ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

كىنونى سىز قانداق كۆرۈۋاتىسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1088 27
dilmurat ۋاقتى: 2017-7-3 08:00:57 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

  بەزىلەر يوتقانغا كىرىپ يانفون قۇچاقلاپ كۆرۈشكە ئامراق يەنە بەزىلەر كىنونى چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېردا كۆرۈشكە ئامراق، يەنە بەزىلەر كىنولارنى چۈشۈرۈپ بەيدۇغا چىقىرىپ ساقلاپلا قويىدۇ، تور دېسكامدا مانچىلىك كىنولار بار، مانچە ئون تېلى پالانى گۇرۇپپىنىڭ، يەنە مانچە ئون تېلى يەنە پالانچى گۇرۇپپىنىڭ، مانچە يۈز تېلى ئاق بۈركۈتنىڭ دەپ پو ئاتقىلى لازىم قىلغاندىن باشقا، ئۇ تورداش كۆڭۈل قويۇپ ئولتۇرۇپ بىر فىلىمنى ئۆزى ياقتۇرغان كىشىلىرى بىلەن ھۇزۇرلىنىپ كۆرۈپ باققان ئەمەس... بولدىلا ئەتىگەن سەھەردە غەيۋەتنى ئاز قىلاي، ئۆزۈمگە كەلسەم كىنولارنى مەن مانداق كۆرىمەن، قىزىقساڭلار تۆۋەندىكى سىنغا نەزەر، بۇ نەزەر باشقا نەزەر، لوگوسىغا ئاق بۈركۈت يازار...!

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار27

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەنمۇ شۇ  كومپىيوتېردىلا كۆرىمە، 32 سۇڭلۇق ئەگمە ئېكراندا كۆرىدىغان گەپ، دوسلىرىمىز دىگەندەك ياڭراتقۇنىڭ پوچىسىنى ئېپ قوياپ ئاۋازىنى يۇقىرراق ئېچىپ كۆسەڭلا كىنو كۆرۈشىڭلاغا يەنە بىر دەرىجە ھوزۇر قوشۇلدىكە، ئۆزۈممۇ كىچىكىمدىن ياڭراتقۇ دىگەندەك نەسىلەگە بەك قىزىقاتتىمچۇ شۇڭا ئېپ سېتىپ يۈرۈپ ياڭراتقۇنىڭ نوچىسىدىن بىرقانچە جۈپنى ئېپ قاغان، ئۆز تىل فىلىملانى كۆگەندە، ئويۇن ئوينىغاندا يامان ئەسقاتىدۇ، ئاغنىلېرىمنىڭ ئۆيلىرىدە كىنولانى كۆرۈپ قالسام چىقىۋاتقان ئاۋازلا بىرخىللا ئاڭلىندىغان بوپ قالدى.
لېكىنزە.. بىرەر كىنونى تۈزۈك كۆرە كۆمەيلا بەيدۇسىغا لىققىدە كىنو توپلاۋاتقانلاغا ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ، ۋاختىدا كۆرۈۋېتىڭلا كىنو دىگەننى مۇشۇ يېڭى تونۇردىن چىققاندا كۆرىۋالمىساڭلا داۋاملىق يېڭى كىنولا چىقىۋېرىدۇ، كىيىن ئاشۇ ساقلاپ قويغنىڭلانى يا كۆرەممەي يېڭىسىغا تېخى يىتىشىپ بولامماي ئاۋارە بوپ كەتمەمدىكەنسىلە،
  مەن كىنو كۆرسەم ، كىنونى توردىن چۇشۇرۇپ بارماق دىسكامغا ساقلىۋىلىپ ، ئاندىن ئۆيۇمدىكى 48 دىيۇملۇق « T C L » ماركىلىق تىلىۋىزۇردا كۆرۇمەن . مەن كومپىيۇتىردا ياكى يانفۇندا ھەرگىز كىنو كۆرمەيمەن . توردىن چۇشۇرگىلى بولمايدىغان كىنو كۆرسەممۇ كومپىيۇرىرىمدىن تىلىۋىزۇرغا بىۋاستە چىتىغلىق سىم ئارقىلىق كۆرۇمەن . كىنو دىگەننى قانچىلىك چوڭ ئىكراندا كۆرساڭ ئۇنىڭ ھوزۇرى باشقىچە .
دىۋان
ئەكبەر007 ۋاقتى: 2017-7-3 11:48:03 | ئايرىم كۆرۈش
مەن كىنونى چۈشۈرۈپ كومپىيوتىردا كۆرۈشكە ئامراق. كىنو كۆرۈش ھەرگىزمۇ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئەمەس بەلكىم بىر ھۇزۇر ئېلىش. ئارام ئېلىش ، بەزى كىنولار شۇنچىلىك ياخشى ئىشلەنگەنكى بىر ئۆمۈر  ئادەمنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلمىگۈدەك . مەن ئاق بۈ بۈركۈتنى  بەك ياخشى كۆرۈمەن . داۋاملىق قوللايمەن.
يىكەنداز
ئاكاش1 ۋاقتى: 2017-7-3 11:53:19 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئادەتتە كومپىيوتۇرۇمغا چۈشۈرۈپلا كۆرىدىكەنمەن ، پەقەت يانفۇندا كىنو كۆرمەيمەن ، چۈنكى ھوزۇرى بولامدۇ ھەي كىچىككىنە تىلفۇندا قاراپ ئولتۇراپ كۆرسە
گېلەم
مۇز52 ۋاقتى: 2017-7-3 12:14:02 | ئايرىم كۆرۈش
يېقىندا چىققان سەرخىل كىنولار تەرجىمە قىلىنسا بولىتى ئەمەسمۇ ؟   شۇنداق ساقلاپ كەتتىم ، يېڭى كىنو چىققانمىدۇ دەپ سائەتتە بىر مۇنبەرنى مارلاپ تۇرمەن .
كىگىز
خانتاجى ۋاقتى: 2017-7-3 12:36:43 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانتاجى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-7-3 12:43  

ئۆيۈمدە كومپيۇتېرمۇ  تورمۇ بار. ئەمما كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇم كەلمەيدۇ. ئۆيدە ئاستىمغا كۆرپە سېلىپ يوتقانغا يۆلىنىپ قۇلىقىمغا نائۇشنىكنى تىقىپ كۆرىمەن كىنو دېگەننى كارتامنىڭ ھەر ئايدا 100g ئىقىمى بار ، كۈندە يىرىم كۈن قوپماي كىنو كۆرۈپ كىتىمەن خىزمەت ئورنۇمدا، ئەمما ئاي ئاخىردا يەنىلا ئىشىپ قىلىۋاتىدۇ 60g غا يىقىن ئىقىم ، بىر چاغلاردا 1 گېگابايت ئېقىمنى بىر ئاي يەتكۈزەلمەي ئىچىمىز پۇشاتتى ھەي شۇ چاغلار.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم دېگەن چۈشىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى ئىنكاسى تېز كۆرۈرمەنلەرگە ئاجايىپ ياقىدىكەن دېسە ، ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى خەتلىك فىلىملەرنى كۆرمەيدۇ ،سەۋەبىنى سوراپ باقسام ، ئۇلار : سۈرەتكە قارىسام خېتى ئۆتۈپ كېتىدىكەن ، خەتكە قارىسام سۈرەت ئۆتۈپ كېتىدىكەن يېتىشىپ بولالمايدىكەنمىز دەيدۇ. ئەمما ماڭا ئۇنداق تۇيۇلمايدۇ. مەكتەپتە ئوقۇغاندا مەن بىر كىتاب خالتىسى ئىدىم. ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئوقۇغاندا ئاساسىي جەھەتتىن دۇدۇقلاپ قالمايمەن ، ئىنكاسىم خېلى تېز ، مانا شۇ چاغدىكى كىتاب خالتىسىلىقنىڭ پايدىسىنى ئەمدى كۆرۈۋاتىمەن.
داق يەر
死神 ۋاقتى: 2017-7-3 13:31:36 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئادەتتە كىنونى توردىن چۈشۈرۈپلا كۈرۈشكە ئامراق، توردا كۆرسە سەل كىنونىڭ مەزىسى قاممايدىكەنچۇ
مىخ
abdukerim99 ۋاقتى: 2017-7-3 13:51:31 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
سىلەر ياخشى قىلماپسىلەر، مەن 60 دىيۇملۇق تېلىۋىزوردا كۆرىمەن، ياكى دوستۇمنىڭ تامغا 100 دىيۇم چوڭلۇقتا چىقرالايدىغان پيروكسيە ئاپراتىدا كۆرىمىز، كېنو ئۈنۈمىگە ئازراق يېقىنلىشىمىز، ھەققىي ھوزوررىنى سۈردىغانلار تېلىفون، كومدا كۆرمەي چوڭ ئىكرانلىق ئۈسكۈنىدە كۆرۈڭلار
9#
abdukerim99 ۋاقتى: 2017-7-3 13:53:28 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ياخشىراق تامغا تەسۋىر چۈشۈرۈش ئاپراتى تەۋسىيە قىلىڭلار، تۈرلىرى بەك كۆپكەن، ئائىلە كىنو خانىسنىڭ،
10#
kokyar ۋاقتى: 2017-7-3 14:00:40 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي ئېسىت...........   
مەن ئۈندىدار ئىشلەتمەي نۇرغۇن قولايلىقلاردىن قۇرۇق قاپتىمەن ئەمەسمۇ، ماۋۇ قولايلىقلارنى بىلىۋالدىم، ئەمدى ئاستا ئۈندىدار ئىشلىتىدىغاننىڭ ئىشىنى قىلاي.
11#
Neo ۋاقتى: 2017-7-3 14:28:16 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئادەتتە كومپىيۇتىردا كۆرىمەن كىنونى ،،ئەمما ئۆيدە چوڭلار ئاساسەن خېتىنى ئوقۇپ بولالمىغاچقا كۆپىنچە ئۇكام بىلەن ئولتۇرۇپ كۆرىمىز.
12#
Nejmi ۋاقتى: 2017-7-3 15:03:25 | ئايرىم كۆرۈش
مەن چۈشۈرۈپ ھەممە ئىشمنى تۈگىتىپ سىيىپ كىرىپ ئاندىن كۆرىمەن بولمىسا ئارلىقتا توختاپ قالسام كۆرەگەندەك بولمايمەن
13#
barchuq ۋاقتى: 2017-7-3 18:44:19 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئادەتتە چۈشرۈپ قۇيۇپ تىلۋۇزۇردا كۈرمەن
14#
smart ۋاقتى: 2017-7-3 19:17:35 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ كىنو كۆرۈش ۋەزىپەم يوق، كىنو كۆرۈش بولسا مەندىكى ھەۋەس خالاس، بىر سۈزۈك، ئۇيغۇرچە خەتلىك ياخشى كىنوغا پۇل خەجلەپ كۆرۈش ماڭا تەس تۇيۇلمايدۇ(پۇلۇمغۇ جېق ئەمەس مەن بىر ئوقۇغۇچى، دادام بەرگەن پۇلغا ئالىمەن)،ھەپتىدە بىرە تال كىنونى كومپىيوتىرىمغا چۈشۈرۈپ  شەنبە يەكشەنبىلىك ئارامدا پوچچى بىر كۆرۈۋالسام خېلى بىر بىلىملىك بوپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن، ئىشقىلىپ تېلفۇندا كۆرەۋاتقانلا قاندا كۆرەۋاتىسېلەكىن بىلمىدىم ، كومپىيوتىردا كۆرگەنگە يەتمەيدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1