ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئاق بۈركۈتنىڭ بارلىق ئەزالىرى دىققەت!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1625 22
dilmurat ۋاقتى: 2013-10-20 13:54:08 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
  ئالدىنقى قېتىم توردىشىمىز erdewil يوللىغان «تور بوشلۇقى ئوينىشىدىغان نەرسە ئەمەس! » دېگەن تېمىغا چۈشكەن ئىنكاس-پاراڭلاردىن قارىسام، تورداشلار بۇنىڭغا تازا ئەھمىيەت بېرىپ قارىمىغان چىراي، يەنە بەزىلەر بەك گۆدەكلىك قىلامدۇ بىلمىدىم، يېقىندىن بۇيان رادىئو-تېلېۋزىيەلەردىمۇ مۇشۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي بېرىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئشىقا مۇھىم قاراپ تۆۋەندىكىكدەك بىر قانچە نۇقتىلارغا قەتئىي دىققەت قىلىپ كەتسەك:

  1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملىرىغا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك نىزام، سىياسەت، ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا قانۇنسىز، بۆلگۈنچىلىك، قۇتراتقۇلۇق تۈسىنى ئالغان، مىللىي زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دىنىي ئەركىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان،  شەھۋانى تۈس ئالغان ماقالە، شېئىر، رەسىم، ئاۋازلىق ئەسەر، ئېلكىتاب،  كىنو، ناخشىلارنى يوللاشقا يول قويۇلمايدۇ. شۇنداق تېما-ئىنكاسلارنى يوللىغان ئەزالار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، شۇنداق ئەزالارنىڭ ئۇچۇرى ئېنىقلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىنىدۇ.

2. بولۇپمۇ بېكىتىمىزدە تور دېسكىلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ ئەزالار كۆپ شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى تور دېسكىلاردا ئېقىپ يۈرگەن بىر قىسىم ئېلكىتاب، فىلىم، «ئاۋازلىق ئەسەر» نى تولۇق كۆرۈپ چىقماي تۇرۇپ ساقلاپ ياكى باشقىلارغا تارقىتىپ يۈرمەڭ، بېشىنى كۆرۈپلا يوللاپ قويغانتىم دەپ، ۋاقتى كەلگەندە سىزلا ئەمەس، ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداشلىرىڭىزنىمۇ ھەسرەتتە قالدۇرۇپ قويىسىز، شۇڭا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويايلى، تور دېسكىلىرى ھەرگىزمۇ ئوينىشىدىغان نەرسە ئەمەس!!!

3.  بېكەتنىڭ خاسلىقىغا ماس كەلمەيدىغان ھەرقانداق تېمىلارنى يوللىماسلىق كېرەك، بولۇپمۇ مەنبەسى ئېنىق بولمىغان خەۋەرلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر(كىنو-فىلىمگە ئائىت ھېكايە، سىنارىيە، شېئىر، يۇمۇرلار بۇنىڭ سىرتىدا)، دىنى، ئىسلامىي مەزمۇنلار .

4. بېكەتنىڭ QQ توپى ۋە ئۈندىدار توپىدىكىلەرمۇ ئالاھىدە يۇقارقى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.



باشقۇرغۇچىلارغا:
1. ھەر قانداق تېمىدا تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازىدىغان، قەستەن مىللى زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان مەزمۇندىكى ئىنكاسلارنى بىردەك ئاۋال ئاگاھلاندۇرۇش ئۇلانمىسىنى بېسىپ، ئاندىن ئۆچۈرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بۇ ئەزا ئۈچ قېتىملا ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىسا سىستېما ئاپتۇماتىك ئەزانىڭ بارلىق ھوقۇقىنى چەكلەيدۇ.

2. بىر قانچە رەت ئۆچۈرۈپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ ip ئادرىسىنى خاتىرىلەپ، ئەزالارنىڭ يېزىش، يوللاش ھوقۇقىنى چەكلىۋېتىش لازىم.

3. يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان تېما ئىنكاسلاردىن باشقا، تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا « ياردەم»، « ياردەم قىلڭىلار»، « كىم ياردەم قىلىدۇ» دېگەندەك ماۋزۇسى نائېنىق، تۇتۇرۇقسىز بولغان تېما يوللايدىغان، تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى قويالمىغان تېمىلار قانچىلىك جىددى تېما بولۇشىدىن قەتئىينەزەر باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىماسلىقى كېرەك، تەستىقلاشقا توغرا كەلسە چوقۇم تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى تەھرىرلىۋېتىشى لازىم.

4. بېكىتىمىز ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئانا تىلىمىزغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك، ئىملا خاتالىقى ئېغىر تېما ئىنكاسلار بىردەك ئۆچۈرۈلسە بولىدۇ، تېما ئىنكاس يوللىغۇچى قارشى چىقسا ئەزالىق نامى چەكلەنسە بولىدۇ.

يۇقارقىدەك قانۇنسىز، قۇتراتقۇلۇق خاراكتىرىدىكى، ماۋزۇسى تۇترۇقسىز تېمىلارنى يوللىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى ئېگە بولغاندىن باشقا، شۇنداق تېمىلارنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىلارمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ. شۇڭا باشقۇرغۇچىلارمۇ، تېما-ئىنكاسلارنى ئوقۇمايلا تەستىقلايدىغان ئىشنى قىلمىساق!



ئاق بۈركۈت تورى

2013.10.20



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش1
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار22

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ئۇچقۇن77 ۋاقتى: 2013-10-20 13:58:13 | ئايرىم كۆرۈش
قەتئىي قوللايمىز!!!!!!!!
يىكەنداز
Ablazewolf ۋاقتى: 2013-10-20 14:11:31 | ئايرىم كۆرۈش
بولىدۇ. قوللايمەن ھەم باشقۇرۇش ئىشلىرىدا قاتتىق دىققەت قىلىمەن.
گېلەم
sazguri ۋاقتى: 2013-10-20 15:20:24 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
دەششەت  قوللىۋىتىمىز  ما  گەپ سۆزلەرنى
كىگىز
لۇكچەك ۋاقتى: 2013-10-20 15:35:08 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى پىكىرقۇللايمەن
ئورۇندۇق
ئاشىق5210 ۋاقتى: 2013-10-20 15:56:08 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتۇ .... بىزمۇ دىققەت قىلاريلى دوستلا
داق يەر
سۈرخان ۋاقتى: 2013-10-20 16:08:02 | ئايرىم كۆرۈش
ماقۇل باشلىق :lol
مىخ
سۈرخان ۋاقتى: 2013-10-20 16:09:19 | ئايرىم كۆرۈش
ۋەھشى ئالدىراش بوپ كەتتىڭىزمۇ يېقىندىن بېرى، كوت كوتقىمۇ چىقمايدىغان بولۇپ كەتتىڭىز
9#
تۇنجەر ۋاقتى: 2013-10-20 16:17:09 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى پىكىر ..
10#
جاسۇس007 ۋاقتى: 2013-10-20 16:18:39 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى پىكىرقۇللايمەن
11#
نۇردۇن ۋاقتى: 2013-10-20 17:46:09 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نۇردۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 17:49  

دىققەت قىلىڭلار باللا، بىزنىڭ تورنىمۇ قاتتىق تەكشرۈپ بىرمۇنچە مەسىلە چىقتى ، ئۆزىىمىزنى ئاقلاپ بولالماي قالدۇق ، ئاخرى بىر نەچچە كۈن تەربىيە قىلدى ، بىزمۇ ھازىر جۇڭگۇ كوممونىستلىك پارتىيسىگە دەششەت سادىق! بىكار ئۆيدىكىلەرنى ھەسرەتتە قويىدىغان ئىشنى قىلساق قەتئى بولمايدۇ...
12#
Jam ۋاقتى: 2013-10-20 19:52:45 | ئايرىم كۆرۈش
قەتئى قوللايمىز.
13#
سەردار. ۋاقتى: 2013-10-20 19:53:57 | ئايرىم كۆرۈش
بۇلىدۇ باشلىق،مەنمۇ بۇندىن كىيىن قاتتىق دىققەت قىلاي :(
14#
andalb307 ۋاقتى: 2013-10-20 21:15:57 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى نەسىھەت بوپتۇ . چوقۇم قوللايمىز
15#
QENDEL159 ۋاقتى: 2013-10-20 21:17:56 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ قوللايمەن . ھەممەيلەن قاتتىق دىققەت قىلايلى.
بىر گەپ بارغۇ؛
تورغا چىق تورغا چۇشۇپ قالما،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1