تۈنگۈن كېچىدە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىۋاتسام، بىر ساقچى ئالدى تەرىپىمدىن كېلىۋېلىتىپ تۇيۇقسىزلا «توختا، جايىڭدا جىم تۇر….» دەپ توۋلاپ كەتتى.
ساقچى : ئېيتە، int سانلىق مەلۇمەت تىپى قانچە بايت ئورۇن ئىگەللەيدۇ؟
مەن : 4 بايت……
ساقچى : ھە بولدى، يولۇڭغا مېڭىۋەرسەڭ بولىدۇ.
مەن قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە سورىدىم.
مەن: نىمىشقا بۇنداق سۇئال سورايسىز مەندىن ؟
ساقچى : بۇنداق ئوتتۇرا كېچىدە كوچىدا يول يۈرىدىغان، چىرايلىرىدىن سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇرىدىغانلار، يا ئوغرى يا پروگراممېر.
ئا پروگراممېر: ئاداش، ئازراق پۇل بېرىپ تۇرە…
ب پروگراممېر: قانچە لازىم ؟
ئا پروگراممېر: 1000 يۈەن بولسا بولىدۇ.
ب پروگراممېر: ھەي بولدىلا 24 يۈەننى ئارتۇق بېرىپ تۇراي، شۇنداق بولغاندا پۈتۈن بولىدىكەن.
ئا پروگراممېر: ياخشى گەپ.
دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئارىلىقى ئەمەس، بەلكى سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن كەلتۈرۈپ چىقارغان bug كۆز ئالدىڭدا تۇرۇپمۇ ئۇنى ئىزدەپ تاپالمايسەن،
بىر پروگراممېرنى ئۆلتۈرىۋېتىش ئۈچۈن يا تاپانچا يا پىچاق كېرەك ئەمەس، پەقەت ئېھتىياجنى ئۈچلا قېتىم ئۆزگەرتىسىڭىز قاندالا قىلسا ئۆزىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىۋالىدۇ.
بىر پىروگىراممىرنىڭ ئاغىينىسى ئۇنىڭغا تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى
دوستى- ...يامغۇر يىغىپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە باردۇق، ھەممە يىرىمىز ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىيىملىرىنى سىلىشقا باشلىدى، ئەڭ ئاخىرقى كىيمىنى سىلىپ كومپىيۇتىرنى ئۈستىگە ئاتتى.
پىروگىراممىر- ۋاھ، قايسى خىلدىكى كومپىيوترىكەن؟!!
‹ماۋۇ سەل قىلىنمۇ قانداقundefined›
سۇئال: چىراغنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قانچە نەپەر پىروگىراممىر كىتىدۇ؟
جاۋاپ: بىرسىمۇ كەتمەيدۇ، ئۇلار چىراغ بىلەن قىيىشمايدۇ، چۈنكى بۇ قاتتىق دىتال مەسىلىسى.
سۇئال:قۇشقاچ بىلەن پىروگىراممىرنىڭ قانداق ئورتاقلىقى بار؟
جاۋاپ: ھەرئىككىسى خۇشال كۆرۈنگەندە ، بۈگۈن يەنە قۇرت‹bug› تاپالاپسەندە دەپ سورايمىز.
بىر كۈنى ۋىكىپېدىيە، گۇگول، ۋىندوۋز، ئاندرويد ... قاتارلىق نەرسىلەر بىر-بىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆز-كۆز قىلىپ پو ئېتىشىپ قاپتۇ.
ۋىكىپېدىيە دەپتۇ: مەن ھەممىنى بىلىمەن!
گۇگول دەپتۇ: مەن ھەممىنى تاپالايمەن!
قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن Windows دەپتۇغۇ: مەن بولمىسام، ئىككىڭگە نېمە تۇرۇپتۇ!
ئالمىنىڭ بۇ چاغدا ئاچچىقى كەپتۇ: بايلارنىڭ ھەممىسىنى مېنى ئىشلىتىداۋا!
بۇ چاغدا ئىنتېرنېتنىڭ كەيپى ئۇچۇپتۇ: مەن بولمىسام ھەممىڭ يوق!!!
توك بۇ گەپنى ئاڭلاپ: يەنە قالايمىقان بىلجىرلاشساڭ، بىرلا ئۆچىمەن، ئاندىن ھەممىڭ!!!.... -- دەپتۇ.
-----------------قىزىق يۇمۇرلار ئاخىرىدا، ئىنكاس يازغانلار كۆرىدۇ، بولمىسا يوق!
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
|