ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئاق بۈركۈت 2014-يىللىق تەرەققىيات لايىھەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
31#
Ablazewolf ۋاقتى: 2013-9-20 21:20:26 | ئايرىم كۆرۈش
toghraq731 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 20:40
1 ئايدىن كىيىن ھەقسىز قىلىۋەتسە ساقلاپ تۇرۇپ مۇتقا كۆر ...

ئوخشاش پىكىردە.
32#
arwah ۋاقتى: 2013-9-20 21:52:04 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا دوللارنى بېكەتتىكى ئوبوروت شەكلى قىلىش ئەڭ ئاقىلانە چارە، بولمىغاندا يەنىلا ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدىغان ئىش بولىدۇ، ئويلىنىپ باققايسىلەر.
33#
سۈرخان ۋاقتى: 2013-9-20 22:23:49 | ئايرىم كۆرۈش
جەسۇر16 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 21:03
دوللارنى 0 گە چۈشۈرۋىتىدىغان ئىش بولسا مىنىڭ تور بىكە ...

ئۇ تەرەپلەردىن خاتىرجەم بولۇڭ، دوللارنى نەق پۇلغا سېتىۋالغانلارنىڭ دوللىرى مەيلى دوللارنى بىكار قىلايلى قىلمايلى بىردەك سومغا ئايلاندۇرىلىدۇ
34#
movie ۋاقتى: 2013-9-21 00:52:47 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلىدىغان پىكىركەن، مەن قۇشۇلىمن
35#
tawakkul ۋاقتى: 2013-9-21 01:52:31 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى پىكىر بۇلۇپتۇ، مەن ئازىراق شەخسى كۆز قارىشىمنى دەپ باقاي، ئاۋازلىق فىلىمنى كىرىشتۈرگەن كىرىشتۈرگۈچىلەر ئامال بارمۇكەممەل قىلساق قەتئىي كەم بۇلۇپ قالمىسا ناۋادا شۇنداق كەم ئۇيغۇرچە ئاۋاز يوق يەرلەر بولسا، كەم يېرىنى ئېنگىلىزچە ئاۋازلىق ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ قويساق،  كىنو دېگەننى كۆرسە، تۇلۇق كۆرسە، بولمىسا كۆرمىسە دەيمەن، يەنە بىر گەپ فىلىمنىڭ بېشى بىلەن  ئاخرىدىكى خېتى چىقىدىغان يەرلىرىدىمۇ ئاۋاز يوق قىلىپ قويماي تۇلۇق قىلساق، ئاۋازى ھەقىقەتەن ياخشى ماسلاشقان بولسا ھەقلىق قىلساق، ئاندىن مۇددىتىنى سەل ئۇزارتساق خەتلىكنى 6 ئايدىن كىيىن ھەقسىز، ئاۋازلىقنى 3 ئايدىن كىيىن ھەقسىز قىلساق، ئاۋازلىق فىلىمگىمۇ تامغا باسساق ھەم كىرىشتۈرگۈچىمۇ مۇشۇ بەتتىن باشقا بەتلەرگە  يوللىمىسا دەپ قارايمەن .
36#
MusiC ۋاقتى: 2013-9-21 02:20:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئو . 20 سوم قاچىلاپ 1~2 كىنو ئالا ئامماي دوللارغا ئالمىشىپ كېتىپتىكەن،ئەمدى يەنە سوم ئىشى چىقسا قايتا قاچىلايدىغان گەپمۇ؟
37#
razzak ۋاقتى: 2013-9-21 04:49:43 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاسلارنى  ئۇقۇپ  چىقتىم  
بۇپىلان  ناھايىتى  ياخشى  بۇلاپتۇ خەتلىك  فىلىمغا  قويغان  تەلەپلەر مىنىڭ كوڭلۇمدىكىدەك چىقىپتۇ
ئاۋازلىق فىلىمگە كەلسەك بۇنى سوملۇق قىلساڭلار دوللارنىڭ تازا ئەھمىتى قالمامدىكىن دەيمەن تەنە كىلىپ مەلۇم مىقداردا فىلىم كىرىشتۇرگۇچىنىڭ ھىساۋاتىغا پۇل ئۇرۇپ بىرىدىغاننىڭ گىپىمۇ باركەن بۇ ياخشى ئىشكەن  لىكىن ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىم كىرىشتۇرۇش ئۇيغۇرچ خەتلىك فىلىم ئىشلەشكە كەلگەندە ھىچ قانچىلىك بىر ئىش  ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىمنىڭ دەرىسلىكىمۇ بار شۇنى تەپسىلى كورسە ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇنى قىلىپ  كىتەلەيدۇ
لىكىن خەتلىك فىلىم ئوخشىمايدۇ ئۇنى خالىغان بىر ئادەم قىلالامايدۇ شۇنۇڭ ئۇچۇن
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى تىمىدا ئىيتىلغانغا ئوخشاش بىكىتسەڭلا ئىنتايىن مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايمەن بۇ چارە ياخشى چارە ئىكەن
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنى دوللارغا كورسەك يەنى قىسىملىق كىنولارنى 10دوللار كوپ قىسىملىق كىنولارنى 2قىسمىنى 10دوللار كوپ قىسىملىق كارتۇن فىلىملەرنى 2قىسمىنى 5دوللار بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايمىن
دوللار تۇلۇقلاش مەسىلىسىگە كەلسەك 1يۇنگە 20دوللار ئالماشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ دەپ قارايمەن
خەتلىك فىلىملەرنى بولسا ھەقسىز قىلمىساڭلا ئۇندا قىلساق بولمايدۇ دىسەڭلا 3ئايدىن كىيىن ھەقسىز  قىلساڭلار دىگەن پىكىرنى بىرىمەن
فىلىمنى چۇشۇرۇش : بۇنىڭغا كەلسەك ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىمنى يوللىغۇچى ئۇزى بىلىپ بىرەر بوشلۇققا يوللايدۇ ئەلۋەتتە
خەتلىك فىلىمگە كەلسەك بولسا خەتلىك فىلىملەرنىمۇ 360بوشلۇققا يوللىساڭلار مەيلى rmvbبۇلامدۇ ياكى mkvبۇلامدۇ قايسى بولسا 360 تور بوشلىقىغا يوللىساڭلا
سەۋەبى: مۇنبىرىمىزدە ئىشلىتىۋاتقان ھازىرقى قويغۇچمۇ بولىدۇ لىكىن مەلۇم ۋاقىت ئوتكەندىن كىيىن فىلىملەرنى چۇشۇرۇشكە بولمايدىكەن ياكى مەلۇم پىرسەتكە يەتكەندە توختىۋالىدىغان ۋەياكى بىرنەچچە كۇندە چۇشىدىغان ئەھۋاللار بۇلۇپقالىدىكەن
بۇقويغۇچتا فىلىم يىڭىدا چىققاندا چۇشۇرۇش سۇرىتى ياخشى بولىدىكەن بەلكىم كوپرەك ئادەم چۇشۇرگەچكە شۇندا بۇلىشى مۇمكىن ھەنىمە دىگەن بىلەن 360 دەك بەيدۇدەك تور دىسكىسىدىن چۇشۇرگەنگە يەتمەيدىكەن بۇلارنى ئۇزۇمىز ھەرخىل چۇشۇرگۇچ ئارقىلىق چۇشۇرۇشكە بولىدۇ ئەلۋەتتە
ھىلىقىدەك btئۇرىقى بىلەن تەمىللەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭلا ئۇستازلار بۇ نەرسە بەك بەك يەنە بەك تەس چۇشىدىكەن شۇنلىغا ھەقلىق ئەزا بولسا بۇ باشقا گەپ مەنغۇ ئەزا لىكىنئەزە بولغانلار كوپ ئەمەسقۇدەيمەن ھەنىمە دىگەن بىلەن كوپ سانلىقلارنى ئويلىمىساق بولماس
ئەمدى بۇرۇنقى سوملىرىمىزغا كەلسەك بۇنى دىلمۇرات مۇۋاپىق تەڭشەيدۇ دەپ قارايمەن
مەيلى قانداقلا بولسۇن مەنمۇ يەنە قىممەت تۇلۇقلاشقا ھەر ۋاقىت تاييا
ئاخىردا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغان دوسلارنىڭ تىخىمۇ كوپ بولىشىنى ياخشى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشنى مۇشۇ تەڭشەش ئارقىلىق تىخىمۇ نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ كوپ پۇل تىپىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن:lol
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بايان قىلغاچ تۇراي قالغىنىنى ئەھۋالغا قاراپ بىر نەرسە دەمىز
38#
ئاۋغۇست ۋاقتى: 2013-9-21 11:08:50 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋازلىق فىلىملەرنى دوللارلىق قىلىشمۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن. مەنغۇ كىرىشتۈرۈپ باقمىغان ، لېكىن تەرجىمىگە قارىغاندا جاپاسى ئازراقمىكىن دەپ ئويلايمەن (كىرىشتۈرگۈچىلەر تىللاپ سالماڭلار ھېلى) .. بولمىسا دوللار كۆپ ئىشلىتىدىغان يەر يوق بولۇپ قالىدىغان ئىش چىقارمۇ دەيمەن.
39#
جەك ۋاقتى: 2013-9-21 12:06:34 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە بۇرۇنقىدەك سومغا كۆرىدىغان تۇزۇم يولغا قۇيۇلغۇدەك-دە ئۇنداقتا.
بىكالىق قىلىنغۇچە خەنچىسىنى كۆرۈپ سالىدىكەن كىشى
40#
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2013-9-21 12:13:42 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنىمۇ ئالدىنقى بەش ئادەم دوللار غا سىتۋالدىغان  كىيىنكىلەر سومغا كۆردىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟
41#
ئوتباش110 ۋاقتى: 2013-9-21 13:56:07 | ئايرىم كۆرۈش
albaris يوللىغان ۋاقتى  2013-9-21 11:08
ئاۋازلىق فىلىملەرنى دوللارلىق قىلىشمۇ بولىدىغان ئۇسۇ ...

قوللايمەن تامامەن ئۇرۇنلۇق
42#
svpvrga ۋاقتى: 2013-9-21 14:58:56 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ سۆزلەپ باقاي:
1. ئاۋازلىق فىلىملەرنىڭ سۈپىتىگە قارىتا دوللارلىق ياكى سوملۇق(سوملۇق بولغاندا 1 سومدىن ئېشىپ كەتمىسە) قىلساق. چۈنكى ھازىر ھەرقايسى تور بەتلەردە كىرىشتۈرۈلگەن فىلىملەرنىڭ سۈپىتى دىگەندەك ياخشى ئەمەس، بېرىلگەن ئاۋازلارمۇ ھېلىقى يەر ئاستى ئاۋاز گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئاۋازى، ئۇنداق كىنونى كۆرگەندىن سىيىپ كىرىپ ئۇخلىغان ياخشى. شۇڭا سەھىپە مەسئۇللىرى ئاۋازلىق كىنونىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىشى، بەكلا سۈپەتسىز كىنونى تەستىقلىماسلىقى كېرەك.
2. مەيلى قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق دوللارغا ئېرىشكەن بولمىسۇن، بۇرۇنقىدەك يېرىمىنى تەرجىمانغا قالغىنىنى ساخاۋەت ئىشلىرى ياكى مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلسە. چۈنكى مۇنبەرگە ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىنلا خالىس تۆھپە قۇشۇش مەقسىتىدە يىغىلغانلار.مېنىڭچە مەيلى تەرجىمان ياكى تەھرىر، ps چىلار بولسۇن ئۇنچىلىك پۇل ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلغان ئەمەس. شۇڭا ئۇلارغىمۇ ماددى جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش بېرىلسە ئەڭ مۇھىمى مۇنبەرنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئازراق ماددىي جۇغلانما جۇغلانسا شەخسەن مىنىڭ ھەقىقىي ھاردۇقۇم چىقىدۇ.
3.مەيلى قانداق سەۋەبتىن دوللارغا ئېرىشكەن بولمىسۇن ئاقىر ئەپەندى دىگەندەك كىنو كۆرگەندە 50 دوللار بىر سوم بويىچە ھېسابلىنىپ كىنو كۈرۈشكە بولسا. بۇنداق بولغاندا بۇرۇن سوملىرى دوللارغا ئالماشتۇرۋىتىلگەنلەرمۇ راز بولىدۇ، دوللار تېپىش قىزغىنلىقىمۇ بوشاپ قالمايدۇ.
43#
ziltar ۋاقتى: 2013-9-21 22:56:30 | ئايرىم كۆرۈش
ئاقبۈركۈتنىڭ بېكەت مۇلازىمىتىرى قەيەردە؟
44#
ئەلشاھ ۋاقتى: 2013-9-21 23:58:19 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلىجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-22 00:02  

يۇقىرىقى تورداشلار ناھايتى ئورۇنلۇق پىكىر بېرىپتۇ. كۆرۈرمەنلەرنىلا ئويلىماي ئۆزۈڭلارنىمۇ ئويلاپ قويوڭلار،  ئۆزۈڭلارغا بېسىم قىلىۋېلىپ كېيىن چارچاپ قېلىپ بۇ توربەتنىڭ توختاپ قېلىشىنى ياكى يەنە ئۆزگىرەپ كېتىشىنى خالىمايمەن. فىلىم باھاسىغا كەلسەك كۆپ قىسىملىق فىلىملەر بىر يۈەن ياكى ئەھۋالغا قاراپ ئىككى يۈەن بولىۋەرسۇن(كارتون بولسىمۇ ئوخشاش بولسۇن)، كۆپ قىسىملىقنىڭ ۋاقتى قىسقا بولغان بىلەن ۋاقت ئۇزارغانچە ئاخىرى چىقماي قالىدىكەن.
ھېكايە فىلىملەرگە كەلسەك نورمال سۈزۈكلىكتە ئېلان قىلساڭلارلا بولدى. رايونىمىزنىڭ كومپىيوتېر ئىستىمالى (ئىكران)، تور سۈرئىتى ۋە بوشلۇق مەسىلىسىنىمۇ ئويلىشىشىڭلار كېرەك. ئالاھىدە سۈزۈك ئۈچ تۆت گېگابايتلىق كىنونى پىرسلاش، يوللاش، مۇقىم بوشلۇقتا ساقلاش،  شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ ئاستا تور بىلەن چۈشۈرۈش ۋاقت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس. ناۋادا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكىسىنى لازىم دەپ قارىساڭلارمۇ مەيلى ئۇنداقتا ئادەتتىكى فىلىملەرگە ئىككى يۈەن يۇقىرى ئېنىقلىققا يەنە بىر يۈەن قوشۇپ ئېلان قىلىڭلار. نەچچە مىلىيون مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن كىنونى كىنوخانىغا ئالاھىدە ۋاقت ئاجرىتىپ كۆرۈپ كەلسىمۇ يىگىرمە ئوتتۇز سوم تۆلەيدۇ. يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرگىسى بار ئادەمنىڭ چوقۇم خەتلىك فىلىمنى تەييارلاشقا كېتىدىغان ئەجىرنى بىلگۈچىلىكى بار دەپ ئويلايمەن.


دوللار مەسىلىسىگە كەلسەك مەن قىممەت تۇلۇقلاش كارتىسى ئارقىلىق  قاچىلىغان. ھازىرقى دوللىرىمدىن 100دوللار ئەتراپىدىكىسى ئىنكاسىم باھالىنىپ ۋە سىستىما سوۋغا قىلغىنى. قالغىنىغا كەلسەك مەن كۆپ قىسىملىق فىلىملەردىن غايىپ ھۇجرىنى ئاخىرى چىققاندا بىراقلا كۆرىمەن دەپ ئولتۇرۇپ ئاخىرى چىققاندا قارىسام ھەممە قىسمى ھەقسىز بولۇپ كېتىپتىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت يالغان سۆزلىمەڭ، شەمشەر تورى، بۆرە بالا قاتارلىقلارنى كۆرۈشكە باشلىغاندا خېلى كۆپ قىسمى ھەقسىز بوپ كېتىپتىكەن. مەن سەل خىجىل بوپ قالدىم. ھەقلىق ۋاقتتا تارقىتىلغاندا سېتىۋالمىغىنىمغا سەل خىجىل بولۇپ يۈرەتتىم ... شۇڭا ئاۋۇ دوللارلىرىمنى شۇنىڭغا ئېپ قېلىپ قالغىنىنى  20سومغا تېگىشىپ بېرىڭ. ابەزى يېڭى فىلىملەر تەستىتىن ئۆتىشىگىلا سېتىۋېلىڭ دېگەن خەت چىقماي بىۋاستە قۇيۇلۇپ كەتكەنلىرىگە ۋە باشقا ھەقسىز كۆرگىنىمگە تەرجىمان، تەھرىر، كىرىشتۈرگۈچىلەر رازى بوپ كېتىڭلار.


بېكەتكە تەكلىپ:
مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر تور بەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۆز ئارا فىلىم ئالماشتۇرۇپ كۆرۈرمەنلەرگە تېخىمۇ قولايلىق ياراتساڭلار ... ئۆز ئارا بېكەت تەشۋىقاتىغا، تەرەققىياتىغا پايدىلىق. ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە توربەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ەمكارلىشىشقا سەل قاراپ كەلدى ۋە ناتوغرا رىقانەت شەكىللىنىپ فىلىم تور بەتلىرىدە(ئاۋازلىق)، خەۋەر توربەتلىرىدە، مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە ئۆز ئارا ئوغرىلىقتىن قىلغاندىن پەرقى يوق كۆچۈرمىكەشلىك  بولۇۋاتىدۇ. بۇئىشلارغا سىلەر خەتلىك فىلىم تور بەتلىرى خاتىمە بېرىپ ۋە يول ئېچىپ باشلامچىلىق قىلساڭلار دېگەن ئۈمىدىم بار.

يۇقارقى تەكلىپ پىكىر ۋە ئىلتىماسلار پۈتۈلەي ئۆزۈمنىڭ خۇسۇسى قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مۇۋاپىق يېرى بولسا پايدىلانساڭلار بولىدۇ.  بولمىسا قالايمىقان جۆيلىگەنگە ھېساپ بولسۇن ھى ھى (نېمىشقا يانفۇندا چىراي ئىپادىسى قىستۇرغىلى بولمايدىغاندۇ)
45#
ئەلشاھ ۋاقتى: 2013-9-22 00:10:46 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئىشقىلىپ خەتلىك فىلىملەر باھاسىنى تۈۋەنلىتىپ ئولتۇرماڭلار بەزى كىشىلەرگە بىكارغا قويۇپ بەرسىمۇ نارازىلىقى توختىمايدۇ. پۇل قاچىلاش ئۇنچىۋىلا تەس ئىشمۇ ئەمەس، قىممەت تۇلۇقلاش كارتىسى ھەممە جايدا بار، ئۇنىڭغا ۋاقتى يەتمىگۈدەك ئالدىراشلارنىڭ ئەشۇ ئالدراشچىلىقتا تاپقان پۇلىسى چوقۇم كارتىدا تۇرىدۇ. تور بانكىسىنى ئىشلىتىش ۋە ئالىپايدا ھېساب ئېچىش ئۇنچە تەس ئىشمۇ ئەمەسكەن. تۆمۈر پالۋاننى دەسلەپتە تاۋباۋغا چىقىرىپ قويغۇچىغا چىن دىلىمدىن سەمىمى رەھمەت ئېيتىمەن. شۇ باھانىدا سۈرخاننىڭ ياردىمى بىلەن توردىن مال ئېلىشنى ئۈگىنىۋالدىم. توردىكى سودا ۋە خىزمەتتىكى  ئالدىراشچىلىق بىلەن ئۇ فىلىمنى كۆرگىدەكمۇ ۋاقت چىقمايۋاتىدۇ ھى ھى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1