ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

گىگانتلار زەربىدە 5- قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىسمى:
گىگانتلار زەربىدە
خەنزۇچە ئىسمى:
进击的巨人
چەتئەلچە ئىسمى:
attack on titan
دۆلىتى:
ياپونىيە
تىلى:
ياپونچە
تۈرى:
كارتون
فورماتى:
باشقا
ۋاقتى:
2013-04-06
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
رازمېرى:
1080× 1920
سىغىمى:
800MB~1G
ئۇزۇنلىقى:
24~26 مىنۇت
رېژىسسور:
ئاراكى تېتسۈرو (ئەجەل پۈتۈكى كارتون نۇسخىسىنىڭ رېژىسسورى)
باش روللاردا:
ئېرېن يېگار-  كاجى يۈكى
مىكاسا ئاكېرمان-  ئىشىكاۋا يۈيى
ئارمىن ئارلېرت-  ئىنوۈۋې مارىنا
رىۋايل-  كامىيا خىروشى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:   يۈز نەچچە  يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلغۇچى گىگانتلار پەيدا بولۇپ ئىنسانلارنىڭ  مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىدە يۈز يىللىق تىنچ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەمما ئېرېن  يېگار بۇسېپىللار نىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا ئىنتىلەتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش سېپىل  ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشنى خالىمايتتى، سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز  كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئىنسانلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشى غايەت زور  گىگانت ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز سېپىل تۈۋىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ چوڭ  گىگانت ئەللىك مېتىر ئېگىزلىكتىكى مارىيا سېپىلى سىرتىدىن سېپىل ئىچىدىكى  ئىنسانلارغا قاراپ تۇرغان شۇ دەمدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ گىگانتلارنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قورقۇنچنى، ئۆزىنى ئۆزى قوتانغا سولىۋالغان مالغا ئوخشاش  ھاقارەتنى ئەسكە ئالىدۇ.






5 - قىسىم «تۇنجى جەڭ» نىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
  زور گىگانت يەنە بىر قېتىم سېپىل قوۋۇقىنى بۇزۇۋېتىپ قانداق پەيدا بولغان بولسا يەنە شۇنداق غايىپ بولدى، خەۋەر تارقىلىشى بىلەن ھەممەيلەن ساراسىمىگە چۈشۈپ ئىچكىرىكى سېپىلغا كىرىۋېلىشقا ئالدىراۋاتاتتى. ئېرېن بولسا ئۇلارنى مۇشۇ يەردە توسۇپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، چۈنكى ئىنسانلار ھازىر بەش يىل بۇرۇنقى ھالدا ئەمەس ئىدى، ئەمما...


فىلىمدىن كەسمىلەر:


baidu.txt (77 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 214)
360.txt (47 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 224)
بېلەت كىرىمى: 37
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش0
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار12

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
سۈرخان ۋاقتى: 2013-12-22 09:30:45 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
زادى سەھەر قوپقاننىڭ پايدىسى كۆپ، دىۋانغا ئۈلگۈردۈم مانا来自: Android客户端
يىكەنداز
kokqin ۋاقتى: 2013-12-22 12:49:44 | ئايرىم كۆرۈش
شۇندا قىلىپ باش رولچى  ئېرېن  ئۆلدىما گىگانىت مەخلۇقنىڭ ئاغزىغا كىرىپ كەتتى  

   يەنە بىر چۈشىنەلمىگەن ئىش  مىكاسا ئاكېرمان دىگەن قىزبالا   ئېرېنىڭ ئاچىسىمۇ  يا كىنو باشلانغاندىن تارتىپ بىللە چىقىدىكەن  لىكىن ئاچا دىگىننى ئاڭلىمىدىم  
گېلەم
سىرداشxx7 ۋاقتى: 2013-12-22 13:31:54 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-22 09:30
زادى سەھەر قوپقاننىڭ پايدىسى كۆپ، دىۋانغا ئۈلگۈردۈم م ...


باشقۇرغۇچىلا بېلەتسىزمۇ دىۋانغا چىقالايدىكەندە
كىگىز
كىنوچى1 ۋاقتى: 2013-12-22 15:37:46 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي ئېرىننى بىر ساقاللىق گىگانىت يەۋەتتىغۇ، كىنونىڭ باشرولچىسى ئۇ ئەمەسمۇ يا
ئورۇندۇق
razzak ۋاقتى: 2013-12-22 21:05:43 | ئايرىم كۆرۈش
ھە  ئەمدى  قىزىقىىپ  ئاخىرىنى   سورايدىغانلا  تىخىمۇ  ئاۋۇيدۇ  مانا
6- قىسىمدىن  باشلاپ 10  قىسىمغىچە   توپ  تارقىتىلى  شەمسى ئەپەندىم
بولمىسا  چىۋىن  ياۋالىدىغانلا  ئاۋۇيدو
داق يەر
QENDEL159 ۋاقتى: 2013-12-22 22:32:19 | ئايرىم كۆرۈش
دوسلار بۆرە فىلمىنىڭ داۋامىنى سىلەرمۇ سىغىندىڭلارمۇ ؟ مەن كۇندە شۇ فىلىم چىققانمىدۇ دەپ بىر قىتىم مۇنبەرنى يولىماي قالمايمەن . ۋە شۇ فىلىمنى دەپلا قىممەت تولۇقلاپ تەييار بولۇپ تۇردۇم ،
مىخ
arkan2010 ۋاقتى: 2013-12-22 22:51:36 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنى دەيمەن! ئاخىرى بەكلا ئادەمنى تەقەززا قىلىدىكەن!
مېنىڭچە ئېرىن فىلىمنىڭ باش رولچىسى بولغاچقا، گىگانىت ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى مۇمكىن!
دوكلات:
بۇ فىلىمدە ئىككى خاتالىق بايقالدى....
بىرى ئەدەپ-ئەخلاق-ئەدەب-ئەخلاق
يەنە بىرى پۇخرالار-پۇقرالار
بۇ سۆز ئىككى يەردە چىقىدىكەن، بىر جايدا توغرا ئېلىنىپتۇ، يەنە بىر جايدا خاتا ئېلىنىپتۇ...
يەنە بىر ئىش مەشىق دېگەن سۆز باشتىن ئاخىر مەشق دەپ ئېلىنىپتۇ ھە!
9#
ئاققىر ۋاقتى: 2013-12-22 22:59:11 | ئايرىم كۆرۈش
arkan2010 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-22 22:51
شۇنى دەيمەن! ئاخىرى بەكلا ئادەمنى تەقەززا قىلىدىكەن!
م ...

مەشق سۆزى بۇرۇندىن ئاشۇنداق ئېلىناتتى، يېقىندىن بېرى مەشىق دەپ ئېلىنىدىغان بولۇپ قاپتۇ..
10#
كەپسىز01 ۋاقتى: 2013-12-23 00:50:25 | ئايرىم كۆرۈش
QENDEL159 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-22 22:32
دوسلار بۆرە فىلمىنىڭ داۋامىنى سىلەرمۇ سىغىندىڭلارمۇ ؟ ...

ھەي ئادووووش بۇ يەردە بۆرىنىڭ سودىسى بولمايۋاتىدۇ. گىگانىتلارنىڭ سودىسى بولاتىدۇ. ئا كارتوننى بىر كۆرەڭلا لىكىن بۆرە يىنىڭلىغا كەلسىمۇ تۇيمايسىلەا.
11#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-23 14:07:38 | ئايرىم كۆرۈش
kokqin يوللىغان ۋاقتى  2013-12-22 10:49
شۇندا قىلىپ باش رولچى  ئېرېن  ئۆلدىما گىگانىت مەخلۇقنى ...

مىكاسا بىلەن ئېرېننىڭ مۇناسىۋېتىگە قىزىقىپ قاپسىزدە، بۇنىڭ جاۋابى كېيىنكى قىسىمدا چىقماقچى
12#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-23 14:11:16 | ئايرىم كۆرۈش
arkan2010 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-22 20:51
شۇنى دەيمەن! ئاخىرى بەكلا ئادەمنى تەقەززا قىلىدىكەن!
م ...

ھېچكىم ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ دېسەم ئىشىنەمسىز...

بايقالغان خاتالىقلارنى كېيىن تۈزىتىپ قايتا كىرىشتۈرمەكچى، شۇڭا ھازىرغىچە كىرىشتۈرۈلۈپ بولغان قىسىملىرىدا مۇشۇنداق كورىكتور دېتالىمۇ بايقىيالمايدىغان خاتالىقلار خېلى كۆپ، شۇ خاتالىقلارنى بايقاشتا داۋاملىق ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
13#
مۆتىۋەر ۋاقتى: 2013-12-23 16:18:19 | ئايرىم كۆرۈش
شەمسى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-23 14:11
ھېچكىم ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ دېسەم ئىشىنەم ...

مىكرو بىلوگقا بۈگۈن بەش قىسىمىنى بىراقلا تارقىتىمەن دەپ يېزىپتىكەنسىز ، بولسا تېزراق بولسىڭىز.ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1