Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1023|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رەئىس فىلىمىنى كۆرمەسلىككە باھانە بارمۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاكاش1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-1 14:45  

        

      مانا ھەش پەش دىگۈچە جاپاكەش تەرجىمانلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ھەممىمىز تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان رەئىس فىلىمى پۈتۈپ يىڭى ئايدا يەنى ئەمگەكچىلەر بايرىم
    يىتىپ كىلىش ھارپىسىدا بىزگە سۇنۇلدى ، تۈنۈگۈن بۇ  فىلىمنى قاق ئەتىگەندە بىر قىتىم كۆرۈش پۇرسىتىگە نائىل بولۇپ بەھۇزۇر كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بوپتىمەن ،، لىكىن كۆردۈميۇ ،،،،
  خۇددى بىر مەيدان ئىسىل بولغان پىخسىكا دەرىسى ئاڭلىغاندەك ھەم شۇ پىخسىكا دەرىسىنى سۈرەتلىك ھالدا چۈشەندۈرۋاتقاندەك ھىسياتتا بولۇپ شۇ ھىسياتىمنى ئورتاقلىشاي دىگەن
  نىيەتتە ئۇشبۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرىپتىمەن .....

بىرىنجى بولۇپ فىلىم باشلىنىپلا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان جۈملە ئۇشبۇ جۈملە يەنى شارۇلخاننىڭ  ئۆسمۈر ۋاقتىدىكى ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مۇنۇ ئەھمىيەتلىك بىر سۆزى بولدى





ئەلۋەتتە بىر ئۆسمۈر بولغان يەنە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پۇل تىپىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئويلاپ تۇرغان بۇ كىچىك بالىغا ئانىسىنىڭ بۇ جۈملە سۆزى ناھايتى زور ئىلھام بولۇپ ئۇنىڭ

تۇرمۇشىغا يىڭى بىر باشلىنىش چىرىغى يىقىپ بىرىدىكەن ... دىمەك ئاتا- ئانىنىڭ ھەر بىر قىلغان تەربىۋى سۆزى ھەر قانداق بىر بالا بولغۇچىغا قىلىنغان ئەڭ زور بايلىقتۇر !

شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بۇ كىچىك قەھرىمانىمىز شۇ ئانىسىنىڭ ئاشۇ سۆزىنى ئىسىدە تۇتۇپ سودا جىڭىگە كىرىشىپ كەتتى ، لىكىن تاپقان پۇللىرىنى ھەرگىزمۇ بىكار بۇزۇپ چاچماستىن
مىسكىن ، غىرىپ غۇرۋالارغا ياردەم قىلىشقا ئىشلەتتى ، دىمەك بۇمۇ شۇ كىچىكىدە شۇ ئانىسىنىڭ قىلغان تەربىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە .



لىكىن شۇنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇش كىرەككى بىزنىڭ بۇ قەھرىماننىڭ كۆزى تازا ياخشى كۆرمىگەچكە كۆزەينەك تاقىۋالىدۇ بىراق ئۇ ئۆزىنى تۆت كۆز دەپ مازاق قىلغان ئادەمنى مەيلى چوڭ
مەيلى كىچىك ۋە ياكى چوڭ قاراقچى بولسۇن ئەدىۋىنى بىرىپ كىلىدۇ ... مانا بۇ ھەقىقىي غورۇر ،، ئۆز غورورىنى ساقلاش ئۈچۈن ھىچنىمە بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرماستىن ھەر قانداق

زومىگەرلەرگە جىنىنى تىكتى .... مانا بۇ تەرەپمۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك

ئەمدى ۋەقەلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇسقتىسى باشلاندى بۇ قەھرىمان شۇ خىل تەۋرەنمەس ئىرادىسى بىلەن  كۆپ زىيان تارتىش باسقۇچىدا تۇرغاندا نامەلۇم بىر كىشى ئۇنىڭغا بىر چامدان
پۇل بىرىپ بىرىنى ئۆلتۈرۋىتىشنى ئىيتىدۇ لىكىن بۇ قەھرىماننىڭ ئانىسى ئىنىڭغا ئىيتقان ئاشۇ سۆزلىرى دائىم قەلبىدە مۆھۈر قىلىغلىق بولغاچقا كەسكىن رەت قىلىنىدۇ ، لىكىن ئەمىليەتتە ئىش ئۇنداق بولماي ئەكىسچە ئۇ ئەسلىدە ئۇنى سىناش ئۈچۈن ئوينالغان بىر مەيدان ئويۇن بوپ چىقىدۇ ، بۇ ئەزىمەت شۇ پۇل بىلەن ھەقىقىي سودا جىڭىنى باشلىدى .

ئارلىقتا خۇددى تۈرمىدىن قىچىش فىلىمىدىكى ئەقىللىق مايكۇلغا ئەگىشىۋالىدىغان ساقچى ئالىكىسقا ئوخشاشلا بۇ قەھرىنىمانىمىزغىمۇ دىققەت قىلىدىغانغا بىرەيلەن چىقدۇ ، لىكىن بۇمۇ بارلىق ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سىلىپ ئىنىڭدىن بىر قەدەم ئالدىدا يۈرۈپ شۇ جىڭىنى داۋاملاشتۇرۇپ مىڭىۋىرىدۇ . لىكىن ھەر بىر قەھرىماننىڭ ئەرنىڭ كەينىدە بىر گۈزەل نازنىن ھەمرا بولمىسا بولمايدۇدە ئەلۋەتتە ، بىر ياقتىن سودا جىڭى قىلسا بىر تەرەپتىن ئۆز بەختى ئۈچۈن تىرىشىش يولىغا قارا پ ماڭدى


بىراق بىزنىڭ بۇ باش قەھرىمانىمىز بۇ ھەممىنىڭ كۆزى چۈشۈپ تۇرىدىغان بۇ سودىدا ناھايتى زور بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى ، لىكىن بەل قويۋەتمىدى ، ئىلگىرى ئۇ ياخشىلىق قىلغان شۇ كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىدى ، زور ياخشىلىقلارنى قىلدى مانا بۇ ئەمىليەت كىشىگە ياخشىلىق قىلسا ئۇ ياخشىلىقنىڭ مەڭگۈ يەردە قالمايدىغانلىقىنى شۇ فىلىم ئارقىلىق ناھايتى ئوچۇق يۇرۇتۇپ بەردى ،، فىلىم مۇشۇنداق ئەگرى توقايلىق ئىچىدە راۋاجلىنىپ ئاخىرقى بۆلەككە كەلگەندە ئىشنىڭ چاتىقى چىقتى . بىزنىڭ بۇ قەھرىمان ئىشەنگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنىڭغا خائىنلىق

قىلدى ، بۇ قەھرىمانىمىز شۇ ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن باشقىلار ئۈچۈن ئىشلىمەيمەن دىگەن ئىددىيسىنى چۆرۈپ تاشلاشقا مەجبۇر بولۇپ

باشقىلارنىڭ ئالدام ىالتىسىغا چۈشۈپ كەتتى ... باشقىلار ئالتۇن يۆتكەپ بىرىسەن دەپ ئەمىليەتتە پارتىلاتقۇچ قۇراللارنى يۆتكىتىپ نۇرغۇنلىغان بالا- قازالارنى تىرىۋەتتى ،،،،

مانا بۇ يەرگە كەلگەندە بۇ ئاقكۆڭۈل قەھرىمان بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مەن سەۋەپچى دەپ ئۆزىگە ھەممە گۇناھنى ئارتىپ روھى جەھەتتىن ناھايتى ئازاپلاندى ، لىكىن ئامال قانچە شۇ ئۆزىنى

گۆرگە ئىتتەرگەن ناكەس ئەبلەخنى ئىزدەپ باردى ، لىكىن ئۇ ناكەس ئۇنىڭغا بۇ يەردىن قىچىپ كىتىش توغىرسىدا خىزمەت ئىشلەپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىيتتىيۇ لىكىن بۇ قەھرىمان ھەقىقىي جىگەرلىك ئەزىمەت بولغاچقا ئۇنداق قىلىشنى رەت قىلىپ ھەم ئۇلارنىڭ كىتىشىگىمۇ يول قويماي ئۇلارنى جەھەننەمگە يولغا سالدى ، لىكىن ئۇ خوتۇن باللىرىنى ئىلىپ قىچىپ كەتكەن بولسىمۇ قىچىپ قۇتۇلالايتى . بىراق ئۇ ئۇنداق قىلىشنى تاللىمىدى ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋىجدانى ھەم مۇستەھكەم بولغان ئىرادىسى بۇنىڭغا يول قويمىدى ......

ئاخىرىدا ئۇ خوتۇن باللىرىنىڭ ئازاب تارتىشىنى خالىماي ئۆزىنى تۇتۇپ بەردى .......چۈنكى ئۇ دىگەن ھەقىقىي ئەركەك ، مەن ئەركەك دىگۈچىلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى دىيىشكە تامامەن بولىدۇ ...



ئاخىرىدا شۇ ئەزىمىتىمىزنىڭ يەنە ئادەمنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرىنىشىگە كەلدۇق .. بۇنى يازاي دىدىميۇ لىكىن نىمىشقىكىن قەلىمىم ھەقىقەتەن ئاجىز كەلدى ..

يەنىلا بۇ فىلىمدىن ئەڭ زور ئىلھام ئالغىنىمىز نىمە بولىدىكەن دىگەندە ، كىشىلىك بۇرچ ، كىشىلىك مەسئۇلىيەت ،ھەم ھەم چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك مۇستەھكەم ئىرادە ، بەلكىم سىز

بۇ فىلىمنى كۆرۈپ دەسلىۋىگە كەلگەندە ۋەقەلىكىگە قىزىقىپ كۆرۈشىڭىز مۇمكىن ، ئوتتۇرىغا كەلگەندە ئويلۇنۇش باسقۇچىغا كىرىسىز سەل ئاخىرىغا كەلگەندە فىلىمنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە

ناھايتى بەك ئىنتىزار بولىسىز ،،، لىكىن فىلىمنىڭ تۈگىشىگە ئەگىشىپ بىر ئىنسانىي تۇيغۇسى بار ئادەم بەلكىم 5 مىنۇت داڭ قىتىپ تۇرىسىز ۋە ياكى كۆزلىرىڭىزدىن ياش ئەگىپ ئۆز كۆزىڭىزگە

ئىشەنمەستىن فىلىمنى قايتىدىن بىر كۆرۈپ چىقىشىڭىز مۇمكىن .... ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىمننىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ، بەلكىم يازغانلىرىم بۇ فىلىمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى

تولۇق كۆرسىتىپ بىرەلمىگەن بولىشى مۇمكىن ، لىكىن مەن تىرىشتىم . خۇددى مۇشۇ فىلىمنىڭ باش قەھرىمانىدەك مۇشۇنى يىزىشقا نەچچە رەت ئويلاندىم ئاخىرىدا شۇ كۈچلۈك ئىرادەم بىلەن بۇنى يازدىم ،، فىلىم ھەقىقەتەن كۆرگىدەك ھەقىقىي ئادىمىيلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر مەيدان لىكسىيە دەرىسى بوپ قالغۇدەك ئىشلەنگەن فىلىم ،، كۆرۈشىڭلارغا ھەقىقىي ئەرزىيدۇ ، ئەگەر كۆرۈپ بولۇپ سىلەرمۇ شۇ ھىسياتتا بولساڭلار ئۆز تەسىراتىڭلارنى يىزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار !   




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +50 يىغىش سەۋەبى
مەردان428 + 50 ئوقۇشقا ۋاقىت يوق ھا ھ.

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2017-5-1 21:42:13 | ئايرىم كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2017-5-1 21:21
فىلىمنى كۆرۈپلا فىلىم توغۇرلۇق بىر توختىلىشنى ئويلىغا ...

سىزمۇ ئازراق بىر نەرسە يازسىڭىز بولاتتى، ئان ھەممىنى قېتىپلا سالونغا يوللايتتىم مەن

باھا سۆز

يازىمەن سىياسى بىلەن سودىنىڭ مۇنائىسىۋىتى، تىجارەتچىنىڭ خاراكتىرى ھەققىدە خېلى ئۇچۇر بىرىپتۇ شۇلارنى ئاس  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2017-5-1 21:48
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2017-5-1 15:59:34 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئۆز تۇلا كوتۇلداپ قويسام بولغۇدەك... بىرىنچى، فىلىم ۋەقەلىكى بىر ئاز كەمتۈك بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. يەنى، رەئىس بىلەن ئاغىنىسىنىڭ باللىق دەۋرى ۋە رەئىس بىلەن ئاسىيەنىڭ توينىڭ ئالدىدىكى كەچمىشى... ناۋادا مۇشۇ نۇقتىلار تېخىمۇ ئېنىق يۇرۇتۇلغان بولسا، فىلىم ھەممە تەرەپتىن مۇۋەپپىقىيەت قازانغان فىلىم بولاتتى. خۇددى ئارسلاندەك...
ئىككىنچى، كىشى يامان يول بىلەن پۇل تېپىپ ئاخىرىدا خەيرى ساخاۋەتنى ئاسمان پەلەككە چىقارسىمۇ يەنىلا، ئورنىغا كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. خۇددى قارا نەرسىنى ئاق قىلغىلى بولمىغاندەك... شۇڭا تىنچ خاتىرجەم تۇرمۇش قۇرۇپ، ئاددىي ساددا ئۆتكەنگە يەتمەيدىكەن. بايلىق ھامان بىركۈنى باشقا چىقىدىكەن ياكى بولمىسا كىشىنى ئازدۇردىكەن...
دىۋان
ۋاقتى: 2017-5-1 14:58:51 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wiiros تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-1 15:07  

ماڭا بەك تەسىر قىلغىنى رەئىس بىلەن سادىقنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى، ئۇلار كىچىكىدە ئاغىنە ئىدى، چوڭ بولۇپ قېرىنداش بولۇشتى، گەرچە بىر قورساقتىن چىقمىغان بولسىمۇ، كىچىك ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ مەخپىي بەلگىسى بولغان بايجان (تەرجىمىسى:ئاكا) سۆزى رەئىسنى بىر تاياقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى، چوڭ بولغاندا يەنە شۇ بايجان سۆزى ئۇنىڭ پۇشتى، بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا سەۋەب بولدى




ئىككىنچىسى، رەئىسنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىپ سالغان ئىشلىرى ، مەن بىر سودىگەر، ئەمما ھېچقاچان ئېتىقادىمنى مال ئورنىدا سېتىپ باقمىدىم، ئەنە شۇ ۋىجدانىنى قوغداش، ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش پوزىتسىيەسى ئۇنى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى، ئاخىرىدا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى، ئەمما ئۇ ئۆلسىمۇ يەنە ئېتىقادىدا چىڭ تۇردى



ئەسكىگە ئۆلۈم يوق، ياخشىغا كۆرۈم.... دەيدىغان بىر گەپ بار، ئۇ باشتا ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ ھېچقاچان خەققە قۇيرۇقىنى تۇتقۇزۇپ قويمىغان، ئەمما ئۇ خەلقنى ئويلاپ، ئۇلارغا يېڭى بىنا ئۆيلەرنى سېلىپ بەرمەچكى بولدى، ئۇلارغا ئاشلىق تارقاتتى، ھېلىقى شېرىكى ئۇلار ھىندى مۇرىتى تۇرسا، ئاشلىق بەرمىسەكمۇ بولار دېگەن ۋاقتىدا، پۇلنى ھىندى، مۇسۇلمان دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي ئوبدان تاپىسەن، ئەمدى ئاشلىق تارقاتقاندا ئايرىمتىڭ دېدى





20 رۇپىيە بىلەن ھەممە كېسەلنى داۋالاتقىلى بولىدىغان دوختۇرخانا سالىمەن، مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا كۆز تېگىپ كەتتى
گېلەم
ۋاقتى: 2017-5-1 16:04:08 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاۋغۇست تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-1 16:06  

شاھرۇھخاننىڭ ئۆزى ئاخىردا ئۆلۈپ كېتىپ ئىشلىگەن فىلىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى خېلى ئېسىل چىققان نادىر فىلىملەر. مەسلەن  :
Ram jaane ,Devdas, Baazigar,Daar ,Kal Ho Naa Ho   مېنىڭ نەزىرىمدە بىر بىرىدىن ئېسىل چىققان فىلىملەر، شاھرۇھنىڭ بېلەت كىرىمى جەھەتتە بىر قەدەر ياخشى نەتىجە يارىتالىغانلىرىمۇ يۇقارقى فىلىملەر ، ئەمدى بىز رەئىس فىلىمىگە كەلسەك:
مەن بۇ فىلىمنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىلگىركى بىر فىلىمى Ram jaane نى ئەسلەپ قالدىم. چۈنكى  ياقۇپجان ئۈستىدە ئېيتقاندەك،  يامانغا ئۆلۈم يوق دېيىلگنە بۇ دۇنيا ، ھەر ئىككىلى كىنودا باش پىرسوناژ ياخشى ئىش قىلىمەن دىگەن كۈندىن باشلاپ ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلىكى سۆزلەنگەن.  Ram jaane فىلىمىدە بولسا باش پىرسوناژ  بولمىش  Ram jaane  كىچىكىدە بىر تاشلىۋېتىلگەن بالا، يېتىملىك دەردىدە ئاز بولمىغان تالاپەتلەرنى تارتقان بولسىمۇ ئۇ ھېچقاچان ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ باقمىغان ، لۈكچەكلىكتە ئۇچچىغا چىققان تەغدىردىمۇ ھېچبىرىنىڭ جېنىنى سەۋەبسىز ئالمىغان ، دوستلۇق ۋە مۇھەببەتكە ئىنتايىن سادىق بولغان بىر پىرسوناژ بولۇپ مەيدانغا كېلىدۇ. كىچىكىدىن يېتىم چوڭ بولغاچ يېتىملەرگە يانتاياق بولۇپ، ناچارلارغا مىخ بولۇپ ياشايدىغان بۇ  شىر يۈرەك ئەزمەت ، مۇھەببەتتە يېقىن دوستىغا يول قويىدۇ، كىچىكىدىن سۆيىدىغان قىز بېلانى يېقىن دوستىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلىپ ئۇنىڭغا يول قويىدۇ. ئاقىۋەت يەنىلا شۇ يېتىم بالىلارنىڭ بېشىنى سىلاش شۇلارنى ئېزىلىشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىرىك ساقچى ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈپ دارغا ئېسىلىدۇ، ئۇ دارغا ئېسىلىش ئالدىدا  دوستىنىڭ كىچىككىنە بىر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.  بۇ دەل كىنونىڭ بىزگە دېمەكچى بولغان يېرى.  رام جانى دار مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان چاغدا شۇ يەردىكى چوڭ كىچىك بارلىق يېتىم بالىلار ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ ، باشلىرىغا ئوخشاش لىنتە چىگىپ  ئۇنىڭغا قاراپ چوقان سېلىشىدۇ، رام جانى بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققاندىن كېيىن  ناھايىتى قورققانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ئۆلگۈسى يوقلىقىنى، يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ تىزلىنىپ يىغلاپ بالىلارنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئويۇن قويىدۇ، ساقچىلار ئۇنى سۆرەپ دار تەرەپكە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ ھەممىسىنى سىلكىۋېتىپ ، نېرى تۇرۇش، مەن ئۆزۈم دار ئالدىغا بارىمەن دەپ مەردانىلەرچە ئۆلىدۇ.   بۇ يەردىكى مەسىلە دەل شۇكى ، يېتىم بالىلارنىڭ ، شۇ بىغۇبار سەبىيلەرنىڭ رام جانىنىڭ ئەسكى تەرىپىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ داۋاملىق ئەسكىلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رام جانى دوسىتىنىڭ  تەلىپى بويىچە بەك قورقۇپ كەتكەندەك ھالەتتە ئويۇن قويۇپ بېرىپ ئۆتۈپ كەتكەن.
ئەمدى رە ئىس فىلىمىنىڭ ئۆلۈم بۆلىكىگە نەزەر سالايلۇق:
سادىق «بايجان»سۆزى بىلەن ئۇنىڭغا ساقچى بارلىقىنىڭ خەۋىرىنى بەرگەندە ئۇ  ئاخىرقى قېتىم بالىسى ۋە ئايالىنى دوستىنى كۆرىۋېلىش مەقسىتىدە كاللا ئىشلىتىپ بىر تۈركۈم مۇخبىرلارنى باشلاپ كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن  ئېتىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغان، ئۇ بېرىپ ئايالى ئاسىيەگە مەنىلىك بېقىپ قويىدۇ. ھاياتىنىڭ كۆپىنچە يېرىمىدا ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ پۇل ۋە يول تاپقان رەئىس ئەڭ ئاخىردا  نامرات خەلققە باش پاناھ بولىمەن دەپ باشقىلار قۇرغان قىلتاققا چۈشۈپ  ھاياتىىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بىراق دەسلەپ ئېيتىلغاندەك ئۇ سودا قىلدى، پۇل تاپتى، يۈز تاپتى، خەلق مەبۇدىسىغا ئايلاندى ، بىراق ھېچقاچان ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ باقمىغانىدى. مەلۇم مەنادىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ فىلىم ھېندىستانلىقلارنىڭ «ئاتامان» فىلىمى .

باش رولچى گەرچە يامان ئىش بىلەن مەسىلە ھەل قىلسىمۇ ، ئادەمگە زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەن، ئارلىقتا ئۇ ئۆزىنى مۇشۇنچىلىك كۈنگە ئېرىشتۈرگەن بۇرۇنقى خوجايىنىنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىپ قاتىل ياللىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ. ئۆلتۈرۈش ئالدىدا ئۇ يىغلاپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇ كىچكىدە ياخشىلىق قىلغان بىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ  كىشىگە زەخمە يەتكۈزمەسلىك مىزانىغا خلاپلىق قىلغانىدى.

ھالبۇكى ئۇ ئۆزىنى شىر چاغلايىتتى. رايونىدىكىلەرنى ئۆزىنىڭ باللىرىدەك كۆردى. ياخشى نىيەتلەرنى پۈكۈپ ھەقىقەتەن ئۆزگەردى. بىراق ئۇنىڭغا تىكىلگەن كۆزلەر ئالدىدا ئۇ يەنىلا ئۆزگەرمىگەندەك تۇيىلاتتى.

دېمەك پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقاندا ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا توزاق قۇرۇپ ئۇنى بابلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا قالدى. ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ قىيىنچىلىك كۈنلىرىدە ئەسقاتقان بومبايدىكى نىجاتكارىنى ئۆلتۈرگىلى بارغاندىمۇ كۆزلىرىدە ياش لىغىلداپ تۇراتتى. بىراق ئامال يوق، چۈنكى ئۇ شۇ سەۋەبلىك نۇرغۈن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ ئۆزىنى كەچۈرەلمىدى.  دەسلەپ ئۆزىنى قەسىتلىگەن شۇ نىجاتكارىغا قاراپ تاپانچا باسقان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ «قاتىل» غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى قۇبۇل قىلالمىدى.   ساقچى باشلىقى ماجمۇدار بولسا ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ بىردىنبىر گۇۋاھچىسى ، لېكىن  خەلق ئاممىسى نەزىرىدە رەئىس يەنىلا بىر قۇتقازغۇچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ، رەئىسنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا ماجمۇدارغا قاراپ : سەن مېنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ يەنە خاتىرجەم ياشىيالامسەن؟ دېيىشىدىكى سەۋەب دەل  «سەن خەلقنىڭ قارغىشىدىن قورقمامسەن؟» دېگەنلىك ئىدى.





ھايات شۇنداق، جاھاندارچىلىقنىڭ بەدىلى بولىدۇ.   قانداق ياشاش ھەر بىر ئادەمنىڭ تاللىشى ، بىراق ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ھالقىپ كېتىشكە بولمايدىغان بىر مىزانى بولىشى كېرەك. خۇددى رەئىسكە ئوخشاش!  بۇ ھەقىقەتەن ئەركەكلەر كۆرىدىغان فىلىمكەن!




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +50 يىغىش سەۋەبى
مەردان428 + 50

باھا خاتىرىسى

كىگىز
ۋاقتى: 2017-5-1 18:26:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ فىلىمنى مەن تۈنۈگۈندىن باشلاپ تېخىقىچە كۈرۈپ تۈگىتىپ بۇلالمىدىم.   ماڭىمۇ ئەڭ تەسىر قىلغان سۆز ، شۇ ئانىسىنىڭ ، سودىنىڭ كىچىگى يوق ، شۇ سودىدىن چوڭ ئىتقاد يوق ، دىگەن سۆزى ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2017-5-1 20:17:10 | ئايرىم كۆرۈش
شارۇلخاننىڭ  يىقىنقى  يىللاردىن   بۇيان   ئىشلىگەن  فىلىملەرنىڭ  ئىچىدىكى  ئەڭ  نادىر  فىلىم  دىسەممۇ  ئارتۇق  كەتمەيدۇ بۇ فىلىم  ،   بۇ  فىلىم  تەرجىمە  قىلىپ  بىزدەك  كىنو خۇمارلارغا  ھەقسىز  تارقاتقان  ئاشۇ جاپاكەشلەرگە رەھمەت . . .      
داق يەر
ۋاقتى: 2017-5-1 21:20:18 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا تەسىر قىلغىنى :    بۇندىنكىن ھەرگىزما كۆزەينەكلىك ئاغىنلىرىمغا ‹‹ھوي تۆتكۆز››دەپ چاقىرىپ سالماسمىنا....
مىخ
ۋاقتى: 2017-5-1 21:21:06 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىمنى كۆرۈپلا فىلىم توغۇرلۇق بىر توختىلىشنى ئويلىغانتىم. لېكىن بىر فىلىمگە تەسىرات يېزىش ئۈچۈن كىم دىگەندە ئۈچ قېتىم كۆۈپ چىقىمەن شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر نەچچە قېتىم كۆرۋېتىپ يازماقچى بولغانتىم.
ئاكاشنىڭ تەسىراتىدىن مەن ئويلاپ باقمىغان بىر تەرەپنى ھېس قىلدىم.  يەنى رەئىسنى تۆت كۆز دىگەنلەرگە قارىتا ئىپادىسىنى پەقەت شۇ سۆزنى ياقتۇرمىغانلىقىلا دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بۇنىڭ بىر غۇرۇر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
ئايالى ئاسىيەمۇ بىر قېتىم تۆت كۆز دەيدۇ. ئەمما، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ  بۇ ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا غۇرۇر مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس دىگەنلىك بولامدۇ ؟

باھا سۆز

مەن تىخى بۇ كىنونىڭ 10 سىكىنۇتلۇق يىرىنىمۇ كۇرۇپ باقمىدىم . لىكىن بۇ تىمىنى تەپسىلى ئوقۇدۇم ، باشقىلارنىڭ ھىس  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2017-5-1 22:41
10#
ۋاقتى: 2017-5-1 21:48:08 | ئايرىم كۆرۈش
wiiros يوللىغان ۋاقتى  2017-5-1 21:42
سىزمۇ ئازراق بىر نەرسە يازسىڭىز بولاتتى، ئان ھەممىنى  ...

يازىمەن  سىياسى بىلەن سودىنىڭ  مۇنائىسىۋىتى، تىجارەتچىنىڭ خاراكتىرى ھەققىدە خېلى ئۇچۇر بىرىپتۇ  شۇلارنى ئاساس قىلىپ يازىمەن
11#
ۋاقتى: 2017-5-1 22:41:13 | ئايرىم كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2017-5-1 21:21
فىلىمنى كۆرۈپلا فىلىم توغۇرلۇق بىر توختىلىشنى ئويلىغا ...

مەن تىخى بۇ كىنونىڭ 10 سىكىنۇتلۇق يىرىنىمۇ كۇرۇپ باقمىدىم .
لىكىن بۇ تىمىنى تەپسىلى ئوقۇدۇم ، باشقىلارنىڭ ھىس  قىلغىنىنى مەن جاپا تارتمايلا چۈشىنىۋالغۇدەكمەن .
بىراق ئاكاش 1 نىڭ توت كۆز دىگەن گىپى ئۇنىڭ غۇرورىغا تىگىپ ، ئۇلارنى يەر چىشلەتتى دىگىنى ماڭىمۇ ياق مىدى ، چۈنكى رەئىسنىڭ كۇزى ئۆزىمۇ دەپ ئۆتۇپ كەتتى يىراقنى كۇرەلمەيدۇ ، كۇزەينەك تاقايدىكەن ، ئەلۋەتتە كىملا بولسا كۆزەينەك تاقىسا توت كۆز دەپ قويىشى ئىنىق ، چاق چاق قىلىپ دىيىشىمۇ پەس كۆرۇپ دىيىشىمۇ ، ئىشقىلىپ شۇنداراق بىر مەنەدا دىيىشى مۇمكىن ، بىراق بىر ئەركىشى چوڭ ئىشلارنى قىلىمەن دەيدىكەن ئىغىر بىسىق بۇلىشى ، ئانچىكى ئىشلار ئۈچۈن غۇرۇرۇمغا دەڭدى دەپ جار سالماسلىقى كىرەك ، چۈنكى يولۋاسنى يەڭگەن ئەر ئەمەس ئاچچىقنى يەڭگەن ئەر دەيدىغان تەمسىل بار ، يەنە كىلىپ شاھرۇخخاننىڭ شىنجاڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مەستانىلىرى با، ئەسەبىي دەرجىسىگە يەتكەن ماستانىلىرىمۇ ئاز ئەمەس ، قىسقىسى نۇر تورىدا بوللىۋودنىڭ بۇلۇپمۇ شاھرۇخخان ، ئامىرخان نىڭ خەۋەرلىرى چىقىپ قالسا ، بۇ بىچارە پىڭتوزىلار ئۆزلىكىدىن سەپ تۈزۈپ تىل ئۇرۇشى قىپ كىتىدۇ ، بىلسەڭلار بۇ تىل ئۇرۇشى خەۋەردىن بەك قىزىپ كىتىدۇ ، دەل مۇشۇندا پىڭتوزىلار ئاكاشنىڭ توت كۆز دىگەن گىپى ، رەئىسنىڭ ھۇرورىنى قوزغاتتى دەپ بىر تەرەپلىمە قارىسا ، بۇ شاھرۇخخانغا ئەگىشىدىغان پىڭدوزىلار ئانچىكى ئىشلارغا يول قويمايدىغان ئۇرۇش خۇمار بوپ قىلىشى ئىنىق ، «مەنغۇ كىنونى كۆرمىدىم »، بىراق رەئىس ئۆزىنى توت كۆز دىگەنگە ئۇرمىغان بۇلىشى ، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا شۇ خەقنىڭ تەياققا لايىق بىر قىلمىشى بولغاچقا ، شۇنى باھانە قىلىپ ئۇرغان بۇلىشى مۇمكىن ، ئەگەر ئۇ ئادەتتىكى بىر ياۋاش پۇخرادىن بىرسى توت كۆز دەپ قويسا ئۇنىمۇ ئۇرۇپ كىتەمۇ سىلەرچە ، شۇڭا تەسىرەت يازغاندا بەزى ئىنچىكە نوقتىلارغىمۇ دىققەت قىلغان ئاساستا ياسسىكەن دەيمەنچۇ ، ياكى مەن ئويلايمەن دىگەندەك بىر تەرەپلىمە قارىشىنى ئوتتۇرغا قويسىمۇ بولىدۇ ، باشقا تەسىراتلىرى تەپسىلى ھەم ياخشى يىزىلىپتۇ ، باشقىلارنىڭمۇ شۇ ، ئەمدى باشقىلار مىنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭلا ، مەنمۇ ئۆزەنچە بىلجىرلاپ قويدۇم خالاس . شۇ يىرى سەل ئىدىيەمدىن ئۆتمەي كاپىلداپ قويدۇم جۇما .
12#
ۋاقتى: 2017-5-1 23:56:23 | ئايرىم كۆرۈش
قاچان يوللىنىدۇ
13#
ۋاقتى: 2017-5-1 23:56:38 | ئايرىم كۆرۈش
قاچان يوللىنىدۇ بۇ فىلىم
14#
ۋاقتى: 2017-5-2 01:34:18 | ئايرىم كۆرۈش
15#
ۋاقتى: 2017-5-2 01:34:35 | ئايرىم كۆرۈش

28-چىسلا يوللانغان كىنو بۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-23 15:42 , Processed in 1.323388 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش