Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 10271|ئىنكاس: 431
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چاقماق كاپىتان ۋە مۇقەددەس رۇمكا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-26 00:21  

بۇ كىنونى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئازراق چۈشەنچە بېرىۋېتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ھەممەيلەن ئىتالىيە رەسسامى داۋىنچىنىڭ "ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك زىياپەت" دېگەن رەسىمىنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان بولۇشىمىز مۈمكىن. بۇ رەسىم خىرىستىئان دىنى رىۋايەتلىرىگە ئاساسەن سىزىلغان بولۇپ، رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە خىرىستىئان دىنىنىڭ بەرپاچىسى ئېسا پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ 12 شاگىرتىغا (ھەۋارايى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، شۇ چاغدا ئۇ ئىشلەتكەن رۇمكىنى شاگىرتلىرىدىن بىرسى ساقلىۋالىدۇ. مۇشۇ رۇمكا دەل نۇرغۇن كىنولارنىڭ ئىشلىنىشىگە ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى نۇرغۇن دۇنياۋى جەڭگە جىدەللەرگە سەۋەپچى بولغان "مۇقەددەس" رۇمكىدۇر.
توردا ماتىريال ئاختۇرۇپ كۆرسەم، بۇ رۇمكا ھەققىدە ناھايتتى قالايمىقان، بىر-بىرىگە زىت، باش ئاخىرى يوق رىۋايەت دەپ ئاتالغان نەرسىلەر بەك كۆپ ئىكەن. خۇددى چۆچەكلەردەك. بىرسىدە خىرىستوسنى رىم پادىشاھى ئارتورنىڭ بىر گېنىرالى نەيزە تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندە چىققان قاننى ئالغان رۇمكا دېسە، يەنە بىرسىدە ئېسانىڭ يەنە بىر ئۇكىسىنىڭ قېنى دەپتۇ، يەنە بىرسىدە ھالال جۈپتىنىڭ قېنى دەپتۇ. دېمەك ئاشۇنداق گەپلەر بەك جىق ئىكەن. دېمەك ھەقىقى بولمىغان ئىشلارنىڭ ھېكايىلىرى ئاشۇنداق ھەرخىل بولىدىكەن.
ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن رىۋايەتتە مۇنداق دېيلىپتۇ: ئېسا پەيغەمبەر زىياپەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 12 شاگىرتى بىلەن ئۈستەل ئەتراپىدا ئولىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئەمما ئۈستەلدە يىگۈدەك ھېچنىمە يوق ئۈستى قۇپقۇرۇق ئىكەن، شاگىرتلىرى ھەيران بولۇپ پەيغەمبەرگە قارايدىكەن. شۇ چاغدا ئېيسا پەيغەمبەر ئۆز تېنىدىن ئازراق گۆش شىلىپ ئالىدىكەن، بۇنىڭدىن بولكا ھاسىل بولىدىكەن. بىر يېرىدىن قان چىقىرىپ رۇمكىغا قۇيىدىكەن، بۇنىڭدىن قىزىل ئۈزۈم ھارىقى پەيدا بولىدىكەن. مۇشۇنداق قىلىپ زىياپەت باشلىنىدىكەن. شۇڭا بۇ قېتىمقى زىياپەت "مۇقەددەس زىياپەت"، قان تولدۇرۇلغان رۇمكا بولسا "مۇقەددەس رۇمكا" بولىدىكەن.
كېيىن بۇ رۇمكىنى ئېسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاۋارايىلىرىدىن بىرى ساقلىۋالىدىكەن (بۇ شاگىرتنىڭ ئىسىملىرىمۇ ھەرخىل ئىكەن) كېيىن بۇ رۇمكا سىرلىق يوقاپ كېتىدىكەن. غەرىپ روھانلىرى مۇشۇ يوقاپ كېتىشنىڭ ھەرخىل رىۋايەتلىرىنى توقۇپ چىقىپ بىردەم مۇنداق-مۇنداق بولۇپ ئەنگىلىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن دېگەن گەپلەر ئارقىلىق ئەنگىلىيە بىلەن سوقۇشسا، بىردەم ئىسپانىيەدە پۇستانى بولۇپتۇ دەپ يەنە بىر ھەركەتنى قوزغايدىكەن. ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە يەنە رۇمكا قۇددۇستىكەن دېگەن گەپنى چىقرىپ، مەشھۇر ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىنى قوزغايدىكەن. بۇ خۇددى ھازىرمۇ "يادرو ماتىريالى" ئىزدەشنى باھانە قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقاندەك بىر ئىشكەن. گەپنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ بۇ رۇمكىغا مۇناسىۋەتلىك كىنولاردىن مەن بىلىدىغانلىرى "مۇقەددەس رۇمكا" دېگەن كىنو بىلەن ھەممەيلەن كۆرگەن "داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى" دېگەن كىنونىڭ بارلىقىنى بىلسەك ۋە كۆرۈپ باقساق بەزى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالايمىز. پەن تېخنىكا ئەسلىھەلرىنىڭ بىرىمۇ مۇشۇ ئىسىم بىلەن  باركەن، يەنى ئامېرىكىنىڭ "مۇقەددەس رۇمكا" دەيدىغان سۈنئى ھەمراھى باركەن تېخى.
تۆۋەندە بىز كۆرمەكچى بولغان "چاقماق كاپىتان ۋە مۇقەددەس رۇمكا" دېگەن كىنومۇ ئىسپانىيىنىڭ مۇشۇ نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايىتىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن كىنوسى بولۇپ، بۇ كىنودا رۇمكىنى ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىكى قەدىمى رىۋايەتلەر يەنى "چاقماق ئىلاھ" رىۋايەتلىرىگە باغلىماقچى بولغان.



فىلىم ئىسمى: چاقماق كاپىتان ۋە مۇقەددەس رۇمكا
خەنچە ئىسمى: 雷霆队长与圣杯
چەتئەلچە ئىسمى: Captain Thunder
دۆلىتى: ئىسپانىيە
قويۇلغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاي
تۈرى: تەۋەككۇلچىلىق
ئۇزۇنلۇقى: 100 مىنۇت
رازمىرى: 1080پ
فورماتى: مكۋ
ئېغىرلىقى: 2.85 گىبايىت
تىلى : ئىسپانچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاققىر
مۇقاۋىدا parhan
روللاردا:

演员 Actor演员 Actor

角色 Character

塞尔乔·佩里斯-曼..    Sergio Peris-Mench..    -------  Capitán Trueno

娜塔莎·亚罗温科 Natasha Yarovenko -------Adrian Lamana

Crispín -------   加里·皮奎尔    Gary Pique

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ئىسپانىيە رىۋايەتلىرىدىكى قەھرىمان "چاقماق كاپىتان" نىڭ تۇنجى قېتىم ئېكران يۈزىگە چىقىشى بولۇپ، كىنودا 12-ئەسىردىكى 3-قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى قورقماس چەۋەنداز كاپىتان ترونا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى كىرىسپىن، كىلىيان ۋە ۋېكىڭ مەلىكىسى ئېگىرىسنىڭ بىرلىكتە ياۋۇز كۈچلەر بىلەن جەڭ قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇنداق بولسا دىققىتىڭىز فىلىم ئامبىرىدىكى بۇ ھەقسىز كىنودا بولسۇن.
فىلىم كەسمىلىرى:





سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ


Oqya.S01E03.720p.HDTV.X264-DIMENSION.HR-HDTV-AkBurkut.Com.mkv.torrent

32.3 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3375

ئوقيا 1-بۆلۈم 3-قىسىم

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ياخشىياخشى4 ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-12-5 20:49:26 | ئايرىم كۆرۈش
كىنو ياخشى كىنودەك قىلىدىيۇ لىكىن مىڭە يۇيۇش تىپتىكى كىنو بولۇپ قالسا ئادەم كۆرۈپ بولۇپ بىر خىللا بولۇپ قالاتتى،خۇددى بۈۋى جىئاننى كۆرگەندەك......

باھا سۆز

بەك ئۇنداق ئەمەس، شۇڭا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قويدۇم....  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-12-5 22:02
تەۋسىيىلەش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-5 20:25:22 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تېپىلغان ۋە ھەرقايسىى ئۇنىۋېرستىت، تەتقىقا ئورۇنلىرىدا تېپىلغان بۇنداق رۇمكىدىن 200 نەچچىسى باركەن. ھەممىسىنى تېپىۋالغانلار ھەقىقى دەپ قارايدىكەن.....
تەۋسىيىلەش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 18:42:13 | ئايرىم كۆرۈش
سىرداشxx7 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-12 17:56
يەنە شۇ كونا گەپ ئادرىستا ھىچنېمە يوق پۇل قايتۇرۇلسۇن  ...

فىلىم ھەقسىز، ئادىرىس مەسلىسىگە كەلسەك بىزگىمۇ ئامال يوق، پەقەت بىر قەدەر مۇرەككەپ يول ئارقىلىق چۈشۈرۈش مۈمكىن، ئۆگىنىۋالسىڭىز ئۇمۇ ئاسان.
1. ئالدى بىلەن بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسى ئىلتىماس قىلىسىز ۋە مۇناسىۋەتلىك قىستۇرمىلىرىنى چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرغا قاچىلايسىز.
2. بىز تەمىنلىگەن ئادىرىسنى كۆپەيتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ چچ سىغا ياكى پوچتا ساندۇقىڭىزغا يوللايسىز.
3. ئەقلىي تېلېفونىڭىزدا ئۆز چچ رىڭىزغا چىقىسىز ياكى پوچتا ساندۇقىڭىزنى ئاچىسىز.
4. بۇ چاغدا تېلېفونىڭىزدا بىز تەمىنلىگەن كىنو كۆرىنىدۇ، ئەلۋەتتە تېلېفوندا كۆرسىڭىز ئېقىم يەپ كېتىدۇ.
5. تېلېفوندا ئېچىلغان كىنو ھۆججىتىنىڭ ئاستىدا "چۈشۈرۈش"، "تور دېسكىدا ساقلاش" دېگەن ئىككى كونۇپكا بار.
6. تور دېسكىدا ساقلاش دېگەننى چېكىسىز.
7. تىزىملاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
8. 1-باسقۇچتا دېگەن تىزىم ۋە مەخپى نومۇر ئارقىلىق تىزىملىتىسىز.
9. بۇ چاغدا كىنو سىزنىڭ تور دېسكىڭىزدا ساقلانغان بولىدۇ.
10. ئەمدى كومپىيۇتېرىڭىز ئارقىلىق  بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىغا كىرىپ كىنونى كۆرسىڭىزمۇ ياكى چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
باياتىندىن بېرى مۇشۇ ئۇسۇلدا سوبىبودىن قېچىش دېگەن كىنونى كۆرۈپ تۈگەتتىم..
جىقراق سۆزلەپ قالدىم ھە...
گېلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-5 22:02:26 | ئايرىم كۆرۈش
muhammat يوللىغان ۋاقتى  2015-12-5 20:49
كىنو ياخشى كىنودەك قىلىدىيۇ لىكىن مىڭە يۇيۇش تىپتىكى ك ...

بەك ئۇنداق ئەمەس، شۇڭا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قويدۇم....
كىگىز
ۋاقتى: 2015-12-5 23:36:11 | ئايرىم كۆرۈش
ئاققىركا سىز قايتىپ كېلىپ ئىسىل فىلىملەرنى تۆكىۋەتكىلى تۇردىڭىز جۇما!!! مەشھەر كۈنىنى كۆرۈپ ئەمدى بىر ھاياجىنىمىزنى باستۇرۇپ، مەشھەر كۈنىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ خۇمارىمىزنى بېسىقتۇرايلى دەپ بولغۇچە سىز مانا يەنە بىر نادىر فىلىمدىن بىرنى ئوتتۇرغا تاشلاپسىز...... تېنىڭىز سالامەت! ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن!!! فىلىمنىڭ مەنبەسىگە ھەرۋاقىت تەشنامىز....
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-6 00:17:50 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدىنئالا رەھمەت دىگەچ تۇرايلى  ئاققىر بوۋايغا ! دىلمۇرات بوۋاي بوۋاي دەۋىرىپ مەنمۇ كۆنەپ قالغىلى تۇردۇم بوۋاي دىيىشكە
داق يەر
ۋاقتى: 2015-12-6 10:07:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاققىر بۇرادەر،بۈگۈن يەكشەنبە بولغاندىكىن بىر يوللىمامسىز،ھۇزۇرلۇق بىر كۆرمەمدۇق.
مىخ
ۋاقتى: 2015-12-6 13:08:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمىسە ساقلىغاچ تۇراييا  
9#
ۋاقتى: 2015-12-6 13:44:46 | ئايرىم كۆرۈش
بۈگۈن  يوللىۋەتمەمسىز يەكشەنبە بولغاندىكىن  بىر كۆرۋىتىلى بۇ كىنونىمۇ  تەپسىلاتىنى ئوقۇپ تولىمۇ قىزىقىپ قالدىم بۇ فىلىمغا!
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-6 14:07:38 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-6 14:41  

كىنونى بەيدۇغا يوللىماقتىن باشقا ئامال بولمىدى.  ئاۋال ئادىرىسنى تېلېفونىڭىزدا ئېچىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تور دىسكىڭىزدا ساقلىغاندىن كېيىن، كومپىيۇتېردا ئېچىپ كۆرەرسىز...
11#
ۋاقتى: 2015-12-6 14:24:10 | ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت ئاققىرئاكا بەك خۇش بولدۇق
12#
ۋاقتى: 2015-12-6 14:31:30 | ئايرىم كۆرۈش
كارىپ دىڭىز قاراقچىسىدىمۇ خىسلەتلىك رومكنى تالشىغان بىر ۋەقەلىك بارغۇ دەيمەن.
13#
ۋاقتى: 2015-12-6 14:34:03 | ئايرىم كۆرۈش
يەن بىر ئىسىل فىلىمدىن بەھىرلىنىدىغان بولدۇم
14#
ۋاقتى: 2015-12-6 14:45:34 | ئايرىم كۆرۈش
چىققانمىدۇ دەپ قارىسام ئاخىرى چىقىپتۇ ما كىنونى كۆرەپ بولغاندا مۇشۇ رومكا ھەققىدە بىر قوساق گىپىم بار
15#
ۋاقتى: 2015-12-6 16:24:06 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ئاققىركا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 13:16 , Processed in 1.303543 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش