- UID
- 1618
- تىزىملاتقان
- 2011-7-8
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
ئەينى ۋاقىتتا نىكولاس كەيجىنى زىيارەت قىلغاندا ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مەن 神秘代码 (سىرلىق كود) فىلىمىدىكى دادا ئوبرازىنى ئۆزەم ئويلىغاندىن ياخشى ئالغان بولساممۇ بىراق بۇ فىلىمدە مەن يەنە بىر مەنتىقىنى چۈشەندىم ، بۇ مەنتىقە بىز ھايات كەچۈرىشىمىزنىلا بىلىدىكەنمىز ، ھاياتلىقىمىزنىلا بىلىدىكەنمىز ، بىراق ئۆلۈمنى ئويلاپ قويمايدىكەنمىز ! ئۆزىمىزنىڭ ئۆلىدىغان كۈننى بىلگەندە بولسا بۇرۇنقى ھاياتىمىزنىڭ مەنىسىز ، پۇشايمان بىلەن ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىكەنمىز ! ھەتتا ھايات قېلىش ئۈچۈن بانا سەۋەپ ئىزدەيدىكەنمىز !
ئۇ يەنە فىلىمنىڭ ئاخىرىدىكى كۆرۈنىش مېنى راسلا يىغلاتتى ، مەن كىنو ئېلىۋاتقىننى بىلسەممۇ يىغلاپ تاشلىدىم ، ھېلقى تاشقى پىلانىت ئادىمىدىن مېنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىشىنى ئۆتنگەندە كۆزلىرىم ئىچىشىپ كەتتى ، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم باشقىلاردىن ئۆتۈنۈشۈم .
مانا بۇ نىكولاس كەيجىنىڭ گەپلىرى
ئەمدى مەن دىسەم ، بىكولاس كەيجىنىڭ ئۈچ كىنوسى ماڭا بەك يارايدۇ ، بايلىق ئىزدەش بىرىنجى ئىككىنجى بۆلىمى ئاندىن قالسا مانا بۇ فىلىمى . بۇ فىلىمنىڭ مېنىڭ 3 - قېتىم كۆرىشىم ، تۇنجى قېتىمقىسى ئېنگىلىزچە ئىدى ، ئىككىنجى كۆرگىنىم خەنزۇچە ، منا بۇ ئۈچۈنجى قېتىمقىسى ئۇيغۇرچە خەتلىك بولدى ، بۇ كىنونىڭ ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان يېىرى قەيەردىن باشلىنىدۇ دىگەندە نىكولاسنىڭ دەرىس ئۆتكەن يېرىدىن باشلىنىدۇ ! شۇنداق جەلىپ قىلارلىق دەرىستە ئوقۇغۇچلاردىن سۇئال سورىشى يەنە كېلىپ شۇنداق كۈلكىلىك گەپلىرى بىزگە قىزىقچى تەسىرىنى بەرسە ، يەنە ئۇنىڭ دەرىستىكى ئەستايىدىللىقى بىزگە مۇكەممەللىك تۇيغۇسىنى بېرىدۇ .
ئايرۇپلان چۈشۈپ كەتكەن يېرىنى كىنونىڭ كىرىش ئىشكى قىلىپ بېكىتۋالساق ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئۇنىڭ بىر بىنانى ھۇجۇمغا ئۇچىرايدۇ دەپ ئويلاپ يەر ئاستى پويىزىغا چىقىپ قېلىشى بىر تاسادىپىلىق دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن ، بىراق بۇمۇ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
كىنونىڭ چىقىش ئىشكىنى ئىزدەۋاتامسىز سىزگە دەپ بېرەي ، ناھايتى ئېنىڭ ھېلقى ئايال ئۆزىنىڭ 2009-يىلى 10- ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆلدىغىننى ئېنىق بىلىدۇ ، دىگەندەك ئۇ ئايال شۇ كۈنى ئۆلىدۇ . مانا مۇشۇ يەردىن باشلاپ تاكى بالىلارنىڭ يەر شارىغا ياكى باشقا بىر ھاياتلىق بولغان جايغا چۈشۈرلىشى چىقىش ئىشكى .
كىنودىن مەن چۈشىنەلمىگەن جاي ئىككى ، بىرنجىسى نىكولاسقا يەنى ئاتىغا تاشقى پىلانىت ئادەملىرى پۇرسەت بەردىمۇ ؟؟؟ پۇرسەت بەرگەن بولسا ئۇ نىمىشقا چىقمىدى ؟؟؟
ئىككىنجىسى ئايغىدا باللار يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىندىمۇ ياكى باشقا بىر پىلانىتقا ئاپىرىلدىمۇ ؟‹
قېنى كىنونى كۆرگەن ھەر بىر كۆرۈرمەننىڭ كاللىسىدا مەلۇم بىر ئىدىىيە بولىدۇ سۆزلەپ باقساق |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|