ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

ئېلان قېنى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
962 13
dilmurat ۋاقتى: 2013-7-22 21:16:13 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
  ئاۋۋال قايسى كۈنى يوللىغان تېمام توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي، ئۇ تېمىنى مەن پەقەتلا تورداشلارنى ئېلان چىكىپ قويسىكەن، بېكەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسى بوپ قالار دېگەن مەقسەتتىلا يوللىغان، لېكىن ئۇ تېمىغا يېقىندىن بۇيانقى بولۇپ ئۆتكەن گەپ-سۆزلەرگە قارىتا ئۆزۈمنىڭ ئىچكى ھېسسىياتى ئارىلىشىپ قالغان بولسا كېرەك، ئاق بۈركۈتكە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئەندىشىگە سېلىپ قويۇپتىمەن، شۇڭا بۇ يەردە ھەممىڭلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن، شۇ تېمىدىن يەنە بىر نەرسىنى ھېس قىلدىمكى بېكىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن، ئەمما ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغاندەك، يەنە دوللار گېپى قىلىۋاتقانلارمۇ كۆرۈلدى، يېزىلغان تېما بىلەن ئەسلا كارى يوق...
  ئەمدى كۆپچىلىكنىڭ بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرەي، بېكەتنىڭ ئەھۋالى كۆپچىلىك ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەس، ئۇ تېما پەقەت بېكىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستىلا ئېلان چىكىشكە ئۈندەش مەقسىتىدە يېزىلغان ئىدى، ئەمما تۇيۇقسىزلا جىق چېكىلىپ كەتكەن ئېلان، ئېلان بەرگۈچى تەرەپنىڭ قاتتىق گۇمانىنى قوزغاپ، شۇ كۈنىلا ھېساباتنى توڭلىتىپ، ئېلاننى توختىۋەتتى. شۇڭا ئېلان قېنى، نەدە؟ دېگەندەك سوئاللار كېلىپ چىقتى، بۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم باشقا ئېلان بىرلەشمىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ قالساق يەنە ئېلان پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بېكەتنىڭ پاكىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلانلار سەل شالاڭراق قويۇلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئېلان چىقىپ قالسا دىققەت قىلىپ قويارسىلەر...
  يەنە بەزى دوستلىرىمىز تاۋباۋدا دۇكان ئېچىش تەكلىپىنى بېرىپتۇ، بۇنى بۇرۇن مەنمۇ ئويلاشقان ئەمما، ئۇ دۇكانمۇ ھازىرقىدەك قولاي بولماي قالىدۇ، ھازىر بېكەتنىڭ تولۇقلاش ئىتقدارى ئاپتوماتىك ھالدىلا سىلەرنىڭ سېتىۋالغان دوللارلىرىڭلارنى ھېساباتىڭلارغا ئۇرۇپ ماڭىدۇ، ئەگەر تاۋباۋدا ساتىدىغان ئىش بولسا، كەمىنە قاچان ۋاقىت چىقىرالىسا سىلەرگە شۇ چاغدا دوللار ئۇرۇپ بېرەلەيدۇ، شۇڭا بۇنى تەكلىپنى يەنىلا كېيىنچە قەتئىي ئامال قالمىغاندا قوللىنىشقا بولىدۇ.
  ئەمدى يەنە بىر مەخپىي ئىنكاستىن بىرى چۈشۈپتۇ، يەنى دوستىمىز پاسىباننىڭ ئايرىم قويماقچى بولغان پىكىرى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە يېڭىلىق ۋە ياكى قانداق تەكلىپ پىكىرلەر بولسا بېكەتتە ياكى مەن بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى بېكەت ئاخساشۇمنىڭ شوئارىدىكىدەك، ھەممىمىزنىڭ بېكىتى!  
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار13

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
Esil ۋاقتى: 2013-7-22 21:57:08 | ئايرىم كۆرۈش
مەن  كىنو   كوردىغان كويغۇچنى    تاپالمىدىم   بىۋاستە  چۇشىرىش ئادىرسى  بولسايوللاپ بىرىڭلا   يا  بىرەسىڭلانىڭمۇ   چچ  سىنى تاپالمىدىم      
يىكەنداز
خەتەر ۋاقتى: 2013-7-22 22:50:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلان بولسا چۇقۇم چىكىمىز ھەراس ھازىرقى دوللار قاچىلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ياخشى تاۋباۋ دا دۇكان ئېچىش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن ھەم تاۋباۋ دا نەرسە سېتىۋالالىغانلار چۇقۇم بۇئۇسۇلدىمۇ سېتىۋالا لايدۇ
گېلەم
سۈرخان ۋاقتى: 2013-7-22 23:39:33 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر مەسىلە، تورداشلار تېما ۋە ئىنكاس يوللىغاندا ئىمكانقەدەر ئاق بۈركۈتنىڭ خاسلىقىغا ماس كېلىدىغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللىساڭلار، ئاينىڭ بېشىدا قاتتىق بىر بوران چىققانچە، ھازىرغىچە توختىمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئاق بۈركۈت پات پات ئۈزۈلۈپ قېلىش ھادىسسىسى كۆرىلىۋاتىدۇ
كىگىز
سەردار001 ۋاقتى: 2013-7-22 23:43:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ! دىلمۇراتجان تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سىزدىن شۇنى سورىماقچى ئىدىم ،يەنى مەن ئۇزۇندىن بۇيان بىر قانچە سۈزۈك فىلىم  كىرىشتۈرۈپ مۇنبەرگە يوللىغان مەن كىرىشتۈرگەن فىلىممۇ ياخشى چىققان . فىلىم كىرىشتۈرۈش دىگەندەك ئىشلارغىمۇ خېلى پىشىپ قالدىم . مەخسەت :شۇ خەتلىك فىلىم ئىشلەش سېپىڭلارغا بىر قوشۇلسام ،فىلىم خېتىنى تەرجىمە قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى تاپشۇرساڭلار ۋە ياردەم قىلساڭلار ،سەۋىيەممۇ خېلى  يېتىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا يېتەرلىك ۋاقتىممۇ خېلى يېتەرلىك ،ئويلۇشۇپ باقساڭلار!!
ئورۇندۇق
ۋاپاسىز ۋاقتى: 2013-7-23 00:40:31 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 23:39
يەنە بىر مەسىلە، تورداشلار تېما ۋە ئىنكاس يوللىغاندا ئ ...

بۇ ھىلقى دوللار ئوغورلاپ مۇنبەردىن يۇيۋىتىلگەنلەرنىڭ ئىشىمىدۇ؟
داق يەر
ئەلشاھ ۋاقتى: 2013-7-23 02:22:18 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئاللا ……ئېلان ھېساباتى توختىتىلغىنى چاتاق بوپتۇ، بۇ مەينەتلەر بىزنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ساختىلىق قىپتۇ دەپ ئويلاپتۇدە…بوپتۇ، ئېلان دېگەن جىققۇ، باشقاكىنو تور بەتلىرىدىمۇ ئىكراننىڭ ئوتتۇرىسىدا كىنو، تۆت تەرىپىدە ئېلان. يەنە ئېلان قۇبۇل قىلىنسا ئەھۋالغا قاراپ چېكەرمىز...جاپا چەكتىڭىز
مىخ
ئىلىيار ۋاقتى: 2013-7-23 02:42:33 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا بىر خاپا بۇلماي دۇللار قاچىلايدىغان يەرنى كۇرسىتىپ قۇيۇڭلار بۇرۇن قاچىلغان  لىكىن ئازىر بۇرۇنقى دۇللار قاچىلاش قىممەت تۇلۇقلاش دىگەن يەرنى تاپالمىدىم   يىڭى كۇنۇلارنى كۇرەلمەي  ئىچىم پۇشۇپ كەتتى
9#
ئىلىيار ۋاقتى: 2013-7-23 02:51:39 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ تەرەقىياتىغا پايدىلىقلا ئىش بۇلسا  قۇلىمىزدىن كەلگىنىچە قىلىمىز ئۇيغۇرچە  ئۇز تىلىمىزدا سۇزۇك كىنو كۇرۇپ كۇڭلىمىز شۇنداق خۇش   
10#
 ئىگىسى| dilmurat ۋاقتى: 2013-7-23 07:30:57 | ئايرىم كۆرۈش
سەردار001 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 23:43
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ! دىلمۇراتجان تېمىغا مۇناسىۋەتسىز  ...

ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز، ياقتۇرغان فىلىملىرىڭىزنى تەرجىمە قىلسىڭىز بولىدۇ.
11#
قىران ۋاقتى: 2013-7-23 12:10:51 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ قىتىمقى ئىشتا راسلا بەكلا خىجالەت بولدۇق ، ئالدىنقى قېتىم سىلەر دىگەنگە ئوخشاش ئۆزەڭلار خالىغان فىلىملەرنىڭ خەنچە خەتلىكىنى چۈشىنىپ كۆرۈپ كىتەلەيسىلەر .
لىكىن بىزگە ئوخشاش چالا ساۋاتلارغا ئۇيغۇرچە خەتلىك بولمىسا بولمايدۇ ،قىلىۋاتقىنىڭلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىك ئۈچۈن بولغاچقا، جاپانى يالغۇز تارتىپ قالساڭلار كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ ، فىلىم تەرجىمە قىلىش قولىمىزدىن كەلمىسىمۇ ،مۇنبەرنىڭ كەلگۈسىگە پايدىلىق ھەرقانداق پىلان بولسا قوش قوللاپ قۇۋەتلەيمىز .
12#
alimjan580 ۋاقتى: 2013-7-24 22:21:42 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە تاۋبادا دۇكان ئىچىشنىڭ ھاجىتى يوق ، ھازىقى ئالىپاي ھىساۋاتى ئارقىلىق ھساپ يوتكەشمۇ شۇنداق قولايلىق ئىكەن ، يىڭى چىقان فىلىملەر نى سومغا ئىلىپ كۆرەتتۇق  ئۆزگۈۈش بولدىمۇ قانداق ؟
13#
chaqmaq137 ۋاقتى: 2013-7-28 15:33:39 | ئايرىم كۆرۈش
Esil يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 21:57
مەن  كىنو   كوردىغان كويغۇچنى    تاپالمىدىم   بىۋاستە  چۇ ...

سىز كىنو بار تېمىغا كىرسىڭىز ئاستىغىراق چۈشۈپ قارىسىڭىز دوللار تۆلىگەن بولسىڭىز قۇيۇش ئېچىش يېپىش  دىگەن ئۇرۇن بار شۇنى باسسىڭىز  ىىر كۈزنەك چىقىدۇ تېخى قويغۇچ قاچىلىماپسىز قاچىلاڭ دەپ چىقىدۇ شۇ يەردىن تاللاپ قاچىلايسىز .
14#
chaqmaq137 ۋاقتى: 2013-7-28 15:34:35 | ئايرىم كۆرۈش
كۈلمەيدۇ ،كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ دىگەندەك ئىش بوپتۇ ھە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


2ئەگەشكىنى

58پىنتوزىلىرى

388تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1