ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

يىتىشۋاتقان ياش تەرجىمانلار كىرىڭلار!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
779 33
推荐 نامسىز01 ۋاقتى: 2016-2-25 00:55:58 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نامسىز01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 09:19  

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاق بۈركۈت تورىدىكى تورداشلار.
  يېقىندىن بىرى مۇنبەرمۇ خىلىلا جانلىنىپ قالدى، بۇنىڭدا مۇنبەرنىڭ ئەلباشى دىلمۇراتنىڭ يۈرگۈزگەن دوللار ئىسلاھاتىنىڭ رولى چوڭ بولدى ئەلۋەتتە،  شۇ باھانىدە مۇنبەردىكى پومېشچىك، باي دېھقانلارنىڭ يانچۇقىمۇ قۇرۇقدىلىپ قالدى
    مۇنبەردە خەتلىك كىنولار كۈندىن-كۈنىگە كۆپىيىۋاتىدۇ، ياش تەرجىمانلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن ياش تەرجىمانلار بىلەن خەتلىك فىلىم ھەققىدە ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم!
    بىزنىڭ ئاۋازلىق فىلىملەرنى تاشلاپ قويۇپ خەتلىك فىلىمنى كۆرىشىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب: كىنونىڭ ئەسلى ھېسسىياتى، ئەسلى مەزمۇنى، مەركىزىي ئىدىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن!، پېرسوناژلار ئۆز تىلى بويىچە سۆزلىسە بىز شۇنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ خەتنى كۆرسەك خۇددى ئاشۇ گېپىنى چۈشۈنۈپ ماڭغاندەك بولىمىز. پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىياتىنى مۇشۇنداق چۈشۈنۈپ مېڭىش ئۈچۈن بىز شۇلارنىڭ ئېغىز تىلىنى يېزىق تىلىغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرمىز.
    بىر خىل تىلنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ يەنى: يېزىق تىلى ۋە ئېغىز تىلى، بىز بۇ يەردە ئېغىز تىلىغا ئائىت ئىش قىلمىغاچقا پەقەت يېزىق تىلى ھەققىدە توختىلىمەن.
ئېغىز تىلىنى يېزىق تىلىغا ئۆزگەرتكەندە نۇرغۇن تىنىش بەلگىلىرىگە موھتاج بولىمىز، ئەگەر شۇلار ئۆز ئورنىنى تاپمىسا جۈملە بىر خىل تومتاق، چۈشۈنۈكسىز بولۇپ قالىدۇ ھەم بىزگە بەدىئىي زوق بېرەلمەيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ باش ئاغرىتىدىغان بىر قاتار خەتلا خالاس!

    ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك، بۈگۈن ياش تەرجىمانلارنى بۇ يەرگە توۋلىشىمدا مۇنداق بىر قانچە سەۋەب بار:
1. يېڭى تەرجىمانلاردا ئىملا خاتالىقى بىر قەدەر ئېغىر، كوررېكتوردىن ئۆتكۈزسەكمۇ يەنىلا قولدا ئوڭشايدىغان جايلار بەكلا كۆپ!
2.جۈملىنىڭ ئۆز-ئارا باغلاشماسلىق، ماس كەلمەسلىك ئەھۋالى راستلا ئېغىر!
3.پەش، چېكىت، سىزىقچىنىڭ قويۇلۇشى توغرا ئەمەس!

ئەمدى مەن مۇشۇ ھەقتە ئۆزۈم بىلگەنلىرىمدىن ئىككى ئېغىز سۆزلەي!
  1.ئىملا خاتالىقىغا نىسبەتەن خەت بېسىشنى كۆپرەك مەشىق قىلىپ بىرىڭلار ياكى خەت بېسىش شەكلىڭلارنى ئۆزگەرتىپ تۈزىتىپ بېقىڭلار، كوررېكتور بەزى ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشاپ بىرەلىسىمۇ لېكىن بەزى زىيادە خاتا يېزىلغان جۈملىلەرنى ئوڭشاشقا ئامالسىز. شۇڭا خەت باسقاندا توغرىلىقىغا دىققەت قىلساڭلار.

  2.جۈملىنىڭ باغلاشماسلىق ئەھۋالى: ماۋۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە.
بىر بۆلەك جۈملە ياكى بىر ئادەمنىڭ سۆزى چوقۇم بىر-بىرگە باغلانغان ھەم بىقىنغان ھالەتتە بولىدۇ، ۋاقىت ئوقىدا ئۇنى نۇرغۇن قۇرغا بۆلىۋەتسىمۇ ئۇ يەنىلا بىر جۈملە شۇڭا بىر قانچە قۇردىكى بىر جۈملە سۆزنى ئۆز جايىغا يازماستىن بىر يەرگە ئەكېلىپ بىزنىڭ ئوقۇشىمىزغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئاندىن ۋاقىت ئوقىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلقىغا قاراپ پارچىلاپ يازساق ياخشى، جۈملە تومتاق ئەمەس چوقۇم ئېغىزغا ئوقۇشقا ئاسان بىر-بىرىگە ماسلاشقان بولۇشى كېرەك، ئامال بار كىنودىكى شۇ ئورۇننىڭ مەزمۇنىغا يېقىن چىقىرىش بىر قاتار ئالاھىدە مەنىسى يوق سۆزلەرنى ئىلۋىتىشكە بەزى مۇھىم سۆزلەرنى قوشۇشقا بولىدۇ لېكىن چوقۇم ئەسلى مەزمۇن ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئازراق تىل قابىلىيىتى بولۇشى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكا قىسمى بىر قەدەر مۇرەككەپ شۇڭا خەنزۇچە تەرجىمىنىڭ مەنىسىنى بىۋاسىتە يىزىلسا جۈملە توغرا چىقمايدۇ، خەنزۇچە خەتلەرنىڭمۇ بىر خەتنىڭ نۇرغۇن مەنىسى چىقىدۇ شۇڭا كىنونى بىر قاتار كۆرگەچ تەرجىمە قىلساق كىنو بىر خىل تەبىئىي چىقىدۇ، بۇ يەردە ئاددىي مىسالدىن بىرنى ئالاي: خەنزۇچە ھەم ئىنگىلىزچىدە سەن، سىز، دېگەن سۆزلەر بىر خىللا ئىلىنىدۇ لېكىن ئۇيغۇرچىدە بۇنداق ئىلىنسا جۈملىلەر توغرا چىقمايدۇ، قىزلارغا، ئاتا-ئانىسىغا، يېڭى تونۇشقانلارغا چوقۇم ھۆرمەت شەكلىدە سىز ئىلىنىدۇ ( ئالاھىدە ئەھۋالدا ئۇرۇشۇپ قالغان ياكى شۇنىڭدەك چاغلاردا سەن دەپ ئىلنىدۇ). يەنە بىرى ئانا ئاتالغۇسىنى ئانا دەپ ئالساق ئاپا دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىسەك.
مۇشۇنداق بولغاندا جۈملىلەر بىر قەدەر تەبىئىي تۇيغۇ بېرىدىكەن ئادەمگە.
جۈملە ماسلاشماسلىقنى تۈزەشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ئىككى خەت ھۆججىتىگە تەڭ قاراپ ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش، بۇ سەل ئاۋارىچىلىك ئەمما ئەسلى مەزمۇن ھەم جۈملىلەرنىڭ باغلىنىشىغا بولغان ياردىمى ئەڭ چوڭ. مەنمۇ ئادەتتە شۇنداق قىلىمەن،
- نېمە دېدىڭىز؟ ئىككىسىگە بىر-بىردىن قاراپ بولالمايمەن دېدىڭىزما؟ بۇنىڭ ئامالى ئاسانغۇ سىز تاللىغان خەت ھۆججىتىڭىزنى قىلىسىز كىنوغا يەنە بىر قوشۇمچە خەت ھۆججىتىنى  ماسلاشتۇرۇپ كۆرىسىز ئىش پۈتتى.
ئاخىرىدا يەنىلا تەكىتلەي چوقۇم جۈملىلەرنىڭ ماسلىشىشىغا بىر ئابزاس ياكى تولۇق بىر جۈملىنىڭ مەنىسىنى تولۇق ئىپادىلەشكە بەك كۈچەڭلار!

     3.پەش، چېكىت، سىزىقچە، كۆپ چېكىت.
مانا بۇ ئېغىز تىلىنى يېزىق تىلىغا ئۆزگەرتكەندە بىز ئەڭ موھتاج بولىدىغان قۇراللار.
ئەگەر بۇ قوراللارنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىسەڭلار يەنىلا تەرجىمە سۈپەتسىز چىقىدۇ،
چېكىت: بۇنى تەرجىمە ئىشلىرىدا جۈملە ئاخىرىدا كېلىدۇ، فىلىمنىڭ سۈپەتلىك بولۇشى ئۈچۈن جۈملە ئاخىرىدىكى چېكىت قويۇلمايدۇ، ئوتتۇرىدا كېلىپ قالسا قويۇپ ماڭىمىز چۈنكى بۇ بىر ئىدىيەنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پەش: خەنزۇلار ئادەتتە پەش، چېكىت قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بىز ئىنگلىزچىسىگە قاراپ ياكى جۈملە مەزمۇنىغا قاراپ چوقۇم پەش ئورنىغا پەش قويۇپ مېڭىشىمىز كېرەك. مەسىلەن: -سىز قەشقەرلىكمۇ نامسىز ئەپەندى؟  -توغرا، مەن قەشقەردىن  | -يېڭى تەرجىمانلار سىزدىن رەنجىپ قالارمۇ نامسىز؟   -ياق، ئۇلار چوقۇم توغرا چۈشىنىدۇ، ئەركان بۇرادەر
يۇقىرىقىدەك بەزىدە بىر قانچە تىنىش بەلگىسى قويۇلۇپ كېتىدۇ، زىيادە كۆپ بولمىسا قىسقارىتماي ئالساڭلار بولىدۇ، ئىنگلىزچە خەتلىرىدە ئادەتتە پەش چېكىت ئورنى ئېنىق بولىدۇ.
سىزىقچە:  دىيالوگلاردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ يەنە قوشماق سۆزلەرگە ئىشلىتىمىز چالا قالسا بولمايدۇ مەسىلەن: بىر-بىرىدىن، ھايىت-ھۇيىت
كۆپ چېكىت: ئاخىرىنى دېمىگەن قۇرلاردا چوقۇم كۆپ چېكىت بىلەن ئاياغلىشىدۇ، دەيدىغان جىق سۆزى بولۇپ ئاغزىنى ئىچىپ قالسىمۇ كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ لېكىن 3 نى قويسىڭىزلا بارلىق گەپلىرىنى ئىچىگە سىغدۇرۋالىدۇ، شۇڭا... مۇشۇنداق 3 چېكىت كۇپايە، يەنە بىرى ئويلىنىش، گاڭگىراش بىلەن باشلانغان بەزى جۈملىلەرنىڭ ئالدىغا كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ.
ئۈندەش: ھەيران قالغاندا، قاتتىق تولىغاندا چوقۇم قويۇلمىسا بولمايدىغان بىر بەلگە بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.

كالتە بىلىمىم بىلەن مەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي خاتا جايلىرى بولسا پېشقەدەملەر تۈزىتىپ بەرسە چالا قالغان جايلار بولسا تولۇقلاپ قويساڭلار!

لېكىن شۇنى قاتتىق تەكىتلەيمەنكى بۇ يېڭى تەرجىمانلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەنلىك ئەمەس بەلكى سىلەرنى تېخىمۇ ئۆلچەملىك خەتلىك فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ چىقسا دېگەن ئۈمىدتە يېزىلغان يازما! سىلەرگە ياردەم ھەم مەدەت بېرىش يۈزىسىدىن يېزىلغان يازما!!!

قوشۇمچە ئۇيغۇرسوفىت ئىملا تەكشۈرگۈچنى قوشۇپ قوياي قىنى مەرھەممەت

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار33

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۇستازلاردىن سوراپ باقسام ، خەتلىك فىىلىملەرنى قايسى فىلىم ئىشلەش سىستىمىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەيسىلەر ؟ بولسا مەنمۇ بىر كىنو تەرجىمە قىلىپ باقسام دىگەن ئۇمۇتتە مەن...
تەۋسىيىلەش
 ئىگىسى| نامسىز01 ۋاقتى: 2016-2-27 00:53:54 | ئايرىم كۆرۈش
saarhil يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 18:53
ياش يېڭى تەرجىمانلاردىن قۇسۇرنى كۆپ تاپقاندىن كۈرە... ئ ...

سىزچە زە باشقىلارغا يول كۆرسىتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىكارچىلاركەندە، ئاساسلىق ياش تەرجىمانلارنىڭ ئىنكاسىنى باشتا كۆرۈپ بولدۇق، سىزدەك بىر كىنونى ئاق بۈركۈتكە يوللاپ باقمىغان ئادەم تەرجىمە ئىشلىرىدا قانچىلىك سۆزلىيەلەيسىز؟
تېمىنى تولۇق ئوقۇيالمىسىڭىز كۆزئەينەك تاقىۋىلىڭ، ئاخىرىنى ئوقۇماي قارىغۇلارچە سۆزلىمەڭ!
بىزمۇ ئۆز ۋاقتىدا كىنو تەرجىمە قىلىشنى ئۆگەنگەندە خىلى بەلەن تەنقىدلەرنى ئاڭلايتۇق! ھازىرمۇ ئاڭلاپ تۈزىتىپ مىڭۋاتىمىز!
ئۇنداق ئۆز خاتالىقىنى كۆرۈپ تۈزۈتەلمەيدىغان ئادەمگە گەپ قىلىش ھاجەتسىز!
قارىغاندا ھېلىغۇ تەرجىمە قىلىشكەن، كىنو كۆرۈشنىمۇ بىلمەيدىكەنسىز.
بىلگەن تەرجىمانلارغا بۇ تەنقىد ئەمەس بەلكى كىنو تەرجىمە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىلىم! رىغبەدلەندۈرۈش! ئۇلارغا بىرى مۇشۇنداق قىلسىز دەپ يول كۆرسەتمىگەچكە خاتالىق يۈزبەرگەن!
قارا قورساقلىق، بىلىمسىزلىك دەل سىزدەك تەنقىدنى قوبۇل قىلمايدىغان يا ئالغا باسالمايدىغان ياكى ئۆزى جايلاپ بىر ئىشنى قىلالمايدىغانلاردىن باشلىنىدۇ. بەس!
بۇ ياخشى تىما بولۇپتۇ...مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، تەرجىمانلارنىڭ خەتنى ئۇياقتىن ئەۋەتىپ، بۇياقتىن سۈلىشى، قاچان ئېلان قىلىنىدۇ...بولمامسىز ئاققىركا دېيشىلىرى...ئەگەر ئىملايىڭىز توغرا، گەپ سۆزلەر ماسلاشقان بولسا خېتىڭىزنى بۈگۈن ئەۋەتسىڭىز، ئەتىسى ئېلان قىلىشقا تەييارمىز...مەسىلەن: تۈن پالۋىنى بۈگۈنى خەت ئەۋەتىلسە ئەتىسى پىرىسلىنىپ ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ...ئېلان قىلىش كەينىگە تارتىلغانلىرىغا  قارىتا مېنىڭ ئىملايىمدا چاتاق باركەن دەپ تونۇساڭلار بولىدۇ...بەزى تەرجىمىلەرگە قارىتا يەنە نەچچە خىل خەتنى چۈشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەھرىرلەش، ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ...
يۇقارقى مەزمۇنلارنى مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم  سەن، سىز مەسلىسى تەھرىرنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان مەسلەنىڭ بىرى مۇشۇ..ئەگەر كىنونى بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلغان بولسىڭىز، بۇ گەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئالسىڭىز بولىدۇ...كىنو كۆرمەي تەرجىمە قىلىپلا ماڭا ئەۋەتكەن بولسىڭىز، ھەممىسىنى سەن دەپلا ئېلىڭ، تەھىرلەش جەريانىدا ئۆزۈم ماسلاشتۇرىمەن...
تەرجىمە پۈتكەندىن كېيىن چوقۇم ئىككى قېتىم ئىملاسىنى راۋرۇس تۈزتىۋېتىڭ.. ئەڭ ياخشى ئىملا تۈزەتكۈچى يەنىلا ئۆزىمىز...بۇنىڭ ئۈچۈن گېزىت ژورناللارنى، ھېكايە رومانلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بېرىڭ....بۇنىڭ ئىملايىڭىزنى تۈزۈتۈشكە پايدىسى بولىدۇ...
كىگىز
پولات. ۋاقتى: 2016-2-25 01:46:12 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پولات. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 01:55  

قالتىس ..... كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىم ئىپادىلىنىپتۇ ......

مەن بۇ تىمىنى قەتئىي قوللايمەن ....


ھەم تەۋسىيە قىلىمەن .....
ئورۇندۇق
پولات. ۋاقتى: 2016-2-25 01:51:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پولات. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 01:53  

ئالدىنقى قىتىم فىلىم كىرىشتۈرۈش دەرىسلىكىنى كۆرگەندە بىر ئىملا ئىسىملىك ئۇيغۇرچە خەت تۈزەش دىتالى بار ئىكەنتۇق...
ئۇ دىتالنى توردىن قەتئيى تاپالمىدىم ، بۇرادەرلەردە بولسا مۇنبەرگە يوللاپ قويساڭلار....
قىرىنداشلار ئورتاقلاشقان بولساق ..........

داق يەر
ArmanimI ۋاقتى: 2016-2-25 02:41:51 | ئايرىم كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكى يىشىلمىگەن تۈگۈنلەرنى قەيەردىن سوراشنى بىلمەيۋاتاتتىم، بۇ يازمىڭىز نۇرغۇن سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەردى، نۇرغۇن يىشىلمىگەن تۈگۈنلەر يېشىلدى. بولساق بىر ئاقبۇركۈتتە بولغاندىكىن پىكىرلىشىپ تۇرساق يامىنى يوقتى.
بۇ يازما مۇشۇ قېتىملىق بىلەن ئاخىرلىشىپ قالماي، بەلكى ئاققىر، ئەركان 2010 بۇرادەرلەرنىڭ، نادىر تەكلىپ-پىكىرلىرى ئوتتۇرغا چۈشسە ئوبدان بۇلاتتى.
مىخ
Nejmi ۋاقتى: 2016-2-25 10:20:23 | ئايرىم كۆرۈش
ھى ھى مەنغۇ قېرى تەرجىمانتىم.. لېكىن بەزىبىر ئۈنۈملەردە سەل كام... ھازىر شۇ توغرىسىدا دەرىسلىك، كود دېگەندەكلەرنى ئۆگۈنۈپ يۈرۈيمەن...
9#
 ئىگىسى| نامسىز01 ۋاقتى: 2016-2-25 11:05:34 | ئايرىم كۆرۈش
Nejmi يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 10:20
ھى ھى مەنغۇ قېرى تەرجىمانتىم.. لېكىن بەزىبىر ئۈنۈملەرد ...

سىز توكيو تاپخورلىرىنى سەلكىندە قىلغانغۇ دەيمەن؟
10#
del ۋاقتى: 2016-2-25 11:41:34 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز01 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 11:05
سىز توكيو تاپخورلىرىنى سەلكىندە قىلغانغۇ دەيمەن؟

توكيو تاپخورلىرىنى  2پ2پ دىكى شەمسى بۇرادار قىلغان ، ئەمەسمۇ ؟
11#
مەردان428 ۋاقتى: 2016-2-25 13:40:38 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى پىكىرلەر بوپتۇ. يازمىدا دېيىلگەندەك مۇشۇ جۈملىلەرنىڭ ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسىدا پارچىلىنىپ كەتكەن جايلارنى سىز دەپ ئۆتكەندەك ۋاقىت ئوقىنى ئۆزىمىز توغرىلاپ گرامماتىكىمىزغا چۈشۈرۋەتسەك ياخشى بولىدىكەن، گەرچە سەل جاپاسى بولسىمۇ تەرجىمىدە ماسلاشتۇرالماسلىقتەك قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن. يەنە بىرى سىزنىڭ ئاۋۇ يەردىكى‹‹ ئانا ئاتالغۇسىنى ئانا دەپ ئالساق ئاپا دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىسەك›› دېگەن پىكىرىڭىزگە پىكىرىم بار مىنىڭ، نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز!. دېمەكچىمەن، بىز ئادەتتە ئاتا-ئانا، دادا-ئاپا دېگەندەك ئىشلىتىمىز. مەنچە بولغاندا فىلىمدە ‹‹دادا›› دېگەن سۆزنى ئالغاندا ‹‹ئاپا›› دېگەن سۆزنى ‹‹ئاتا›› سۆزىنى ئالغاندا ‹‹ئانا›› سۆزىنى ئىشلەتسەكمىكىن، ھەرگىز بىرىنى ئېتىراپ قىلىپ بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولمىساقكەن دەيمەن.
مەنغۇ مۇشۇنداق فىلىم بىلەن خەت ھۆججىتىنى ئېكرانغا تۇلۇق چىقىرىپ قۇيۇپ تۇرۇپ، فىلىمدىكى ھەر-بىر قۇر خەتنى بىر ئاڭلىۋېتىپ ئاندىن كەينىگە ياندۇرۇپ شۇ بىر قۇر خەتنى قاتۇرۇپ قۇيۇپ، ئاندىن تەرجىمە قىلىمەن، شۇنداق بولغاندا فىلىم ھېسياتىغا تۇلۇق كىرىپ ماسلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلغىلى بۇلىدىكەن .

13#
 ئىگىسى| نامسىز01 ۋاقتى: 2016-2-25 15:20:30 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نامسىز01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 15:22  
مەردان428 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 13:40
ھەقىقەتەن ياخشى پىكىرلەر بوپتۇ. يازمىدا دېيىلگەندەك م ...

دېمەكچى بولغىنىمىنى شەرھلەپ ئۆتسەم: مەن نۇرغۇن تور لۇغەتلىرىنى، ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىنى كۆرۈپ چىقتىم، خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈيلى ياكى ئاپا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىزدەيلى ئاپا سۆزىنىڭ ئىزاھلىق مەنىسى ئانا دەپ چىقتى، لېكىن ئانا سۆزىنىڭ ئىزاھلىق مەنىسىدە ئاپا دېگەن سۆزنى ئۇچراتمىدىم. تۇرمۇشتىمۇ ئاپا سۆزىدىن ئانا سۆزى بىر قەدەر تەبىئىي يېقىشلىق تۇيغۇ بىرىدۇ. ‹‹ ئانا ئاتالغۇسىنى ئانا دەپ ئالساق ئاپا دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىسەك›› دېگەن سۆزنىڭ ئارقىدىكى يەرنى ئوقۇمىدىڭىزمۇ قانداق بىلمىدىم شۇڭا ئەسكەرتىش شەكلىدە (مۇشۇنداق بولغاندا جۈملىلەر بىر قەدەر تەبىئىي تۇيغۇ بېرىدىكەن) دەپ قوشۇپ قويغانتىم.
تامامەن ئىشلەتمەڭ دېمەيمەن ھەم دېيەلمەيمەن، ھەممە سۆزنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىتىش ئورنى بولىدۇ، بۇ يەردە دېگىنىم فىلىمنى تېخىمۇ تىلىمىزغا ھېسسىياتىمىزغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېيتىلغان. خاتا چۈشىنىش بولمىسۇن.
ئۆزۈمنى ئىلىپ ئېيتسام ئادەتتە ئاپا سۆزىنى ئىشلەتمەيمەن، دادام-ئانام، ئاتا-ئانام مەنچە قاملاشمايدىغان يىرى يوق دەپ قارايمەن.
14#
مەردان428 ۋاقتى: 2016-2-25 15:34:03 | ئايرىم كۆرۈش
نامسىز01 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 15:20
دېمەكچى بولغىنىمىنى شەرھلەپ ئۆتسەم: مەن نۇرغۇن تور لۇ ...

دىگىنىڭىز توغرا، ئاخىرىنى ئوقۇغان. بەلكىم مەن مەن ۋە بىزنىڭ مۇشۇ تەرەپتىكىلەرنىڭ ھەم مېنىڭ باشقا يۇرتلۇق ساۋاقداش، دوسىت بۇرادەرلەرنىڭ (ئەلۋەتتە ھەممە ئادەمنىڭ دەپ كېتەلمەيمەن) ئادەتتىكى ئاتاش سۆزىنى كاللامغا كىرگۈزۋالغان ئوخشايمەن. ھەر قايسى يۇرتلاردا ئاز تولا پەرىقلار مەۋجۇت ئەمەسمۇ مەسلەن سىز ئادەتلەنگەندەك دادا- ئانا، ئاتا- ئانا دەيدىغانلارمۇ ۋە ياكى مەندەك ئاتا- ئانا، دادا- ئاپا دەيدىغانلارمۇ بار. تېلۋىزورلاردىمۇ ھازىر كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا دادا-ئاپا دەپ ئېلىنۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ، بولۇپمۇ كورىيە كىنولىرىغا قارىساق ئۇنىڭ ئاپىسى، بۇنىڭ دادىسى دەپ بالىسىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ئاپىسى دەپلا، ئاپىسنىڭ ئىسمىنى ئالماي كىلدىغان ئىشلارمۇ بارىكەن. بىزدە بولسا پالانچىنىڭ بالىسى دەپ ئاتا- ئانىسنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە بالىسى دەپ قوتۇپ ئاتايدۇ.
15#
barchuq ۋاقتى: 2016-2-25 15:45:41 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ ئۇستازلارغا بىر تەكلىپىم بار ئىدى ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ شەخسى پىكرىم ، ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەن بولسام ئەپۇ سۇرايمەن مۇشۇ خەتلىك فىلىم كۈرۈش بىلەن ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىمنى كۈرۈشنىڭ قانداق پەرقى بار دىگەن تىمىدا كۆپلىگەن مۇنبەرگە يېڭى كىرگەن دوسلار بەلكىم بىر بەلەن ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىم كۆرمەي نىمە ئۈچۈن خەتلىك فىلىم كۈمىز دەپ ئويلاپ قېلشى مۇمكىن ئىلۋەتتە بىزدەك خەتلىك فىلىم ھەۋەسكارلىرى بۇنى ئوبدان بىلىمىز خەتلىك فىلىمنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى راسلام كۆپ مەسلەن فىلىمنىڭ ئەسلى ئاۋازى ۋە ئەسلى ھىسياتىنى تۇلۇق ھىس قىلىپ تۇرۇپ ھەسلى مەزمۇنىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ كۈرەلەيمىز شۇڭا مۇشۇ خەتلىك فىلىمنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا ئايرىم بىر تىما يوللانسا خەتلىك فىلىمنى ياخشى چۈشنىدىغان يېزىقچىلىققا ئۇستا بىر قېرىندىمىز يېزىپ يوللاپ قويسا ھەربىر يېڭى كىرگەن دوستىمىز كۈرەلىگىدەك ئۇرۇنغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويساق كىرگەنلە خەتلىك فىلىم توغرىسىدا ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولسا قىزغىللىقى تېخىمۇ ئاشارمىكى دەپ ئويلايمەن ھەمدە توربىكەتنىڭ تەشۋىقاتىغىمۇ بەكرەك ئىتۋار بىرىلسە ياخشى بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن، مەن دەسلەپتە خەتلىك فىلىمنى باشقا بىر ئۇيغۇرچە تور بىكەتتىن كۈرۈپ قېلىپ مۇشۇ خەتلىك فىلىمگە قىزقىپ قېلىپ بەيدۇدىن ئۇلىنىشتىن ئىزدەپ يۈرۈپ بەك تەستە تاپقان شۇڭا تەشۋىقاتىنى بەكرەك قىلساڭلا مەندەك ھەۋەسكارلار مەنچە ئاز ئەمەس كۈرۈرمەنلە قانچە كۆپ بولسا تىرجىمان ئۇستازلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ شۇنچە ئاشىدۇ ئەلۋەتتە شۇنداق بولغاندا بىزمۇ يېڭى كىنولارنى كۆپرەك كۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرشىدىكەنمىز ئەلۋەتتە..... ئاقساقاللىق قىپ قويغان بولسام كەچۈرۋىتەر سىلەر
16#
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-2-25 15:48:57 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ ناھايىتى ياخشى پىكىر بولۇپتۇ، گەرچە، مەنمۇ خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلمىساممۇ لېكىن، تەرجىمە فىلىملەرنى كۆرگەچ ئىملا، پەش، چىكىت، جۈملىلەرنىڭ ئۆزئارا باغلاشقان باغلاشمىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن. ھەر قېتىم فىلىم كۆرسەم، تەرجىمانلارنىڭ فىلىملىرىدە ئىملا خاتالىقىنى خېلىلا كۆپ ئۇچرىتىمەن. ئۇلارنى ئىنكاس قىلىپ ئەسكەرتىپ قوياي دېسەم، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇپ قالارمەنمۇ دېگەن ئەندىشىدە ئىنكاس يازالمايمەن. شۇڭلاشقا، مەنمۇ تەرجىمانلارنىڭ مۇشۇ نوقتىلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

5پىنتوزىلىرى

27تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1