بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkan2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-4 14:15
ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كورىيە ۋە ياپونىيە فىلىملىرىدىكى كىشى ئىسىملىرىنى قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟
خەنچىگە تەرجىمە قىلىنغان كورىيە ۋە ياپونىيە تىياتىرلىرىدا كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنمايدىغانلىقىغا بەلكىم كۆپىنچەيلەن دىققەت قىلغاندۇ؟ نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ بۇنداق بولغاندا خەنچە ياپونىيە ۋە كورىيە فىلىملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كىشى ئىسملىرىنى خەنچىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئالغاندا توغرا چىقمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ياپون تىلى ئادىتىگە ئاساسلانغاندا، خەنزۇ تىلى ئۇنىڭغا نىسبەتەن چەتتىن كىرگەن تىل ھېسابلانمايدۇ. ياپون تىلى خەنزۇچە خەتلەرنى 音读和训读① تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوقۇلۇش ئۇسسۇلىدا قوللىنىدۇ. خەنزۇچە خەتلەر بىلە ياپون تىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇقىم بولۇپ، ياپون تىلىغا سىڭىپ كىرگەن خەنزۇ تىلىنىڭ دەۋر پەرقىگە ئاساسەن، ياپون تىلىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئوقۇلۇشى ۋۇ تىلى، خەن تىلى ۋە تاڭ تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. خەنزۇ تىلىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ زور بولۇپ، ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى (ئورتاق تىل) بىلەن قەدىمقى زامان خەنزۇ تىلىدىكى پەرقلەرمۇ بەك چوڭ. بۇ پەرقلەر تۈپەيلىدىن ياپون تىلىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن ھازىرقى زامان ئورتاق خەنزۇ تىلىنىڭ ئوقۇلۇشى ئاسمان-زېمىن پەرىقلەندى. بىراق قانچىلىك چوڭ پەرىق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ياپونچىدىكى كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىشلىتىلمەي، ئەكسىچە ياپون تىلىدىكى خەنزۇچە خەتلەر ئاساس قىلىنىپ ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن بۇ خەتلەر ئوقۇلدى. دېمەك، خەنزۇچە خەتلەر خەنزۇ تىلى بىلەن ياپون تىلى ئارىسىدىكى كۆۋرۈك بولۇپ قالدى.چاۋشىيەن تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ياپون تىلىغا قارىغاندا ئىنتايىن زىچ . چاۋشىيەن يېزىقى تارىخى بىر قەدەر قىسقا، بۇرۇنلاردا ئۇلار پۈتۈنلەي خەنزۇ يېزىقىنى قوللىناتتى. چاۋشىيەن تىلىدا خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ، ئوقۇلۇشتا مىڭ سۇلالىسىدا قوللانغان ئورتاق تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھازىرقى چاۋشىيەن يېزىقىدا خەنزۇ يېزىقى ئىشلىتىلمەيدۇ. ئۇنىڭدا ئاھاڭداش خەتلەر بىر قەدەر كۆپ، خەنزۇ يېزىقى ئىشلىتىلمىگەندىن كېيىن نۇرغۇن قولايسىزلىق بولغان. چاۋشىيەن (كورىيە) كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر-جاي ناملىرىنى تەرجىمە قىلغاندا، خەنزۇ تىلىدا شۇلارغا ماس خەنزۇچە خەت بار. مەنىسىنىمۇ توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن تەرجىمىلەردە شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان خەنزۇچە خەتلەر ئىشلىتىلىدۇ.
①
ياپونلارنىڭ ئىسمى كۆپىنچىسى خەنزۇ يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ . خەنزۇ يېزىقى كەلگەن ئىسىملاردا بىۋاستە شۇ خەتنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى خېتىنى يېزىپ قويساقلا بولىدۇ.
مەسىلەن : 吉沢明歩⇒吉泽明步
(خەنزۇ تىلى ۋە ياپون تىلىدا شەكلى ئوخشىمايدىغان ئىككى خەت بار)
②
يۇقارقى مىسالدىن باشقا يەنە بەزى ياپونچە ئىسىملاردا ياسالما خەنزۇچە خەت ئۇچرايدۇ. تەرجىمىلەردە ئاھاڭداش خەنزۇچە خەتلەر ۋاكالىتەن ئىشلىتىلىدۇ.
مەسىلەن: 辻本夏実⇒十本夏实
(ئىسىمدىكى 迁本 خاتا تەرجىمە قىلىنغان، بۇنداق خاتا تەرجىمە قىلىدىغانلارمۇ كۆپ)
③
بەزى ئىسىملار ساختا ناملار بىلەن يېزىلغان.( بولۇپمۇ ئاياللار ئىسمى) بۇنداق تەرجىمە ئۇسۇلىمۇ بىردىنبىر ئۇسسۇل ئەمەس، ئادەتتە بۇ ساختا ئىسىملارنىڭ تەلەپپۇزىغا ماس كېلىدىغان ياپون تىلىدىكى خەنچە خەتلەر تېپىپ چىقىلىپ ئاندىن خەنزۇ تىلىدىكى خەنچە خەتلەرگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.
مەسىلەن: 坂崎ゆり⇒坂崎百合
يۇقارقى ئىسىم تەرجىمىسىدىكى 百合 يالغان ئىسىم بولۇپ، ئادەتتە ياپون تىلىدىكى خەنچە خەتلەرگە ماس كېلىدىغان خەتلەر بىر تاللا بولمايدۇ، ئەھۋالغا قاراپ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خەتلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ، بۇ نۇقتىدا قاتتىق بەلگىلىمە يوق.
مەسىلەن يۇقارقى ئىسىمنى يەنە تۆۋەندىكىدەك خەتلەر بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ
坂崎ゆり
坂崎由莉、友梨、優里、悠理 قاتارلىقلار
تۆۋەندە يەنە بىر نەچچە ئىسىملارغا قاراپ باقايلى!
铃木(すずき)Suzuki
田中(たなか)Tanaka
高??たかはし)Takahashi
中村(なかむら)Nakamura
渡辺(わたなべ)Watanabe
藤田(ふじた)Fujita
藤井(ふじい)Fujii
?m崎(みやざき)Miyazaki
以下为音译(音读法):
佐藤(さとう)Sato
伊藤(いとう)Ito
加藤(かとう)Kato
?忍?さいとう)Saito
後藤(ごとう)Goto
本田(ほんだ)Honda
本間(ほんま)Honma
福井(ふくい)Fukui
چاۋشىيەن ئىسىملىرى:
朝鲜语:김정은
Kim Jong-un-金正恩
كورىيە ئىسىملىرى:
池城-Ji Sung
Hwang Jung Eum-黄静茵
LEE JOON GI-李准基
张东健-Jang Dong Gun
张娜拉-JangNaRa
يېغىنچاقلىغاندا، ياپونىيە ۋە كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە فىلىملىرىدە كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر-جاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ئامال بار خەنچىدىن ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئالماي، ئىنگىلىزچىدىن ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئالغاندا توغرا چىقىدۇ.
音读-بۇ قەدىمدە جوڭگودىن ياپونىيەگە سىڭىپ كىرگەن ئوقۇلۇش بولۇپ، تاق سۆزلەرنىڭ ئوقۇلۇشى.
训读-بۇ ياپونىيىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان يەرلىك ئوقۇلۇش بولۇپ، تاق خەتلەرنىڭ ئوقۇلۇشى.
مەنبە: بەيدۇ قامۇسى
تەرجىمان: ئەركان
|