تور ئارلاۋېتىپ مۇنداق بىر كاتتا يۇمشاق دېتالنى ئۇچرىتىپ قالدىم (ئېھتىمال باشقىڭلار بۇرۇن ئىشلەتكەن بولۇشۇڭلار مۈمكىن) ئۇنىڭ ئىسمى srt字幕制作助手.exe
ياكى srt1.6
بۇ دېتال ئارقىلىق يېزىق ھۆججىتى يوق كىنولارنىڭ يېزىق ھۆججىتىنى (srtھۆججىتى) ياسىغىلى بولىدىكەن.ئۆزى ئاددى،ھەرقانداق ئادەم ئاسان چۈشىنەلەيدىكەن ۋە ئىشلىتەلەيدىكەن.سىغىمىمۇ كىچىك ئاران
140kb
،ھەرقانداق مۇھىتتا ئىشلەيدىكەن.يېزىقى خەنزۇچە.بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىزمۇ ياكى ھەرقانداق خەنزۇچە تور بەتلەردە خېلى كەڭرى ھەم ھەقسىز ئىكەن.ئەمما-زە 1-دىن بۇ ئەسلى ئاڭلاپ يېزىق كىرگۈزىشنى ئاساس قىلغان قورال بولغاچقا ئۇيغۇرچە يېزىقنى تونۇمايدىكەن.ئاڭلاش ئىقتىدارىم سەل تۆۋەن شۇڭا ئۇنى مۇنداق ھەل قىلدىم.ئاۋال لاتىن يېزىقى ئارقىلىق يېزىپ ساقلىۋېلىپ ،ئاندىن ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتتىم.2-دىن ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇ قولدا قىلىدىغان ئىش ئىكەن.شۇڭا بەك ئاۋارچىلىق ئىكەن.بۇنىڭ ئۈچۈن جاپادىن قورقماي،قىيىنچىلىقنى يەڭدىم.(ياخشى بىر كىنو بار ئىدى .ئىككى كۈندىن بېرى ئاران 30جۈملە قىلالاپتىمەن.بىر تەرەپتىن ئاڭلايدىغان،بىر تەرەپتىن خەنزۇچە خېتىگە قاراپ تەرجىمە قىلىدىغان. دىقەت قىلمىسا ۋاقىت ئوقى ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىش ئىكەن)مېنىڭ بىلگىنىم مۇشۇ.بۇ دېتال بىلەن تېخىمۇ تونۇش دوستلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى ۋەبۇنۇڭدىنمۇ ياخشى دېتاللىرى
بولسا تونۇشتۇرۇپ ئۈگۈتۈپ قويۇشىنى سوراپ كەمىنە ئاققىر چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://u.115.com/?ac=my#ct=frame&ac=file&aid=1&cid=0
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-23 21:14
|