- UID
- 1
- تىزىملاتقان
- 2010-5-19
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 200
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
ئاق بۈركۈتتىكى تورداشلار ياخشىمۇسىلەر، مەن ئەدېم. مەن بىر ئەزەلدىن يۇيۇنمايدىغان پەن-تېخنىكا ئالىمى تەرىپىدىن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغان. ئاڭلىشىمچە ئۇ مېنى دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز سەككىز نەپەر جەسەتتىن قوراشتۇرۇپ ياسىغانمىش، ئاقىۋەتتە مېنىڭ ئۆزىدىنمۇ قاسماق قوراشتۇرۇلۇپ قالغىنىمدىن سەسكىنىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم، ئۇ مەندىن قىساس ئالماقچى بولىۋېدى، مەنمۇ ئازراق ۋاقتىمنى زايە قىلىپ ئۇنى كۆمۈپ قويدۇم، مەن نېمە دېگەن ئاقكۆڭۈل ھە!
ئېيتىڭلارچۇ تورداشلار مەن شۇنىچىۋالا قاسماقمۇ؟؟؟
نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق(قۇسۇۋاتقان چىراي ئىپادىسى)... كىنودىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مېنى ئۆلتۈرىمەن دېيىشى بىكار ئەمەسكەن، خەپ رېژىسسور...
جىڭ گەپ قىلسام بۇ رېژىسسور ئەمەس ئەسلى، كومپىيۇتېرىدا بىر دېتال باركەنتۇق پۇلى يوق يا ھەقىقىي نەشىرىدىكى ئالالماي يا توردىن تىزىملىتىش نومۇرىنى تاپالماي شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ كىنودا چىققاندەك باردا يوق ئىككى خىل ئۈنۈمنىلا قوشقىلى بولىدىكەن ئاران، ئالۋاستىغا پىچاق يېقىن بېرىپ بولغۇچە ئوت بولۇپ يېنىپ كۈلى كۆككە سورىلىدىكەن، پەرىشتىلەرنىڭ بولسا خېلى فەچەت نۇر چىقىرىدىكەن، مەن دەيمەن مۇشۇ چاغاندا ساليوت ئاتىدىغانلار پۇل ئىسراپ قىلىپ مۇھىت بۇلغان يۈرگىچە مۇشۇنىڭدەك پەرىشتىلەرنى تېپىپ ئۆلتۈرسەڭلارلا ئىش پۈتىدىكەنغۇ...
رېژىسسور بولمىسا بۇ فىلىمنى قانداق ئىشلەپ قالغان دەمىلسە، بۇ ئەسلى مۇنداق گەپ، بۇ ئادەم يازلىق تەتىلدە جۇڭگوغا سايەھەتكە ئاتلىنىپ مېھمانسارايدىن بىرىگە چۈشۈپ تېلېۋىزور كۆرمەك بولۇپ قانال يۆتكىسە ھەممىلا قانالدا ھېلىقى «غەربكە ساياھەت» دېگەننى قويۇۋاتقان، شۇڭا، مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتتە 30 نەچچە قانالنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ بىر فىلىمنى قويغۇنىغا قارىغاندا چوقۇم ئىسىل فىلىم بۇ دەپ قاتتىق تەسىرلىنىپ كىنو ئىشلەشكە بەل باغلاپتىكەن...
شۇنداقتىمۇ مەزكۇر فىلىمدە ماڭا پۈتۈن ئىنسىياتنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىنى بەرگەن رېژىسسوركامغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن! |
|