Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 4615|ئىنكاس: 38
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۇرا دەۋرى باغچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


فىلىم نامى: Jurassic World
خەنچە نامى:侏罗纪世界/侏罗纪公园4
رايونى: ئامېرىكا
ۋاقتى: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى
تۈرى: فانتازىيىلىك
تىلى: ئىنگلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
فورماتى: mkv
رازمېرى: 1280X536
سىغىمى:
ئۇزۇنلىقى: 124 مىنۇت
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
دىنازاۋۇر ، كۆز ئالدىڭىزغا نىمە كەلدى ، بوينى ئۇزۇن ئېگىزلىكى سەككىز قەۋەرلىك بىنا بىلەن تەڭ ، بېشى كىچىك ، كۆزلىرى يۇملاق ناھايتى كېلەڭسىز بىر ھايۋان كەلدىمۇ ياكى چىشلىرىدىن قان تامچىپ تۇرغان بىر نەچچە قەدەمدىلا نەچچە يۈز مىتىر يەرگە بارىدىغان ئۇچقۇر كىچىك گۆشخور دىنازاۋۇر كەلدىمۇ ؟ مەيلى قايسى بولسۇن يۇرا دەۋرى باغچىسى دىگەن فىلىمدا ھەممىسى سىز بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى .


دىنازاۋۇرلار نەچچە مىڭ تۈرلۈك ئەڭ چوڭى ئون نەچچە قەۋەتلىك بىنادەك كەلسە ئەڭ كىچىكى ئون نەچچە سانتىمىتىر كېلىدۇ ، شۇنزىۋىلا چوڭ ھايۋاننىڭ تۆگە قۇش تۇخۇمىدەك تۇخۇمدىن چىقىشغا ئىشىنەمسىز ؟ ئەلۋەتتە كۆز ئالدىڭىزدا شۇنداق بىر ھايۋان پەيدا بولسا بۇنى ئويلاشقا قۇربىڭىزمۇ يەتمىسە كېرەك . قۇرۇقلۇقتا ، سۇدا ، ھاۋادا .... شۇنداق ، مۇشۇ فىلىمدە ھەممىنى ئۇچۇرتىسىز ، قىزىقارلىق كۆرنۈشلەر سىزنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرسا  ، ئەلۋەتتە  جىددى كۆرنۈشلەر سىزنى ھاياجانغا سالدۇرغۇسى .

ئۇلاردىمۇ ھېسيات بار ، ئۇلاردىمۇ ئىشەنچ بار ، ئۇلاردىمۇ ئاڭ بار ، بىراق بۇ ئىشەنچ ھەرگىزمۇ ئۇنچە ئاسان قولغا كەلمەيدۇ . دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئىشەنچ ۋە ئىشەنچىسىزلىك ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت مانا شۇنداق باشلىنىدۇ .

توغرا فىلىمدە نۇرغۇنلىغان مەزمۇن قىستۇرۇلغان ، كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت شۇنداق رۇشەن ئىپادىلەنگەن ، فىلىم كۆرگەندە مەزمۇنى نىمە دىمەي تەپەككۇرىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىڭ ، بەلكىم سىز شۇنداق بىر مەزمۇننى چۈشۈنىشىڭىز مۇمكىن ، مەن ئۇ چۈشەنمىگەن شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بەلكىم سىز چۈشۈنىشىڭىز مۇمكىن ، فىلىم ھەقسىز يوللاندى بىراق فىلىمدىن ئالغان تەسىرات مەيلى بىر سۆز ياكى بىر جۈملە ياكى بىر تىما بولسۇن ھەرگىزمۇ خەت ئۇرغان قولىڭىزنى قۇرۇق قايتۇرمايمەن ! قېنى ھەممەيلەن بىرلىكتە مۇشۇ فىلىمدىن ئالغان تەسىراتنى يازايلى !










چۈشۈرۈش
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ياخشىياخشى1 ناچارناچار
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-10-12 11:39:22 | ئايرىم كۆرۈش
چاقماق تور دىسكىسىغا يوللاپ قويدۇم . چاقماق ئالىي ئەزالار ماۋۇ يەرگە مەرھەممەت .
http://kuai.xunlei.com/d/HzQYDQI7CABxJRtW7ab
دىۋان
ۋاقتى: 2015-10-2 20:26:02 | ئايرىم كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوققۇ
يىكەنداز
ۋاقتى: 2015-10-2 20:43:55 | ئايرىم كۆرۈش
تېخى بوشلۇققا يوللىنىپ بولالمىدىمۇ قانداق ؟ بەك ساقلاپ كەتكەن ئىدىم مەن ئۆز تىلنىمۇ كۆرمەي
گېلەم
ۋاقتى: 2015-10-2 20:58:03 | ئايرىم كۆرۈش
بۇفىلىم  ھەقىقىتەن  ياخشى  ئىشلىنىپتۇ دۇنيا  تەرەققى  قىلىۋاتىدۇ  چەتئەل  كىنوچىلىقى  ئادەم ئىشەنگۈسىز  دەرىجىدە  تەرەققى  قلۋاتىدۇ  لىكىن   بىزچۇ   قاچانمۇ  تەرەققى  قىلارمىز  بەزىدە  ئويلاپ   قالىمەن  مەنمۇ كىنو   ئىشلەپ   بىر كىچىدىلا  باي  بوپكەتسەم دەپ   ھى ھى   
كىگىز
ۋاقتى: 2015-10-2 21:42:46 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆتكەندە بۇ فىلىمى ئاغىنەم كۆرۈپ كىلىش توغۇرلۇق پاراڭ سوقۇپ ، ئەتىسى بىرىپ كەلدۇق. بىراق ئاددى كۆز بىلەن قارىغاندا فىلىم مەزمونى خۇددى بىر باغچىدىكى بىر زوراۋان ھايۋان قويلۇپ كەتكەندەك ئاددى تۇيۇلىدۇ، بىراق فىلىمگە ئىچكىرلەپ كىرسىڭىز خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك دۇنيادىكى ئورنىنى ۋە ئۆزىنى شۇنچىلىك زور ۋە كۈچلۈك چاغلىغان شۇنداق زور مەخلۇقلارنىڭمۇ كىچىككىنە نەرسىلەر تەرپىدىن ئەركىنلىكى بوغۇلۇپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى .، زورلۇق —قارا كۈچنىڭ بۇ دۇنيادا .ئانچە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنىمۇ بايقايسىز. شۇنداق بولغانلىقتىن ئەر باشقەھرىماننىڭ دەل شۇنداق زور مەخلۇقلاردىن قويرىقمايدىغاندەك كۆرىسىز ، بىرق ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا فىلىم باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرلاشقىچە بىرخىل خۇنىك ۋە مۇغەمبەرلىكدىن
باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئۆزىنى ئەر چاغلىسا كىشىنى شىر چاغلاش كىرەك ئىكەنلىكىدەك ئاجايىپ پىشقان بىرخىل ھېكايە تەپسىلاتىنى،.ئىشقىلىپ بۇ فىلىم  ئاجايىپ ئېسىل ئىشلىنىپتۇ  ئەمدى تەرجىمانلىرىمىزنىڭ قولىدىن چىققان شۇ ئېسىل« كەشلىك تاماقنى » مەززە بىلەن يىشىڭلارغا تىلەك داشمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +20 يىغىش سەۋەبى
ahsaxum + 20

باھا خاتىرىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-10-2 21:53:33 | ئايرىم كۆرۈش
فىلىم ھازىر يوللانغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى  سىرتتىن ھېرىپ كىرىپ بىر فىلىم بولغان بولسا دەپ كىرسەم چىقىپتىكەن ھاياجان بىلەن ئاچسام يوللانماپتۇ. ئۆتكەندە ئۆز تىلىنى كۆرۈپ چالا چۈشەنچەم خېلى بىر نەرسىلەرنى ئويلىغان.خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭغىمۇ ئەسەبىي مەكىسنىڭكىدەك تەسىراتتىم بىرنى ئورتاقلىشارمىز.
داق يەر
ۋاقتى: 2015-10-2 22:33:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاس يازسا ئاندىن كۆرنەمدۇ ئادىرسى
مىخ
ۋاقتى: 2015-10-2 22:50:49 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QENDEL159 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-2 22:58  

ماۋۇ بۆلۈمى قاندقراق چىقتىكىن باشتىكى بۆلۈمنىڭ بىرىنىلا كۆرگەن .
فىلىمدىن تەسرات يىزىش بۇمۇ بولدىغان گەپ ھەر كىم ئۆزىنىڭ فىلىم ھەققىدىكى ئتەسراتلىرىنى يازسا فىلىم ياخشىراق بولسا سىتۋىلىپ كۆرىدىغانلارمۇ باشقىلارنىڭ يازغان تەسراتلىرىغا قاراپ تىمنى سىتۋالسا تىما يوللىغۇچىنىڭمۇ ھاردۇقىنى چىقسا تەسرات يازغانلارنىڭمۇ بار-بارا يىزىقچىلىق قابىليىتىنى ئاشۇرشىغا پايدىسى بولاتتى.
9#
ۋاقتى: 2015-10-2 22:58:21 | ئايرىم كۆرۈش
مەنۇ فارۇخنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن ، كىنونى بىر كىنو دەپلا كۆرمەي ھەر بىر كۆرۈنۈش ھەر بىر ئېغىز گەپنىڭ تىگىگىچە چۈشىنىپ كۆرۈش كېرەك دەپ ئويلايمەن .
10#
ۋاقتى: 2015-10-2 23:08:33 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ فىلىمنى ئۆز تىلنى  ئازراق كۆرۈپ ئانا تىلنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرەي دەپ كۆرمىگەن، ئەممازە  بۇ فىلىمنىڭ ئۈنۈم تېخنىكىلىرى ئادەمنى ئوبدانلا ھاياجانغا سالىدىكەن. باشتىكى بۆلۈملىرىگە قارغاندا بەكلا ئېسىل چىققان دېيىشكە بولىدۇ.ماۋۇ باش ئارتىس  Chris Pratt  دېگەن گۇينىڭ  رول ئېلىش ماھارىتىمۇ بوپ قويدىكەن. ‹سامانيولى مۇھاپىزەتچىلىرى ›  دېگەن فىلىمنىمۇ خېلى ئوبدان ئىشلەپ قويۇپتىكەن. ئارتۇق گەپنىڭ ئۆزى يۈك. قالغان گەپلەرنى فىلىمنى بىر كۆرۈپ ئاندىن دېيىشمەمدۇق...بولسا ئادرىسىنى تېزراق يوللىغان بولساڭلار،،،بەك ساقلاپ كەتتۇق:lol
11#
ۋاقتى: 2015-10-2 23:30:31 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تەسراتىمنى يازاي دىسەممۇ ، لىكىم فىلىمنى تېخى كۆرمىدىم ، كۆرگەندىن كىيىن بىراقلا يازاي .
12#
ۋاقتى: 2015-10-3 00:55:13 | ئايرىم كۆرۈش


كىنونى تۇلۇق كۇرۇپ ئاندىن تەسىراتنى توغۇرلۇق بىر مۇنازىرلىشەيلى


كىنونىڭ تەسىراتى كىنودەك قىززىيدىغان چىراي
13#
ۋاقتى: 2015-10-3 09:24:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى پۈتكەن ئوخشايدۇ بۇگۇن كۈرۈشكە نېسىپ بۇلۇرمۇ؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1دوللار +200 يىغىش سەۋەبى
arkan2010 + 200 قوللىغىنىڭىزغا رەھمە.

باھا خاتىرىسى

14#
ۋاقتى: 2015-10-3 10:15:37 | ئايرىم كۆرۈش
فارۇخ يوللىغان ۋاقتى  2015-10-2 21:42
ئۆتكەندە بۇ فىلىمى ئاغىنەم كۆرۈپ كىلىش توغۇرلۇق پاراڭ  ...

خاپا بولماي بۇرادەر ئىمزايىڭلىنى ئۆزگەرتىۋەتسەڭلا
15#
ۋاقتى: 2015-10-3 11:15:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخشام كۆرۈۋېتىپتىمەن ماۋۇ كىنونى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-11 12:53 , Processed in 1.378888 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش