ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

بىژدەم مۇڭداشمايلىما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1012 49
سۈرخان ۋاقتى: 2016-4-26 16:27:27 | ئايرىم كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
2010-يىللىرىغۇ دەيمەن. بىر شامال چىقىپلا ئاق بۈركۈتكە كىرىپ قالسام بولىدۇ. ئۇ چاغدا فىلىم چۈشۈرۈش ھازىرقىدەك قولاي ئەمەستى. بىر فىلىمنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن مائارىپتىن چۈشۈرۈش، مالىيە نازارىتىدىن چۈشۈرۈش دەپ بىرمۇنچە تاللاشلاردىن ئۆتۈپ ئاندىن چۈشۈرەتتۇق. تېخى خۇيى تۇتۇپ قالسا چۈشمەي قالىدىغان ئىشلىرىمۇ بارتى. ئۇ چاغلاردا خەتلىك فىلىمدىن باشقا ئويۇنلارمۇ تەڭ يوللىناتتى.  بېشىدا بىرقانچە كىنونى كۆرۈپ قىزىپ قالدىم، شۇ ۋاقىتلاردا كىنولارنى 480تە پىرىسلايتتۇققۇ دەيمەن، مېنىڭ كومپىيۇتېرىم تېخى ئۇنچىلىك كىنونىمۇ سۆرىيەلەيدىغان دەرىجىدە ئەمەس. دىلمۇرات بىچارە مېنىڭ زارلىنىشلىرىمغا چىدىماي 360تە پىرىسلاپ خەت ساندۇقۇمغا ئەۋەتىپ بېرەتتى ھەرھالدا خۇماردىن چىقاتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمچە مەنمۇ بىرەر كىنونى تەرجىمە قىلىپ باقمايمۇ دەپ ئويلاپ ئەمدىلا كۆرۈپ تۈگەتكەن غەيرى مەخلۇقvsتاشقى پىلانت ئادەملىرى دېگەن فىلىمنى 10كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەرجىمە قىپ بېقىپتىمەن. فىلىمنى تۈگىتىپ تەھرىرلەشكە تۇران ئىسىملىك بىرەيلەنگە بەرسەم ئۇ ئاداش يوقاپلا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن خەتنى دىلمۇراتقا ئەۋەتىپ بەرسەم، ئېرىنمەي تەھرىرلەپ ئېلان قىلىپ بەردى، شۇ ئىككى ئىشتىن تەسىرلىنىپ كېتىپ مۇشۇ ئىللىق ماكانغا ئورۇنلىشىۋالدىم. كېيىنچە qvodدېگەن نەرسىنى بېكەتتە ئاساسلىق قويغۇچ قىلىپ كىنو چۈشۈرۈشمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاسانلاشتى، بىراق بۇ نەرسىگە ئايرىم مۇلازىمىتىر بولىشى كېرەك بولغاچقا چىقىمى ھەددىدىن زىيادە جىق ئىدى. بىر ئايلىق مۇلازىمىتىر ئىجارىسىلا 500دىن كام ئەمەستى. شۇ ۋاقىتتا بۇ دىلمۇرات قايسى 土豪نىڭ بالىسىدۇ دەپ ئويلايتتىم  
كېيىنچە بېكەت ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى، مۇتەللىپ، ھەۋەسكار، پاسىبان، ئاققىر، گۈنەش، قاينام، تۈمەنى، زۇلپىقار، شۇڭقار، ياساۋۇل، باپكار، ئەلبارىس،كۆلەڭگە، شەمسى، باسمىل، سۈپۈرگە، يۈسەنجان..... قاتارلىق پىداكارلار، رۇسلان بىلەن ماڭا ئوخشاش گەپ سېتىپ مۇنبەر قىزىتىدىغانلار بىلەن بېكەت ئىچى قىزىشقا باشلىدى.
لېكىن شۇ ۋاقىتلاردا ھەممەيلەننىڭ ئىچىنى بىئارام قىلىدىغان بىر ئىش بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ تەكرار تەرجىمە. بىر گۇرۇپ تەرجىمە قىلغان باشقا بىر گۇرۇپ ئوخشاشلا قايتىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقاتتى. خەتلىك فىلىم تەرجىمانلىرىنىڭ سانى چەكلىك، يىلدا چىقىۋاتقان كىنولار خېلى كۆپ ساندا، لېكىن ۋاقىت ۋە زېھىن ئوخشاشلا بىرقانچىلىغان بازارلىق چوڭ كىنولارنى تەكرار تەرجىمە قىلىش بىلەن كېتىۋاتقان. بىرقانچىلىغان بالا خەتلىك فىلىم گۇرۇپپلىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ ئوخشاشلا يەنە شۇ تەكرار تەرجىمىدىن باشقا نەرسە بولماي قالدى. بۇنىڭغا دىلمۇرات ئىككىمىزنىڭ ئىچى تازا پۇشتى، شۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يۈرۈپ قۇتيار بىلەن بېرىكىپ كېتىش ئىشى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىغان ئىش بولغاندىكىن دەپ ئەزالارغا مەسلىھەتمۇ سالماي، بېلەتمۇ تاشلاپ يۈرمەي. ئىشىكنى گۈم تاقاپ، باياناتتىن بىرنى ئېلان قىلدۇق، ئەزا ئۇچۇرلىرىنى قۇتيارغا يۆتكىدۇق، دىلمۇرات بىچارە بىر كېچە ئۇخلىماي ئولتۇرۇپ ئەزالارنىڭ جۇغلانمىسىنى قۇتياردا ئۆزگەرتىپ چىقتى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن <نىيىتى باشقا>، <باشقا غەرىزى بار> دېگەندەك گەپلەر چىقىپ ئۇ ئىشمۇ قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جېمىقتى. شۇ ۋاقىتتا دىلمۇرات، ئاققىر ۋە مەن ئۈچىمىز خېلى قاتتىق ئازار يەۋالدۇق. ئاخىرى بوپتۇلا، كىشى ئۆزى قانداق بولسا باشقىلارنىمۇ شۇنداق ئويلىۋالىدىكەن، ئۇندىن كۆرە ئۆز ئالدىمىزغا ئىشىمىزنى داۋام قىلىۋىرەيلى، تەكرار ئەمگەكتىن خەق زېرىكمىسە بىزگە نېمە كاشىلىسى. دېگەن يەرگە كەلدۇق. شۇ ۋاقىتلاردا تەكرار ئەمگەك ۋە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپلىرىنىڭ جىقىيىپ كەتكەنلىكىدىن بىئارام بولۇپ باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن بېرىكىپ كېتىشنى توغرا دەپ ئويلىغان بولسام، ھازىر بولسا يەنىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. چۈنكى ئاق بۈركۈتتىكى دوست بۇرادەر يارەنلەردەك ئېسىل قىممەت قاراشقا، ئىزچىللىققا، دوستانىلىققا ئېگە بولغان ئەزالارنى باشقا بىر مۇھىتقا ئەكىرىش ۋە كۆندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، شۇنداقلا ئۇلارغا قىلىنغان زۇلۇم ئىكەن.

شۇ پەدىسىدە خېلى بىر مەزگىل ئۆتتى، بىچارە qvodمۇ خەقنىڭ توقۇناق بالاسىغا قېلىپ يوق بولدى. بىردەم 360 يەنە بىردەم بەيدۇ تور دېسكىسى بىلەن بېكەتنىڭ ئارامىمۇ بۇزۇلدى، BTئۇرۇقى ياساپمۇ باقتۇق، گەرچە مەنبە مۇقىم بولسىمۇ سۈرئەت ئاستا دېگەندەك زارلىنىشلارنىڭ كۆپلىكىدىن باشقا تور دېسكىلىرىنىڭ كۆزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ يۈردۇق، ئەزالىق ھېساۋاتىمىز توڭلىتىلغاندا بىرمۇنچە كىنولارنىڭ شۇنىڭ بىلەن تەڭ يوق بولغىنىغا قاراپ ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلالمىدۇق. ئالدىنقى كۈنى خېلى كونا بىر btئۇرۇقىنى تېپىۋىلىپ شۈنلېيگە سالسام تولۇق سۈرئەت بىلەن چۈشمەسمۇ، <ئاپلا شاھمات، ئەسلى شۇ ۋاقىتتا ئەزالار قاقشىسىمۇ BTتىن ۋاز كەچمەي تۇرىدىغان ئىشكەنتۇق> دەپ قالدىم. بىراق نېمىلا دېگەن بىلەن كېچىكتۇق. ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان چېڭتوڭ دېگەنلەرمۇ بىر كۈنلەردە ئىشىكنى گۈم قىلىپلا تاقىسا يەنە بىرمۇنچە كىنولىرىمىز يوق بولىدۇ. بىرمۇنچە تېمىلار يەنە بىكار بولىدۇ.

رىئال دۇنيادىكى تۇرمۇشىمىزدىمۇ جىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. دىلمۇراتمۇ كادىرچاقلىقتىن مۇئەللىملىككە ئۆزگەردى، يەنە كىملەردۇر ئوقۇش خىزمەت دەپ بېكەتكە كىرىشكە ۋاقىت چىقىرالماي ئاچچىق تاماكىسىنى شوراپ ئولتۇرۇپ <ئاق بۈركۈتكە بۈگۈن قايسى كىنولار يوللانغاندۇ> دەپمۇ يۈرىۋاتقاندۇ، مۇتەللىپمۇ نەچچە يەردىن خىزمەت تاپالماي ئاخىرى مىنبىڭ بولۇپ كەتتى، ئۇ بىچارىگە تورغا چىقىشقا نەدىكى ۋاقىت. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن مەنمۇ بىر مەزگىل ئاق بۈركۈتكە يېقىن تۇرالمىدىم. بىر ۋاقىتتا دىلمۇرات باشقا بىر تونۇش بالىنىڭ ئۆزگىچە پىلانلىرى باركەنتۇق، ئاق بۈركۈتنى  شۇ بالىغا ئۆتكۈزۈپ بېرەي دەيمەن دېگەن گەپلەرنى قىلدى، كەيندىن بېكەت 2p2pتورىغا ئۇلىنىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن راست گەپنى قىلسام ئۇ توربەتكىمۇ ئاق بۈركۈتكە كۆنگەندەك كۆنەلمىدىم، گەرچە لايىھەلىنىشى ئۆزگىچە بولسىمۇ نەچچە كۈندە باش بەت ئۆزگەرتىش، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئېچىپ كۆرۈشنىڭ بۇرۇنقىدەك قولايلىق ئەمەسلىكى تۈپەيلى چىقىشمۇ خۇشياقمايدىغان بولۇپ قالدى. بىراق akburkut.com دېگەن تور نامى بىر كىنو بەتكە ئۇلاغلىق پېتى تۇرىۋەردى.
بىر كۈنى ئۆزۈمچە bbs.akburkut.comدەپ بېسىپ باقسام قەدىرلىك ئاق بۈركۈتۈم ئېچىلماسمۇ. <خەپ ھەرقايسىڭنى، قانۇنسىز يەر ئاستى مۇنبەر پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىۋىتىپسەندە> دەپ قويدۇم شۇنىڭزى ئاق بۈركۈتتە باشقا شامال بوران يوق نورمال كېتىۋاتىدۇ.
ئارلىقتا بىرقانچە قېتىم دوللار سىياسىتى ئۆزگەرتتۇق، كىنولارنى نەق پۇل تۆلەپ سېتىۋىلىپ، بىر قىسمىنى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلدۇق. بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن بىزنىڭ نىشانىمىز نادىر فىلىملەرنى سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىپ چىقىش ئۆزگىرىپ باقمىدى. بېكەتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان چارىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپمۇ باقتۇق، بەزىلىرى كارغا كەلدى، بەزىلىرى ئۈنۈم بەرمەي شۇ يەردە قالدى. ئىشقىلىپ ئاق بۈركۈت يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك پەرۋاز قىلىۋاتىدۇ.

ھازىر بىز قىلغان فىلىمنى پالانى گۇرۇپ قايتا تەرجىمە قىپتۇ دېسە ھە دەپلا قويىمەن،  پالانى خەتلىك فىلىم قۇرۇلۇپتۇ دېسە مارەك بولسۇن دەپلا قويىمەن. چۈنكى نۇرغۇنلىرىڭلار تېخى ئاق بۈركۈتنىڭ 7-8يىلدىن بېرى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بوران چاپقۇن، ئىسسىق سوغۇقلىرىنى بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزۈپ باقمىدىڭلار. بىر دانە تور بەتنى قۇرۇشقا يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ مەلۇم بىر نۇقتىغا يەتكۈزۈش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا دىلمۇرات، ئاققىر، ئەركانلاردەك ئىزچىللىق، ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىنماي كۆرەش قىلىدىغان روھ بولمىسا ئۇ تور بەتنىڭ ئۆمرى يېرىم يىلغىمۇ باراسلماسلىقى مۇمكىن. ئاق بۈركۈت 8يىلدىن بېرى چىقىمغىلا مېڭىۋاتقان تور بېكەت. فىلىم مۇلازىمىتىرى، بېكەت مۇلازىمىتىرى، ھەربىر تەرجىمان، ھەر بىر تەھرىر، ھەربىر مۇقاۋا ئۇستىسى، ھەربىر كىرىشتۈرگۈچى دېگەنلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ھېساپلىغاندا 7-8خانىلىق سانغا بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن ئاق بۈركۈت ئۆز غايىسىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈنلا غايىلىك بىر كوللىكتىپنى ئەتراپىغا توپلىيالىدى. مەغلۇبىيەتچى نىشانىنى ئۆزگەرتىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بولسا نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئاق بۈركۈت مېنىڭ نەزىرىمدە ئاللىقاچان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ ئۆز نىشانىغا يەتتى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ھەم پەرۋازىنى توختاتمايدۇ، ھەم توختاتماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن توخۇ، ئۆردەك، چۆجە پاختەكلەرگە ئۈلگە بولمىسا بولمايدۇ چاقچاق ھە.  
ئۆزۈمچە ئاق بۈركۈتنىڭ ئۆتمۈشىنى بىر ئەسلەپ چىقىپتىمەن. ئىشقىلىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئىچىدە ماڭا بۇنچىلىك تەسىر قىلالىغان توربەتتىن يەنە بىرسى يوق. ئۆزۈممۇ نەچچە توربەتنى قۇرۇپ يەنە ۋەيران قىلىۋىتىپ يۈرگەن بالىتىم، ئەمما تا ھازىرغىچە ئاق بۈركۈتتىن مېھرىمنى ئۈزەلمەيمەن. چۈنكى ئاق بۈركۈت مەن ئۈچۈن پىداكارلىق، ئىزچىللىق، غايىسى ئۈچۈن تېرىشىپ كۆرەش قىلىشنىڭ ئۈلگىسى ھېساپلىنىدۇ.
قاتناشقانلار سانى 1دوللار +5 يىغىش سەۋەبى
قابۇس + 5 مەنمۇ شاھىد بۇ ئىشلار.

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +5

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش1
ياخشى
ياخشى1
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار49

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەنبەسى 2#
dilmurat ۋاقتى: 2016-4-27 17:01:14 | ئايرىم كۆرۈش
تېما ئەمەس مەلھەمغۇ بۇ، راست نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلار ئۆتۈپتۇ، مۇشۇ سۈرخان بار يەردە زادى پاراڭ بار، دەسلىپىدە كىنولارغا چۈشكەن ئىنكاسلار ئاساسى جەھەتتىن «رەھمەت» لا ئىدى، قاچانلاردا سۈرخان ئاق بۈركۈتتە پەيدا بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ قاراپ ئولتۇرغىدەك ئىنكاسلار چۈشىدىغان بولۇپ كەتتى، ئاشۇ ئىنكاسلاردىن زوقلىنىپ يۈرۈپ، قارىغاندا بۈركۈتنىڭ بېشىغا بەخت قۇشى قونقان ئوخشايدۇ دەپ تۇرىشىمغا ئاققىركاممۇ «سالپاڭ قۇلاق» بىلەن بېكەتتە پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئەمما بۇ ئادەمنىڭ تەرجىمە قىلىش سۈرئىتىگە قاراپ ھەيران بولۇپ قالدىم، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاق بۈركۈتنىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئايلاندى، تەرجىمانلىقتىن تەھرىرلىككە قاراپ يۈزلەندى، يەنە تەرجىمىلىرىمۇ توختاپ قالمىدى ئەلۋەتتە... دەل بۇ چاغدا بۈركۈتكە قانات چىقىپتۇ دېگەن ئويغا كەلدىم، بۇلارنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن بېكەت ئاۋاتلىشىپ، ئەركان، زۇلپىقار، پاسىبان، شەمىسى قاتارلىق نادىر چولپانلار مەيدانغا كەلگىلى تۇردى...
  شۇنىڭ بىلەن بۇ بېكەت مېنىڭلا ئەمەسكەن دېگەن ئىدىيىگە كەلدىم، ئەمما بوران-چاپقۇن دېگەن ھەرخىل بولىدىكەن، يۇقىرىدا سۈرخان دەپ ئۆتكەن بوھرانلاردىن باشقا يەنە قاچانلا قارىسام بىر ئىزىدا توختاپ قالغاندەك، ھېچقاندەك يېڭىلىق يوقتەك ھېس قىلغان چاغلىرىمدا ئاز-تولا ئۆزگەرتىش قىلىپ، ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا دەرت تۆكۈپ دېگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپتىمەن، قاچان بىرەر شىركەت قولىغا ئالار، مۇشۇ ئىشلار بىر تاشلىنىپ قالمىسا بولىتى دېگەندەك شېرىن خىياللارنىمۇ قىلىپ، ئۆزۈمدىن ئۆزۈمگە پۇشقۇپ يۈردۈم، مۇشۇنداق كۈنلەردە ئالدىنقى قېتىمقى ھەمكارىلىقتىكى شىركەت نامىدىكى تور بېكەتكە قوشۇلۇپ قالدۇق، ئەمما سەككىز يىل بولغان تور نامىنى ئىشلەتمەيدىغان بولغاننى ئاڭلاپ ئىچىمنى بىر نەرسە تاتلىغاندەكلا بولۇپ قالدىم، شۇ قوشۇلۇش بىلەن بېكەت رەسمىي تۈگەشكەن ئىدى، سۈرخان بولسا ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش كېىتىپ باراتتى، شۇ قوشۇلۇش بوھرانىدا ئاققىركامنى، ياپونىيە فىلىملىرىگە گۈل كەلتۈرۈۋېتىدىغان شەمىسىنى يوقاتتىم، بۇ بۈركۈت ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغانىدى، شۇ جىمىغانچە بېكەت خېلى ئۇزۇن زۇۋان سۈرمىدى، مەنمۇ تولۇق ۋاز كېچىپ بولغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن، مۇشۇ قاقاسلىقتىن ئەركان بىخ تارتىپ چىقسا بولىدۇ، شۇ بىر ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە چىقىۋاتقان فىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئەركاننىڭ قولىدىن چىقىۋاتاتتى، مېنىڭ كۈنلىرىم بولسا ئاققىركام بىلەن شەمسىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە ئىدى، ئۇلارغا مۇنبەردە، كىيۇكىيۇدا خەت قالدۇرۇپ جاۋابسىز قېلىپ، ئۇلارنىڭ بۈركۈتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكىدىن شۇنداق پۇشايمانلارنى يېدىم، بېكەتكە كىرسەم يەنە شۇ ئەركان بىر قەدەمدىن بىر قەدىمدىن ئۆسۈپ چىققىلى تۇرۇپتۇ، گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا بۇ قېتىملىق بوھراندىن بۈركۈتنى ئەركان قۇتۇلدۇرۇپ قالدى دېسەم تامامەن بولىدۇ...
  مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېكەتكە قارىسام بوۋاينىڭ سىمامىسى يۈرمەمدۇ، ئالتۇن تېپىۋالغاندىمۇ بەكرەك خۇشال بولۇپ كەتتىم، شۇنداق قىلىپ بۈركۈتنىڭ يەنە ئىككى قانىتى ئەسلىگە كېلىپ ئاستا-ئاستا كۆتۈرلۈشكە باشلىدى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شەمسىمۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك ئۇنىڭ بۇرۇن يازغان يازمىلىرى پات-پات ئوقۇپ تۇرۇۋاتىمەن، مەزكۇر تېمىغا ئوخشاش شەمسىنىڭمۇ يۈرەك سۆز تېمىسىنى ئۇنى سېغىنغان چاغلاردا بىر ئوقۇۋېتىدىغان بولۇپمۇ قالدىم.
  يېقىنقى ۋاقىتلاردا شەمسىنىڭ يوقلىقىنى ھەر ھالدا بىلىندۈرمەيدىغان بىر تۈركۈم ياش ئەزىمەتلەر بۈركۈتكە ئۆزىنى ئاتىدى، بۇلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولۇپ ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولاتتىم...
  ھازىر قارىسام مۇشۇ بىر ئىزىدا مېڭشىمۇ راھەت ئىشكەن، بىرەر شىركەتكە بېقىنمىساقمۇ ياش ئەۋلادلار بېكەتتىلا ئۈزۈلۈپ قالمىسا، بۈركۈتمۇ پەرۋاز قىلىۋېرىدىكەن، سىلەرگە كۆپ رەھمەت...
  ئاققىركا ئاشۇنداق خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈپ، ماڭا يەنە بىر قېتىم ئىشىنىپ بۈركۈتكە قايتىپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت...!
  ئەركان، بېكەت تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالسىمۇ تاشلىۋەتمەي، ئۆزىڭىزنىڭكىدەك ئەزىزلەپ، بېكەتنى قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭىزغا رەھمەت...!
  سۈرخان، ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىكى ئارىسىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، بۈركۈتنىڭ روھى تۈۈۋرۈكى بولۇپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت...!
  بۈركۈت ئۈچۈن تۆھپە كۆرسىتىۋاتقان، تۆھپىكارلار سەھنىسىدىكىلەرنىڭ بىر-بىرلەپ ئىسىمىنى ئاتىمىساممۇ، ھەممىڭلار كۆڭلۈمدە بار، بېكەتنى ئۆزۈڭلارنىڭكىدەك كۆرۈپ، بېكەت ئېچىلماي قالسا نېمە بولغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ كېلىۋاتقان بارلىق بۈركۈتداشلارغا مىڭ، مىڭ رەھمەت...!!!
svpvrga يوللىغان ۋاقتى  2016-4-27 00:28
بادام دوپپا كىيىۋالغان، چىرايى ئازراق ئالىمجان كاۋ ...

ۋاي سۈپۈرگە بەگ نىمۇ كۆردىكەنمىز ھە... جاھانكەزمەيۋاتقانلا ‹‹ جاھان كەزدى سۈپۈرگە ›› ئەپەندىم... بىغەملەر شەھىرىدىن قايتىش يوللىرىدا ئاق بۈركۈتكە كەپتۇلا دە......
كىگىز
زەفەر01 ۋاقتى: 2016-4-26 17:24:40 | ئايرىم كۆرۈش
ھا ھا ھا ، ھى ھى ھى ، ۋاق ئۇچىيىم ، دەشەت گەپ كەن غۇبۇ  ، لىكىن سىزگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى قانچىلىك ۋاقىتتا يىزىپ بولغانسىز  ، بۇ تىمىنى ،  رەھمەت سىزگە ، بولۇپمۇ ماۋۇ گەپ   土豪    كىمنىڭ بالىسى ئىكەن لىكىنى ئۇقتىڭىزمۇ يا
ئورۇندۇق
yakup1232 ۋاقتى: 2016-4-26 17:27:47 | ئايرىم كۆرۈش
قارىغاندا مەنمۇ ئازراق ھېېسىياتىمنى سۆزلەپ قويىدىغان ئوخشايمەن. مەنمۇ ئاقبۈركۈتكە ئەزا بولغىلى 6-يىلدىن ئېشىپتۇ، ئۇ چاغلاردا مەن تېخى كىچىكتىم 网吧 غا كىرىپ ئوينايىدغان چاغلىرىمىز ئىدى. مېنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشىم، كىنو كۆرۈش بولغاچقا كىنو توربەتلىرىنىلا ئاختۇراتتىم.لېكىن ئاۋازلىق فىلىم كۆرسەملە جىلە بولۇپ قالاتتىم.سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى گەپ-سۆزلىرى بىر-بىرىگە پەقەت قاملاشمايۋاتقان، ئىشقىلىپ بىر يېرى بىرقانداقلا تۇيۇلاتتى.شۇ چاغلاردا بىر يەردىن ئاقبۈركتنىڭ ئۇلانمىسىنى كۆرۈپ، كىرىپ بېقىپ كۆزلۈرۈم ئالاچەكمەن بولۇپ كەتكەن.چۈنكى مەن تېخى خەتلىق فىلىم كۆرۈپ باقمىغان، ھەم ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولغاچقا ھەيران قاپتىكەنمەن.بىر كىونى چۈشۈرسەم  يېرىمى چۈشمەي تۇرۇپلا 5 -كوي پۇلۇم تۇگەپ كەتكەن تور بەك كاتى ئۇ چاغلاردا. شۇنىڭ بىلەن دادامغا يالغان سۆزلەپ پۇل ئېلىپ ،باۋيې قىلىپ ئىكى كىنو چۈشۈرۈپ كۆرۈپتىكەنمەن.بەك ياراپ كەتكەن جۇمۇ بولۇپمۇ تەرجىمە دېگەن 100 كەتتۇقتە. شۇنىڭدىن كېيىن پۇل تاپساملا كىرۋېلىپ ئاقبۈركۈتتە كىنو كۆرەتتىم.نەچچە قېتىم دادام پاتاڭغا سېپ ئەكەتكەن.شۇنداقتىمۇ 5-كوي تاپسام 3 -كويىنى يىغىپ قويۇپ، جېقراق بولغاندا ئاكامغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاقبۈركۈتكە قاچىلتاتتىم.مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 5-6يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگەردى. كۆز قاراش،جەمئىيەت-تۇرمۇش  دېگەندەك. لېكىن ئاقبۈركۈتكە بولغان مېھرىم پەقەت ئۆزگەرمىدى، بەكلى كۈچىيىپ باردى.خەق بىر نەرسىلەرگە خۇمار بولۇپ قالدىكەن ،بەزىلىرى ھاراق بەزىلىرى تاماكا دېگەندەك، لېكىن مەن ئاقبۈركۈتكە خۇمار دېسەم ئارتۇق كەتمەسچۈنكى كۈندە 5-10 قېتىم مارىلمىسام بىر نەرسەم كەمدەكلا ھېس قىلىمەن.كىنو كۆرمىسەممۇ، تورداشلانىڭ پارىڭىنى ئوقۇپ قويۇپ چىكەتمىسەم، كۆڭلۈم ئارام تاپمايدۇ. ئۆتكەن يىلى يازدا ئاقبۈركۈت بىر مەزگىل بەكلا جىمىپ كەتتى. شۇ چاغدا كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولغانىدى، ئاقبۈركۈت ئەمدى تاقىلىپ قالارمۇ دەپ، تورغا چىقساملا كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالاتتى.خۇداغا شۈكرى ئاقبۈركۈت ئۇ شاماللاردىنمۇ تىنىچ ئامان ئۆتۈپ كەتتى،مەن گەرچە كىنو تەرجىمە قىلالمىساممۇ لېكىن بىر ئىخلاسمەن كۆرۈرمەن، ھەم ئاقبۈركۈتتىكى دوسلارنى ئۆزۈمنىڭ يېقىن ئادىمىدەك كۆرىمەن. كۆپ سۆزلەپ قويدۇم .سۈرخانكامنىڭ گەپلىرى بەك تەسىر قىپ كەتكەن چېغىۋا ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئاقبۈركۈتنىڭ كەلگۈسىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. بېكىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقىرايلى......
داق يەر
تۇغتېكىن ۋاقتى: 2016-4-26 17:28:55 | ئايرىم كۆرۈش
سۈرخان بەگ نىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن. ئىلمىي ماقالەمنى تەھرىرلەپ بولۇپ، كەچتە مۇڭدىشاي سىلەر بىلەن......
مىخ
ئاكاش1 ۋاقتى: 2016-4-26 17:35:00 | ئايرىم كۆرۈش
شۇ شۇ -- دىمىسىمۇ مەنمۇ نۇرغۇن مۇنبەرلەرگە ئەزا بولۇپ بىر نەچچە يلى شۇ مۇنبەرلەردىلا يۈرۈپتىمەن -- لىكىن 3-4 ئايچە بوپ قالدىغۇ دەيمەن بىر يىقىن دوستۇم (ئاق بۈركۈتتىكى تەرجىمان) مىنى مۇشۇ مۇنبەرگە ئەكىرگەندىن باشلاپلا - ئاخشىمى ئۇخلىساممۇ شۇ ئاق بۈركۈتتە نىمە يىڭىلىقلار بولغاندۇ دەپ ئۇخلايدىغان بولۇپ قالدىم -- ئەتىگىنى تۇرساممۇ ناشتا قىلماستا ئاق بۈركۈتنى بىر يوقلىۋەتمىسەم كۆڭلۈم جايىغا چۈشمەيدىغان بوپ قالدى   دىمىسىسىمۇ سىز ئىيتقاندەك تەكرار ئەمگەك قىلساق ھەممەيلەننىڭ ۋاقىت ھەم كۈچ ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ھىچ قانداق ئۈنۈم يوق خالاس-
ئەمدى يەنە بىرسى تورداشلارغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ - بىز تەرجىمىنى پەقەت قىزىقىش ھەم ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەم نادىر كىنو فىلىملەردىن ئەسلى ئاۋازى بىلەن لىكىن چۈشەنمىگەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەتلىك چۈشۈنۈپ كۆرۈشى ئۈچۈنلا جاپا تارتساقمۇ چىداپ يەنە شۇ قوللىغۇچىلىرىمىزنىڭ ياخشى باھاسى بىزگە ھەمدەمدە بولۇپ چىداپ قىلىۋاتىمىز -- ھەرگىزمۇ باشقا نىيەتتە ئەمەس ---
بەزى يولداشلارغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ --- بىزنىڭ جاپا تارتقىنىمزغا بىزنى قوللايدىغان نۇرغۇن ئىسىل دوسلۇرىمىزمۇ بار - بىز چوقۇم تىخىمۇ ياخشى قىلىپ كىتىمىز
9#
لەتىف ۋاقتى: 2016-4-26 17:38:44 | ئايرىم كۆرۈش
ئاھ ئاقبۈركۈت سىنىڭ سايەڭدە مەنمۇ نۇرغۇن سۈزۈك كىنولارنى ھەقسىز كۆرۈۋالغان شۇنىڭدىن باشلاپ سىنى ھەركۈنى يوقلاپ تۇرمىسام ئۇيقۇم كەمەيدۇ ،  مەن يەنىلا شۇ پىداكار تەرجىمانلارغا كىرىشتۈرگۈچىلەرگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇڭۇشلۇق تۇرمۇشۇڭلارنىڭ بەخىتلىك ئۆتىشىنى تىلەيمەن ، ھە يەنە بۇندىن كىيىنكى خەتلىك فىلىملىرىڭلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
10#
ئېلھام ۋاقتى: 2016-4-26 17:39:33 | ئايرىم كۆرۈش
2012.يىلى  مۇشۇ  تور  بەتنى  بايقىغاندىن  تا  ھازىرغىچە  مۇشۇ  تور  بەتتىن  كىنو كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن ،  ئىشقىلىپ  مۇشۇ  توربەتنى  كۈندە نەچچە  قىتىم  ئەمەس  ھەر قىتىم  تور  نى  ئىچىپ  بىرىنجى بولۇپ كۆرىدىغىنىم  نۇر تورى  بولسا  2-سى  ئاقبۈركۈت .
11#
abid ۋاقتى: 2016-4-26 18:20:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئېلھام يوللىغان ۋاقتى  2016-4-26 17:39
2012.يىلى  مۇشۇ  تور  بەتنى  بايقىغاندىن  تا  ھازىرغىچە  مۇ ...

ئوخشاشكەنمىز،نۇر توردىكى خەۋەرلەرنى كوروپ بوپ ئاق بۇركۇتنى ئاچىمەن
12#
abid ۋاقتى: 2016-4-26 18:21:00 | ئايرىم كۆرۈش
ئېلھام يوللىغان ۋاقتى  2016-4-26 17:39
2012.يىلى  مۇشۇ  تور  بەتنى  بايقىغاندىن  تا  ھازىرغىچە  مۇ ...

ئوخشاشكەنمىز،نۇر توردىكى خەۋەرلەرنى كوروپ بوپ ئاق بۇركۇتنى ئاچىمەن
13#
abdusala ۋاقتى: 2016-4-26 19:06:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئاقبۇركۇتكە كۇندە بىر كىرمىسەم كۆڭلۇم ئۇنمايدۇ
14#
سەردار. ۋاقتى: 2016-4-26 19:24:29 | ئايرىم كۆرۈش
پولات. يوللىغان ۋاقتى  2016-4-26 18:11
ئاستىدىكى 2 ئىغىز گىپىڭىزگە قارىغاندا  ئاق بۈركۈت تورى  ...

دىمىسىمۇ شۇنداققۇ؟ مەن ئاق بۈركۈرتكە 2012-يىلى ئەزا بولغاندىن تا ھازىرغا قەدەر مۇنبەرنىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگەرگىنىنى ياكى خاسلىقىنى يوقاتقانلىقىنى، $ نى ئالدىنقى قاتارغا قويغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم ھەم ئاڭلاپ باقمىدىم،شۇڭا ئاق بۈركۈت ئۇيغۇر خەتلىك فىلىم توربېكەتلىرى ئارىسىدىكى (ئاتامان)غا ئايلىنالىدى، ھازىرمۇ ھۆرمىتىم نەچچە يۈز ھەسسە چوڭقۇر،مىنىڭ خەنزۇچىدىن سەۋىيەرىم بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ئاق بۈركۈتكە تۆھپە قوشالمىدىم،ھازىرغا قەدەر 10 كويلۇقمۇ دوللار ياكى بېلەت سېتىۋېلىپ باقماپتىمەن،لېكىن ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە دىلمۇراتجاننىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىم كىرىشتۈرۈشنى ئۆگىنىپ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە يوقىلىش گېردابىغا بېرىپ قالغان نادىر كونا فىلىملەرنى سۈزۈك نۇسخىسىغا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق،كەڭ كونا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق سۈزۈك فىلىم ھەۋەسكارلىرغا مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، خەتلىك فىلىم كۆرۈش ئۈچۈن ئازدۇر-كۆپتۇر دوللار تاپقانمۇ بولدۇم،سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ئاق بۈركۈت توربېكىتىنى قۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم سەيناسىنى قۇرغان دىلمۇراتجان، بېكەت ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشقان تۆھپىكار تەرجىمان ئۇستازىمىز،ئاققىر،ئەركان،ئۇيغۇر چەۋەنداز،ياقۇپجان، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمى چۈشۈپ قالغان تەرجىمانلىرىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى،كۈنلىرىنىڭ خوشاللىق ئىچىدە ئۆتىشىنى،ئائىلىسىگە خاتېرجەملىك يار بولىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن!
15#
بۈركۈتچاق ۋاقتى: 2016-4-26 19:38:07 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي  مەنمۇ    كۈندە    20 ۋاخ    ئاچىمەن ،   بۇ   ئاق بۇركۈتنى زەھەرگە خۇمار بولغاندەكلا    ،ئاق بۈركۈتكە بولغان  مىھرىم باشقىچە   جۇما   ،  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇر چەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-26 19:54  

گەپ قىلمىسام بولمىدى، قاتتىق تەسىرلەندىم، مەنمۇ ئاق بۈركۈتنىڭ كونا بىر كۆرۈرمىنى ۋە ھەۋەسكارى، گەرچە ئەزا بۇلۇپ كىرگىنىمگە بىرە يىلچە بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، 4~5 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئاق بۈركۈتنى ھەم ئىنكاسلارنى مارىلاپ كىلىۋاتىمەن، يۇقاردا سۈرخانكام ئېيىتقان ئەھۋاللارنىڭ ھەمىسىنى كۆرگەنمەن، QVOD دەۋىرى ھەم 2پ2پ بىلەن بىرلەشكەن ئەھۋاللارنىمۇ ، ئەمما لىكىن ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى بىلمەي كەپتىمەن، بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ دىلمۇراتكامغا بولغان قايىللىقىم ھەم ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى......
قايسى كۈنى بىر ئىنكاستا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ۋوردقا ئەكىرىپ قىلغان تەرجىمىسىنى دىلمۇراتكامنىڭ بىر بىرلەپ خەت ھۆججىتىگە چاپلاپ، تەھرىرلەپ، كىرىشتۈرۈپ، شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزغانلىقى ، ئۇ تەرجىمان قېرىندىشىمىزنىڭ ئاز تولا قىلغان ئەجرىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرگەندىن كىيىن ، فىلىم تەرجىمە قىلىشقا باشقىچە قىزىقىپ مۇشۇ ئىشقا يۈزلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، ئەمدى مۇشۇ... بادان دوپپا كىيۋالغان غەلىتە مەخلۇق ئەپەندىم ئۈچۈن (سۈرخانكام) ئاتايىن فىلىمنى 360P سۈزۈكلۈكتە پىرىسلاپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئېھ ... تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم، شۇ سەۋەبلىك سۈرخانكامدەك، خۇش چاقچاق، ئېسىل پەزىلەت ئېگىسىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ .... يەنە بىز بىلمەيدىغان... يەنە قانچىلىك مۇشۇنداق ئىشلار بار..... ؟ دىلمۇراتكامغا يەنە بىر ھەسسە قايىل بولدۇم ، شۇ تاپتا ھازىر مېنىڭ ئويلاۋاتقىنىم بولسا دىلمۇراتكامنىڭ قولىنى بىر چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ كۆرۈشۈپ ‹‹ كۆڭۈللىرى نىمە تاماققا تارتىدۇ؟ ›› دىيىش ئىدى.......
17#
قاشتىشى ۋاقتى: 2016-4-26 19:48:03 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ شۇ..............
18#
okyar ۋاقتى: 2016-4-26 20:00:37 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ تورغا چىقسام ئاق بۈركۈتنى بىرىنچى بولۇپ ئاچىمەن.ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى....ئاق بۈركۈتنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق.!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


1ئەگەشكىنى

22پىنتوزىلىرى

297تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1