ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

«قان شورىغۇچىلار خاتىرىسى» تەھرىرلىرىگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
782 4
dilmurat ۋاقتى: 2014-2-3 12:46:12 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
  بېكەتتە ھازىرغىچە ئېلان قىلغان 13 قىسىمنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ چىقتىم، بىر قىسىم تۈگىسىە كېيىنكى قىسىمىغا تەشنا بولغۇدەك ئىسىل فىلىمكەن، ۋەقەلىك راۋاجلىنىشىمۇ خاسلىققا ئىگە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئىشلىنىپتۇ، ئەمما فىلىمنى مىڭ ماختىساقمۇ بىزگە قىلچىلىك يۇقمايدۇ، پەقەت شۇ رېژىسسور ۋە ئاكتىيورلارنىلا ماختىغان بولىمىز خالاس، ئەمما بىز ئۆز يېزىقىمىزنى كىرىشتۈرۈپ ئۆزلەشتۈرگەنكەنمىز، تەرجىمىسى ئىسىل سۈپەتلىك بوپتۇ دەپ ماختىنالىساق مۇشۇ كىچىككىنە خىزمىتىزدە ئۇتۇق قازانغان بولىمىز، شۇڭا فىلىم تەرجىمىسى توغرىلىق ئازراق سۆزلەپ قويغۇم كەلدى...
  تەرجىمە خىزمىتى باشلاشتىن بۇرۇن ئىككى گۇرۇپپا بىرلىشىپ قىلىدۇ، مەخسۇس QQ توپلىرىمىز بار دېگەننى ئاڭلاپ تۇردۇق، ھەم ئىچىمىزدە سۆيۈندۇق، چۈنكى Tv تەرجىمە قىلىشتا مۇشۇنداق بىر مەخسۇس توپنىڭ بولغىنى ئەۋزەل، مەيلى پېرسوناژلار ئىسىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ياكى باشقا جەھەتتىن بولسۇن ئورتاقلىشىش قولايلىق بولىدۇ، شۇڭا فىلىم ئېلان قىلىنىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا كۆڭلۈمدە چوقۇم سۈپەتلىك چىقتى دېگەننى ئويلاپلا كەلگەن، چۈنكى فىلىم ئىككى گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەم سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئىدى، ئەمما فىلىمنى كۆرۈپ چىققاندىكىن بولسا ھەر بىر قسىمىدا سادىر قىلىنغان ئەڭ ئاددىي خاتالىقلار مېنى بۇ فىلىمنى پەقەتلا تەھرىرلىمەپتۇ دېگەن ئويغا ئەكېلىپ قويدى، بولمىسا ھەر بىر قىسىمىدا تەھرىر پالانىچى دېگەن خەتلەر كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، خېلى ئەستايىدىل باللانىڭ قولىدىن چىقىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بۇ فىلىمدە خەتلىك فىلىمدە قەتئىي سادىر قىلىشقا بولمايدىغان ئەڭ ئاددىي خاتالىقلار كۆرۈلگەن، مەسىلەن: ۋاقىت ئوقىنىڭ ئۈستىلىنىپ قېلىپ 4، 5 قۇر جۈملىنىڭ ۋاقىت ئوقى بىلەن تەڭلا ئېكرانغا لىق چىقىپ قېلىشى، خەنچە خەتنىڭ ئۆچۈرۈلمەي قېلىشى، ئوخشاش كىشى ئىسىملىرىنىڭ ھەرخىل ئېلىنىشى، سەن، سىز گراماتىكا خاتالىقى، ئىملا خاتالىقى دېگەندەك، كېيىنكى ئىككى خاتالىقنى ھەر ھالدا ساقىت قىلىپ تۇرساقمۇ(چۈنكى مەن مەن دېگەن تەھرىرلەرنىڭمۇ مۈگدەيدىغان چېغى بولىدۇ)، ئەمما ئالدىدا دېيىلگەن خەنچە خەتنى ئۆچۈرمەي، ۋاقىت ئوقىغا قۇر تاشلىمايلا كىرىشتۈرۈشنىڭ ئۆزىلا فىلىمدىكى تەھرىر دېگەن خەتنى يوققا چىقىرىپتۇ.
  بولسا مەزكۇر فىلىمنىڭ تەھرىرلىرى قولۇڭلاردا فىلىم يېزىقى بولغاندىكىن قايتا بىر كۆرۈپ باقساڭلار، 13 قىسىمغىچە تۈزەلمىگەن خاتالىق بۇ پېتىدا كېتىۋەرسە فىلىم تۈگىگىچە سادىر بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بىر ئىشنى قىلغانىكەنمىز، ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولۇپ، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ كەتسەك، قولنىڭ ئۇچىدىلا قىلىشتىن ساقلانساق، تەھرىرلىك تەرجىمانلىقتىن تەس دەپ بىكار دېمەيمىز، ئاشۇنداق ئاددىي سەۋەنلىك تەرجىمە قىلىش جەريانىدا يۈز بېرىپ تۇرغاچقا فىلىمنى قايتا-قايتا تەھرىرلەيدىغان ئىش كېلىپ چىققان، ئەمما مەزكۇر فىلىمدىكى خاتالىقلار پەقەت بىرلا قېتىم تەھرىرلەنسىمۇ تۈگەپ كېىشى مۇمكىنتى، فىلىمنى قولغا ئېلىپلا كىرىشتۈرگەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ، بىرلەشتى، ھەمكارلىشىپ قىلدى دېگەنگە چۇشلۇق ئىش بولسۇن، چۈنكى يەنە دېسەك يەنە شۇ، يېزىق ئۆزىمىزنىڭ!!!
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار4

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
ئەلشاھ ۋاقتى: 2014-2-3 13:32:04 | ئايرىم كۆرۈش
جايىدا ئىشلىتىلمىگەن سەن سىز قوشۇمچىلىرى ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدىكەن... باشقا ئىشمۇ يوق... ئەمدى شۇ ئاخىرىنى تېزرەك ئېلان قىلسا ... ئوننەچچە قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ ئاخىرى يوقاپ كەتسە كېيىنكى قېتىم كۆپ قىىسملىق كىنولارنى تولۇق چىققاندا كۆرىمەن دەپ ئولتۇرىدىغانلار كۆپىيىپ قالىدۇ...
يىكەنداز
free ۋاقتى: 2014-2-3 19:02:46 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىمنىڭ ئاخىرى چىقىشقىمۇ 10كوندەك قالدىغۇ دەيمەن  راستىننى دىسەم كەترىننى سېغىنىپ كەتتىم
گېلەم
ياساۋۇل ۋاقتى: 2014-2-4 09:10:09 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياساۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-4 09:12  

قايسى بىر كۈنى بىر تەرجىمە گۇرپىغا قاتناشتىم
فىلىم خىتىنى يوللاپ بەردى شۇنىڭ بىلەن فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسنى يوللاپ بىرىڭ دىسەم خاپا بۇلۇپ فىلىمنى نېمە قىلسىز دەپ تۇرۋالدى
فىلىمنى چۈشۈرۈپ خەتنى تەخلەپ بىرياقتىن كۆرۈپ بىرياقتىن تەرجىمە قىلىمەن دىسەم يەنە شۇ گەپ …خەتنىلا تەرجىمە قىلىپ بىرىڭ دىدى
ھەبولىدۇ دەپ كونا قائىدەم بويىچە فىلىمنى چۈشۈرۈپ تەرجىمە قىلدىم
فىلىمنى كۆرۈپ تەرجىمە قىلمىسا ھەقىقەتەن« سەن  _  سىز»ئالمىشىپ كىتىدۇ
كىگىز
ئاۋغۇست ۋاقتى: 2014-2-4 15:44:06 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىمنى تەرجىمە قىلىدىغان  چاغدىلا مەن كىشى ئىسىملىرى تىزىملىكى ، فىلىم خېتى، فىلىم چۈشۈرۈش ئادرىسى ھەممىسىنى شۇ توپقا يوللاپ قويغان.  باشتا ئاشىق بۇرادەر تەھرىرلىكنى تۇتتى.  كېيىن  بەزى تەرجىمانلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن فىلىم بەك سۆرۈلۈپ كەتتى.  بىر قىسىمنى بىر نەچچە ئادەم بۆلۈپ تەرجىمە قىلغان ۋاقىتلارمۇ بار.  بۇنداق تېلىۋېزىيە تىياتىرىنى ئەڭ ياخشىسى 2 ياكى3 ئادەملا قىلغىنى تۈزۈككەن.  يېتىشىپ بولالىسا 1 لا ئادەم قىلغانغا يەتمەيدىكەن.  مەن شۇنداق پۇشايمان قىلدىم. بەزى بالىلارنىڭ تاپشۇرغان تەرجىمىسىنى  تەھرىرلەش ئەمەس، قايتا تەرجىمە قىلىش كېرەك ئىكەن.  ئەسلى ئۆزۈمنىڭ ۋاقتى يەتكەن بولسا ھەربىر قىسىمىنى ئۆزۈم تەرجىمە قىلىپ ، ئۆزۈم تەھرىرلەپ ماڭاتتىم.  بىر قىسىمغا تەرجىمە قىلىشقا 1 ھەپتە كەتسە، ئۇنى تەھرىرلەشكە 1 ھەپتە كەتسە، بۇ فىلىمنى چىقارغاندىن چىقارمىغان ياخشى ئىكەن.  ھازىر تەرجىمان بالىلارغا يالۋۇرۇپ دىگۈدەك ئاخىرىنى قىلغۇزىۋاتىمەن. ئۇنىڭ قانداقراق تەرجىمە قىلىنىۋاتقانلىقى ماڭا نامەلۇم.   مۇشۇ بىر بۆلۈم تۈگىسە، ئاندىن ئاخىرىنى قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا مۇنبەردىكى راۋۇرۇس تەرجىمان ۋەتەھرىرلەر بىرلىشىپ بىر نېمە دېسۇن. فىلىم 10-قىسىمدىن باشلاپ «بىرلىشىپ» دېگەن خەت ئۆچۈرۈلگەندەك ئېسىمدە، چۈنكى ئوغۇلچاق مۇنبىرىدە بۇ فىلىمنى ئېلان قىلغىلى بولمىدى. تەرجىمانلارمۇ كۆپرەك ئاقبۈركۈتتىن چىقتى. ئاۋۇ تەھرىر ئىشىغا كەلسەك ، بەزىدە ئۆزىمىز سادىر قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن مەسىلىلەر سادىر بولۇپ قالىدىكەن. مەن بۇنىڭغا ئىقرار.. ھەممىسى تولۇق ۋاقىت ئاجىرتىپ بولالمىغانلىقتىن بولدى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1