ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئاق بۈركۈتتىكىلەر ئۆز-ئارا تونۇشايلى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
16#
نۇسرۇت ۋاقتى: 2011-12-10 02:58:54 | ئايرىم كۆرۈش
ھە ~~~ ماڭا كەلدىما

توردىكى ئىسىملىرىم ، تولىراقى بالاڭزا19 نى ئىشلەتكەن ( سەلكىن مۇنبىرىدە ، كىيىن كۆڭۈل خالايدىغان يەر پاچاقلىنىپ يىگانە قالدۇق ~~ ئۇ يەر بۇ يەرگە دوقۇرۇپ يۈردۈم ) ، بۇ يەردە قوللانغىنىم نۇسرۇت يەنى nusrut  ~~~ ئۆز ئىسمىمنىڭ تەتۈر يېزىلىشى ( تۇرسۇن = نۇسرۇت ) ~~ دەسلەپتە چۆنتەك  دەپ تىزىملىتىپ كىرسەم دىلمۇرات « ئۆزگەرت! » دەپ بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا باش سۆرۈتۈم چۆنتەك ئىسمىم نۇسرۇت بوپ قالدى مانا ~~

يۇرتۇم دۇنياۋى نېفىت شەھرى قاراماي ( مۇشتا دەۋالدىغو ھازىر ) ، 2003-يىلىدىن باشلاپ بەش يىل قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ  قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان ، نەتىجىدە باشقا ئورگاندا خىزمەت قىلىۋاتىمەن ( قىززىق يەر جۇمۇ بۇ قاراماي دىگەن ) .
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمگە ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدىن تارتىپلا قىزىقاتتىم ،ئىزدەپ سوراپ كۆرەتتىم . ھازىر ئۆزەممۇ قول سېلىپ قىپ باقاي دەۋاتىمەن .

خەن سەۋىيەم يامان ئەمەس ، بىرەر كىنونىڭ ھۆددىسىدىن گەپ يوق چىقالايمەن ~~

ھە توغرا ، يېشىم : 1984-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان ( سەل قېرىسى مەنمۇ نىمە )  تېخى توي قىلمىدىم ، يارىممۇ يوق ~~( سۈرخان بىلەن ھەۋەسكار ، يەنە بىزە سايلايدىغاندەك قىلىسىلەر ، ياشقا چوڭلار ئاۋال ئۆيلىنىۋالسۇن ھە !~)

ئىشقىلىپ بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم ~~~~ 2004-يىلىدىن باشلاپ تاكى پاچاقلانغۇچە سەلكىن مۇنبىرىدە قىيغىتىپ يۈرۈپتىكەنمەن ، ئۇ يەر يوق بولۇپلا بىرەر يەرگە مىھرىم چۈشمىگەنىدى ( بوپمۇ مىسرانىمغا ) بۇ يەردىكى بالىلار بەك چىقىشقاقكەن~~~~~
دوسلۇرۇمغا تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن تەرجىمە فىلىم خىزمىتىنى ~~~


ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى !!~~~~!!!~~~~!!!~~~~( شۇئار سەل جانسىز چىقىپ قالدىمۇ يا ؟ )
17#
سىرلىق ۋاقتى: 2011-12-10 10:01:10 | ئايرىم كۆرۈش
نۆۋەت  ماڭا  كەپ  قالغان ئوخشىناندۇ
مىنىڭ توردىكى ئىسمىم : سىرلىق
ئۆز ئىسمىم :ياسىنجان
يۇرتۇم : مارالبىشى
يىشىم 24
قالغان چالىسنى بۇ يەردىن كۈرۈڭ : http://65933.com/29003
18#
pasiban ۋاقتى: 2011-12-10 13:42:01 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئانچە-مۇنچە ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇپ قوياي.
مىنىڭ توردىكى نامىم: پاسىبان، بۇ نامىنى قوللىنىۋاتقىلى نەچچە يىللار بولدى، لىكىن باشقىلارمۇ بۇ نامنى قوللىنىۋاتىدۇ. شوڭا مەن مىسرانىم بىلەن مۇشۇ ئاق بۈركۈتتىلا مۇشۇ نامنى ئىشىلىتىمەن.
ئەسىلى ئىسىم فامىلەم: ئېلى ئوسمان
كەسىپىم سودىگەر،( بىر تارماق شىركەت مەسئۇلى)
ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە. بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم. خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ تىجارەتكە ئالماشقان.
قىزىقىشىم ئەدەبىيات، سىياسىي- ئىقتىساد، قوشۇمچە كومپيوتېر، بۇ مۇنبەردىكى قىزىقىشىم كىنو تەرجىمە قىلىش.
ئىناق بەخىتلىك ئائىلەم بار. ئادەتتە بەكلا ئالدىراش ئۆتىمەن. ئىشىخانىغا كىرىپ كومپيوتېرنى ئېچىپ، ئاندىن مۇڭداشقۇنى ئاچىمەن، ئۈچۈنچى ئىشىم ئاق بۈركۈتنى ئېچىش، ئاندىن باشقا كۈنلۈك خىزمەتنى باشلاش.
يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بولۈپ كەتكەچكە مۇنبەرگە كىرەلمىدىم. كىنو تەرجىمە قىلالمىدىم، يېقىن كەلگۈسىدە جىددى ئىشىلىرىم ئاياقلاشسا ئىسىل، نادىر كىنولارنى سۇنارمەن.
يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا دىلمۇرات بىلەن سۈرخان مەندىن رەنجىپ قالدى بولغاي، (دوللار تېپىۋېلىپلا يوقاپ كەتتى دەپ) ئۇلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

باھا سۆز

ۋاي ئۇنداق ئىش يوق، ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشى بار ئۆزىگە چۇشلۇق، شۇڭا توغرا چۈشىنىمىز، ۋاقىت يار بەرسە قىلساق بولى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2011-12-10 22:44
19#
كۇلمەس ۋاقتى: 2011-12-10 19:28:35 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ قاتاردىن قالماي ئوزۇمنى تونۇشتۇرۇپ قوياي ئىسىم  ئىمام يۇرتۇم غۇلجا ناھىيەسى يىشىم 35 مۇشۇ مۇنبەرلەر ئىچىدە ئەڭ قىرسى مەنغۇ ديمەن ،تورغا بۇرۇن شۇ زىمىستان چايخانىسدا  باغۋەن دىگەن نام بىلەن بىر مەزگىل چايخانا قۇرغۇچىى بولۇپ ئەڭ ئاخىردا بۇ ئىشلارمۇ تۇگدى
20#
kokqin ۋاقتى: 2011-12-10 19:49:48 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا  كەلگەن  ئوخشايدۇ   نەۋەت   ئىسمىم   ئابلىكىم     يۇرتۇم   خۇتەن    قاراقاش       دۇكان   ئاچىمەن    يىشىم   22  ياش     
21#
kaynam69 ۋاقتى: 2011-12-10 21:10:17 | ئايرىم كۆرۈش
نۆۋەت بىزگىمۇ كەلگەن ئوخشايدۇ .
توردىكى ئىسمىم : kaynam69  
ھەقىقىي ئىسمىم :تۇرسۇن
يۇرتۇم : ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن
كەسپىم : ئوقۇغۇچى (قاتناش ئونۋىرستىتىدا )
تۇغۇلغان ۋاقتىم :1991.8
يېشىم :20
قىزىقىشىم : كۆپ تۈرلۈك
22#
dilmurat ۋاقتى: 2011-12-10 22:44:21 | ئايرىم كۆرۈش
pasiban يوللىغان ۋاقتى  2011-12-10 13:42
مەنمۇ ئانچە-مۇنچە ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇپ قوياي.
مىنىڭ تورد ...

ۋاي ئۇنداق ئىش يوق، ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشى بار ئۆزىگە چۇشلۇق، شۇڭا توغرا چۈشىنىمىز، ۋاقىت يار بەرسە قىلساق بولىدۇ قىزىقىش دېگەننى
23#
mamateli ۋاقتى: 2011-12-11 11:36:23 | ئايرىم كۆرۈش
kokqin يوللىغان ۋاقتى  2011-12-10 19:49
ماڭا  كەلگەن  ئوخشايدۇ   نەۋەت   ئىسمىم   ئابلىكىم     يۇرت ...

سىلە ھېلىقى ‹ئىزچى ئاياغلىرىنى› ساتىدىغان ئابلىكىم شۇما؟؟؟؟
24#
kokqin ۋاقتى: 2011-12-11 11:58:24 | ئايرىم كۆرۈش
ياق   ئۇ  ئابلىكىم ئەمەس   
25#
ensar ۋاقتى: 2011-12-11 12:45:36 | ئايرىم كۆرۈش
توردىكى ئىسمىم  ھەققى ئېسمىم ~~~~ئەنسار
يۇرتۇم ئاقسۇ
تۇغۇلغان ۋاقتىم 1986يىلى 12ئاينىڭ 5 كۇنى
كەسپىم دادۇي جاڭ   
26#
Seher Qushi ۋاقتى: 2011-12-11 17:03:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاقبۈركۈت مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى
توردىكى ئىسمىم:سەھەرقۇشى
ئەسلى ئسمىم:ئابدۇۋارىس ئابدۇقادىر 1982-يىل7-ئايدا ئاقسۇۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدەتۇغۇلغان.
كەسپىم:ئاكتىيورلۇق ھازىرقى كەسپىم سەييارە ناخشىچى
قىزىقىشىم : كىنوچىلىق ،مۇزىكا،دۇنيا تارىخى،بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە سۇئۈزۈش.
ئىناق ئائىلەم بار
ئارزۇيۇم:باللىرىمنى ئىمانلىق،شۈكرى-قانائەتچان،غايىلىك،ۋىجدانلىق تەربىيلەپ قاتارغا قۇشۇش .
ئاخىردا مۇنبەردىكى بارلىق ئىشتىراكچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت، تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
رەھمەت
27#
باپكار ۋاقتى: 2011-12-11 19:10:01 | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭ ئىسمىم : ئۆمەر
قەشقەر يېڭسار ناھىيىسىدىن، ھازىر ئاقتۇ ناھىيىسىدە تۇرۇۋاتىمەن
كەسپىم: تەرجىمانلىق
ئىزدىنىش، ئاق بۈركۈت ۋە مىسرانىمدا بويتاق ئاشتى بولۇپ ئويناۋاتىمەن
28#
mathteach ۋاقتى: 2011-12-12 16:42:39 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ خېلى قېرىسى ئىكەنمەن ئاۋۇ kulmes تىن قالسام...
توردىكى ئىسمىم: MathTeach
ئىسمىمدىن چىقپ تۇرىدۇ، مەن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى. ئىسمىم تۇنىياز ئابلىكىم. ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدىن.
قىزىقىشىم: مائارىپشۇناسلىق، كىتاب ئوقۇش، ماتېماتىكا بىلىملىرى. پايدىلىق تور ئارىلاش، بىلوگ ئوقۇش.
ئاقبۈركۈتكە كىرىپ ئاندا مۇندا ۋەزىپە ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ قويىمەن. مەقسىدىم- شۇنچە يىلدىن بېرى ئۆگەنگەن خەنزۇتىلىنى تاشلىۋەتمەي، ئەمەلى ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتەي، ئاز بولسىمۇ كىشىگە نەپ ئېلىپ كېلەي دەيمەن.
ئۆزەم كۆپ يىل تولۇق 3- يىللىققا ماتېماتىكا تەكرارى قىلغانلىقىمدىنمىكىنتاڭ چېچىمنىڭ تەڭدىن تولىسى ئاق. ئادەتتە ئىجتىمائى پەنگە دائىر كىتابلاردىن تارىخى روماندىن باشقىسىنى كۆرمەيمەن. تەبىئەت پەنلىرىگە بولغان قىزىقىشىم سەۋەبلىك ئىزدەن تەبىئەت مۇنبىرىنى قۇرىۋېلىپ ئانچە مۇنچە بىر نەرسىلەرنى ئېلان قىلىپ يۈرىمەن. يەنە دەرسىتىن سىرت ئالى مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھان تەكرارى ئۈچۈن مەخسۇس ئوقۇغۇچى تەربىيلەيمەن. كۆيۈمچان ئايالىم ۋە ئوماق بىر قىزىم بار...
ۋاقتىڭلار يەتسە بىلوگۇمغا كىرىپ قويارسىلەر... http://izdengin.com
29#
tumani ۋاقتى: 2011-12-14 15:52:06 | ئايرىم كۆرۈش
ئاق بۈركۈت تورىدىكى نامىم: Tumani
توردا كۆپىنچە قوللىنىدىغان نامىم: tumani kashigari
ھەقىقىي ئىسمىم: مۇھەممەترېھىم ئەركىن (تۈمەنى)
تۇغۇلغان ۋاقتىم: 1986- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى
يۇرتۇم: قەشقەر شەھىرى
تۇرۇشلۇق ئورنۇم: فۇكاڭ شەھىرى شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكى
خىزمىتىم : نېفىت ئىشچىسى
ۋاقتىڭلار يار بەرسە تۈمەنى تەرجىمە بلوگىنى ئايلىنىپ قويارسىلەر
(خاپا بولماڭلار، قولۇمدا سەل جىقراق ئىش بار ئىدى، ئاران مۇشۇنچىلىك يازالىدىم، قالغىنىنى كېيىنچە تولۇقلىۋېتەرمەن، بۇرادەرلەر) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-14 15:54  

30#
borayar ۋاقتى: 2011-12-15 22:26:06 | ئايرىم كۆرۈش
پېقىر بۆرەيار، ئوقۇغۇچى، نەنچاڭدا،  ئوقۇش تېخى پۈتمىدى. بۇ مۇنبەردە گەپ قىلمىغان بىلەن كۆپ كىرىمەن. ئاق بۈركۈت يېڭى قۇرۇلغاندا مەنمۇ توپتا بار ئىدىم، ئاتايىن كىرسەم تولا ماز گەپ قىلىدىغان بىر ئىككىسى بار ئىكەنتۇق، ساپاسى شۇنچىلىك بولسا ئۇزاققا قالماي توختىغىدەك دەپ چېكىنىپ كارىمنى قىلدىم، مەن كىرمىدىممۇ ياكى راست يوقاپ كەتتىمۇ، ئارىلىقتا يوقاپ كېتىپ ئاق بۈركۈتنى قايتا تېپىۋالغاندىن بېرى ۋاقت چىقسىلا كىرىۋاتىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ئەگەشكىنى

پىنتوزىلىرى

تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1