ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

مەۋەگە بىر كىرىڭلار، دوللار تارقىتىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
3207 51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاق بۈركۈت تورىنىڭ جاپاكەش تەرجىمانلىرى، ئاكتىپ ئەزالىرى
ئاق بۈركۈت تورى قۇرۇلغاندىن بېرى ھەر قايسى تەرجىمان ۋە كىرىشتۈرگۈچى جاپاكەشلەرنىڭ مىھنەتسىز ئەمگىكى ۋە تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن نادىر فىلىملەرنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تورداشلارغا سۇنۇپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، يەنە بىزدىن ئاغرىنغانلارمۇ بولدى، بىراق زور كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ بىزنىڭ ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەپ قوللىشى نەتىجىسىدە بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىمىز.
يېقىندا تورداشلار بىلەن كىنو سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى نەچچىدە پىرىسلاش توغۇرلۇق پىكىر ئالدۇق، كۆپلىگەن تورداشلار 720P لىك قىلىپ كۆرۈشنى تاللىدى، ئەلۋەتتە كۆرگەندىن كىيىن سۈزۈك قىلىپ كۆرۈش لازىم، بىراق كۆز ئالدىمىزدا يەنە بىر رەھىمسىز رىئاللىق تۇرۇپتۇ، ئۇ بولسىمۇ بىكەت چىقىمىنى قامداش.
ھېلىمۇ دىلمۇرات نەچچە يىلدىن بېرى بىكەتنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرىنى ئۆزى تۆلەپ كەلگەن، بىز 2012-يىلى 10-ئايدا كۆپلىگەن ئەزالارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى ئارقىلىق (YY سۆھبەخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يىغىن) بىكەت چىقىمىنى قامداش ۋە ئوقۇشسىز باللارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن فىلىملارنى 1 يۈەندىن سېتىشنى قارار قىلغان، زور كۆپچىلىك تورداشلار بىزنىڭ پىكىرىمىزنى قوللاپ بىكەتكە پۇل قاچىلاپ بىكەت چىقىمىنى مەلۇم دەرىجىدە قامدىشىمىزغا ياردەم قىلدى، يەنە بەزىلەر تا ھازىرغىچە ھەق قاچىلىماي بىر ئەزا نومۇرىنى نەچچە ئەزا ئىشلىتىپ فىلىم كۆرۈۋاتقانلارمۇ بار، مەن بۇلارغا تاپا تەنە قىلماقچى ئەمەس، بەلكى مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ قويماقچى، سىزنىڭ ئۇنداق قىلغىنىڭىزغا بىكەت فىلىملىرى قوراپ كەتمەيدۇ، ئەمما بىكەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ھاياتى كۈچىنى ھەر قېتىمقى ھەركىتىڭىزدە ئاستا ئاستا خورۇتۇپ ماڭىسىز خالاس.
تورداشلارغا نورمال بولغان فىلىم بىلەن تەمىنلەش شارائىتى ھازىرلاش ئۈچۈن بىكەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك، بىراق بىكەتنىڭ نورمال مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئايدا بىكەت مۇلازىمىتىرىغا تۆلەيدىغان پۇل بولۇشى كېرەك، بۇ پۇل نەدىن كېلىدۇ؟ ئاز بىر قىسىمىنى بىكەتتىكى باللار بەرگەن بىلەن يەنە زور كۆپ قىسىمىنى دىلمۇرات تۆلەۋاتىدۇ.
دىلمۇرات بىلەن ئۈلۈشكۈن چ چ دا پاراڭلاشقان، بىكەت چىقىمىنى سورسام يەنىلا سۈكۈتتە تۇردى، ئالدىنقى قېتىملىق يىغىندا سورساقمۇ بىزگە بەك تەستە دپ بەرگەن، نىمە ئۈچۈن، چۈنكى ئۇ بۇ چىقىملارنى تورداشلارغا بىلىدۈرۈشنى خالىمىدى، بىراق بىزمۇ ئەقىللىق ئادەملەر بولغاندىكىن بىكەت دىگەننىڭ چىقىمى بارلىقىنى ھەر ۋاقىت ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.
دىلمۇراتمۇ تېخى يېقىندىلا توي قىلدى، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ چىقىملىرىمۇ ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدۇ، شۇنداق تۇرسا يەنە بۇ چىقىنىمۇ ئۇنىڭغا ئارتىپ قويساق قانچىلىك ۋاقىت بەردەشلىق بېرەر؟ 6 ئاي، بىر يىل؟ ئۇنىڭدىن كىيىنچۇ؟ ئادەم تالاغا چىقسىلا گېلىنى سىقىپ تۇرغان رەھىمسىز رىئاللىق دىلمۇراتنىمۇ ھەر دائىم دىگۈدەك يوقلاپ تۇرىدۇ.
يېقىندا قۇتيار تور بىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى كۈلكە ئەپەندى تەرجىمە فىلىم تور بىكىتىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، كۈلكە ئەپەندىنىڭ تېمىسىدا ئوتتۇرغا قويغان سەۋەبنىڭ ئىچىدە رەسمىيەتتىن باشقا يەنە بىر سەۋەبمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ «كىرىمى يوق بىكەتنى ئېلىپ ماڭماق تەس ئىكەن»، شۇڭلاشقا بىز بىكەتتىن كىرىم قىلىشنى قويۇپ ھېچ بولمىغاندا بىكەت چىقىمىنى قامدىساقمۇ چوڭ گەپ ئىدى، شۇڭا ئەزالار بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى ئوتتۇرغا قويدۇم:
1.بۇنىڭدىن كىيىن فىلىملار 720P لىك ئېنىقلىقتا MKV فورماتىدا پىرىسلانسا (ئاستا چۈشىدىكەن دەپ قاقشىمىغايسىلەر، تەرجىمانلار نەچچە كۈن سەرىپ قىلىپ تەرجىمە قىلغان فىلىمنى سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشۈرۈۋالغايسىلەر)
2.فىلىم باھاسىنى ھازىرقى 1 يۈەندىن 2 يۈەنگە ئۆستۈرسەك، بۇنداق بولغاندا بىكەت چىقىمىنى قامداپ كېتەلەيمىز، 2 يۈەننى قىممەت دەپ قالماڭلار باللار، بازاردىن 3 يۈەنگە بىر سىن تەخسە سېتىۋالساڭلارمۇ ئىچىدىن سىلەرگە يارىغۇدەك بىر فىلىم چىقىشى ناتايىن، بىكەتتىكى سۈزۈك فىلىملەرنى چۈشۈرۋالساڭلار ھازىرقى تەرەققىياتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ كېلەر يىلى 46 دىيۇملۇق سۈزۈك كىرىستاللىق تېلىۋۇزۇر سېتىۋالغاندا ھوزۇرىنى سۈرسىلەر.
3.بىكەتكە سوم قاچىلايدىغانلار مېنى ئىزدىسەڭلار بولىدۇ، مەن ھايات بولساملا ئەتتىگەن سائەت 9 دىن باشلاپ كەچ سائەت 7 گىچە تورغا چىقىمەن، مېنى پۇلىمىزنى قويۇۋېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرىمەڭلار، بىكەتتىكى نۇرغۇن باللارغا ھەق قاچىلاپ بەردىم، چ چ 1345999040 (مەن ھەق قاچىلاپ بەرگەنلەر ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلساڭلار، يېڭىدىن ھەق قاچىلىماقچى بولغان ئەزالاردىكى ئىككىلىنىش تۈگىسۇن)
ئاۋازلىق فىلىملەر: ئاۋازلىق فىلىملەرنى تاللىغاندا ئاۋازنىڭ ياخشى ياكى بېرىلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭلار باللار، فىلىم ياخشى بولۇپ بېرىلگەن ئاۋاز ياخشى بولمىسا كۆرگەنگە پۇشايمان قىلىمىز (رۇسلان ئەپەندى كىرىشتۈرگەن مۇز دەۋرى 4 فىلىمىدىن شۇنداق رازى بولدۇم). كىرىشتۈرگەندىمۇ كونا نادىر فىلىملەرنى كىرىشتۈرەيلى، مەسىلەن ئالدىنقى قېتىم بىكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان «قەھرىماننىڭ جاسارىتى» دىگەن فىلىمدەك، يېڭى ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ ئاۋازى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولمىسا يەنىلا خەتلىك كۆرگەنگە يەتمەيدۇ. شۇڭا كونا نادىر فىلىملەر بولسا دىلمۇرات ۋە ئاققىر ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ 1 يۈەندىن ساتساق (بۇنداق فىلىملەرنى بىكەت بوشلۇقىغا يوللايلى).
شۇڭا قالدى گەپلەرنى تورداشلار بار مەسلىھەت قارار قىلايلى
(پۇل قاچىلايدىغانلار ئېرىنمەي قاچىلىۋېلىڭلار، بولمىسا كىيىن بىكەت تاقىلىپ قالغاندا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەپ بېرىدىغانلارنىمۇ تاپالماي قىينىلىپ قالسىلەر)

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار51

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ياۋائات ۋاقتى: 2013-2-4 21:38:10 | ئايرىم كۆرۈش
ۋئۇي دوللار  بېرئەي  دېساڭمۇ  ئىچكىم  ئالماي دئىغان  ئوخشىمامدئۇ  مەن  نامرات رئاق شۇڭا  20 ياۋ رئو ئاللاي
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
tuprak + 10 ئىملا ! دېققەت قىلىڭ

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-4 22:54  

باپكار جان  مەن ئەتە يا ئۇگۈن  پۇلنېي ئا پېرئىپ  بېر مەن  چا ەان دئىن بۇرۇن




باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى
سىز مۇنداق دېمەكچى ئوخشايسىز :

باپكارجان ، مەن ئەتە يا ئۆگۈن پۇلنى ئاپىرىپ بېرىمەن . چاغاندىن بۇرۇن .
گېلەم
بۇغرا68 ۋاقتى: 2013-2-4 22:04:37 | ئايرىم كۆرۈش
باپكار ئوتتۇرىغا قويغان رىئال مەسىلىلەر كۆرۈمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تاتالمىدىمۇ ياكى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مېنىڭچە كىنونىڭ پىرىسلىنىشى 720 لىك بولسا  مۇۋاپىق . ئۇنىڭدىن تۆۋەننى كۆرگۈسى كەلمەيدىكەن .
بىكەتنىڭ چىقىمىغا كەلسەك يېقىندىن بۇيانقى رەھىمسىز رىئاللىق ئالدىدا مەنمۇ سىزمۇ ، ئۇمۇ باش ئەگمەكتىن باشقا ئامال قىلالمىدۇق . مەن بۇرۇنمۇ دىگەن كىنونى 1080  لىك پىرىسلىساق 3 سوم
720 پىرىسلىساق 2 سوم  ئاۋازلىق فىلىم 1  سوم بولسا  بولىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا تەرجىمان، تەھرىر، مۇقاۋىچىلار ھەقسىز ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولسۇن .
ئەلۋەتتە تەرجىماندىنمۇ بىرسى ، مۇقاۋىچىدىنمۇ بىرسى، تەھرىرىدىنمۇ بىرسى بولسا كۇپايە
ھەقسىز كۆرۈشكە ،  قالغانلار ئورتاق ، باراۋەرلىكتىن مەنپەئەتلەنسە بولىدۇ .
كىچىككىنە تەلىپىم : مەيلى بەيدۇدا بولسۇن مەيلى چىۋوددا بولسۇن ئۇرۇقىنى  ساقلىغىلى بولمايدىغان قىلساق ، سوم قاچىلىماي كىنو كۆرۈمەن دىگەنلەر ئويناپ كەلسە .
كىگىز
نېھال ۋاقتى: 2013-2-4 22:10:08 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ شۇنداق دوللار قاچىلىغۇم بار لىكىن ئۆزەم ۋەتەندە بولمىغاچ قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم ، ئۇزۇن بولدى مۇشۇ مۇنبەردىن ھەقسىز كىنولارنى كۆرۈپ تۇرۋاتېمەن    بولسا مەن قانداق قىلسام دوللار قاچىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭلا
مەندە جوڭگۇنىڭ ھىچقانداق تور بانكىسىنىڭ كارتېسى يوق  مۇشۇ ئەڭ چوڭ مەسىلە بۇلۇپ قالدى
ئورۇندۇق
tuprak ۋاقتى: 2013-2-4 22:57:07 | ئايرىم كۆرۈش
نېھال يوللىغان ۋاقتى  2013-2-4 22:10
مىنىڭ شۇنداق دوللار قاچىلىغۇم بار لىكىن ئۆزەم ۋەتەندە  ...

Paypal نى ئىشلەتكىلى بولىشى مۇمكىن . چاتاق يېرى ئۇنىڭدىن پۇلنى ئالسا رەسمىيەت ھەققى بەك يۇقىرىكەن شۇ .
داق يەر
tuprak ۋاقتى: 2013-2-4 22:59:21 | ئايرىم كۆرۈش
مەن باپكار ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپلەرگە قۇشۇلىمەن . بۇغرا68 نىڭ سۆزلىرىمۇ ئۇرۇنلۇق . سۈزۈك نۇسقىسىغا كىرىشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىنولار كوچىلاردا يەنىلا شۇ ئىپلاس دەيچىلەرنىڭ قولىدا يۈرەمۇ ؟؟؟؟؟
مىخ
svpvrga ۋاقتى: 2013-2-4 23:35:19 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئىككى قۇلۇمنى ئىگىز كۈتۈرۈپ قوللايمەن. بىر كىنونى نەچچە سومغا كۈرۈشكە چىدىمىغان بىلەن ، نەچچە ئون سوم ياكى يۈز سومنى ئورۇنسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىدىغانلارمۇ بار ئارىمىزدا. شۇڭا بولسا ئايدا 10 سوم قاچىلاپ قويساق بىر ئاي كىنو كۈرىشىمىزگە كەڭرى يىتىدۇ(نۆۋەتتىكى كىنو ئېلان قىلىنىش سۈرئىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا)، مۇنبەرنىڭ تەرقىياتى ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ۋە ئانا تىلىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئازراق ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايلى!
9#
ArmanimI ۋاقتى: 2013-2-5 00:33:15 | ئايرىم كۆرۈش
دوللار تارقىتىمەن دىگەنتى پالاقلاپ كىرسەم، 5 موچەنمۇ يوق  ھەي  !! نامراتچىلىق
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
tuprak + 10 قاخشىماڭ...

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +10

10#
rohqin ۋاقتى: 2013-2-5 00:55:34 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ قۇشۇلىمەن.  2 سومدىن سېتىۋېلىپ كۆرۈشكە مەن رازى.
قۇتيارمۇنبىرىگە كىرىپ تۇرغانلار كۆرگەن بۇلىشى مۇمىكن تەرجىمە فىلىم توربىكىتىنىڭ تاقىلىشى ئاساسلىقى مۇلازىمىتىرنىڭ چىقىمى  بىر سومغا چىدىمىغانلار كىيىن 10 سوم خەجلەپمۇ خەتلىك كىنو كۆرەلمەيدىغان ئەھۋالغا قالىدۇ.
شۇنداقلا بۇ مۇنبەردىن مەنپەئەت ئېلىپ كىلىۋاتقان بولغاندىكىن  ئېرىشكەن پايدىغا لايىق ھەق تۆلەش ئەقەللى قائىدە، ۋىجدانى بۇرۇج
11#
2012 ۋاقتى: 2013-2-5 01:21:05 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ جىق گىپىم يوق، مەنمۇ شۇ سۈزۈك كىنو ھەۋەسكارى،مىنىڭچىمۇ 720پ كۆرسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولدۇ،سۈزۈك بولسىلا2كويدىن كۆرسەك بۇمۇياخشى پىكىر ، ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ سۈزۈك قلساڭلا بىر كىنونى 5 كويدىن كۆرسەممۇ غىڭ -پىڭ قىلماي كۆرمەن مەن:   lolقايسى كۈنى 480پ پىرىسلانغان بىر كىنونى كۆرۈپ سىتۋالغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم بۇنداق دىسەم چىدماسكەن دەپ قالماڭلا باللا، سۈزۈك كۆرۈپ كۆنۈپ قىلىپ كەينىدىن چاپاق كۆرسە ئادەمنىڭ رەسمى ئىچى پۇشۇپ قالدىكەن.
12#
2012 ۋاقتى: 2013-2-5 01:26:06 | ئايرىم كۆرۈش
svpvrga يوللىغان ۋاقتى  2013-2-4 23:35
مەن ئىككى قۇلۇمنى ئىگىز كۈتۈرۈپ قوللايمەن. بىر كىنونى  ...

ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ۋە ئانا تىلىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئازراق ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايلى!! ئوغۇلبالدەك گەپ قىپسىلە ئاداش،دىگنىڭلا ئورۇنلۇق مەنمۇ 3ئاينىڭ ئالدىدا 50 كوي قاچلاپ قويغان ھازىرغىچە تۈگمىدى تىخى.
13#
ئۆتكۈر ۋاقتى: 2013-2-5 01:30:09 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدىنقى بىر تېمىدىمۇ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ قويغانتىم، مەيەردىمۇ دەپ قوياي
سۇزۇك فىلىم كۆرۈش ئۈچۈن ئۇزۇندا چۈشسىمۇ ساقلاشقىمۇ، 2 سوم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۆلەشكىمۇ ئەرزىيدۇ.
ئانا تىلنى قەدىرلەش باش تېما بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگەنلەرگە ئۈچ-بەش كوي دېگەن گەپلەر ئويلانغۇچىلىك مەسىلە ئەمەس...
بىر كىنونىڭ تەرجىمە قىلىنىپ، خەت كىرىشتۈرۈلۈپ، پىرىسلىنىپ داستىخانغا ( تورغا ) قويۇلغىچە قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈلۈدىغانلىقىنى بەزىلەر ئويلاپمۇ باقمايدۇ.

ساقلىغىلى تاقىتى يوق ياكى 2 كويغا چىدىمىغانلار بازاردىنن 3كويغا دەي ئېلىپ كۆرسىمۇ يۇكۇ، 56 لەردىن كۆرۈۋالسىمۇ، ئۇنىڭغىمۇ قورسىقى ئاغرىغانلار لەڭپۇڭخانىدا بىر كويلۇق لەڭپۇڭنى دەسمى سېلىپ شۇيەردە كىنو كۆرسىمۇ بولىدۇ.
بەزى ساقلاش قىممىتى يۇقىرى، ئېسىل كىنولارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ 3 كوي، 5 كويغا تەڭشەشكىمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن.
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
tuprak + 10 ئوغۇل بالا !

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +10

14#
ziltar ۋاقتى: 2013-2-5 08:58:58 | ئايرىم كۆرۈش
2 يۈەنگە ئۆسسە سۈزۈكلا بولسا چاتاق يوق ، ماڭا بىر 200 دوللار قەرىز بېرىپ تۇرە
15#
ئەلەم ۋاقتى: 2013-2-5 10:31:12 | ئايرىم كۆرۈش
tuprak يوللىغان ۋاقتى  2013-2-4 22:59
مەن باپكار ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپلەرگە قۇشۇلىمەن . بۇ ...

ئويلىشىپ گەپ قىلىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

1پىنتوزىلىرى

56تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1