- UID
- 410
- تىزىملاتقان
- 2011-1-16
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 150
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
قوپال گەپ قىلمىساڭلار قانداق.. ئىلمىي دىگىلى بولماسمۇ گەپ دىگەننى... تىما ئىگىسىمۇ باشقا نىيەتتە دىمەپتىغۇ، ئەگەر تىما ئىگىسىنىڭ دىگەنلىرى خاتا بولسا خاتالىقىغا ئىلمى ئاساستا مىسال كەلتۈرۈپ دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ..
تور دىگەنگە باشقىلاردىن دەشنام يىگىلى ياكى تىل ئىشىتقىلى چىقمايدۇ ئادەم، مەلۇم نەرسىدىن كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالارمىكى دەپ چىقىدۇ..
كۆرمەي قالغاندۇ ياكى كۆرسىمۇ تىلىمىزدىكى خاتا ئۆزلىشىپ قالغان تەرەپلەرنى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن شۇنداق دىگەندۇ. تىما ئىگىسى ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەپتۇ ئەمما سىز «يۇمشاق دېتال» دەمسىز ياكى «يۇمتال» دەمسىز ۋە ياكى «رۇەنجىيەن» دەمسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. ئەدەبىي تىلدا ئەڭ ئومۇملاشقان ۋە ھممەيلەن چۈشىنەلەيدىغان يېزىق تىلىنى ئىشلىتىش كېرەك.
مېنىڭچە ھازىر كىتابلاردا «يۇمتال» بىلەن «يۇمشاق دېتال» تەڭ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا تالىشىشنىڭ ھاجىتى يوقمىكى دەيمەن. ئىلمىي ئاساستىن ئېيتقاندا ئالىپنىڭ دىگىنى توغرا، ئەمما تىلىمىزدا بۇنداق خاتالىقلار خېلى بار، بەزىلىرىنى تۈزۈتۈپ بولغىلى بولمايدۇ چۈنكى ئۇلار نەچچە ئەۋلادلاردىن بېرى ئاساسى لۇغەت تەركىۋىگە كىرىپ بولۇندى. بەزىلرىنى ئىلمىيلاشتۇرىمىز دەپ تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋېتىپ قالىمىز.
بۇنداق خاتالىقلارنىڭ ئاسسى سەۋەبى بەزى يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملار تىلىمىزغا ئاۋال خەنچە ياكى باشقا مىللەتنىڭ تىلى بىلەن كىرىپ خېلى ۋاقىتتىن كىيىن ئويغۇرچىلاشتۇرلىدۇ. شۇڭا بىر گەپ بىرنەچچە خىل ۋارىيانتتا ئېيتلىپ قېلىنىۋاتىدۇ. «توڭلاتقۇ» «تېلىۋېزور» دىگەن سۆزلەرنىڭ ئومۇملىشىشىغا مېنىڭ پەرىزمچە ئۇننەچچە يىل كەتتىغۇ دەيمەن..تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز توغرا تەلەپپۇز قىلىش، توغرا دىيىشنى ھەممەيلەن تەشەببۇس قىلايلى.. ئالىپقا رەھمەت. تورداشلارنىڭ دىگەنلىرىنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. ھامىنى ھەممەيلەن ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشۈنۈپ قالىمىز...
|
|