Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 307|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈندىداردا ھۆججەت چۈشۈرۈش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئەسلى بۇنچىلىك ئاسان ئىشلارنى تېما قىلىپ يوللاپ يۈرمىسەممۇ بولاتتى. لېكىن بىلمەيدىغانلار يەنىلا بار ئىكەن. شۇ بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن دەپ يوللىدىم، بىلىدىغانلار ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەڭلار بولىدۇ.
ئادەتتە بەزىدە ئۈندىداردا تور بەت ئاچقاندا چۈشۈرىدىغان ھۆججەت ئۇچراپ قالىدۇ، ياكى سالونلارغا يوللىغان ھۆججەتلەرنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئەۋەتكەندە ئۈندىداردا چەكسەك چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. ئۈندىدارنىڭ ئۆزىدىكى تور كۆرگۈچتە زىيارەت قىلىشقا بولغان بىلەن ھۆججەت چۈشۈرۈشكە چەكلىمە قويغاچقا، ئۈندىداردىن ھۆججەت چۈشۈرىدىغان ئىشتا يانفونىمىزدىكى تور كۆرگۈچتىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەن مىسال ئۈچۈن android سىستېمىلىق يانفوندا ئۈندىدارنىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى (6.3.15) نى، ۋە uc تور كۆرگۈچ android نەشرىنى سىنىدىم.
ئاۋۋال ئۇلانمىنى ئاچىمىز (تور بەت ياكى سالوندىن ئەۋەتكەن ئۇلانما ئادرېس).


ئاندىن ئۈندىدار ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۈرجەكتىكى تىزىملىكنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن ئۇلانما كۆچۈرۈش (复制链接) بېسىپ بەت ئۇلانمىسىنى كۆچۈرۈپ تور كۆرگۈچكە چاپلايمىز ياكى تور كۆرگۈچتە ئېچىش (使用浏览器打开) دېگەننى تاللاپ، بىۋاسىتە تور كۆرگۈچتە ئاچىمىز. (رەسىمدىكى رامكىغا ئېلىنغان ئىككى شۇ)

مەن تور كۆرگۈچتە ئېچىشنى (使用浏览器打开) مىسال قىلدىم.
تور كۆرگۈچتە ئېچىشنى تاللاپ، ئۆزىمىزدە بار بولغان، دائىم ئىشلىتىدىغان تور كۆرگۈچتىن بىرەرنى تاللاپ ئادرېسنى ئاچىمىز.

ئاندىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چەكسەك ياكى كۆچۈرگەن ئۇلانما ئادرېس بولسا ئادرس رامكىسىغا كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرسەك تامام.

چۈشۈرىدىغان ئورۇننى تاللاش ۋە جەزملەشتۈرۈپ چۈشۈرۈشنى دېمىسەممۇ بولار.
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئىگە ئەمەس.
مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2016-3-30 01:05:29 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يوللاپسىز . بۇ تىمىنى مەن نەچچە كۇننىڭ ياقى كومپىيوتىردىكى ۋېيشىندا مۇشۇنداق ئۇلانمىلارنى ئاچالماي يۇرەتتىم . رەھمەت
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-3-30 09:29:34 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئۇزاق بولدى مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتقىلى.
گېلەم
ۋاقتى: 2016-3-30 16:30:11 | ئايرىم كۆرۈش
بولسا سالونغا يوللانغان سۈرەتسىز ناخشىلارنى چۈشۈرشنى بىلدىغان بار بولسا كۆرسەتمە بەرسەڭلار
كومپىيوتىردا ئېچىپمۇ نۇرغۇن ئاماللار بىلەنمۇ چۈشۈرەلمدىم ئىنتىنىت ماناگىر دىگەنلەردىمۇ
كىگىز
ۋاقتى: 2016-3-30 22:00:48 | ئايرىم كۆرۈش
كومپىيۇتىردا ئاچقىلى بولدىغان ئۈن دىدار بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-31 13:28:24 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاپاسىز يوللىغان ۋاقتى  2016-3-30 22:00
كومپىيۇتىردا ئاچقىلى بولدىغان ئۈن دىدار بولسا قالدۇرۇ ...

http://weixin.qq.com/cgi-bin/rea ... =index&t=weixin
مۇشۇ ئىگە تەرەپ بېتى، كىرىپ كومپيۇتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
داق يەر
ۋاقتى: 2016-3-31 19:53:41 | ئايرىم كۆرۈش
لەغمەننى چۇكىدا يىگىلى بۇلىدۇ دىگەنگە ئوخشاش تېما بۇپتۇ بۇ
مىخ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-1 01:20:10 | ئايرىم كۆرۈش
2528569850 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-31 19:53
لەغمەننى چۇكىدا يىگىلى بۇلىدۇ دىگەنگە ئوخشاش تېما بۇپ ...

ئەمىسە قوشۇقتا يەۋېرىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 15:00 , Processed in 1.355796 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش