فىلىم نامى: پاينىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى
چەتئەلچە نامى: Life of Pi
خەنچە نامى: 少年派的奇幻漂流
قويولغان ۋاقتى: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگودا قويۇلغان
فىلىم تۈرى: ۋەقەلىك، تەۋەككۇلچىلىق، سەرگۈزەشتە
دۆلىتى: ئامېرىكا
تىلى: ئېنگىلىز تىلى
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
فورماتى: QMV
سىغىمى: 781MB
رازمېرى: 864X486
ئۇزۇنلىقى: 127 مىنۇت
رېژىسسور: لى ئەن (جۇڭگو تەيۋەن)
روللاردا:
苏拉·沙玛,拉菲·斯波,伊尔凡·可汗,阿迪尔·胡山
قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ فىلىمنىڭ نامى ئۆتكەن يىلىلا چىققان بولۇپ، 85-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئوسكارنىڭ 11 تۈرىدە ئىسمىنى ئاتاش، 4 تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشتەك شان-شەرەپكە ئىگە بولغان كىنو.
كىنو ۋەقەلىكى مونتېرىئالدا باشلىنىپ، مونتېرئالدا ئاياغلىشىدۇ. ئۆزىگە ئىلھام ئىزدەپ يۈرگەن بىر يازغۇچى پاينىڭ سەرگۈزەشتىلرى ئاڭلاش بىلەن كىنو باشلىنىدۇ. پاينىڭ دادىسى بىر ياۋايى ھايۋانلار باغچىسى قۇرغان بولۇپ، مۇشۇنداق ئالاھىدە مۇھىت پايدا ئېتقاد، ئادىمىلىك، دۇنيا قاراش جەھەتتە ئۆزىگە خاس قاراشنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. ئۇ 17 ياشقا كىرگەن يىلى ئاتا-ئانىسى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كاناداغا كۆچۈپ كەتمەكچى بولىدۇ. پايمۇ ئۆز يۇرتى، ياخشى كۆرگەن قىزىدىن ئايرىلىپ كاناداغا قاراپ دېڭىز سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.
پاي قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى كىرىم مەنبەيى بولغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئېلىپ، بىر ياپونىيە پاراخوتىغا چىقىپ يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۇيۇقسىز قارا بوران چىقىپ پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن 17 ياشلىق پاي ۋە پۇتى سۇنۇپ كەتكەن بىر تاغىل ئاتتىن باشقا يەنە ئەڭ قەبىھ دەپ نام ئالغان بىر سىرتلان، بىر دانە ئادەمسىمان مايمۇن ە رىچارد پاركېر ئىسىملىك يولۋاسلار ھايات قالىدۇ. پاينىڭ 227 كۈنلۈك دېڭىزدىكى لەيلىمە تۇرمۇشى سىرتلاننىڭ تاغىل ئاتنى يىيىشى، مايمۇننى تالىشى، ئاندىن يولۋاسنىڭ سىرتلاننى يالمىشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئەمدى كىچىككىنە قولۋاقتا پاي بىلەن ياۋۇز يولۋاسلا قالغان ئىدى....ئۇلار 227 كۈنلۈك يەككە يىگانە دېڭىز تۇرمۇشىنى دوستلانىلىق بىلەن ئۆتكۈزەلەرمۇ.... قايسىسى قايسىنى بوي سۇندۇرار....
يولۋاسنىڭ ئىسمى ھەققىدە
يولۋاسنىڭ ئىسمى رىچارد پاركېر بولسا بىر ھەقىقى ھېكايىدىن كەلگەن. 1844- يىلى Mignonette ناملىق كېمە جەنۇبى ئاتلانتىك ئوكياندا خەتەرگە ئۇچراپ، كېمىدىكى 3 نەپەر ماتروس ۋە رىچارد پاركېر ئىسىملىك ئۇلارنىڭ چاكىرى ھايات قالىدۇ. ماتورۇسلار رىچارد پاركېرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ ھايات قالىدۇ. ئېنگىلىز تىلىدىكى كونتىكستلاردا دائىم رىچار پاركېر دېڭىز تۇرمۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۋېتىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قۇربانى سۈپتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
كىنونىڭ ۋەقەلىكى توغرىسىدا
بۇ كىنو قويۇلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىلىپ كەتتى. چۈنكى كىنودا بىر پاينىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى تۈرلۈك دېڭىز سەرگۈزەشتىسىنىڭ قايسىسى راس قايسىسى راس ئەمەس.... مانا بۇ كۆرۈرمەنلەرنى قىزىقتۇرىدۇ..
كىنونىڭ باش رولچىسى ئىرپانخان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: «كىنودا بايان قىلىنىغىنى بولسا تاشقى جەھەتتىن پاينىڭ خەتەرلىك دېڭىز سەرگۈزەشتىسى، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنىڭغا نۇرغۇن مىتافورا (بىرخىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە) لەر يوشۇرۇنغان، كىنو تەڭ دەرجىدىكى نۇرغۇن ماكان، زامان بوشلۇقىغا ئىگە، نۇرغۇن قەۋەتلەر بار»
يازغۇچى مابويوڭ «لى ئەننىڭ ئىستىئارە ئورمانلىقى ۋە پاينىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىكى ئۈچ ھېكايە» توغرىسىدا ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى كۆزقارشىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە 1-2-ھېكايىدە چېنىپ قالغان تەرەپلەر مەۋجۇت ئىكەن. 1-ھېكايە ناھايتتى خىيالى بولۇپ، ھەقىقى ئەمەس ئىكەن. ئەمما 2-ھېكايىدىمۇ چېنىپ قالغان تەرەپلىرى بار، يەنى پاي ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك مەسلىسدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. مابويىڭ بۇنىڭغا قارىتا پاينىڭ ئۆز ئانىسىنى يەۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت 3-ھېكايىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
ئادەم ۋە يولۋاسنىڭ دېڭىزدىكى سەرگۈزەشتىلىرى بىر توقۇلما.
1-ھېكايدىكى پاي بىلەن يولۋاسنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى كىنودا ئەڭ زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ۋە بۇنىڭغا خېلى كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىنغان.
پاي بولسا تىپىك ھىندى دىنى مۇخلىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ھىندى دىنى، خىرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنىغا بىرلا ۋاقىتتا ئېتقاد قىلغان ياش. ئۇنىڭ دادىسى ياۋايى ھايۋان تىجارىتى قىلىدۇ. ئۇلار ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن كاناداغا كۆچۈپ كەتمەكچى بولۇپ، ياپونىيە كېمىسىگە ئولتۇرۇپ دېڭىز سەپىرىنى باشلايدۇ. ئەمما دېڭىزدا خەتەرگە ئۇچرايدۇ، پەقەت پاي ۋە بىر چولاق تاغىل ئات، گورللا مايمۇن، سىرتلان، يولۋاسلارلا قۇتۇلۇپ بىر قولۋاقتا ھايات قالىدۇ.
ئۇلار مانا مۇشۇنداق دېڭىز سەپىرىنى باشلايدۇ. دېڭىز سەپىرىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ كۈنىدە سىرتلان گورىللا بىلەن ياۋا تاغىل ئاتنى يەپ جان ساقلايدۇ. سىرتلاننى بولسا يولۋاس يەيدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا پاي بىلەن يولۋاسلا قالغان ئىدى. دەسلەپتە بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىدۇ. ئۆزىنىڭ يولۋاسقا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن پاي بىر-بىرىگە يول قويۇپ، ئىناق ياشاش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ. پاي كېمىدىن ۋاز كېچىپ جاپالىق قۇتۇلدۇرۇش بالونىنى تاللايدۇ، ھايات قېلىش ئۈچۈن تاتلىق سۇ تېپىپ يولۋاسقا ئىچۈرىدۇ، بېلىق تۇتۇپ يولۋاسنى باقىدۇ. مانا مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ 7 ئايدىن كېيىن، مىكسىكا دېڭىز ساھىلىدا قۇتۇلدۇرۋېلىنىدۇ. بۇ چاغدا يولۋا كەينىگە قاراپمۇ قويماي پاينىڭ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولىدۇ. «پاينىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى» يۇقارقى ھېكايە بىلەن ئاياقلاشقان بولسا ياخشى ئاياغلاشقان بولاتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى. يەنە 2-ھېكايىمۇ بار... بۇ ھېكايىدە دېڭىزدا قۇتۇلۇپ قالغىنى ئادەم بىلەن ھايۋان ئەمەس بەلكى ئادەملەر. يەنى بىر ئاشپەز، بىر ماتروس ۋە پاي بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى.. ئاشپەز ماتروسنى يارلاندۇرۇپ يەيدۇ، ئاندىن پاينىڭ ئانىسىنىمۇ يەۋىتىدۇ، پاي ئاشپەزنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنى يەپ ھايات قالىدۇ...
![]()
![]()
![]()
![]()
qvod://819192757|6D38128199170B0C249F7FAC604D2D569CC75D0C|payning serguzeshtisi,akburkut.qmv| |