ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

شەمشەر تورى 16-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2472 15
شەمسى ۋاقتى: 2012-11-7 15:47:33 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئىسمى:
شەمشەر تورى
خەنزۇچە ئىسمى:
刀剑神域
دۆلىتى:
ياپونىيە
تۈرى:
ئويۇن، فانتازىيە، ھەرىكەتلىك
تىلى:
ياپونچە
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
فورماتى:
RMVB
ۋاقتى:
2012-07-07
IMDb:
tt2250192
رازمېرى:
1280×720
سىغىمى:
25CD×156
ئۇزۇنلىقى:
23~26
باش رولچىلار:
كىرىتو- ماسۇموكا يوشىسۇگۇ
ئاسۈنا- توماسۈ خارۇكا
رىفا (كىرىتونىڭ سىڭلىسى) - تاكېتاسۇ ئايانا
كۇرايىن- خىراتا خىروئاكى («دېڭىز قاراقچىلىرى شاھى» دىكى سانجىغا ئاۋاز بەرگەن ئادەم)
كايابا ئاكىخىكو - يامادېرا كوئىچى
شىرىكا - خىداكا رىنا
ساچى - خايامى سائورى
رىزۈ- تاكاگاكى ئاياخى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
بۇ يىل 7- ئاينىڭ 7- كۈنى كاۋاخارا رېكىنىڭ بازارلىق رومانى «شەمشەر تورى» غا ئاساسەن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق چاتما كارتون فىلىم TOKYO MX قاتارلىق توققۇز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇشقا باشلىغان . بۈگۈنگە قەدەر ھەپتىدە بىر قىسىم يېڭىلىنىپ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى 9- قىسىمى قويۇلۇپ بولىدى. ئورگان بېتىدە ئېيتىلىشىچە بۇ كارتون فىلىمنى 25 قىسىم قىلىپ ئىشلىنىش پىلانلىنىپتۇ. (ئاپتورنىڭ ‹تېزلەتمە دۇنيا )加速世界 (› ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كارتون فىلىممۇ بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ قويۇلۇۋاتىدۇ)
قىسقىچە ۋەقەلىكى:
2022‏- يىلى ئىنسانلار مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى شېركىتى «ARGUS» رېئاللىق ۋە مەۋھۇم دۇنيانى تۇتاشتۇرغۇچى «NERvGear» نى ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تالانتلىق لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو مىسلى كۆرۈلمىگەن RPG تور ئويۇنى «شەمشەر تورى» (Sword Art Online) نى لاھىيىلەپ چىقىدۇ. ئويۇن بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن قاتتىق بازار تېپىپ تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان ئونمىڭ دانە خاتىرە نۇسخىسى تېزلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. ئويۇنچىلار تەقەززا ئىچىدە «NERvGear» دەپ ئاتىلىدىغان دۇبۇلغىنى تاقىشىپ مەۋھۇم دۇنيادىكى رېئاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز بۇ ئويۇندا چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ يوقلىغىنى بايقىشىدۇ. كېيىن مەلۇم بولىدۇكى بۇ ئويۇننىڭ يوچۇقى بولماستىن لايىھىلىگۈچى كايابا ئاكىخىكو قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئىدى. بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى شەمشەر تورىدىن چېكىنىشنىڭ بىردىن-بىر ۋاستىسى بولسا بۇ ئويۇندىكى 100 قەۋەتكە بۆلۈنگەن قەلئە ئاينكراتتونىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى ئازاد قىلىش ئىدى. باش قەھرىمان كىرىتو «شەمشەر تورى» نىڭ يېپىق سىنىقىغا قاتناشقان بولغاچقا باشقا ئويۇنچىلار بىلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەردار ئىدى...
تېزرەك شەمشەر تورىنى ئازاد قىلىپ رېئال دۇنياغا قايتىش ئىستىگىدە بارلىق ئويۇنچىلار دەرىجە ئۆستۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. ئەمما بىر ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2000 غا يېتىدۇ... كىرىتو بولسا يېپىق سىناققا قاتناشقانلىقى تۈپەيلى باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ «بېكىنمىچى» (يېپىق سىناققا قاتناشقا ھەم ساختىپەزلىك قىلغان ئويۇنچى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما كىرىتو باشقىلار ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تېز دەرىجە ئاشۇرۇپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئاتامانلار بىلەن يالغۇز ئېلىشقۇدەك دەرىجىگە بارىدۇ. ئاستا-ئاستا پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كىرىتو، يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە دوستلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەتراپىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنى قوغداشقا باشلايدۇ ...











ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار15

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
سۈرخان ۋاقتى: 2012-11-7 16:55:30 | ئايرىم كۆرۈش
12-قىسىمدىن  باشلاپ كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىدى، پىرىسلاپ بىرلا كۆرەي
تەشۋىقات فىلىمىدىن كۆرسەم يەنە بىر ئويۇنغا كىرىدىكەنغۇ بۇلار
يىكەنداز
ناخرۈس ۋاقتى: 2012-11-7 17:12:38 | ئايرىم كۆرۈش
ئىمزايىڭىزغا كىرگۈزگەن رەسىم ئۇلانماپتۇ، بەيدۇ بەك پىت ئۈچەي
گېلەم
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-11-7 17:15:10 | ئايرىم كۆرۈش
شەمشەر تورى ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن ئاسۈنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 نەچچە ئادەم يەنىلا رېئال دۇنياغا قايتىپ كېلەلمىدى، ئىككى ئايدىن كېيىن كىرىتو ئېگىرۈ ئەۋەتكەن بىر ئېلخەتتىن «ھۆرزاتلار تورى» دەيدىغان باشقا بىر vrmmo ئويۇندا ئاسۈناغا تولىمۇ ئوخشايدىغان بىر قىزنىڭ سۈرىتىنى كۆردى، يەنە كېلىپ بۇ ئويۇن شەمشەر تورىنىڭ مۇلازىمېتىرلىرىنى ئۆتكۈزىۋالغان rect شېركىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى... شۇنىڭ بىلەن كىرىتو بۇ ئويۇنغا تىزىملىتىپ كىرىپ ئاسۈنانى ئىزدىمەكچى بولدى...
  كىتابتا ھۆرزاتلار تورىدىكى مەزمۇنلار شەمشەر تورىدىكىدەك ئىخچاملانمىغان، بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان، مېنڭچە بۇ كارتون ئەمدى رەسمىي قىزىيدۇ...
كىگىز
قاتىل ۋاقتى: 2012-11-7 18:00:16 | ئايرىم كۆرۈش
يا ئاللا ئاخېرې چېقتې
ئورۇندۇق
ئىلىياس ۋاقتى: 2012-11-7 18:47:17 | ئايرىم كۆرۈش
نىمانداق ئاستا چۇشۇدۇ 4KBدىن چۇشۇۋاتىدۇ
داق يەر
كىرەم ۋاقتى: 2012-11-8 13:48:42 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ئۇزۇندا چىقتى بۇ قىسمى
مىخ
مۇز ۋاقتى: 2012-11-8 14:08:37 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2012-11-7 17:15
شەمشەر تورى ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن ئاسۈنانى ئۆز ئىچى ...

بۇ يىڭى ئويۇندا تونۇشقان ھىلىقى قىز كىرىتونىڭ نەۋرە سىڭلىسمۇ نىمە؟
9#
lucifir ۋاقتى: 2012-11-8 21:47:18 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي بۇ كارتوننىڭ ئاخىرى يەنە ئىشلىنىۋاتامدا  !
10#
ئۇم ۋاقتى: 2012-11-10 13:30:42 | ئايرىم كۆرۈش
ئىككى كۇن بۇلدى بۇكارتون  6مىنۇتلۇق يىرىدە تۇخـتاپ قالغەنچە چىكمىدى .+
11#
شۇڭقار ۋاقتى: 2012-11-11 19:35:14 | ئايرىم كۆرۈش
چۈشۈنۈكسىزلا بىر ئىش بولاپ كەتتى يا ؟ بۇ كىرىتو بىلەن ئاسۇنا ھەر ئىككىسى ‹شەمشەر تورى›دا ئۆلگەن تۇرسا قانداق بولۇپ رىئال دۇنياغا قايتالايدۇ ؟ ئۇنداقتا قالغان ئويۇندا ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ  كايابا ئاكىخىكو دىگەندەل رىئال دۇنياغا قايتىپ كىلەلمىدىمۇ ؟ مۇشۇ يەر سەل مۇجىمەل بولۇپ قالدى مىنىڭ كۆڭلۈمدە .
12#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-11-13 16:19:29 | ئايرىم كۆرۈش
شۇڭقار يوللىغان ۋاقتى  2012-11-11 17:35
چۈشۈنۈكسىزلا بىر ئىش بولاپ كەتتى يا ؟ بۇ كىرىتو بىلەن ئ ...

كارتوندا چىقىدىغۇ، كايابا ئاكىخىكو »مەن ئۆزۈم لاھىيىلگەن دۇنيادا ئۆزۈم تۈزگەن قائىدىلەردىن ھالقىغان نەرسىلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىم« دەپ، ئاسۈنا بىلەن كىرىتو ئۇ تۈزگەن قائىدىلەردىن ھالقىپ كەتتى، ھەم ئويۇننى ئازاد قىلدى شۇڭا مۇكاپات سۈپىتىدە ئۇلارنى رېئال دۇنياغا قايتۇرىۋەتتى. ئەمدى كايابا ئاكىخىكو نېمىشقا ئۇنداق نەرسىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلدۇ دېگەندە، كىتابنىڭ 9- قسىمىدا كىرىتو يەنە بىر خىل كومپىيوتېر گرافىكى ئارقىلىق بەرپا قىلنغان مەۋھۈم دۇنيا ئەمەس بەلكى ئىنساننىڭ خاتېرىسى ۋە مېڭە ئۇچۇرلىرىنى تەقلىدلەش ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان رېئاللىققا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان تەقلىدى رېئاللىق تېخنىكىسىنى سىناشقا قاتنىشىدۇ،  (ئاپتورنىڭ تېزلەتمە دۇنيا ناملىق يەنە بىر ئەسىرى بار دېمىگەنمىدۇق، شۇنىڭدا شەمشەر تورىدىن 20 نەچچە يىل كېيىنكى ئىشلار سۆزلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھەممە نەرسە بويۇنغا تاقايدىغان بىر كىچىك ئۈسكۈنە ئارقىلىق مەشخۇلات قىلىنىدۇ، بۇ ئۈسكۈنە ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ئۈسكۈنىلەر مەسىلەن يانفۇن، كومپىيوتېر دېگەندەكلەرنىڭ ئورنىنى ئالغان. ھازىرقى گوگۇل تەتقىق قىلىۋاتقان ھېلىقى كۆز ئەينەككە ئوخشاپ كېتىدۇ. كىرىتو ھازىر قاتنىشىۋاتقان سىناق شۇ تېخنىكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولسا كېرەك) ئەمەلىيەتتە بۇ تېخنىكا ۋە باشتىكى NERvGear لارنىڭ دەسلەپكى لاھىيەسى ھەممىسى كايابا ئاكىخىكونىڭ ئىكەن، بەلكىم بۇ غەلىتە تالانت ئېگىسى شۇنداق بىر ئىشلار ئارقىلىق تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەقلىدى رېئاللىق ۋە باشقا ساھەلەردە كەڭ قوللىنىشقا بولىدىغان نەرسىلەرنى لاھىيىلەشكە ئاساس سالغان بولسا كېرەك.

باھا سۆز

ھە راست، 19-قىسمىنى ئازراق كۆردۈم، كىرىتو يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار تەسەۋۋۇر قىلغان شەيتاننىڭ شەكلىگە كىردى.....  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-13 18:57
13#
سۈرخان ۋاقتى: 2012-11-13 18:57:34 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2012-11-13 16:19
كارتوندا چىقىدىغۇ، كايابا ئاكىخىكو »مەن ئۆزۈم لاھىيى ...

ھە راست، 19-قىسمىنى ئازراق كۆردۈم، كىرىتو يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار  تەسەۋۋۇر قىلغان شەيتاننىڭ شەكلىگە كىردى.....
ھېلىقى قان چەۋەندازلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ كېيىمىدىمۇ كىرىست تۇرىدۇ.......
14#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2012-11-15 17:05:41 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2012-11-13 16:57
ھە راست، 19-قىسمىنى ئازراق كۆردۈم، كىرىتو يەھۇدىيلار ۋ ...

19- قسىمدىكى ھېلىقى مەخلۇق 9- قسىمدا كىرىتو ئۆلتۈرىۋېتىدىغان 74- قەۋەتنىڭ ئاتامانى شۇ، ئۇنىڭ شەكلى توغۇرلۇق كىتابتا كۆپ چۈشەنچە يوق، پەقەت سىز دېگەنگە ئوخشاش «رىۋايەتلەرلدە تەسۋىرلىنىدىغان ئالۋاستى (بۇ سۆزنى ياپون تىلىدىن شەيتان دەپ تەرجىمە قىلىشمۇ مۇمكىن) ئوبرازى...» دېگەندەك تەسۋىرلەر بار. باشتا ئاسۈنالارنىڭ كىيىمىدىكى بەلگىلەرنى كۆرگەندە مەنمۇ ئاپلا دەپ قالغان، بىراق ئۇلارنىڭ كىيىمى ۋە كىيىمدىكى بەلگە توغۇرلۇق كىتابتىمۇ ئېنىڭ چۈشەنچە بېرىلمىگەن... مۇشۇنداق يەرلىرىنى «شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ» كۆرمەي ئامال يوق...
15#
kadirzat ۋاقتى: 2013-5-24 23:54:41 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشىمۇ سىلەر دوسلار ، بۇكىنونى بەكلا كۆرگۈم بار ئدى لىكىن 16-قىسىمدىن باشلاپ پەقەتلا قۇيۇلمىدى ،نىمە سەۋەپلىكىنى بىلەلمىدىم ،بۇرۇن ئاق بۈركۇتتە كىنو كۆرسەك چۈشۈش سۈرئىتىدىن رازى بولاتتۇق بىراق ھازىر سۈرئەت بىر ئاز ئاستىلاپ قالدىمۇ قانداق ؟ماڭا ياردەم قىلىپ كۆرۈش ئۇسۇلىنى ئۆگۈتۈپ قويساڭلار.......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1