ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

چەتئەللىك 100 مەشھۇر كىنو چولپىنى (4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1627 10
ئاققىر ۋاقتى: 2013-11-23 01:50:22 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-23 12:29  

چەتئەللىك 100 مەشھۇر كىنو چولپىنى (4)


31-كىلىنىت ئېۋاستۋوند      克林特•伊斯特伍德    Clint Eastwood
قەيسەر پادىچى
   

ئامېرىكىلىق «كونا پادىچى» كىلىنت ئېۋاستۋود ھوللېۋود كىنوچىلىق تارىخىدىكى، ھەر تەرەپلىمە يېتىشكەن كىنو ئارتىسى ۋە رېژىسسور. كىلىنت ئىۋاستۋودنىڭ يەنە «شەھەردىكى پادىچى» دىگەن نامىمۇ بار. ئۇ ئامېرىكا كىنو سەھنىسىدىكى قەيسەر چولپان بولۇپلا قالماي يەنە رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى. ئۇ 1930-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1955- يىلى باشلانغان 55 يىللىق كىنوچىلىق كەسپى ھاياتىدا جەمئى 48  كىنودا رول ئالغان، 31 كىنوغا رېژوسسورلۇق قىلغان، 18 كىنونىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنداقلا 9 كىنونىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ بەرگەن. ھەرتەرەپلىمە تالانتقا ئىگە كىلىنىت ئېاستۋود كىنودا رول، رېژوسسورلۇق ۋە فىلىم ئىشلىگۈچۈلىك ۋەزىپىسىنى ئالغاندىن باشقا يەنە ئۆزى ئىشلىگەن كىنولارنىڭ تەڭكەش مۇزىكىسىنىمۇ يېزىپ بېرەتتى. مەسىلەن: «لەمپىلىك كۆرۈكتە بەربات بولغان چۈش»، «سىرلىق دەريا» 77-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ئۇلۇغ غەلبە قىلغۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «مىليۇن دوللارلىق بوۋاق» دېگەن كىنولارنىڭ تەڭكەش مۇزىكىلىرىنى ئۇ ئىشلىگەن. 1986-يىلى ئۇ كارىمىل شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، رىگاندىن كېيىنكى يەنە بىر كىنو چولپىنىلىقتىن چىققان سىياسەتۋاز بولۇپ قالغان. (شىۋاشىنگىرمۇ بارغۇ...)
(«廊桥遗梦» ، «神秘河»، «百万宝贝(Million Dollar Baby)»)

32. سېئان كوننېر             肖恩•康纳利       Sean Connery
ئۆزى قېرىسىمۇ يۈرىكى قېرىمىغان «007»
   
سېئان كوننېر 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى شوتلاندىيەنىڭ ئېدىنبورگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 60-70-يىللاردا «007» دىگەن كىنودىكى باش قەھرىمان جامېس بوندنىڭ رولىغا چىققان.  كىنودىكى جامېس بوندنىڭ جەسۇرانە، سالاپەتلىك قىياپىتى مىليۇنلىغان تاماشىبىننى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، سېئان كوننېرنى دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك چولپانغا ئايلاندۇرغان. كىيىنكى جامېس بوندلارمۇ بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايدۇ. 80-90-يىللاردا يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ھاياتى كۈچىنى يوقاتىمىغان سېئان كوننېر كىنو سەھنىسىگە يەنە چىقىپ، چوڭ-چوڭ كىنولاردا يەنە رول ئالدى ۋە كىنو چەمبىرىكىدە شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى.
ئۇنىڭ يېقىنقى نەتىجىلىرى بولسا 90-يىلى ئۇ رول ئالغان «قىزىل ئۆكتەبىردىكى قوغلاپ ئۆلتۈرۈش»، «ئىبلىش ئارىلىدىن قۇتۇلۇش »، 2003-يىلى قويۇلغان «رېتسارلار ئىتتىپاقى (ياكى ئەرشتىن كەلگەن ھۇجۇم)» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كىنولاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ كىنولارنىڭ ئۆزى قېرىسىمۇ، جەلىپكارلىقى تېخى قېرىغىنى يوق.
(«猎杀红色十月号 The Hunt For Red October »، «勇闯夺命岛»، «天降奇兵/非凡绅士联盟/ The League of Extraordinary Gentlemen»)

33. جامېس دېئان            詹姆斯•迪恩        James Dean
ئۆچكەن يۇلتۇز
   

جامېس بىيورېن دېئان (1931-2-8  1955-9-30) داڭلىق ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى. ئۇ ياراتقان ئوبرازلار ئاساسلىقى ئۆزى ياشىغان دەۋىردىكى ياشلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىك ۋە بۇزۇقچىلىقلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ياشلار كىشىلەر تەرىپىدىن «گۇمران بولغان ئەۋلادلار » (垮掉的一代) دەپ ئاتالغان بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاخىرلاشقان مەزگىللەردە ئەينى چاغدىكى چۈشكۈنلۈك ۋە بوشاڭلىقلارغا قارىتا  بىر تۈركۈم ياش شائىر ۋە يازغۇچىلار ئورتاق ھالدا  شۇ دەۋىر ياشلىرىنى ئەنە شۇنداق ئاتىغان.  بۇ ئىسىمنى داڭلىق يازغۇچى جېك كىروياك 1948-يىللىرى ئەتراپىدا ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ ياشلار جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئاشۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىگەن. جامېس دېئان رول ئالغان «ئىرەمباغنىڭ شەرقى» دىگەن كىنو ئەينى دەۋىردىكى چۈشكۈنلەشكەن ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئۇ مۇسابىقە ماشىنىسىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، 1955-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كالىفورنىيەنىڭ Cholame شەھەر ئەتراپىدىكى قاتناش ۋەقەسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ، ئۇ باشقا بىر ماشىنىدا قىسىلىپ ئۆلۈپ قالغان. كېيىن بۇنىڭغا ئاتاپ ئىشلەنگەن «جامېس دېئان» دېگەن كىنو 2002-يىلى «ئالتۇن شار»،«ئېمېل مۇكاپاتى»، «كىنوچىلار ئۇيۇشمىسى مۇكاپاتى» قاتارلىق نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ نەتىجىلىرى: ئۇنىڭ «ئېرەمباغنىڭ شەرقى»، «گىگانت ئادەم» دېگەن كىنولىرى بار.
《伊甸园之东》   《巨人》

34. ئېلزابېت تەيلور         伊丽莎白•泰勒   Elizabeth Taylor
نۇرلۇق قاشتېشى
   
   
ئېلزابېت تەيلور (1932-2-27 ـــ 2011-3-23) ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو ئارتىسى. گېرمان، شوتلاند، ئېرلاند قان سېستىمىسىغا ئىگە، ئامېرىكا كىنو تارىخىدىكى ھوللېۋودقا ۋەكىللىك قىلىدىغان چولپان. رېچارد بورتون بىلەن بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ئۇنىڭ نامىنى چىقارغان. 1999-يىلىدىكى ئامېرىكا كىنو ئۇيۇشمىسى تەرپىدىن باھالاپ چىقىلغان 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىسلار قاتارىدا ئۇ 7-ئورۇندا تۇرىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بۇ يازمىنى  ئوقۇڭ.

35. سوپىيە لوران         索菲哑•罗兰     Sophia Loren
«ياۋايى» ساھىپجامال
      
سوپىيە لوران (1934-9-20) ئىتالىيىلىك ئايال ئارتىس، ھېسسىياتچان مەبۇد. بىراق كېيىن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مۇۋەپىقىيەت قازانغان خەلقئارالىق كىنو ئارتىسىغا ئايلانغان. لوران ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىتالىيەنىڭ ناپولى شەھىرىدىكى بىر خارابىلىق ئارىسىدا چوڭ بولغان بولۇپ، 15 ياشقا كىرگەن مەزگىلىدە ئىتالىيەدە ئېلىپ بېرىلغان گۈزەللەرنى تاللاش يىغىلىشىدا باھالىغۇچىلار قاتارىدىكى ئىتالىيىلىك داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچى كارلو پونتى (Carlo Ponti) بايقاپ، ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چولپان قىلىپ تەربىيلەپ چىققان. 1955-يىلى ئۇ رول ئالغان «دەريا قىزى» ۋە 1961-يىلى رول ئالغان «ئىككى قىز» دېگەن كىنولىرى ئوسكار ۋە گانا قوش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن خەلقئارالىق گىگانت چولپانغا ئايلىنىپ، ياۋروپادىن ھوللېۋودقا يۈرۈش قىلغان. كارلو پونتنىڭ تەسىرى ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولغان بولۇپ، كېيىن ئىككىسى توي قىلىپ ئەر-خوتۇن بولۇشقان ۋە كەسپتىكى ھەمراھلارغا ئايلانغان. 1979-يىلى تەرجىمىھالى نەشىر قىلىنغان. 1992-يىلى ئوسكار ئۆمۈرلۈك مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ تەبىئى گۈزەللەر شەرىپىگە ئېرىشىپ، ئىتالىيىلىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئايال ئىلاھىغا ئايلانغان.
河里来的女人                  两个女人

36. ئەيلەن دەيلون               阿兰•德龙        Alain Delon
تەنھا «كۆككۆز قاتىل»



ئەيلەن دەيلون فرانسىيىلىك داڭلىق كىنو چولپىنى. 1935-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى فرانسىيىنىڭ  Sceaux دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 70-يىللاردىكى كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئارتىستلارنىڭ بىرى.
«زورو»  (佐罗 zorro) دېگەن كىنونى ئاق بۈركۈتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرگەن ، «زورو» نىڭ تىنىق سۈزۈك كۆككۈزلىرى ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولۇشى مۈمكىن.

37. - ۋودىي ئەللان                 伍迪•艾伦      Woody Allen
«چۈشەنمەك تەس» رېژىسسور
   

ئەسلى ئىسمى ئەللان سىتېۋارت كونېگىسبېرىگ (Allen Stewart Konigsberg)، ئامېرىكىلىق رېژىسسور، سىنارىتست، كىنو ئارتىسى، كومىدىيە ئارتىسى، يازغۇچى، كومپىزوتېر ۋە كومىدىيە يازغۇچىسى. ئەيلوننىڭ ئۆزىگە خاس كىنولىرى، درامما دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەن سەھنە ئەسەرلىرى ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر رېژېسسورلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان.
ئۇنىڭ «تۈن كېچىدىكى پارىژ» (午夜巴黎) ناملىق كىنوسى 2012-يىلى 84-نۆۋەتلىك ئوسكار كىنو كۆرىكىدە ئوسكار ئەڭ ياخشى رېژېسسور ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى ۋە ئوسكار ئەڭ ياخشى سىنارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ رول ئالغان، رېژوسسورلۇق قىلغان، سىناريىسىنى ئىشلىگەن  1978-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان كىنولىرى جەمئى 23 قېتىم ئوسكار مۇكاپاتى ياكى ئوسكار ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا، ئىككى قېتىم ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا (تۈن كېچىدىكى پارىژ) ئېرىشكەن. ۋېنىستسىيە كىنو كۆرىكىدە ئىككى قېتىم (بىر قېتىم ئۆمۈرلۈك مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى مۇكاپاتى، بىر قېتىم «خامىليون» ‹1983 变色龙› دېگەن كىنوسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن) مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. گانا كىنو كۆرىكىدە «قاھىرە ئەتىرگۈلى» (开罗的紫罗兰) دېگەن كىنوسى خەلقئارا باھالاپ چىقىلغان كىنو مۇكاپاتىغا (FIPRESCI Prizes) سازاۋەر بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيە تېلىۋىزىيە سەنئىتى مۇكاپاتىغا 9 كىنوسى ئېرىشكەن.

38. -دېننىس خوپپېر             丹尼斯•霍珀    Dennis Hopper
ئۆز بېشىمچى «سەلبى ئوبراز» پادىشاھى
   
   
دېننىس خوپپېر (1936.5.17---2010.5.30) ھوللېۋودنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە رېژىسسورى. 18 يېشىدا ھوللېۋودقا كېلىپ تەرەققىي قىلغان. ئۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىكى ۋە چۈشكۈنلۈكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىنو «سەۋەبسىز قارشىلىق» (无因的反抗 Rebel Without a Cause   1955) دا ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان. 1969-يىلى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلغان، رېژىسسورلۇقىنى ئىشلىگەن ۋە ئۆزى ئاساسلىق رولچى بولغان داڭلىق كىنوسى «ئەركىن چەۋەنداز» ( 逍遥骑士Easy Rider) ئۇنى كىنو ساھەسىدىكى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلغان. 1986-يىلى ئوسكار ئەڭ ياخشى قوشۇمچە رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆمرىدە 150 دىن كۆپرەك كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان. ئۇ يەنە ئۇرۇش تېما قىلىنغان «يېڭى ۋەھىينامە» (现代启示录  Apocalypse Now ) ۋە قورقۇنچلۇق فىلىم «كۆك دۇخاۋا» (蓝丝绒) قاتارلىق داڭلىق فىلىملەرگىمۇ قاتناشقان. 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بەز راكى سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتكەن.

39. -جاك نېككېرسون           杰克•尼科尔森   Jack Nicholson
يېنىك تەبىئەت بىلەن ئۆتكەن نەچچە ئون يىل
   
   

جاك نېككېرسون (1937-4-22  -)  ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى، سىنارست. كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىسلارنىڭ بىر دەپ قارىلىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تۇرمۇشى ئاساسەن كىنو ئىچىدە ئۆتتى.

40. مورگان فېرېمان               摩根•弗里曼     Morgan Freeman  
«كۆپ قىرلىق» نېگىر كىنو خاقانى
   

مورگان فېرېمان (1937-6-1 )  ئامېرىكىلىق ئارتىس، رېژىسسور. 1989-يىلى «دەيىس خانقىزنىڭ شوپۇرى» (为黛茜小姐开车  Driving Miss Daisy ) دېگەن كىنودا ئاق كۆڭۈل، ۋىجدانلىق، باتۇر شوپۇرنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئالتۇن شار مۇكاپاتى ۋە ۋە پۈتكۈل ئامېرىكا بويىچە باھالاپ چىقىلغان كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى كىلىنىت ئېۋاستۋوند رېژىسسورلۇق قىلغان «مىليون دوللارلىق بوۋاق» دېگەن كىنودا 77-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى قوشۇمچە رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مورگان فېرېماننىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى نامى چىققان ۋە ھوللېۋودنىڭ نۇرغۇن كىنولىرىدا رول ئالغان.
باشقا رەسىملەر كىچىك رەسىم چوڭ رەسىم
رەسىم ئىچىلىۋاتىدۇ، سەل ساقلاڭ...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش1
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار10

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
Ablazewolf ۋاقتى: 2013-11-23 09:12:40 | ئايرىم كۆرۈش
تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ قىسىمدا بىر قەدەر تونۇش بولغىنى 007، زورو نىڭ رولىنى ئالغانلار ۋە ئەڭ ئاخىردىكى مورگان فېرىمەنكەن. بۇ قارۋاينىڭ رولنى شۇنداق تەبىئىي ئالىدىغان ماھارىتىگە بەك قايىلمەن.
يىكەنداز
سياۋەش ۋاقتى: 2013-11-23 14:17:47 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سياۋەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-23 14:21  
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2013-11-23 09:12
تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ قىسىمدا بىر قەدەر تونۇش بولغى ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
SubtitleEdit دېگەن نەرسىدە كىنونى كۆرگەچ تەرجىمە قىلاي دېسەم ئاستىدىكى خەت چىقىپ، قويغىلى ئۇنۇمىدى. بۇنى قانداق ئوڭشايدۇ؟ مەن بۇرۇن تېكست ھۆججەتنى ئاۋۋال خېتىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ، ئاندىن كىنونىڭ دېئالوگىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ قايتا تەرجىمە قىلىتتىم. ماۋۇ نەرسىنى ئەمدى ئىشلەتكىلى قوپتۇم تېخى.

未命名.JPG(117.59KB)

未命名.JPG (117.59 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

未命名.JPG
گېلەم
سياۋەش ۋاقتى: 2013-11-23 16:35:31 | ئايرىم كۆرۈش
«سېئان كوننېر» رولغا چىققان مەشھۇر كىنولاردىن «ئىندىئاننا جونېس» چالا قاپتۇ. ئۇ ئەدەم «ئىندىئاننا جونېس» نىڭ "خىسلەتلىك رومكا" دېگەن قىسمىدا جونېسنىڭ دادىسىنىڭ رولىغا چىققان ئىدى.
كىگىز
زۇليار330 ۋاقتى: 2013-11-23 17:13:36 | ئايرىم كۆرۈش

مورگان فېرېمان     ‹‹دەننىي بىر ئىت›› دىگەن لى لىيەن جېيى باش رول ئالغان فىلىمدە قارىغۇ بوۋاينىڭ رولىنى ئالىدۇ.           
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ئاققىر ۋاقتى: 2013-11-23 17:19:52 | ئايرىم كۆرۈش
خەنلەر ناھايتتى تەپسىلى تونۇشتۇرىدىكەن، تۇغۇلۇشى، يەيدىغان تامىقى، بالا-ۋاقىلىرى، ئىش قىلىپ ھەممە تەرىپىدىن، ئۇنىڭ ھەممىسىنى يازارغا توغرا كەلسە 100 نى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بىر كىتاب كېتىدىكەن. شۇڭا نۇغۇن يېتەرسىزلىكلەر، چالا قالغان تەرەپلەر بولۇشى مۈمكىن.....
تورداش دوستلار ئۆزى كۆرگەن كىنولاردىكى مۇشۇ ئارتىسلار رولغا چىققانلىرىنى يۇقارقى دوستلاردەك يوللاپ قويسا، باشقىلارمۇ تەڭ بەھىرلەنسە، باھالارنى بەرسە، پائالىيەتلىرىمىز جانلانغان، يېڭى بىلىملەرگە ئىگە بولغان بولاتتۇق.
داق يەر
ئەپسانە ۋاقتى: 2013-11-23 22:30:58 | ئايرىم كۆرۈش
مورگان فېرېمان يەنە«شاۋشانىك تۈرمىسىدىن قىچىش» دىگەن فىلىمدىمۇ رول ئالغان.
مىخ
teklimakan ۋاقتى: 2013-11-30 09:19:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   teklimakan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-30 07:21  
سياۋەش يوللىغان ۋاقتى  2013-11-23 12:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
SubtitleEdit دېگەن نەرسىدە كىنونى كۆرگە ...

完美解码   ياكىK-Lite Codec Pack Fullنى قاچىلىۋېتىڭ .
9#
Seher Qushi ۋاقتى: 2013-11-30 19:33:29 | ئايرىم كۆرۈش
فىرانسىيەلىك چولپان ئالائىن دېرون (زورو)نىڭ رولچىسى ئەينى يىللىرى دۇنيا ئەرلەر گۈزىلى بولغان،2000نەچچىنچى (ئېنىق ۋاقتىنى ئەسلىيەلمىدىم )يىلى تېخى نەۋرىسى بىلەن بىر كىنو ئىشىلىدى .
10#
سياۋەش ۋاقتى: 2013-12-2 18:13:03 | ئايرىم كۆرۈش
teklimakan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-30 09:19
完美解码   ياكىK-Lite Codec Pack Fullنى قاچىلىۋېتىڭ .

رەخمەت. شۇ بويىچە قىلىپ ئوڭشىۋالدىم.
SubtitleEdit دېگەن نەرسىنىڭ كىنو تەرجىمە قىلىشقا ئىشلىتىدىغان، بارلىق ئىقتىدارىنىڭ ئۇيغۇرچە سىنى بارمىدۇ؟
11#
زۇلئاي ۋاقتى: 2014-1-6 04:44:42 | ئايرىم كۆرۈش
ھېسسىياتچان مەبۇد.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


19ئەگەشكىنى

74پىنتوزىلىرى

340تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1