Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 1073|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چەتئەللىك 100 كىنو چولپىنى (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-16 11:43  

چەتئەللىك 100 كىنو چولپىنى (3)



21- پائۇل نېۋمان        保罗•纽曼     Paul Newman
مەڭگۈلۈك مۆتىۋەر
   

«خىسلەتلىك رۇمكا» فىلىمىنىڭ مۇقاۋىسى
1925-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن، 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ياشىغان. ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىست، مۇسابىقە موتۇسكىلىت ماھىرى، خەيىر ساخاۋەتچى. گانا كىنو كۆرىكى، ئالتۇن شار مۇكاپاتى، ئەممىي مۇكاپاتى (Emmy Awards) قاتارلىقلاردا ئەڭ ياخشى ئارتىست مۇكاپاتىغا، ئوسكار ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1986-يىلى «پۇلنىڭ رەڭگى» (金钱本色) دېگەن كىنودا بىليارد تېرنېرىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە 1982-يىلى  “Newman Own” نامىدا بىر يىمەك ئىچمەك شىركىتى قۇرغان بولۇپ، تاپقان پايدىلىرىنى دائىم خەيىر-ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ئىئانە قىلىپ تۇراتتى. 2007-يىلىغا قەدەر پائۇل نېۋماننىڭ جەمئىيەتكە بەرگەن ئىئانىسى 220 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. پائۇل نېۋمان 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كوننېكىتات شىتاتىدا راك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ جەمئى 83 يىل ئۆمۈر كۆرگەن.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە كىنولىرى 54-يىلى ئىشلەنگەن «مۇقەددەس رۇمكا» (圣杯)، «جاھانكەشتى ئالىقات» (江湖浪子 1961)، «تۈرمىنى قانغا بوياش» (铁窗喋血 1967)، «پۇلنىڭ رەڭگى» (金钱本色 1986) قاتارلىق كىنولاردا رول ئېلىپ، ئوسكار ئىسمىنى ئاتاش ياكى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېقىنقى كىنولىرىدىن «ئاپتوموبىل سەپەرۋەرلىكى» (汽车总动员 2006)، «ھالاكەت يولى» (毁灭之路 2002) قاتارلىقلار بار.

22. جەك لېممون           杰克•李蒙      Jack Lemmon
ئاق كۆڭۈل كىنو پادىشاھى (影帝 نى بەزىدە خاقان، بەزىدە پادىشاھ، بەزىدە ئىمپىراتور دەپ ئالدىم، تۈزۈتۈپ ئوقۇغايسىلەر)

1925-يىلى 2-ئاي 8-كۈن  2001-يىلى 6-ئاي 27-كۈنى. ئەنگىلىيىلىك داڭلىق كىنو ئارتىسى. ئىككى قېتىم ئوسكار ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا (بىر قېتىم ئاساسلىق رولچى يەنە بىر قېتىم قوشۇمچە رولچى)، ئۈچ قېتىم ئالتۇن شار مۇكاپاتى كىنو پادىشاھى ، بىر قېتىم بېرلىن كىنو پادىشاھى، ئىككى قېتىم گانا كىنو پادىشاھى بولغان. 1988-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيتى ئۆمۈرۈلۈك مۇۋاپىقىيەت مۇكاپاتا شەرىپىنى بەرگەن. ئۇنىڭ 1949-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان بەك جىق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتېرلىرى باركەن.

23. پېتېر سېللېرىس      彼得•塞勒斯       Peter Sellers
ماھارەت ئىگىسى
      
1925-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ خامپىشىر ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان، 1980-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى لوندوندا يۈرەك كېسىلى سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئارتىسلار ئىدى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك كىنولىرىدىن «ئۇ يەردە» (妙人奇迹1979)،布偶秀 (1976) قاتارلىق كىنولىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.


24. رىچارد بۇرتون        理查德•伯顿   Richard Burton
ئەنگلىيە كىنو خاقانى
   

رىچار بۇرتون بىلەن ئېلزابىت تەيلور
ئەنگلىيە كىنو تارىخىدىكى گىگانت چولپانلارنىڭ بىرى. 60-70-يىللاردىكى ھوللېۋودنىڭ ھالى ئۈستۈن چولپىنى. ئۇ 7 قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كىنولىرىغا ئوخشاشلا يەنە ئالاھىدە بولغىنى ئۇنىڭ درامىتىك ھاياتى. مىسال: ئۇ «مىسىر گۈزىلى» نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقۇچە داڭلىق ئايال كىنو چولپىنى ئېلزابېت تەيلور بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى پۈتكۈل كىنو شەھىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتكەن. ئۇلارنىڭ سۆيگۈ ھېكايىلىرى ئەينى چاغدا ئۇششاق خەۋەرلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى گەرچە ناھايىتى قىزغىن بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا پاجىئە بىلەن ئاياغلاشقان. بىر دەۋرنىڭ گىگانت چولپىنى بولغان رىچار بۇرتون 1984-8-ئاينىڭ 5-كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئالەمدىن ئۆتكەن. 58 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. (ئېلزابىت تەيلور توغرىلىق ئاق بۈركۈتكە «مەڭگۈلۈك رىۋايەت» دەپ تېما يوللىغان ئىدىم. ھازىر يوق تۇرىدۇ.)
ئۇنىڭ ۋەكىللىك كىنولىرى: «1984-يىلى»، «ۋاگىنا» (983)، «16 ياشتىكى مۇھەببەت»   ، «بېرلىندىكى جاسۇس كۆلەڭگىسى» (1965)، «ئەڭ ئۇزۇن بىر كۈنى» (1962)،  «قارلىق تاغدىكى ئىستىھكامنى قانغا بوياش» (1969)، «ياۋا غاز پىدائىيلىرى» (1978)
« 一九八四  »؛ « 瓦格纳 »؛ « 十六岁之爱 »؛ « 柏林谍影 »؛  « 最长的一天 »، « 血染雪山堡  »؛ « 野鹅敢死队  »
ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق ھەمكارلاشقان چولپانلار:   Elizabeth Taylor  8 قېتىم؛ Claire Bloom   3 قېتىم؛


25. مارلېن مونرو         玛丽莲•梦露   Marilyn Monroe
ھېسسىياتچان ئايال كىنو پادىشاھى
   
1926-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1962-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە 36 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. 20-ئەسىردىكى ئامېرىكا داڭلىق كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بىرى. 1960-يىلى «ئوتتەك قىزغىن» (热情似火) دېگەن فىلىمدە رول ئېلىپ مۇزىكا ۋە ۋەقەلىك تۈرىدە ئالتۇن شار ئەڭ ياخشى ئايال رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1962-يىلى زۇڭتۇڭ كىننىدىنىڭ تۇغۇلغان كۈن كېچىلىكىدە «زۇڭتۇڭ ئەپەندى، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىغان. 1962-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى لوس ئانژېلېس بىرېنۋود مېھمانخانىسىنىڭ بىر ھۇجرىسىدا ئۇنىڭ ئۆلۈكى بايقالغان. ئۆلۈش سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغىچە ھەرخىل گەپ سۆزلەر توختاپ قالغىنى يوق. 1999-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلغان يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىسلار قاتارىدا 6-ئورۇندا تۇرىدۇ. 2009-يىلى تور تېلېۋىزىيىسى قوللانمىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەڭ ھېسسىياتچان گۈزەللەر قاتارىدا 1-ئورۇننى ئىگىلىگەن.

26. سىدنېي ۋاۋ        西德尼•波埃特       Sidney wave
قارا يۇلتۇز

1927-يىلى تۇغۇلغان، 36-نۆۋەتلىك ئوسكار پادىشاھى بولغان.

27. ئائودرېي ھېبرون      奥黛丽•赫本   Audrey Hepburn
ھەقىقى پەرىشتە
   
1929-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ياشىغان. ئەنگلىيىنىڭ داڭلىق كىنو ۋە سەھنە تىياتىرى ئارتىسى. ئوسكار خانىشى، كىشىلەر تەرىپىدىن «كىشىلەر ئارىسىدىكى پەرىشتە» دەپ ئاتالغان. ھوللېۋودنىڭ ئەڭ داڭلىق چولپانلىرىنىڭ بىرى. ئۇ گۈزەل خۇلقى ۋە تېتىملىق كىيىنىشلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئائودرېي ھېبرون ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتلانغان بولۇپ،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار بالىلار فوند تەشكىلاتى دوستلۇق ئەلچىلىرىنىڭ ۋەكىللىك كىشىلىرىدىن بىرى. دوستلۇق ئەلچىسى بولغان مەزگىلىدە، دائىم مۇزىكا كېچىلىكى ۋە ھال سوراش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ، نامرات رايونلاردىكى بالىلارنى يوقلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاياغ ئىزلىرى  ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلىرىگە يېتىپ بارغان ئىدى. 1992-يىلى «پرېزىدېنت ئەركىنلىك ئوردىنى» ئالغان. 1993-يىلى ئوسكار ئىنسانپەرۋەرلىك مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا رول ئالغان نۇرغۇن كىنولىرى مەسىلەن: «رىمنىڭ دەم ئېلىش كۈنى»، «دېففەنىينىڭ ناشتىلىقى»؛ «ئەخلاقلىق گۈزەل قىز» 》罗马假日》《蒂凡尼的早餐》《窈窕淑女《قاتارلىقلار ھازىرغىچىمۇ نۇرغۇن كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە مۇقەددەس ئورۇننى ئىگىلەپ كەلمەكتە. 1999-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلغان يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىسلار قاتارىدا 3-ئورۇندا تۇرىدۇ.

28. گىراك كېللىي         格蕾丝•凯利          Grace Kelly
قوش خانىش
   

1929-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1982-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى، ئوسكار خانىشى، موناكو پادىشاھىنىڭ خانىمى. گىراك كېللىي فىلادېلفىيەدىكى ئىرېلاندىيىلىكلەر ئەۋلادىدىن بولغان كاتولىك مۇرىتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئاكتىيورلۇق سەنئىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى.ئەنگىرىد بېردمان (كاسابلانكا) غا چوقۇناتتى. 1947-يىلى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ئاكتىيۇرلۇق تۇرمۇشىغا ئاتلىنىش قارارىغا كەلدى. 1952-يىلى، «ئارقا پەنجىرە» (后窗)، «يېزىغا چۈشكەن ئايىم قىز» (乡下姑娘) قاتارلىق كىنولىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چولپانلىق ئورنىنى بەلگىلىدى. 1956-يىلى موناكو چىڭۋاڭى Rainier III بىلەن توي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كىنو ساھەسىدىن چېكىندى. گىراك كېللىي 1982-يىلى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ كىنوچىلىق ھاياتى گەرچە 6 يىلغا يەتمىگەن بولسىمۇ، بىراق 1999-يىلىدىكى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى باھالاپ چىققان 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىسلار قاتارىدا 13-ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

29. گەينې خاكمان          金•哈克曼     Gene Hackman
سەنئەتكار «خاسىيەتلىك ئادەم»

بۇ ئادەمنىڭ بۇ ئۆمرىدە ئالغان مۇكاپاتلىرىنى ساناپ باقسام 48 قېتىم مەخسۇس كىنودىن ھەرخىل مۇكاپاتلارنى ئېلىپتۇ.

30. سىتېۋې مىسكۇن   史蒂夫•麦奎因     Steve McQueen
شەپقەتسىز قەھرىمان

1930-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا ئىندىئانا شتاتىدا تۇغۇلغان، 1980-يىلى مېكسىكىدا ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەن. 60-70-يىللىرى  داڭلىق ھوللېۋودنىڭ جىگەرلىك ئەزىمەتلەر تۈرىدىكى چولپىنى. Dustin Hoffman بىلەن بىر قاتاردىكى نامدار. ئۇ كۆپىنچە «قەھرىمان، ئەزىمەتلەر» نىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئامېرىكا كىنو ساھەسىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.  
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2013-11-15 23:17:57 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ قىسمىدا تونۇشلاردىن ناتونۇشلار كۆپكەن. ھارماڭ ئاققىركا.
يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-11-16 00:13:09 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى تونىمايدىكەنمەن.
گېلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-16 11:17:31 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداقكەن، بۇنىڭدىن مېنىڭ تونۇيدىغىنىم  رىچارد بۇرتون        理查德•伯顿   Richard Burton ئىكەن، ئۇنىڭ «ياۋا غاز پىدائىلىرى» بىلەن «ئەڭ ئۇزۇن بىر كۈن» دېگەن كىنوسىنى كۆرۈپتىكەنمەن..ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋۇ قوش خانىش گىراك كېللىي ھەققىدە ئىشلەنگەن كىنونى كۆرگىنىم ئېسىمدە، ئەمما مۇشۇ ئارتست تەسۋرلەنگەنمۇ يوق مەنمۇ بىلمەيمەن..
كىگىز
ۋاقتى: 2013-11-18 10:53:33 | ئايرىم كۆرۈش
بەرھەق ياۋا غاز پىدائىلىرىدىكى باش قەھرىمان ئىكەن
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-11-18 13:30:43 | ئايرىم كۆرۈش
مەن كىنونى كۆپ كۆرىمەن، لىكىن يۇقارقى ئارتىسلارنى تونۇپ بولالمىدىم دىسە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-24 07:51 , Processed in 1.345350 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش