش قىلدى ئاخىرى لەھەڭلەرنىڭ تىنىدە ئۆزىنى تاپتى،
مەيكىل ئامالسىز بۇ تەشكىلاتقا ئۇرۇش ئاچتى تەشكىلاتتىكىلەرنى يىڭىپ نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈردى لېكىن تەشكىلات ئادەملىرى بىلەن مەيكىلنىڭ نىمە پەرقى؟ مەيكىلمۇ ئادەم ئۆلتۈردى.
ھەرقانداق ئۇرۇش دەسلىۋىدە ھەق ناھەق جىدىلى، زىمىن جىدىلى، قىساس جىدىلى دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن باشلانغان بىلەن ئۇرۇش ئىككىنچى ئادەمگە ئۆتۈپ كەتكەندىلا ھېچقانداق ھەق ناھەق قاراش مەۋجۇت بولمايدۇ. پەقەت ئۆلتۈرۈش، ئۆلتۈرۈلۈشلا بۇلىدۇ.
مەيكىل نىمشىقا ئۆزىنى لھەھەڭنىڭ تىنىدە تاپىدۇ  چۈنكى ئۇنىڭ لەھەڭدىن پەرقى قالمىدى. بەلكى لەھەڭدىن ئاشۇرۋەتتى. ئۇرۇش سەۋەپلىك نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەملەر ئۆلدى.  مەيكىلنىڭ غەلبىسىدىن ھوزۇرلانغا ۋاقىتتا قايسىمىز  ئوتتۇرىكى پۇل ئۈچۈن ياللىنىپ، ھۇقۇق ئۈچۈن ياللىنىپ، بۇيرۇق ئۈچۈن ياللىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى ئويلاپ باقتۇق.  بۇلارنى مەيكىل ئۆزى ئويلىغان  مىنىڭ لەھەڭدىن پەرقىم قالمايدۇ دىگەن.
بوۋاي بىلەن لەھەڭنىڭ ھىكايىسى ماھىيەتتە مەيكىل بىلەن پوشكىننىڭ ھىكايىسى

بۇنى ئۆز تىلىمزىغا ئايلاندۇرۇپ سۆزلەيلى
قىز مىنى قۇتقۇزالامسىز،
ھەئە قۇتقۇزىمەن ئەمما ئۇلار كىلىپ سىزنى ئۆلتۈرىۋېتىشى مۇمىكن شۇنداقلا بۇ ئۇرۇش باشلانسا نۇرغۇن ئادەم ئۆلىدۇ.
ھە ئۇنداقتا سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز بىكا كىتىدىكەندە
ئۇنداقمۇ ئەمەس  ئامال بولمىسا مەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن ھەممىنى ئۆلتۈرۋېتىشىم مۇمكىن ئەمما مىنىڭمۇ ئۇلاردىن پەرقىم قالمايدۇ.

قىزنىڭ خوجايىنى بىلەن قىلىشقان پاراڭلار قىزنىڭ مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بەكىرەك ئىپادىلەپ بىرىش ئۈچۈن بولسا ماشىندىكى سامان قورساقنىڭ كۆرنىشى قىزنىڭ خىزمىتى مەجبۇر بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئازراقمۇ ھۆرمىتى يوق خارلىنىش، شۇنداقلا قىزنىڭ بۇ خارلىققا كۈلۈپ قاراشقا مەجبۇر ئىكەنلىنى بىلەلەيمىز.
پاھىشىۋازلىقنىڭ ئىپادىلنىشى،  جەريانى، جەمىيەتنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرى ھەرخىل كىىشلەر ئوتتۇرسىىدا پەرىق بولسىمۇ ئەمما نەتىجىسى ھەممە يەردە ئوخشاش.

ئاياللار پەقەت بىر ئەركىشىنىڭ قۇلىدىلا قەدىر-قىممىتىنى تاپىدۇ، غەرىپ جەمىيتى مۇھەببەت ئەركىنلىكى، جىنسىيەت ئەركىنلىكىنى با كۈچى بىلەن جار سېلىپ ھەرخىل مېدىيە ۋاستىللىرىنىڭ كۈچى بىلەن تەشىۋىقات قىلىپ قانۇنلاشتۇرماقچى، ھەممە ئادەمنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزمەكچى بولسىمۇ نىھايەت ئۇنىڭ نەتىجىسى بولغان خارلىق، كىسەللىك، قەدىر-قىممەتسىزلىكنى ھەل قىلالمايدۇ. ھەربىر پاھىشىنىڭ تۇرمۇشىنى ھەرقانچە ئېسىل تەسۋىلىسىمۇ نەتىجىدە ئۇنىڭ يالغۇزلۇق، كىسەللىك، خارلىق بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئاقىۋىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.  
فىلىم بىزگە بېشىدا ئەلىنانى قۇبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ ئاقىۋەتتە ئەلىنانىڭ تەياق يىگەن ھالىتى بىلەن پاھىشىلىكتىن قاچقان ھالىتىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق« ئادەمنى ئىتىراپ قىلىڭلا، ئەمىلىنى ئىنكار قىلىڭلار دەيدۇ»  
شۇنداق بىز ئەلىناغا قارشى ئەمەس، ئەلىنانىڭ ھەركىتىگە قارشى، شۇنداقلا پاھىشىلىك يۇلىغا مېڭىپ قالغان ئاچا-سىڭىللىرىمىزنى ئىتىراپ قىلىمىز، چۈشىنىمىز، ھېسداشلىق قىلىمىز، قۇلىنى قۇيۋەتمەيمىز، ئەمما قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئىتىراپ قىلمايمىز. قۇبۇل قىلمايمىز، چۈشەنمەيمىز، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىش پەقەت ئۇلارنىڭ قۇلىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈنلا ھەرگىزمۇ مەزمۇت مېڭىشى ئۈچۈن ياردەملىىشىش ئۈچۈن ئەمەس.

كىيىنكا بودەكنىڭ كامىر سۆرىشى بولسا مەيكىلنىڭ ئۇلۇغلىقىنىڭ ئۇزارتىلىپ تەرىپلىنىشى ھىساپلىنىدۇ.
ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، ئەلىنا تەياق يىدى، خوجايىنى مەيكىلگە نام كارتىسىنى بەردى ۋە مەيكىلنىڭ كۆزىدە ئەلىنانىڭ ياش بىلەن نەمدەلگەن چىرايى قالدى. ئەلىنانىڭ دۇختۇرخانىغا كىرىپ قېلىشى ۋە يەنە بىر قىزنىڭ ئەھۋالنى ئېيتىپ بىرىشى بىلەن كىنونىڭ بىرىنچى باسقۇچى يەنى تىنىچلىق باسقۇچى ئاياغلاشىتى.

دۇنيادا مۆتلەق تىنىچلىق بولمايدۇ بۇ يەردە غۇجى مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ بىر جۈملە سۆزىنى ئىشلىتەيلى« ئوغلۇم دۇنيادا تىنىچلىق بولمايدۇ، ئۇزۇنغا سۇغۇلغان تىنىچلىق، غايەت زور بىر جەڭنىڭ تەييارلىقى» - ئوغلۇمغا نەسىھەتتىن
ھەرقانداق كۆرەش ئاۋۋال قەلبتە يۈز بىرىدۇ ئاندىن ھەركەتكە چىقىدۇ، خۇددى تېڭىز تاشقىنى ئاۋۋال دېڭىزنىڭ تگىدە پاتلاپ بۇلۇپ ئاندىن سۇ يۈزىگە تەپكەندەك.

كىنونىڭ باشلىنىشىدىكى مەيكىلنىڭ تىنىچ تۇرمۇشىدىن ھەممىسى جايىدا ھېس قىلدۇق، ئەمما قىز بىلەن تۇنجى پاراڭلاشقاندىلا بىلىقچى بوۋاي بىلەن نىمجان بىلىقنىڭ ھىكايىسىنىڭ باشلىنىپ بولغانلىقى بايقىدۇق بىزنىڭ قىلالىغىنىمىز داۋامىغا شاھىت بۇلۇش بولدى.

خاتىرجەملىك لازىممۇ ئۇنداقتا قىيىنچىلىق بىلەن كۆرەش قىلىڭ، قىيىنچىلىققا قارىتا بىكىنىۋېلىش بىلەن ھەرگىزمۇ خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيسىز. قىيىنچىلىققا قارىتا يۈزلەنگەن كۆرەش ئېلىپ بارغان ۋاقىت دەل خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن ۋاقىتتۇر.

كىيىنكى باسقۇچ تىركىشىش باسقۇچى بۇلۇپ بىلىقچى بوۋاي ئامالسىز لەھەڭگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ.



ئىككىنچى باسقۇچ- تىركىشىش، يولۋاسنىڭ تاققا چىقىشى

بۇ كىنونىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بۇلۇپ لەھەڭلەر بىلەن تۇنۇشۇشقا باشلايمىز، ئاۋۋال كۆرگىنىمىز  بىر بالا لەھەڭنىڭ شۆھرىتى، ئۇنىڭ ماشىنىسىلا  مەيكىلنىڭ 100 يىل ئىشلەيدىغان پۇلىغا كىلىشى مۇمكىن، بىرسىنىڭ پۇل بىرىپ ئەپۇ سورىشى ئۇنىڭ شۇ ئەتىراپقا ئاكا بۇلىۋالغان كاتتا كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن  بۇ يەردە لەھەڭلەرنى قانچىلىك ماختىسۇن ھەممىسى يەنىلا باش قەھرىمانىمىز مەيكىلگە مەنسۇپ بۇلىدۇ  چۈنكى مۇشۇنداق چوڭ لەڭلەرنى 29 سىكۇنىتتا قۇلىدا قورال يوق يالغۇز ھالەتتە جايلايدۇ.

ماختاشتا ئۇدۇل ماختاشتىنمۇ ئېسىلراق بىر ماختاش بار ئۇ بولسىمۇ بارلىق سۈپەتلەر بىلەن يىڭىلگۈچىنى سۈپەتلەپ كىلىپ يەڭگۈچىگە بىر ئېغىز سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىزلا كۇپايە يەنى ئۇنىڭ قانداق يەڭگەنلىكىنى.
مەسىلەن بىر بۆرە بار ئىدى، بۆرە تۇپىنىڭ ئاتامانى ئىدى،  نەچچە كىچىكلەرنى كەچكەن، 100 ئىتنىڭ ئارسىدىن ساق چىققان، سەككىز ئوۋچى قوغلاپ تۇتالمىغان، بۇ بۆرىنى بىزنىڭ خوراز چۇقۇپ ئۆلتۈرەپ قۇيۇپتۇ دىسىڭىز بۆرىگە قاراتقان بارلىق ماختاشلار سىزنىڭ خورىزىڭىزنىڭ بۇلىدۇ. بۇ يەردىمۇ يەنىلا مەيكىلنى قەھرىمانلىق دەرىجىسگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن قارا گوروھنى كاتتا كىشىلەر قىلىپ تەسۋىرلىگەن.

مەيكىلنىڭ ئىشخانىغا تىنىچ كىرىپ  لەھەڭلەر بىلەن ئوتتۇردا بىر مەيدىغان سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى دەل شەيتان بىلەن پەرىشتىنىڭ سۆھبىتىدۇ.
چۈنكى مەيكىل پاك ئىنسانىي قەلب بىلەن 10 مىڭ دوللار پۇل چىقىرىپ بىر قىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كىرگىنىدە ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ناھايتى پاسكىنا گەپلەر چىقىدۇ.
شۇنداقلا پەرىشتە شەيتان بىلەن مۇرەسسە قىلماقچى بۇلىدۇ.

بۇ يەردە شۇنداق بىرى ھەقىقەت باركى، ھەقىقەت بىلەن جاھىلىيەت مەڭگۈ مۈرەسسەگە كەلمەيدۇ.  يا ھەقىقەت جاھىىيەتنى يېقىتىدۇ ياكى جاھىلىيەت ھەقىقەتنى… ئۇنداقتا بۇ سودا مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمامتى ؟ ياق ئاشاتتى  مەيكىلدە يەتكۈدەك پۇل بولغان بولسا ئۇلار بۇ سودىنى قىلاتتى  لېكىن مەيكىلنىڭ پۇلى ئۇ قىزنىڭ بىر ھەپتىدە تاپىدىغان پۇلى ئىكەن. ھەقىقەت ھەمىشە يوقساز، نامرات، قەلەندەر كىلىدۇ.  چۈنكى ئۇنىڭ ھەقىقەت بولغانلىقىلا قىممىتىنى ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان بايلىقتۇر. لېكىن قارشى تەرەپكە نىبستەن بۇ بىر جاھىلىيەت

بۇ يەردە بىر كۆرەشنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا بۇ كۆرەشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا زادى كاللام يەتمىدى چۈنكى دەنزىل ھەركەتلىك فىلىم چۆلپىنى ئەمەس، يۇقىرى ماھارەتلىك ھەركەتلەرگە ماس كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ قۇلى گال، بەدىنى كالامپاي، ئەمما بۇ يەردىكى ھەركەتنى 28. سىكۇنىتتا تاماملىدى  بۇ ھەركەتكە دەنزىل ماس كەلمەيتتى.
بۇ يەردە جەيسىن سىتەتمەننىڭ چاققانلىقى، تام كىروسنىڭ زىرەكلىكى، سىۋىستىر سىتاللوننىڭ قاراملىقى كىرەك ئىدى. بۇ ھەركەتكە پەقەت جەيسىنلا ماس كىلەتتى.  ئەمما نىمىشقا بۇ رولغا دەنزىل تاللاندى.
دىققەت قىلغان بولسىڭىز ئۇنىڭ كۆزىنىڭ مىدىرلىمىغان ۋاقىتتا ئۈلۈك ياكى تىرىكلىكىنى پەرىق قىلماق تەس، كۈزىگە تىكىلىپ قارىسىڭىز قورقۇپ كىتىسىز، ئاۋۇ لەھەڭمۇ كۈزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ بەرداشلىق بىرەلمەي بولدى قىلدى.

ھەركەت تۈگىگەن ۋاقىتتا مەيكىل پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى ھايۋان ھالىتىگە قايتىپ بولغان بۇلۇپ ئۈستەلگە يۈلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئولجىسىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. كۈزى ھېلھەم قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە، ئادەم ئۆلتۈرۈپ بۇلۇپ ئۆلەۋاتقان ئادەمگە قاراپ ھوزۇرلىنىش تىلغا ئالماق ئۇڭاي بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مەزگىللىك جەريان كىتىدۇ.

بۇ يەردە كاللىغا سىغدۇرغىلى بولمايدىغان بىر ئەمەلىيەت بار.
كىنو باشلانغاندىن تارتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە مەيكىلنى جاھاندىكى بارلىق چىرايلىق، ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن ماختاپ قەلبىمىزدە ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە كۆتۈردى. ئەمما، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر ياۋۇز ۋەھشى قاتىل سەكرەپ چىقىپلا 29 سىكۇنىتتا بەش ئادەمنى يېقىتتى، ئۆزى قىلچە يارلانمايلا… مۇمكىنمۇ ؟

كىنو باشتىن باشلاپ بىزگە بىر قەھرىمانلىق ھىكايىسىنى ئېيىتىپ كەلگەن. بۇ ھىكايە ئۆمۈچۈك پەلىۋان، يېشىل ئوقيا، ئامىركا كاپىتانى، تۈمۈر ئادەملەرگە ئوخشاشلا بىر قەھرىمانلىق ھىكايىسى ئوخشىمايدىغىنى بۇنى بەكلا ئاددىي ئادەم قاتارىدا سۈرەتلەپ كەلگەن، ھەم نۇرغۇن ئەخلاقى پەزىلەتلەرنى مۇجەسسەم قىلغان. ئەمما نەتىجىسى ھەرقايسى داڭدار پەلىۋانلار نىڭ قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئوخشاش.

بىز ھېچقاچان كۈچلۈك بىر ئادەمنىڭ يۇۋاش ياشىغىننى كۆرمىدۇق، يولۋاسنىڭ توشقاننى يەۋەتمەي ئورمانلىقتا بىللە ياشىننى كۆرمىدۇق ئەمما فىلىم مەيكىلدەك بىر قاتىل ۋەھشى يولۋاسنى ئالتۇن سۈيى بىلەن قولىنى يۇيغان ھەم يۇيالىغان قىلىپ كۆرسىتىپ ناھايتى يۇمشاق بىرئەپسانە تۇقىغان.

شۇنداقلا قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسى ئاسماندا ئۇچۇپ، ئوق ئېتىپ، باشقىلارنى ھەيرانۇ ھەس قالدۇرماي تىنىچ يۈرۈپمۇ قەھىرىمانلىق قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئاخىرى بوۋاي لەھەڭلەرنى ئۆلتۈرۈپ نىمجان بىلىقنى قۇتقۇزدى، نىمجان بىلىقمۇ  ئۆتمۈشىنى تاشلاپ بوۋايغا ئوخشاش ھالال تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بولدى ئەمما ئارلىقتا قازا قىلغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭمۇ نىمجان بىلىقتەك تۇرمۇش كەچۈرگۈسى بارئىدى شۇنىڭدەك باللىرى، ئاياللىرى بارئىدى، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمىدى.

فىلىمنىڭ كىيىنكى جەريانىدىكى ھەركەتلەردىن ھوزۇرلانساقلا كۇپايە پىكىر يۈزگۈزگىدەك ئىشلار يوق



قاتناشقانلار سانى 3دوللار +105 يىغىش سەۋەبى
ئاققىر + 50
شۇڭقار + 50 دەششەت !
SARAY + 5 ئوغۇل بالا !

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +105

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى2
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار17

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
razzak ۋاقتى: 2016-1-29 01:50:20 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇندا تىمىنى كۆرسەم ، شۇ فىلىمنى كۆرگەندىنمۇ بەكرەك خۇمادىن چىقىمەن .
مىنىڭ قىزىقىشىمنى ئەڭ قوزغىغىنى بولسا باشرولچىنىڭ ئىلگىركى ھاياتىنىڭ زادى قاندالىقى بولدى !
بۇ ئادەمنىڭ تۇرمۇش تەرتىپلىك ئۈزىمۇ باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ، ئىنتايىن ئىغىربىسىق ئادەملىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ !
ئۇ ئۈزى بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى بولمىغان ، بىرقىز ئۈچۈن خالىقئارالىق قارجەمىيەت بىلەن قارشىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇستىدىن غالىپ كىلىدۇ !
فىلىمدە ئالغان رولى ئۇنچە ياش دەپكەتكىلى بولمايدۇ ، دىمەك ئوتتۇرياشلىقلارغىمۇ يىقىن ئەمەسلىكىنى كۈرۋىلىش تەس ئەمەس ، بۇ پاراكتىكات بوۋاينىڭ ئۈزى يالغۇز نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىۋىتىشى (كەرچە توقۇلما بولسىمۇ ) ئادەمنى ھاياجانغا سىلىپ قويىدىكەن .
قىسقىسى ئۇستىدىكى تەسىرات شۇندا يائىشى يىزىلىپتۇ ، قەلەم كۈچىڭىز ، كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىڭىزغا قايىل بولدۇم ، مۇمكىن بولسا مۇشۇندا فىلىمدىن تەسىراتلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن !
يىكەنداز
شاكىر ۋاقتى: 2016-1-29 03:36:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈپسىز.تەھلىلىڭىزنى ئوقۇپ كىنونى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشەنگەندەك بولدۇم.ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەسەر مەيدانغا كىلىدىكەن ئۇ كىشىلەرگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتدۇ .تەسىر بولسا دەل ئۈنۈمدىن ئىبارەت.ئەمگىكىڭىز بۇكىنونىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىپتۇ.سىزگە كۆپ رەھمەت.
گېلەم
mohsin ۋاقتى: 2016-1-29 06:04:16 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mohsin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 06:08  

ئەتىگەندە چۈشۈرۈشنى باشلاپ خۇپتەندىن ئۆتكەندە چۈشۈپ بولغان بۇ فىلىمنى باياتىن كۆرۈپ بولۇپ ھازىر مۇنبەرگە كىرسەم بۇ مۇلاھىزىگە نەق ئۈلگۈرۈپتىمەن .
خېلى كۆپلىگەن تەرەپلەردە فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا كۆڭلۈمگە كەچكەن تۇيغۇلار روھچىن بۇرادەرنىڭ تېرەن پىكىرلىرى بىلەن ئوخشاش چىققان بولسىمۇ لېكىن يەنە ئاز بولمىغان نوقتىلاردا ھېس قىلغانلىرىمىز پەرىقلىق ئىكەن ، بۇ تەبئىيغۇ ...
بۇ فىلىم ھەققىدە يەنە سۆزلىشىمىز تېخى ، لېكىن ھازىرلا دەۋالاي ،  لەھەڭلەرنىڭ بۇ ئېلىشىشلىرى جەريانىدا بۇنىڭ ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بەرگەن نۇرغۇن ئاددى كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھامىلىقىدىكىلەر ھەققىدە مەن ئېغىر ئويلاندىم جۇما ،  باشتا ئۆلگەن 5 ئىنساننىڭ ئۆلىمىگە قىلچىلىك پەرۋا قىلمىدىم ، ھوزۇرلاندىم دىسەم بولا بەلكى... ، لېكىن ئاخىرىدا  بوينىدىن تىكەنلىك سىم بىلەن ئېسىلغان تەمبەل ئەر مايكېل بىلەن يۈزمۇ - يۈز ھالەتتە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىدە مايكىلغا تىكىلىپ تۇرۇپ تىترىگىنىدە ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ قەلبىمدىن پاتماي چىققان تۇيغۇنى ئىپادىلەشتىن ئاجىز كەلدىم . شۇ دەقىقىدە بۇ ئەرنىڭ بىزگە غۇۋا ئۆتمشى ، ھاياتى ، ئائىلىسى ، خوتۇن - باللىرى ،  ... نۇرغۇن نەرسىلەر كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى .

كىنونى كۆرۈپ بولۇپلا  بۇ فىلىم ھەققىدە مۇشۇنداق بىر پاراڭنىڭ بولىشىنى خالاپ قالغان ئىدىم ،  ماۋۇ تېمىنىڭ بۇيرۇتقاندەك يوللانغىنىنى ...

كىگىز
QENDEL159 ۋاقتى: 2016-1-29 09:59:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QENDEL159 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 10:00  

مەن تور ھاياتىمدا ئۇچراتقان فىلىمدىن ئالغان تەسراتنىڭ ئىچدە بەكرەك تەسىر قالدۇرغىنى ئىككى بىرى كۆۋرۇك مۇنبىرى تەرجىمە قىلغان ھەيدەر فىلمى ئۇ تەسراتنىمۇبەك ئىسىل يىزلىپتىكەن يەنە بىرسى مانا بۇ تىنىچلىق ئىسىتىگۇچى .رەھمەت روھچىن ئۇستاز مانا موشۇ يازمىڭىز فىلىم بىلەن تەڭلا قىلىنىپ فىلىمنىڭ بىز ھىس قىلىپ باقمىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى .
مەسلەن ئەلىنا ھەققىدە يازغانلىڭىز مىنىڭ يولدىن ئازغانلارغا بولغان كۆز قاراشلارىمنى خىللا ئۆزگەرتىۋەتتى.
ئەسلى ھەر قانداق كىتاپ ياكى كىنونى كۆرگىنمىزدە ئەسلى موشۇنداق تەھلىل قىلشىمىز كىرەك ئىكەندۇق.
مومكىن بولسا تەپەككۇرلىرىڭىزنى ئايماي يوللاپ تۇرسىڭىز.
ئورۇندۇق
Nejmi ۋاقتى: 2016-1-29 10:10:26 | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭ بەزى ئىنكاسلىرىم تەسلىقسىز چىقىدۇ نېمدا بەزىلىرى تەستىقلانغاندىن كىيىن ئاندىن چىقىدۇ ؟؟
داق يەر
SARAY ۋاقتى: 2016-1-29 10:25:30 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىم ماڭىمۇ بەك تەسىر قىلغان ئىدى، ئاجايىپ بىر ھېسلار ئىچىدە كۆرۇپ چىققان ئىدىم بۇ فىلىمنى.
مىخ
saarhil ۋاقتى: 2016-1-29 11:30:04 | ئايرىم كۆرۈش
ئاجايىپ چۈشەندۈرۈپسىز
9#
yarqinbeg ۋاقتى: 2016-1-29 11:30:37 | ئايرىم كۆرۈش
ھېلىقى قارا دولقۇندا چىقىدىغان ئارتىس شۇغۇ ئاۋۇ ھە!
بۇ فىلىم بەكلام تەبئىي چىققان. ھەرقانداق بىر قەھرىماننىڭ فىلىمىدە ھەرخىل ئىش بېجىرىش دەيمىز ياكى ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىگى ھەم جەمئىيەت داشقاللىرىنىڭ ئەدىبىنى بېرىش دېگەندەكلەردە ساپلام بىرخىل ئاشۇرما! بەزەن يەرلىرى قەتئىي رىئاللىققا يېقىن ئەمەس. ئەمما ماۋۇ كىنودىكى باش پېرسوناژنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرى چىراي ئىپادىلىرى ھەم ماھارەتلىرى بەكلام تەبئي ! ئاخىرىدا ئاشۇ داشقاللىنى قانداق ئۆلتۈرۋېتىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! بەكلام تەبئىي ! ئاساسلىقى شۇ دۇكاندىكى سايمانلارغا تايىنىپلام ھەممىسنىڭ ئەدىبىنى بېرىۋېتىدۇ. ئاخرىدا ئاۋۇ قىزنىڭ ئوڭشالغان يەرلىرىنى كۆرۈپ بەكلام تەسىرلەندىم!
تېما ئىگىسىنىڭ مۇلاھىزىسىغا رەھمەت
10#
saarhil ۋاقتى: 2016-1-29 11:31:02 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تېخى كۈرۈشكە مۇيەسسەر بۇلالمىدىم ، ھەي ئالدىراشچىلىق
11#
نۇرئەلى2 ۋاقتى: 2016-1-29 12:57:56 | ئايرىم كۆرۈش
ئوجۇن رومان يېزىۋىتىپسىزغۇ رەھمەت جاپا تارتتىڭىز
12#
شۇرايىم ۋاقتى: 2016-1-29 15:57:34 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تېخىچە چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن.........
13#
mohsin ۋاقتى: 2016-1-29 17:18:16 | ئايرىم كۆرۈش
قولۇمغا نەچچە قېتىم ئېلىپ ، تېخىچە ئوقۇپ باقمىغانلىغىم ئۈچۈن ،  ھېمىڭۋاينىڭ بۇ مەشھۇر رومانىنىڭ بۇ فىلىمدىكى ۋەقەلىك بىلەن بولغان سىموۋۇللۇق باغلىنىشىنى روھچىن بۇرادەر چۈشەنگەندەك شەكىلدە چۈشنىپ كەتمىدىم ،  ( مۇشۇ فىلىم سەۋەبلىك بۇ كىتابنى ئوقۇشنى پىلان قىلغان باشقا كىتابلاردىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان بولدۇم دە ...  ) .   ھەم ئېلىنا بىلەن پاراڭلىشىپ ، بوۋاي ۋە بېلىق ، لەھەڭلەر ھەققىدە سۆز ئاچقاندا ، تېخى ئېلىنانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ( ئۇنداق ئەمەسمىدۇ يا ) چاغ بولغاچقا ، راستىنى دىسەم كىتابتىن بىخەۋەر بولغاچ ،  فىلىمنىڭ ئاخىرىغىچە لەھەڭ ، بوۋاي ، بېلىق ... دىگەنلەرنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ،  ئۇ بايانلارنى پەقەت ، ئامالسىزلىقتىن شۇ يولغا ماڭغان ئېلىنانىڭ خاراكتىرىنى يورۇتۇش ئۈچۈنلا شۇ يەردىلا قىستۇرۇلغان بۆلەك دەپلا ئويلاپتىمەن ...

14#
EHsan ۋاقتى: 2016-1-30 13:57:21 | ئايرىم كۆرۈش
ما تەسىرات بەك ياخشى چىقىپتۇ ، بۇنداق ئېسىل فىلىمىنى ھەقسىز تارقاتساڭلامۇ بولاپتىكەن.
15#
 ئىگىسى| rohqin ۋاقتى: 2016-2-2 12:45:26 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىم ھەققىدە مۇلاھىزىلە، تەسىراتلارنىڭ بۇلىشىنى بۇرۇندىن تەلەپ قىلىپ كەلگەن. تەسىرات يېزىش فىلىم ھەققىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە باشقىلارنىڭمۇ تەسىراتلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن بولاتتى.
مىنىڭ يازغان تەسىراتلىرىمغا بىكەت ئاتامانلىرىنىڭ، پىشقەدەملەرنىڭ ئاياغ باسماسلىقى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.  بۇلارنىڭ نەزىرى چۈشكۈدەك يازالمىدىممۇ، يا يازغانلىرىم بۇلارنىڭ دىتىغا ياقمىغان بولسا پەۋا قىلمايۋاتامدۇ  قىلىۋاتقانلىرىڭىز ئۆزىڭىز چوڭ بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ دىققتىنى قوزغىيالمىسا داۋاملاشتۇرۇشقا غەيرەت قالمايدىكەن.
يا بىكەتنىڭ تەلەپ قىلىدىغان مۇلاھىزە تەسىراتلىرى بۇنداق ئەمەسمىدى  ھېچ بىلەلمەي قالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


3ئەگەشكىنى

2پىنتوزىلىرى

21تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1