ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

گىگانتلار زەربىدە 4- قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىسمى:
گىگانتلار زەربىدە
خەنزۇچە ئىسمى:
进击的巨人
چەتئەلچە ئىسمى:
attack on titan
دۆلىتى:
ياپونىيە
تىلى:
ياپونچە
تۈرى:
كارتون
فورماتى:
باشقا
ۋاقتى:
2013-04-06
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
رازمېرى:
1080× 1920
سىغىمى:
800MB~1G
ئۇزۇنلىقى:
24~26 مىنۇت
رېژىسسور:
ئاراكى تېتسۈرو (ئەجەل پۈتۈكى كارتون نۇسخىسىنىڭ رېژىسسورى)
باش روللاردا:
ئېرېن يېگار-  كاجى يۈكى
مىكاسا ئاكېرمان-  ئىشىكاۋا يۈيى
ئارمىن ئارلېرت-  ئىنوۈۋې مارىنا
رىۋايل-  كامىيا خىروشى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:   يۈز نەچچە  يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلغۇچى گىگانتلار پەيدا بولۇپ ئىنسانلارنىڭ  مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىدە يۈز يىللىق تىنچ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەمما ئېرېن  يېگار بۇسېپىللار نىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا ئىنتىلەتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش سېپىل  ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشنى خالىمايتتى، سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز  كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئىنسانلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشى غايەت زور  گىگانت ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز سېپىل تۈۋىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ چوڭ  گىگانت ئەللىك مېتىر ئېگىزلىكتىكى مارىيا سېپىلى سىرتىدىن سېپىل ئىچىدىكى  ئىنسانلارغا قاراپ تۇرغان شۇ دەمدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ گىگانتلارنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قورقۇنچنى، ئۆزىنى ئۆزى قوتانغا سولىۋالغان مالغا ئوخشاش  ھاقارەتنى ئەسكە ئالىدۇ.






4 - قىسىم «خوشلىشىش زىياپىتى» نىڭ مەزمۇنىدىن پارچە:
  ئېرېنلار يېڭى ئەسكەرلەر پولكىغا قاتنىشىپ ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، يېڭى ئەسكەرلەر ھەقىقى جەڭچىگە ئايلىنىۋاتاتتى، ئۇلار مەشىقنى تاماملىغاندىن كېيىن نەتىجىسى ئالدىنقى ئونغىچە بولغانلار يورتۇغ قوشۇنغا كىرىشنى تاللاش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيتتى، قالغانلار بولسا يەزەك قوشۇن ياكى تۇرغۇن قوشۇننىلا تاللىيالايتتى. ئىلگىرىكى يىللاردا يەزەك قوشۇنغا كىرىشنى تاللايدىغانلار ئىنتايىن ئاز ئىدى، ئەمما بۇ يىل...

فىلىمدىن كەسمىلەر:








  مەزكۇر كارتوننىڭ تەرجىمىسى باشتىن ئاخىرى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققان بولغاچقا قىسمەن نۇقسانلار كۆرۈلگەن بولۇشى ئېنىق، ئىملا خاتالىقى ياكى ناتوغرا تەرجىمىلەرنى بايقىغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ.



360.txt (47 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 246)

baidu.txt (83 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 226)
بېلەت كىرىمى: 33
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار19

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
بۇرھان ۋاقتى: 2013-12-19 20:12:10 | ئايرىم كۆرۈش
ھەمانا  ئارقەدىكىلە جىم ئولتۇرۇڭ لاھە
يىكەنداز
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-19 21:36:07 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمسى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-19 19:48  

Ablazewolf ئۈچ ئورۇندىكى خاتالىقنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن 5- قىسىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ھەقسىز تەمىنلەندى، بايقالغان خاتالىقلار تۆۋەندىكىچە:
ئەدەپ-قائىدە دېگەننىڭ بىلىڭلار
ھازىرھەممەيلەن
شۇڭا يېڭەلەيمىز دەپ قاراپ ئولتۇرامدۇق؟

يۇقارقىلاردىن باشقا خاتالىقلارنى بايقىغۇچىلارغا ئېلان قىلىنمىغان قىسىمدىن بىر قىسىم مۇكاپات سۈپىتىدە يوللاپ بېرىلىدۇ.
گېلەم
razzak ۋاقتى: 2013-12-19 22:13:19 | ئايرىم كۆرۈش
كەڭچىلىك  دىگەن  مۇشۇدە  ئىملاغا  ئالاھىدە  دىققەت  قىلىپ  كۇرۇڭلا  باللا  شەمسى  ئەپەندىم  سىخىيلىق  قىلىمەن  دەيدۇ
يىڭىلىنىشى  تىز  بولىۋاتىدۇ  ، بەك  ياخش  بولدى،6- قىسىمدىن  باشلاپ  بولسا 10 قىسىمغىچە بولسا 4 قىسىمنى تەڭ  يوللىسىڭىز  دىگەن  ئۇمۇددە
بۇندا  دىيىشىم  قايسى كۇنى قاراپ  تۇرسام  ما ئېرىن  نى  بىر  گىگانىت يەۋەتتى ،ھۇ كاساپەت باش رولچى ئولدىما  دەپ  ئاخىرىغا  قىزىقىپ سەھەر سائەت 3 لەرگىچە كۇرۇپ ئىچىمدىكى شۇ  غەغەژلىكنى  يوقاتتى.
شۇڭا  ئوز تىلنى  كورمىگەن دوسلار نەچچە  كۇنگىچە  چىۋىن يەۋالغاندەك بۇلۇپ قالارمىكىن دەيمىنا.
يەنە كىلىپ ئوز تىلدا  قىسمەن يەرلىرىنى خەتلىكىدەك چۇشەنگىلى بولمايدىكەن.
كىگىز
ilqin ۋاقتى: 2013-12-19 23:55:22 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت، ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا، سىزنىڭ ئىسىل تەرجىمىلىرىڭىز كۆزۈمنى ئال چەكمەن قىلىپ تۇرغاندا بۇ كىنولىرڭىز چىقتى، شۇ سەۋەب، ئەڭ مۇھىمى بۇ كىنونىڭ سۈزۈكلۈكىگە قاراپ قەتئىيلا چىدىمىدىم، ئۇخلىساملا مۇشۇ كىنو،،،،شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن قەتئىي قارارغا كىلىپ ھەممە ئىشنى قايرىۋىتىپ تۇرۇپ سېتىۋالدىم بۇ كىنولارنى، رەھمەت، مۇشۇنداق سۈزۈك كنولىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، بەزى كىنولارنى چۈشۈرۈپ كۆرگۈم كەلمەي ئۆچۈرۋەتكەن ئىدىم، قانچىلىك ئىسىل كىنو بولىشىدىن قەيئينەزەر سۈزۈك بولمىسا كۆرمەيمەن، چۈشەنمىسەم ئەسلىي تىلدىكىنى قايتا قايتا كۆرەتتىم، لېكىن مۇنداق ھەم سۈزۈك، ھەم ئۇيغۇرچە كىنولار بولسا جان دەپ كۆرىمەندە مانا....ئاخىرىغا تەشنامىز
ئورۇندۇق
مۆتىۋەر ۋاقتى: 2013-12-20 02:18:54 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 21:36
Ablazewolf ئۈچ ئورۇندىكى خاتالىقنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن 5- قى ...

بېشىدىكى ناخشىسىدا بىر سۆزدە لوگىكىلىق خاتالىق باردەك قىلىدۇ
ئالدانما قوتاندىكى مالغا ئوخشاش ئاسايىشلىقتا
ئەسلى ئاسايىشلىققا  دەپ يېزىلسا توغرا بولامدۇ
داق يەر
سۈرخان ۋاقتى: 2013-12-20 16:49:51 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ بايانلارنى گۈللۈكتە كۆرۈپ ئالغاچ كەلدىم، مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى





-" ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر"
- ئۇيغۇر خەلق ماقالى

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىز ياۋايىلارچە ، ھەرخىل خېيىمخەتەر ئىچىدە ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەي نادانلىقتا ياشاۋاتقان چېغىمىزدا بىر ئۇلۇغ ئادەم ھاياتلىق ماكانىمىز ۋە تىنچ-ئامانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە ئەڭ مۇستەھكەم سېپىل سېلىپ بەرگەنىكەن . سېپىلنىڭ ئۈچ تەرىپى ئىنتايىن خەتەرلىك دەريالار بىلەن قورشالغان بولۇپ، بۇ ھەيۋەتلىك سېپىل دەريالاردىكى زەھەرلىك دۇتنىڭ بىزنى زەھەرلەپ قويۇشىدىن، كەلكۈن كەلگەندە بولسا دەريالار تېشىپ بىزنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن سوقۇلغانىكەن. ئۇلۇغ ئادەم بىزنى مەڭگۈ سېپىلنى قوغداشقا، سېپىلدىن چىقماسلىققا دەۋەت قىپتۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئەلدە تىنچ- ئەمىنلىك ۋە بەرىكەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلۇغ ئادەمنىڭ دېيىشىچە،بۇ سېپىل ئىنتايىن مۇستەھكەم ۋە بىخەتەر بولۇپ، بىز ئىزدەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېپىلنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن. ئۇ زاتى مۇبارەك يەنە بۇ سېپىلنىڭ دۈشمىنى سېپىلنى يالاپ ئاقىدىغان ئەشۇ خەتەرلىك دەريالاردۇر، دەپتۇ ۋە يەنە سېپىلنىڭ دەريا يالاپ-چېقىپ ئاقىدىغان يەرلىرىنى قانداق پۇختىلاش چارىلىرىنى ئۈگىتىپ قويۇپ بىز بىلەن خوشلىشىپتۇ.

شۇندىن باشلاپ بىز بۇ سېپىل ئىچىدە بىخەتەر- خاتىرجەم، ئىناق، بەخىتلىك ياشاپتۇق. ئۇلۇغ ئادەمنىڭ نەسىھىتى بويىچە سېپىلنى مەزمۇتلاشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىپتۇق. بىزدىكى بۇ بەخىتلىك ھايات تالاي يىللار داۋاملىشىپتۇ. كېيىنچە، بارا- بارا سېپىل سىرتىدا يەنە باشقا شەھەرلەرمۇ قۇرۇلۇشقا باشلاپتۇ. زامان ئۆزگىرىپتۇ. سېپىلدىكى بەزى ئادەملەر سېپىل سىرتىدىكى شەھەر كىشىلىرىنىڭ باشقىچە بىر خىل ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلار سېپىلنى قورشاپ تۇرغان دەريالاردا ئەر-ئايال دېمەي ئۈزۈپ ئويۇن- تاماشا، ئىشقىۋازلىق قىلىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلۇغ كىشى: بۇ دەريالارنىڭ سۈيى بەكمۇ خەتەرلىك، ئۇلاردا ئېقىۋاتقىنى سۇ ئەمەس ئەيىش- ئىشرەتتىن ئاققان قان- يىرىڭدۇر، دەپ نەسىھەت قىلغانىكەن. ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان تىنچ- ئەمىنلىك بۇ نادانلارنى بىخۇدلاشتۇرغاچقا ئۇلار كەلگۈسى خىيىمخەتەرنى ئۇنتۇپتۇ؛ غەپلەت پەردىسى كۆزلەرنى توسۇۋېلىپ دەريادىكى قان- يىرىڭنى سۈزۈك سۇ قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلەپ- ئىككىلەپ سېپىلدىن چۈشۈپ دەريادا چۈمۈلۈپتۇ. ئۇلار دەريا سۈيىدە ئۆزلىرىنى تولىمۇ ئەركىن- ھوزۇرلۇق سېزىشىپتۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ نادانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپتۇ. ئەجداتلار نەسىھىتىنى ئۇنتۇشقا باشلاپتۇ. سېپىلدىن چۈشكەن ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار چۈشكەن جاي شورا بوپتۇ. بۇ نادانلار شورىنى ئېتىشنىڭ ئورنىغا تالاغا چىقىشىمىزغا ئەمدى ئاسان بولدى، دەپ خۇش بوپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى سېپىلنىڭ بىر تەرىپى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. دەريا سۈيى شەھەرگە بېسىپ كىرىپتۇ. كىشىلەر ئەمدى دەريالارنىڭ ئۆز ئىشىكلىرى ئالدىدا ئاققىنىدىن شادلىنىپتۇ. گەرچە بەزىلەر دەريا سۈيىدە ئېقىپ كېتىپ تۇرسىمۇ ھېچكىم ئىبرەت ئالماپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دەريا ئۇلارغا قورقۇنچلۇق تۇيۇلمايدىغان بوپتۇ. دەريادىن چىققان زەھەرلىك دۇت ئۇلارنىڭ ئەقلىنى كېسىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تولا كىشىنىڭ دەرياغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۇنتۇپتۇ؛ سېپىلنى پۇختىلاش ئىشى تاشلىنىپ قاپتۇ. گەرچە بەزى ئەقلى ئويغاق، ئىمانى كامىل كىشىلەر سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەستىن چىقارمىغان، سېپىلنى مۇستەھكەملەشنى داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ھەممە ئادەم بىللە قىلمىغاچقا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغاننى ئاز دەپ ئۆز قېــرىنداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپتۇ.

يەنە تالاي يىللار ئۆتۈپ سېپىلنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بۆلىكىمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئەقىل- ھوشى جايىدا كىشىلەر قايغۇرغان بولسىمۇ ئامالسىز قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ كىشىلەر سېپىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيمايلا قاپتۇ. سېپىلنىڭ يوقاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئادەملەردىن ئىنساب، دىيانەت، شەرم- ھايا، يۇرتتىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ، نىزا-ئاداۋەت، جەڭگى-جېدەل، ئوغرىــيالغان، زىنايى- ھارام، بەڭگىلىك باش كۆتۈرۈپ، يوقۇملۇق كېسەل، ئاغرىق- سىلاق ئاۋۇپ كېتىپتۇ. روھى ساغلام، تەندۇرۇست ئادەملەر ئاز قاپتۇ. دەريادىن كۆتىرىلگەن زەھەرلىك دۇت ئادەملەرنى سېھىرلەپ، دىللىرىنى كور قىلىپ، ئوڭنى تەتۈر، رۇستنى قىڭغىر كۆرۈدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. لېكىن تالاي كىشىلەر بۇ ئاپەتلەرنىڭ سىرىنى بىلەلمەپتۇ. بىلگەنلەرنىڭ گېپىگە ئەتراپتىكىلەر ئىشەنمەپتۇ. كېيىن سېپىلنىڭ بىر بۈرجىكىلا قاپتۇ. شۇ بۈرجەككە قاراپ نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆزىنى سېپىلدىكى ئادەملەر دەيدىكەن. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ سېپىل سىرتىدىكى ئادەملەردىن قىلچە پەرقى يوقىكەن.

بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنى سېپىل ئىچىدىكى ئادەملەر دەيمىز. لېكىن قېنى بۇ سېپىلىمىز؟ پەقەت ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان سېپىل پارچىسى بىلەنلا ئۆزىمىزنى سېپىل ئادەملىرى دىيەلەمدۇق؟

ھازىر ئالدىمىزدا ئىككى يول تۇرۇپتۇ. بىرى، ئەسلى تەبىئىتىمىزدىن ياتلاشقان، ساختىلىق، ئەقىدە- ئېــتىقادسىزلىق، رىياكارلىقتىن بۇلغانغان ۋۇجۇدىمىزنى پاكلاپ ئۆزىمىزنى ھەقىقىي تونۇش؛ يەنە بىرى، گۇمراھلىق يولىغا مېڭىپ ئاخىرى بىر كۈنى دەرياغا غەرق بولۇش. ياكى بولمىسا ئىككى پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلىغاندا ئاندىن دەريانىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ، سېپىلىمىزگە سېغىنىش.

دەريا بىزگە قاراپ ئېتىلماقتا. نادان كىشىلەر دەريادا ئېقىۋاتقىنى ھاياتلىق سۈيى دەپ قارىماقتا. سېــپىلنىڭ ئاخىرقى بۈرجىكى ئۆرۈلۈپ تۈگىمەكتە… ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر سېپىل سوقۇش بىلەن ئاۋارە. لېكىن ئۇلار دەريا دولقۇنى ئالدىدا ھالسىز ۋە ئاجىز…


2000- يىل سىنتەبر، سدنېي.
مىخ
سۈرخان ۋاقتى: 2013-12-20 18:15:21 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
چاقماق چېقىپلا ھېلىقى چوڭ گىگانىت پەيدا بوپقالدى، ئەڭ بېشىدىمۇ چاقماق بىلەن تەڭ پەيدا بولغان، بەك تېزلا كولمىناتسىيەگە چىقامدۇ نېمە؟来自: Android客户端
9#
uygurum ۋاقتى: 2013-12-21 03:44:21 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇنىڭدىن 2 قىسىم كۆرۈپ قىزىقىپ قېلىپ ئاخرىنىڭ خەنچە خەتلىكىنى كۆرگەنىدىم .. كۆرۈپمۇ بولدۇم قارىسام 2-بۆلىمى بار چىراي . لېكىن تاپالمىدىم .. يەنە تامنى بۇزىۋەتكەن گىگانىت بىلەن ئېرىن ، ئانى دىگەلەرنىڭ ئوخشاشلىقى باردەك .. ھەممىسى ئۆزگەرگەندە قىزىل چاقماق چاقىدىكەن .. ھېلىقى چوڭ گىگانىت پەيدا بولغاندىمۇ قزىل چاقماق چاققان .... بۇ ئۆزگىرىشنىڭ مەخپىيتىنى ئېرىننىڭ دادىسىلا ئەمەس باشقىلارمۇ بىلىدىغاندەك قىلىدۇ .... مۇرەككەپ خەنچە خەتلىكىنى چۈشۈرۈپ قاپتىكەنمەن بەزى يەرلىرىنى چۈشىنەلمىدىم .. ماۋۇسۇ 10 قىسىم چىقىپ بولغاندا بىراقلا كۆرمىسەم چىدىمايمە مەن  پارچىلاپ كۆرۈشكە .... ئېرىننىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە زادى نىمە باردۇ ؟؟؟
10#
uygurum ۋاقتى: 2013-12-21 03:47:54 | ئايرىم كۆرۈش
مەن مۇشۇ كارتونغا بەك ئامراق .. سىز تەۋسىيە قىلغان تىزلەتمە دۇنيانىمۇ كۆرۈپ بولدۇم ... يەنە ياخشىراقلىرىنى تەۋسىيە قىلسىڭىز ..
11#
arkan2010 ۋاقتى: 2013-12-21 23:44:25 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بىرنى تاپتىم دوكلات قىلىۋېتەي...
10:09
ئىنېرتسىيەدىن پايدىلىنىپ گاز سەرپ قىلىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ
لۇغەتتە ئىنىرتسىيە
كەن
ئۇندىن باشقا يەنە ئەخمىقانىلىك دېگەن بىر سۆز ئۇچرايدىكەن
ئەخمىقانىلىق دېسە توغرا بولامدىكىن دەيمەن!
12#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-23 13:57:37 | ئايرىم كۆرۈش
مۆتىۋەر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-20 00:18
بېشىدىكى ناخشىسىدا بىر سۆزدە لوگىكىلىق خاتالىق باردە ...

سەت بولدى، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالماي قالدىم،   مۇڭداشقۇ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مۇكاپاتىڭىزنە ئەۋەتىپ بېرەي
13#
مۆتىۋەر ۋاقتى: 2013-12-23 14:45:40 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-23 13:57
سەت بولدى، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالماي قالدىم،   مۇڭدا ...

بولدى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بەك قىس، بۇنچىلىك ئىشقا ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭ
ئەستايىدىللىقىڭىزغا قايىلمەن
14#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-23 21:06:29 | ئايرىم كۆرۈش
مۆتىۋەر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-23 12:45
بولدى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بەك قىس، بۇنچىلىك ئىشقا ئاۋارە  ...

ياقەي،  ئۆزىمىز قىلغان ئىش بولغاندىكىن مەسئۇل بولۇش كېرەك، گەپنى قىلغاندىكىن ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇ،   مۇڭداشقۇ نومۇرى ياكى ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.
15#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-23 21:12:46 | ئايرىم كۆرۈش
uygurum يوللىغان ۋاقتى  2013-12-21 01:47
مەن مۇشۇ كارتونغا بەك ئامراق .. سىز تەۋسىيە قىلغان تىزل ...

ئەمىسە دەپ بېقىڭە،  تېزلەتمە دۇنيا قانداقراقكەن؟ تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىگىدەكمۇ؟

مەندىن كارتون تەۋسىيە قىل دېسىڭىز بىر تاغار كارتون بار،    سىزگە قانداقراقى كېرەك؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1