Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1593|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يول ئاچقۇچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


كىنو ئىسمى:  يول ئاچقۇچى
خەنچە ئىسمى:    探险号   征服者  探险者  开拓者   带路着
ئېنگىلىزچە ئىسمى:  Pathfinder
تۈرى: ھەركەتلىك، قورقۇنچلۇق، تەۋەككۇلچىلىق، ۋەقەلىك، ئۇرۇش
دۆلىتى: ئامېرىكا، كانادا

تىلى: ئىسپانچە، ئېنگىلىزچە. (مائوسنى kvod قويغۇچ ئېكرانىنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ، ئوڭنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىكى ئاۋاز سىرىلما تىزىملىكىگە كىرىپ ئەڭ ئاستىدىن سانىغاندا 1-سى ئېنگىلىزچە ئاۋاز، 2-سى ئىسپانچە ئاۋاز، چۈشۈرگەن پېتى قويسىڭىز ئىسپانچە ئاۋازلىقى چىقىدۇ)
خېتى: ئۇيغۇرچە
تەرجىمان: ئاققىر

فورماتى: مكۋ
رازمىرى: 720*1280
سىغىمى: 1.8 گىبايىت
ئۇزۇنلۇقى : 1 ساەت 46 مىنۇتلۇق (38 سېكونتلۇق يېرى كېسىۋېتىلدى)
ئىشلىگەن شىركەت: 20-ئەسىر فوكۇس شىركىتى

رېژىسسور: 马库斯·尼斯佩尔 Marcus Nispel
ئاساسلىق كىنولىرى: ھۆكۈمران ئۈزۈك، ئەيلىسنىڭ سەرگۈزەشتىسى، دۆلەت گۆھىرى

ئارتىتستلار:
كارىل ئۇربان  Karl Urban
ئاساسلىق كىنولىرى:  特警判官Dredd ( 2012)    毁灭战士Doom (2005)   谍影重重The Bourne Identity (2002)     魔戒三部曲:国王归来

穆恩·布拉德古德 Moon Bloodgood
ئاساسلىق كىنوسى؛ ئاخىرلاشتۇرغۇچى 2018    جەنۇبى قۇتۇپتىكى تەۋەككۈلچىلىق    终结者2018     南极大冒险

拉塞尔·敏斯 Russell Means

ئاساسلىق مەزمۇنى:
كىنونىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى كىنونى كۆرۈپ بىلىۋالساڭلار، بۇ يەردە سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغىنىم كىنودا كۆپ تىلغان ئېلىنىدىغان «ئەجدىھا مىللىتى» توغرىسىدا بولىدۇ.
«ئەجدىھا مىللىتى» قەدىمقى شىمالىي ياۋروپادا ياشىغان ۋىكىڭلارنى كۆرسىتىدۇ.
ۋىكىڭ ئېنگىلىز تىلىدا « Viking» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولۇپ  ئىسلاندىيە تىلىدىكى «قولتۇق، دېڭىز قولتۇقى» دېگەن سۆزدىن كەلگەن.
ۋىكىڭلار بۇندىن 1000 نەچچە يىللار ئىلگىرى شىمالىي ياۋروپادا يەنى بۈگۈنكى نورۋۇگىيە، دانىيە، شىۋىتسىيىلەردە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەينى چاغدا ياۋروپالىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى « Northman » يەنى شىمالدىن كەلگەنلەر دەپ ئاتالغان. ۋىكىڭلارمۇ شۇلارنىڭ بىرى. شىمالىي ياۋروپا تىلىدا بۇ سۆزنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار، بىرى ساياھەتچى (مۇساپىر، كۆچۈپ كەلگۈچى)، يەنە بىرى بۇلاڭچى (تالان-تاراج، بۇلاش). ۋىكىڭلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلىكى رىملىقلار تەرىپىدىن «گېرمانلار» نىڭ ياۋايى قەبىلىسى دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئەينى چاغدا پۈتكۈل ياۋرۇپانى ساراسىمگە سېلىۋەتكەن، ئۇلار سىكادۇنىيە يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمى كەنتتىن چىقىپ، ئەجدىھا شەكىللىك كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ، باشقا مەدەنىيەتلىك جايلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان، ۋىكىڭلار ئولتۇرغان كېمىنىڭ كېمە بېشى ۋە قۇيرۇقىغا ئەجدىھا بېشى ئويۇلغاچقا كىشىلەر بۇ كېمىنى ئەجدىھا شەكىللىك كېمە دەپ ئاتاشقان. باشتا ئۇلارنىڭ مۇنتىزى كۈچى تېخى شەكىللەنمىگەن بولۇپ، مۇنتىزىم ھەربىي كۈچى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى چاقماق تېزلىكىدە بۇلاش ۋە چاقماق تېزلىكىدە قېچىش تاكتىكىسى قوللانغان، ئەمەلى كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى بارغانسىرى يوغنىغان، ئاخىرى، ۋىكىڭلار شىمالىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن مۇھىم جايلارنى ئىگىلىۋالغان، يەنە تېخى ئىگىلىگەن جايلاردا مۇقۇم ئولتۇراقلاشقان. خىرىستىئان مۇرتلىرىنىڭ نەزىرىدە كاپىر(كۇففار) ھېساپلانغان ۋىكىڭلار چېركاۋدىكى پوپ-مۇناخ، روھانىلارنى ھېچ ئىككىلەنمەي ئۆلتۈرگەن ھەمدە چېركاۋنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاپ تالىغان. ئۇلا ۋەھشى، باغرى تاش، شەپقەستسىز، قورقۇنچلۇق بولغاچقا، ئەينى چاغ كىشىلىرى ئۇلارنى دوزاقتىن كەلگەن ئالۋاستىدىنمۇ قەبىھ كۆرەتتى. ئۇلار پۈتكۈل ياۋروپانى قاپلىغان بولۇپ، جەنۇپتا قىزىل دېڭىز بويلىرى، غەرىپتە شىمالىي ئامېرىكا، شەرقتە باغداتقىچە ھەممە يەردە ئۇلارنىڭ سەپەر ئىزلىرى بار. ئۇلار ئاۋامنىڭ كۆز ئالدىدا تۇنجى قېتىم دېڭىز قاراقچىسلىق سالاھىيتى بىلەن نامايەن بولغان. (گىتلېرنىڭ نېمە ئۈچۈن گىرمانلارنى شۇنچە كۆككە كۆتۈرگەنلىكىنى ئەمدى بىلىۋالدىم..)
ۋىكىڭلار 8-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە،  قوشنا دۆلەتلەرگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قىلىپ، ئۇ دۆلەتلەرنى ئىگەللەش جەريانىدا بار-بارا ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەدىرىجى  شىۋىتسىيە ۋىكىڭلىرى، نورۋىگىيە ۋىكىڭلىرى ۋە دانىيە ۋىكىڭلىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. ھەمدە ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسسىدا بىردىن جەڭ مەيدانى ئاچقان، شىۋىتسىيىدىكىلىرى شەرققە قارتا ئۇرۇش قىلغان، دانىيىىدىكىلىرى غەرپكە قاراپ دېڭىز سەپىرى قىلغان، نورۋىگىيدىكىلىرى داۋاملىق دېڭىز ئۈستىدە دېڭىز قاراقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېخى ئېچىلمىغان ياكى ئادەم ئاز رايۇنلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇ يەرلەرنى ئىگىلەپ ماڭغان. ۋىكىڭلار پۈتۈن دۇنيانى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن،  گىرلاندىيە (دانىيە تەۋەلىكىدە) نى بايقىغان، ئۇزۇن كېمىلەرنى ھەيدەپ شىمالىي ئامېرىكىغا بىۋاستە بارغان، ئىسلاندىيەگە كۆچكەن، ئىرلاندىيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان، رۇسىيىگە يۈرۈش قىلغان، فرانسىيەنى قان دېڭىزىغا بويىغان، 8-ئەسىردىكى ياۋروپادا مۇنداق بىر مۇناجات ھەممە يەرنى قاپلىغان، «پەرۋەردىگار، بىزنى شىماللىقلارنىڭ ۋەھشىلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇشۇڭنى تىلەيمىز، بىزنى ئۇلارغا يولۇقتۇرمىغايسەن»، بىراق ۋىكىڭلار ئارىسدىنمۇ ئۇستا ھۆنەرۋەن، ماھىر دېڭىزچى، ئىكىسپىدىتسىيىچى، سودىگەر ۋە مەشھۇر كىشىلەر مەيدانغا كەلگەن.
خىرىستىئان دىنىنىڭ ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلىقىغا كېڭىيشىگە ئەگىشىپ، ۋىكىڭلار ئالتۇن كۈمۈش ياكى قىلىچلارنىڭ ئازدۇرىشىدا ئاستا-ئاستا ئېتقادىنى ئۆزگەرتكەن، ئەڭ ئاخىرى كاللا-پەشۋاغا تايىنىپ ياشايدىغان مىللەتتىن، دىن سەۋەپلىك ئاشۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ۋاز كەچتى. ئۆي-ماكانى، تۇرالغۇسى يوق دېڭىز قاراقچىلىرى ھەرقايسى جايلاردا ئولتۇراقلاشتى، ۋولگا دەرياسى بويلىرىدىكى يەرلىك خەلىق سىلاۋيانلار قەبىلىلىرى ئارىسدا يىللاردىن بۇيان ئۇرۇش-جىدەللەر  توختىماي داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى شىمالىي ياۋروپادىن كۈچلۈك ياللانما ئەسكەرلەر ۋە يولباشچى تەكلىپ قىلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن سىكادۇنيەدىكى ۋىرانگىئانلار (Varangians) بۇ تالاش-تارتىشىنى ئاياقلاشتۇردى. شۇ قېتىم كىرگەن زور كۆلەمدىكى ۋىكىڭلار يەرلىك كىشىلەر تەرىپدىن « Rus » لار يەن رۇسلار دەپ ئاتالدى. مىلادىي 882-يىلىغا كەلگەندە ئولېگ كېنەز (نورماندىيىدىن كەلگەن) رۇس دۆلىتىنى قۇردى، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتنىڭ ئىسىمى « Rusland » دەپ ئاتالدى، بۇ دەل ھازىرقى رۇسىيەدۇر.
كىنودا ئەر رولچىلارنىڭ كىيىۋالغىنى ۋىكىڭلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى بولۇپ بۇخىل كىيىم ئۇلارنى ناھايتتى باتۇر كۆرسىتىدۇ. بىراق كۆرۈرمەنلەر ئۇلارنىڭ مۈرىسىگە دۇگۇر توپ تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كىيىمىنىڭ قاتۇرمىسىنى سېلىۋالغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا ئۈنۈم ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن. (بۇ چەتئەللىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەيىپىنى ئۆزى ئاچىدىكەن)
ۋىكىڭلار تارىختا راستىنلا ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى باشلىرىغا تاقىۋالغانمۇ-يوق بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، بۇ كىنو كونكىرتنى ئەھۋالنىى ھەقىقەتەن ئەينى دەۋىرگە ئىزچىللاشتۇرغان. كىنودىكى بۇ خىل ئۇسۇل كىنو ئىشلىگۈچىلەرنىڭ كاللىسىغا شۇنداقلا كېلىپ قلغان ئەمەس. غەرىپلىكلەرنىڭ ۋىكىڭلار ھەققىدىكى رىۋايەتلىرىدە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدە زىننەتلەنگەن باش كىيىم (دۇبۇلغىلار) ھەقىقتەن تىلغا ئېلىنغان.  بۇنداق باش كىيىم ۋىكىڭلارنى تېخىمۇ ۋەھشىي كۆرسىتىدۇ.
بۇ كىنو مىللەت، ئېپوس، تەۋەككۇلچىلىق، ھەركەت قاتارلىق كۆپخىل ئامىللا بىرلەشكەن جانلىق ھېكايە. كىنوغا جەمئى 45 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى خەجلەنگەن، پۈتكۈل كىنو ۋانكوۋېر چوقىسىدا سۈرەتكە ئېلىنغان. كىنو پۈتۈن كۈچ بىلەن ۋىكىڭلار قوزغىغان جەڭ نەخمەيدانىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان، ئەينى ياۋايى دەۋىردىكى كىشىلەر ۋە كىشىلىك ئەخلاققا سادىق بولغان.
فىلىم ئىسمى: بۇ كىنونىڭ ئېنگىلىزچە ئىسمى Pathfinder، خەنزۇچە 4-5 خىل ئىسمى باركەن. ھەممىسىدە يولباشچى، يېتەكچى، ئاتامان، يول باشلىغۇچى دېگەندەك مەنىلەرگە يېقىن ئىكەندۇق،بۇنداق ئىسىملىك كىنولارنىڭ كۆپلىكى ۋە ئېنگىلىزچىسىنىڭ مەنىسىگە يېقىنلاشتۇرۇش يۈزسىدىن مەن «يول ئاچقۇچى» دەپ ئالدىم.

فىلىم كەسمە سۈرەتلىرى:







360 تىن چۈشۈرۈش:   yol achquxhi.360.zip (206 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 641)


بېلەت كىرىمى: 102
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ياخشىياخشى ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2014-3-14 12:56:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن شاھ سەنەمنىڭ كىنوغا قارىتا تەسىراتلىرى
بۇ كىنو 2007-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشىغان بىر قەبىلىنىڭ ھاياتلىق كۈرىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىكەن.

فىلىم باشلىنىش بىلەنلا، مارش تېمپىسىدىكى مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بىرمۇنچە دۇبۇلغا-ساۋۇت، يەنە ئاللىقانداق ئىسكىلىت شەكىلدىكى ئېغىر كىيىملەر بىلەن ئورالغان مەخلۇقسىمان كىشىلەر ئۇچرىغانلىكى كىشىنى ئۆلتۈرۈۋاتاتتى، چېپىۋاتاتتى … كەينىدىن يەنە بىرمۇنچە خەتلەر چىقىشقا باشلىدى: «كولومبودىن ئالتە ئەسىر ئىلگىرى … شىمالىي ئامېرىكىدا بىر توپ ياۋايى باسمىچىلار دېڭىز بويى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، شۇ يەردە ماكانلاشماقچى بوپتۇ، ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچراپتۇ … ئەمدى كېيىنكىسى بولسا، بىر رىۋايەتتىنلا ئىبارەت …»

دېمەك، كولومبو ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقىمىغان، يېڭى دېڭىز يوللىرىمۇ ئېچىلمىغان، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەسلىدىكى خوجايىنلىرى بولغان ئىندىيان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مىللەت-قەبىلىلەر تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراشتىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى بىر دەۋرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانىدى.

ئەڭ دەسلەپتە، قار مۇز قاپلانغان دالىدا بىر ئانا ئەپسانىلەردىكى ھايۋان ــــ ئاق ئاتنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، ئاق ئاتنىڭ ئۇلارغا كۆرۈنۈشى بىر قېتىملىق بالايى-ئاپەتنىڭ نىشانىسى ئىدى. ئات توختىماي يەرنى چاپچىپ، ئانىغا بىر نەرسىنى ئىشارە قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشلاپ ماڭىدۇ، ئەجدىھا باشلىق كېمىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىدۇ. كېمە ئىچى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن جەسەتلەر بىلەن تولغانىدى، بىردىنبىر ھايات قالغۇچى بولغان بىر كىچىك بالىنى ئانا ئۆيىگە ئەپكېتىدۇ، باشقىلار بالىنىڭ ئۆزگىچە چىراي-تۇرقىغا قاراپ، «ئالۋاستىكەن» دېگىنىدە، ئانا: «بىز ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرساق، ئەڭ رەھىمسىز ئالۋاستى دەل بىز بولغان بولىمىز!» دەپ، باشقىلارنى قايىل قىلىپ، بالىنى بېقىۋالىدۇ. ئاندىن بالىنىڭ پاجىئەلىك قىرغىنچىلىقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەنلىكى ۋە چوڭقۇر قىساس ئۇچقۇنلىرىغا تولغان كۆزلىرى بىلەن ئالدىدىكى ئۇزۇن قىلىچقا قاراۋاتقان كۆرۈنۈشى چىقىدۇ …

ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى كۆرۈنۈش. مەنزىرىلىك دەريا بويىدا ئىككى قەبىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ، كۆرۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈش كۆرۈندى. كىنودىكى باش قەھرىمان (يەنى ھېلىقى بالا چوپچوڭ ئادەمگە ئايلانغانىدى) يەنە بىر قەبىلىدىكى بىر قىز بالىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ئەمما، ئۇ قەبىلىدىكى پالۋانلىرىدىن بىرى بۇنى سېزىپ قېلىپ، ئېتىراز بىلدۈرىدۇ. باش قەھرىمان سالام ئۈچۈن قول ئۇزىتىدۇ، (بۇ يەردە فىلىمنىڭ چىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان 10-ئەسىردىكى بىر ئورمان قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ خىل كۆرۈشۈش ئۇسۇلىغا سەل گۇمانىم بار) ئەمما، ئۇ پالۋان ئىلىك ئالمايدۇ.

بۇ كىنودا مېنى ھەيران قىلغان يەنە بىر ئىش، ئىنتايىن ئاددىي تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن ئەينى دەۋردىكى كۆچمەن ئوۋچى قەبىلىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى يارقىن ئىپادىلەپ بېرەلىگەن: پۈۋلەپ مۇزىكا چالىدىغان قوبۇز (بۇ ھونلاردىمۇ بار ئىدى) قۇش پەيلىرىنى زىننەت بۇيۇمى قىلىش، ئېيىق ياكى باشقا يىرتقۇچلارنى توتېم قىلىش …قاتارلىقلار. چۈنكى، بۇنداق كۆرۈنۈشلەرگە سەل قارىغىلى بولمايتتى. بىر ئىپتىدائىي قەۋم ھېسابلانسىمۇ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان مايا مەدەنىيىتى مۇشۇ مىللەتلەر ئارىسىدا پارلىغانىدى. بۇ خىل تۇرمۇشنى كۆرۈپ، ئادىل ئابدۇللا بەگيار قەلىمى ئاستىدىكى ھون تەڭرىقۇتى باتۇرنىڭ (يەنى ئوغۇزخاننىڭ) قاراڭغۇ ئىپتىدائىي ئورمانلاردا ياشايدىغان ياۋۇز تاڭيۆلەرگە قارشى ئۆزى يالغۇز ئۇرۇشقا ئاتلانغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى.

كىنوغا قايتىپ كەلسەك، قەبىلە باشلىقى (باشلامچىسى) پاراڭلىشىش جەريانىدا، قار ئاپىتىدە ئوۋچى قەبىلىدىكىلەرنىڭ تۆتتىن ئۈچى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئورۇنباسارىنىڭمۇ بارلىقىنى سۆزلەيدۇ. ھەمدە، ئورۇنباسارنى قايتا بېكىتىشتە، كۆڭلىدە سان يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ. دېمەك، قەبىلە باشلىقىغا ياققۇدەك باشلامچى بولۇش پۈتكۈل قەبىلىنىڭ ھايات-ماماتىغا مەسئۇل بولۇش، بىخەتەر ھايات كەچۈرۈشى، گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇش ئاسان ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ، ئاشۇنداق ياز كۈنلىرىنىڭ تايىنى يوق يەردە ياشاپ، جانلىرىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ ياشىغان، ئاشۇنداق تەھدىتلىك جايدىمۇ تەۋرەنمەي، ئۈزلۈكسىز ياشىغىنىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا، ۋەتەن ئۇقۇمى خېلى سالماقنى ئىگىلىسە كېرەك. ئاندىن قەبىلە باشلىقى پال سېلىپ، باش قەھرىمانغا سىرلىق قارايدۇ… كەچتە، ئۇلار پالۋانلار ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ. ھەمدە ئارقارنىڭ باش سۆڭىكىدە قاينىتىلغان قاننى پالۋانلارنىڭ پېشانىسىگە سۈرىدۇ. بۇ نۆۋەت يىگىتكە كەلگەندە، قەبىلە باشلىقى بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ، ھەم ئۇنىڭغا يەنىلا ئۇنىڭ ئۆتمۈشىدىكى پاجىئەدىن قىيلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بولۇۋەرسە، ئۆزىنى تونۇپ يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ سىرتقا چىقىپ ئۈمىدسىزلىنىپ مەن پالۋان بولالمىسام، يەنە نېمىمۇ بولالارمەن دېگەندە، بېقىۋالغان دادىسى ئۇنىڭ ئاللىقاچان بۇ قەبىلىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تەسەللىي بېرىدۇ.

ئەتىسى، ئىككى قەبىلىدىكىلەر كېلەر يىلى كۆرۈشەيلى، دەپ خوشلىشىدۇ. ….

قار يېغىۋاتقان بىر چاغدا، يىگىت ئوۋغا ماڭىدۇ، ۋە ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلىشىدۇ. كىچىك سىڭلىسى، بىر خىل ئۆسۈملۈك تېرىۋاتقان يېرىدىن ياۋۇز باسمىچىلارغا ئۇچراپ، چىرقىغىنىچە قېچىپ ئۆيىگە كېلىدۇ. باسمىچىلار تاپ بېسىپ قوغلاپ كېلىدۇ. پۈتكۈل قەبىلە دەھشەت ئىچىدە قالىدۇ. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ، پالتا زەربىسىدىن ئېچىنىشلىق جان بېرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، دادىسى قىلىچىنى تۇتقان ھالدا، باتۇرلارچە ئېلىشىپ ئۆلىدۇ. بۇلارنى كۆرگەن يىگىت ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ ۋە قىلىچنى كۆتۈرگىنىچە ئۇرۇشىدۇ ۋە باسمىچىلار كاتتىبېشىنىڭ كۆزىنى چىقىرىۋېتىدۇ. تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قاچىدۇ. قېچىش جەريانىدىمۇ بىر نەچچە باسمىچىنى يەر چىشلىتىدۇ … ئاخىرى بىر ئېيىق ئۆڭكۈرىگە كىرىپ پاناھلىنىۋاتقاندا، يەنە بىر قەبىلىدىكىلەر بىلەن ئۆڭكۈردە ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئۇلار يارىلانغان سوغۇقتا توڭلاپ كەتكەن يىگىتنى قۇتقۇزىۋېلىپ، داۋالاپ، ئارام ئالدۇرىدۇ.

ئۇلار قەبىلىدىكىلەرنى يىغىپ يىگىتنى ئېلىپ قېلىش-قالماسلىقنى مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، يىگىت ئەگەر ئەجدىھا مىللىتىدىكىلەر (يەنى باسمىچىلار) بىلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ساق قويمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قېلىشقا قوشۇلمايدۇ. ۋە يولغا چىقىدۇ. قەبىلە باشلىقىنىڭ قىزى ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىۋالىدۇ. يىگىت ھىيلە بىلەن باسمىچىلارنى بىرمۇ بىر يوقىتىشقا باشلايدۇ. ئاخىرى يىگىتنى، قىز ۋە قەبىلە باشلىقىنى تۇتۇۋېلىشىدۇ. يىگىت بىلەن قىزنى يول باشلاشقا ئېلىپ قېلىپ، قەبىلە باشلىقىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ.

يىگىت قىزنىڭ قارشى تۇرۇشىنى پىسەنتكە ئالماي، يەنە بىر قەبىلىدىكىلەرنىڭ يېنىغا باسمىچىلارنى باشلاپ بارماقچى بولۇپ، قەستەن خەتەرلىك يوللار بىلەن ماڭدۇرىدۇ. تۈزۈك مۇز تۇتمىغان دەريادىن ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، باسمىچىلارنىڭ كۆپرەكىنى سۇدا ھالاك قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئېگىز قىيا ئۈستىدە، بىر-بىرىگە چېتىلغان باسمىچىلارنى ھاڭدىن كىرگۈزىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا، قار كۆچۈپ، ھەممىسىنى بېسىپ، كېتىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، قىز بىلەن يىگىت ئىككىلىسىلا ھايات قالىدۇ ۋە قەبىلىدىكىلەر بىلەن تەڭ ئاق ئاتنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتقان ھالەتتە كىنو ئاخىرلىشىدۇ.
بۇ كىنونى كۆرۈش جەريانىدا، بىر نەچچە نۇقتا دىققتىمنى تارتتى:

بۇ كىنونى ئىشلىگەن چاغدا، قىرغىنچىلىق كۆرۈنۈشىگە ئالاھىدە كۈچىگەنمۇ قانداق، ھەربىر كۆرۈنۈشتە، كىچىككىنە يەردىمۇ ئاجايىپ بىر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىرغىنچىلىق ۋە دەھشەت غىل-پال قىلىپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. ھېس قىلىشىمچە، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان كىنولاردا ئۇنداق كۆپ كۆرۈنۈش يوق. بار بولسىمۇ، بۇنداق سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغان پاجىئەگە ئوخشىمايدۇ. بەلكىم، مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى تەپسىلىي كىرىشتۈرۈشتىكى مەقسەت، كىنو باش قەھرىمانىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى، پىسخىكا توقۇنۇشى ۋە قەھرىمانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىشى ئۈچۈن چوڭ رول ئوينىسا كېرەك.


يىگىت ئەسلى ئەجدىھا مىللىتىدىن. (ئەجدىھا باشلىق كېمىدىن قۇتۇلدۇرىۋېلىنغان) ئەمما، ئۆز مىللىتىدىكىلەرنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى بىر قەبىلىگە قوشۇلىدۇ. بۇ قەبىلىدىكىلەر بىلەن تەڭ ھايات كەچۈرۈپ، شۇلارنىڭ ئەنئەنىسىگە بويسۇنۇپ ياشايدۇ. ئۆز مىللىتىدىكىلەرنى تامامەن بىتچىت قىلىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزغان مىللەتنى خەۋپتىن ساقلاپ، ئۇلارنىڭ باشلامچىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىككى نەرسىنى چۈشىنىۋېلىش مۇمكىن، بىرى، بىر مۇھىت بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە خاراكتېر يارىتىشقا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. يىگىت تاجاۋۇزچى مىللەتتىن تۇغۇلغان، ئۇلار بىلەن تەڭ ياشىسا، ئۇلاردەك ياۋۇز ھالدا چوڭ بولۇشىغا گەپ كەتمەيتتى. ئېتىقادلىق، ھەربىر ھاياتلىقنى تەبىئەتتىكى ئېسىل سوۋغا دەپ بىلىدىغان قەبىلە ئىچىدە ياشىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلىشىغا ئېرىشتى. يەنە بىرى، «كېمىگە چۈشكەنلەرنىڭ ئۈمىدى بىر» دېگەندەك، زۇلۇم ۋە جاھالەتلا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلار مەيلى قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەلپۈنىدىغىنى ئەركىنلىك ۋە ئادالەتتۇر. خۇددى خوجىنىياز ھاجىمنىڭ: «ئادەم دېگەننىڭ پېشانىسىگە ماۋۇ ياخشى، ماۋۇ ئەسكى دەپ يېزىقلىق بولمايدىكەن، كاپىرلاردىنمۇ ئېسىل كىشىلەر بولىدىكەن، خۇلاڭزا بىلەن موڭغۇل دوستۇم ئېردىنبات… يەنە ماۋۇ جامسىن دورجىلار ياخشى كىشىلەر ئىدى… ئۇنى دېسىغۇ قۇرئان تۇتۇپ، تۆمۈر ئاكامنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان لى شۇفۇ دېگەن لومودى تۇڭگانمۇ مۇسۇلمان ئىدىغۇ …» دەپ ئېيتقىنىدەك.


بۇ كىنودا يەنە قىلىچنى چۆرىدىگەن مەزمۇنلار بەلكىم بۇ كىنونىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى بولسا كېرەك. زۇلۇم، جاھالەت قاپلىغان جەمئىيەتتە، ئىسيانكارلىق ئىنتايىن تېپىلغۇسىز روھ . لېكىن، ئىسيانكارلىقنى ئۈنۈملۈك ئىپادىلەشتە، قورالدىن ئىبارەت مۇئەييەن بىر ۋاسىتىگە تايانماي بولمايدۇ. بولمىسا، ئۆزىنى قۇرۇقتىن قۇرۇق ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس! خۇددى، ماۋزەيدۇڭ كومپارتىيىنىڭ مەلۇم بىر يىغىنىدا : «مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ» دەپ كۆرسەتكىنىدەكلا بىر ئىش؛ كىنودا تەسۋىرلەنگەن قەبىلىدىكىلەرنىڭ قولىدىكىسى ئەڭ ئىپتىدائىي قوراللار ئىدى. ئۇلار ئۇ ياغاچ قوراللار ئارقىلىق تۆمۈر-پولاتلاردىن ياسالغان قوراللارنى كۆتۈرگەن، ساۋۇت-دۇبۇلغا كىيىپ جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرغان، تۇرقىدىن ۋەھشىي ئادەمخورلۇقى چىقىپ تۇرغان باسمىچىلارنى قانداقمۇ يېڭەلىسۇن؟! قەبىلىدىكىلەر يىگىتنى قۇتقۇزۇۋالغاندا، يىگىت ئۇلارنى ھوشيار تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغاندا، شۇ قەبىلىدىكى پالۋان: «بىز ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىمىز!» دەپ باتۇرانە ئالدىغا چىقسا، يىگىت قىلىچنى بىر شىلتىش بىلەنلا پالۋاننىڭ قولىدىكى ئەڭ نوچى ھېسابلىنىدىغان ياغاچ نەيزىنى ناھايىتى ئوڭاي كېسىپ چۈشۈرۈۋېتىپ: «ئۇلار مانا مۇشۇنداق قوراللار بىلەن ئۇرۇشىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. ھەممىسى قىلىچقا ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ قالىدۇ … يەنە بىر كۆرۈنۈش، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىكى ئېيىق ھۇجۇم قىلغاندا، شۇ قەبىلىدە پالۋان ئاتالغانلارنىڭمۇ قوراللىرى ئاشۇ زور ئېيىق ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەي قالدى. (ئۇ چاغدا قىلىچنىڭ ئىگىسى يارىلىنىپ، ھوشىدىن كەتكەنىدى).

يەنە مىسالغا ئالساق، ئەپيۇن ئۇرۇشىدىكى قىلىچ-نەيزە بىلەن قوراللانغان جۇڭگو فېئودال ئەسكەرلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي فلوتلىرى، جەڭ قوراللىرى بىلەن قوراللانغان مۇنتىزىم ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئوخشاپمۇ قالاتتى…

دېمەك، بۇ كىنودا ئەكس ئەتكەن قىلىچنىڭ رولى ــــ ئەمەلىيەتتە، ئىنقىلابقا ئېرىشىشتىكى ۋاسىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى ئىپادىلىگىنى ئىدى.


يەنە بىر ھېس قىلغىنىم، بۇ كىنونىڭ يەتمەكچى بولغان ئەڭ چوڭ مەقسىتى، ئاشۇ قولغا كەلگەن قىلىچنى قانداق قوللىنىش! بىزنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا «پەم بىلەن ئارسلاننى تۇتقىلى بولۇر، قارا كۈچ بىلەن سىچقاننىمۇ (چاشقان) تۇتقىلى بولماس» دەيدىغان ماقالىمىز بار. كىنودا، يىگىت ئاشۇ بىر قىلىچى بولسىلا، تامامەن غەلىبە قازىنالايدىغانلىقىغا، ئۆزىنىڭ قىساس ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئەمما، كۆپنى كۆرگەن قەبىلە باشلىقى ئۇنى ئۇنداق قىلىشتىن توستى. چۈنكى، قەبىلە باشلىقى ھەقىقەتەن ئەقىللىق كىشى ئىدى. ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن ۋاقتىغا دىققەت قىلساق، ئۇلار ئېيىقنى توتېم قىلغان قەۋم. شۇنداق بولسىمۇ، ھاياتلىق ئۈچۈن، ئۆز پەرزەنتلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى ئېيىقنى ئۆزىگە قارىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى يېيىشىگە رازى بولغان قىياپەتتە ئېيىققا باش قويىدۇ، بۇنىڭدىن كۆرەڭلەپ كەتكەن ئېيىق يېيىش ئۈچۈن ئېتىلىنىپ كەلگەندە، قەبىلە باشلىقى قولىدىكى نەيزىنى ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە يوغان ئېيىقنىڭ ئاسان ئۆلىدىغان يېرىغا تىقىپ، ھالاك قىلىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش پۈتكۈل فىلىمدىكى يىگىتنىڭ باسمىچىلارغا ئاۋۋال قۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ بىخۇدلۇقىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈنلەي ھالاك قىلغىنىغا نەقەدەر ئوخشايدۇ-ھە؟!

قەبىلە باشلىقى ئېسىپ ئۆلتۈرۈلىدىغان چاغدا، يىگىتكە: «ئەگەر سەن بىر ئېيىقنى ئۆلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلساڭ، ئۇنى ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىنى ھالاك قىلغىن، شۇڭا، مېنىڭ يولۇمدا ماڭغىن، مەنمۇ سېنىڭ يولۇڭدا (بىر يولىلا ئېلىشىپ ھالاك بولۇشنى كۆرسەتسە كېرەك) ماڭىمەن» دەيدۇ. (بۇ خۇددى جۇگېلياڭنىڭ قېيىققا قارانچۇق ياساپ، ساۋساۋنىڭ يا ئوقىنى يىغقىنىغا ئوخشايدۇ.)


بۇ كىنودىكى يەنە بىر ئىش ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. بۇ قەبىلىنىڭ باشلامچىسى بولۇش نېمە ئۈچۈن قەبىلە باشلىقىمۇ ئەمەس، قەبىلىدىكى باشقا پالۋانلارمۇ ئەمەس، دەل ئەجدىھا مىللىتىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بۇ يىگىتنىڭ ئوبرازىغا يۈكلىنىدۇ؟

بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى، دۇنياغا مەشھۇر ئەسەر «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزۇ»دىكى روبىنزوننى ئەسلەپ باقايلى، روبىنزون تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بولمىغان يالغۇز ئارالدا 28 يىل ھايات كەچۈرەلەيدۇ. ئۇ ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پۈتكۈل ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئارالدىكى بىر يىگانە پادىشاھلىقنى بەرپا قىلىدۇ. ئۇنداقتا، روبىنزوننىڭ ئاشۇ ماھارەتلىرنىڭ نەدىن پەيدا بولغانلىقىغا دىققەت قىلىمىز. بۇ ئەلۋەتتە، ئىنسانلار تەرەققىي قىلىپ، مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر دەۋردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ناۋادا، روبىنزون بۇ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى بولمىغان بولسا، زۆرۈر بىلىملەرنى ئىگىلىۋالمىغان بولسا، نەدىمۇ ئۇنداق قۇرۇق ئارالدا ھايات كەچۈرەلىسۇن؟!

ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك، قەبىلە باشلىقىنىڭ قەبىلىدىكىلەرنى خەۋپتىن پۈتۈنلەي خالاس قىلالايدىغان ئىقتىدارى يوق ئىدى، قىسقىسى، قەبىلە ئىچىدىكى ئەڭ تەدبىرلىك كىشى بولغىنى بىلەن ئىپتىدائىي تۇرمۇشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغان كىشى ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يەنى، پۈتكۈل قەبىلىگە مەنىۋى جەھەتتىن تەڭداش بولغان بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئىپتىدائىي ئاسارەتلەرنىڭ، ۋار-ۋارلىق مەدەنىيىتىنىڭ ھالاكىتى ئىدى. بۇ يەنە، ئۆز نۆۋىتىدە، يېڭى بىر مەدەنىيەتنىڭ يېتىپ كېلىشىگە بېرىلگەن بىشارەت ئىدى. شۇڭا، بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كىنونىڭ غەلىبە كەيپىياتىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمىگەن.

قەبىلىدىكى ھېلىقى پالۋانغا كەلسەك، ئۇ يېڭى ئەۋلاد بولغىنى بىلەن قەبىلە باشلىقىدىن خېلى تۆۋەن ئورۇندا تۇراتتى. ئۇ باتۇرلۇقى بىلەن بىر قەبىلىنىڭ باشلامچىلىقىغا ئەمەس، ھەتتا، بىر قىزغىمۇ يارىمىغانىدى!

باشقا پالۋانلىرىغا كەلسەك، ئېيىق ئۆلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشكە قاراڭ، ئېيىقنىڭ بىر ھۇجۇمى بىلەن بىر نەچچە پالۋان ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئۆز جېنىنىمۇ قوغدىيالمىغان كىشىگە ئەلۋەتتە بىر قەبىلىنىڭ ھاياتىنى ئامانەتكە قويغىلى بولمايدۇ-دە!

كىنويىمىزنىڭ باش قەھرىمانىغا كەلسەك، باشقىلاردىن بىرلا يېرى بىلەن پەرقلىنىپ تۇراتتى: ئۇ تۆمۈر مەدەنىيەت دەۋرىدە ياشاۋاتقان ئەجدىھا مىللىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. يەنى بۇنىڭدىن ئون بەش يىل بۇرۇنقى ھاياتى ئەنە شۇنداق مەلۇم جەھەتتىن ئىلغارلىققا ئىگە بولغان جەمئىيەتتە ئۆتكەنىدى. شۇڭا، ئۇ روبىنزونغا ئوخشاش، كۆرگىنىنى تامامەن ئىشلىتەلەيتتى. (خۇددى بىزدە «شەھەر كۆرگەن ئىتتىن قورق» دېگەن گەپتەك.) گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ ئىلغار ئىدىيە ئۇنىڭ باشلامچى بولۇشىغا تامامەن ئالدىنقى شەرت ئىدى!


بۇ كىنودىمۇ ئەڭ ئۇلۇغلانغان نەرسە ــــ يەنىلا تەبىئەت. بۇ ئورمان قەبىلىلىرى تەبىئەتكە ئەڭ يېقىن كىشىلەر ئىدى. ئۆز ھاياتلىقى ئۈچۈن ھەرخىل ھايۋانلارنى ئۆلتۈرەتتى-يۇ، ئۆز قىلمىشىدىن ۋەھىمە يەپ، ئۇلارنى توتېم سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ، چوقۇناتتى. ئۇلار تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلەتتى. تەبىئەتتىكى ھەرقانداق مەۋجۇدات بىلەن بىر نەپەستە ياشايتتى. تەبىئەت بىلەن زەنجىرسىمان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرەتتى. مەسىلەن: ئاق ئاتنىڭ يول باشلىشى، قاغىنىڭ قاقىلداپ، شۇملۇقتىن بىشارەت بېرىشى… قاتارلىقلار.

بۇ كىنودىكى يەنە بىر ھاياجانلىق كۆرۈنۈش بولسا، يىگىت مۇزلۇق ئۈستىدىن باسمىچىلارنى ماڭدۇرۇپ، سۇغا غەرق قىلغاندا، ھەممىسىنىڭ قولىدىكى قىلىچ سۇ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ يەردە، بىر قىلىچنىڭ سۇ ئىچىدىكى كۆرۈنۈشى روشەن ئەكس ئېتىدۇ. بۇ ئارقىلىق، ھەممە نەرسە، پۈتكۈل ھۆكۈمرانلىق تەبىئەتتىن مەڭگۈ ھالقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

يىگىت تەبىئەتنىڭ ياردىمى ئاستىدا، باسمىچىلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىدۇ. مەلۇم بىر جانلىقنى يوقىتىش، تەبىئەتكە قىلىنغان ھاقارەت ئىدى. تەبىئەتمۇ بۇنىڭ قىساسىنى ئېلىشنى خالىسا، كۈچىمەيلا، رەزىل كۈچلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، مەسىلەن، دەھشەتلىك قار كۆچۈش… دېگەندەك. بۇ نۇقتىلار كىنودا تولۇق ئەكس ئەتكەن.

ئاخىرى قىزمۇ يىگىتمۇ ئامان قالىدۇ. قىزنىڭ ئامان قېلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، يىگىتنىڭ ئامان قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىراق، بۇنى باشتا دەپ قويغان «بۇندىن كېيىنكىسى رىۋايەت» دېگىنىدەك، مۆجىزىلەرچە ئامان قالدۇرۇپ، ھەققانىيەتنىڭ ئىلغارلىقنىڭ مەڭگۈ يېڭىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلغان.


بۇ كىنودا، مېنى ھوزۇرلاندۇغان يەنە بىر ئىش، كىنونىڭ مەنزىرىلىك يەردە سۈرەتكە ئېلىنىشى بولدى. مەن ئاشۇنداق گۈزەل مەنزىرىلىك يايلاق ۋە ئورمانلىقلاردا چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر، بۇ كىنونى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +10 يىغىش سەۋەبى
ئاققىر + 10 دەششەت !

باھا خاتىرىسى

دىۋان
ۋاقتى: 2014-3-14 01:19:32 | ئايرىم كۆرۈش
بىرىنجى بولۇپ كۆرىدىكەنمەندە ..
مۇقاۋىغا بىلەت تاشلىمايلا تاللىنىپتۇ..
يىكەنداز
ۋاقتى: 2014-3-14 01:22:07 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئىشلىگەن مۇقاۋا تاللىنىپتۇ بىلەت ياندۇرىلامدۇ ..؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بېلەت +2 يىغىش سەۋەبى
ئاققىر + 2

باھا خاتىرىسى

گېلەم
ۋاقتى: 2014-3-14 01:41:58 | ئايرىم كۆرۈش
تەرجىمانلارغا رەخمەت.قۇلۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن. ئىسىل فىلىمكەن.
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-3-14 15:18:33 | ئايرىم كۆرۈش
راستىنلا ئىسىل فىلىم،ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقنى كۆرگەنتىم.
http://www.1001kiqe.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3
داق يەر
ۋاقتى: 2014-3-14 21:59:06 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆز تىلنى كۈرۈپتىكەنمەن شۇنداقتىمۇ  ئانا تىلنىڭ ھۇزۇرنى سۈرگەچ يەنە بىر كۈرەي
مىخ
ۋاقتى: 2014-3-16 20:08:48 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىم بۇرۇن خەتلىك قىلىنىپ بولغانغۇ
9#
ۋاقتى: 2014-3-19 23:52:18 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى ياخشى ئەمەسكەن ، ئاۋاز ناچار .
10#
ۋاقتى: 2014-4-27 15:36:47 | ئايرىم كۆرۈش
قىنى بۇفىلىمنىڭ چۇشۇرۇش مىماسى يوققۇ ئاقىر ئەپەندى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 16:03 , Processed in 1.364875 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش