ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۈركۈتلەر! سالامەتچىلىكمۇ؟
مەقسەتكە كەلسەك،بىز ئادەتتە شۈنلېي(迅雷) دا BT ئورۇقى ئارقىلىق ھۆججەت چۈشۈرگەندە سۈرئەت دائىم ئىچىمىزنى سىقىپ قويىدۇ. رەسىمدىكىدەك:
ئەمدى مۇشۇنىڭغا داۋا بارمىدۇ دەپ توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بىر ئۇسۇلنى تاپتىم. سىلەردەك فىلىمخۇمارلارغا ئەسقېتىپ قالار دەپ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. قېنى پايدىلىنىپ بېقىڭلار...
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىز بەيدۇ تور دېسكىسىغا مۇراجەت قىلىمىز. رەسىمگە قاراڭ:
بەيدۇ تور دېسكىسىغا كىرسىڭىز 离线下载 دېگەن خەتنى كۆرىسىز
离线下载 نى باسقاندىن كېيىن بىر رامكا ئېچىلىدۇ، قارىسىڭىز 新建BT任务 دەپ بىر تاللاشنى كۆرىسىز.
ئەلۋەتتە، ئەمدى 新建BT任务 نى بېسىپ ئالدىن چۈشۈرىۋالغان BT ئورۇقىنى ئاچىمىز
ئاندىن چۈشۈرۈشنى باشلىساق بولىدۇ
چۈشۈرۈش تاماملاندى.
ئەمدى خالىغان چاغدا، خالىغان ئۇسسۇلدا چۈشۈرىۋالسىڭز بولىۋېرىدۇ. 
|