- UID
- 3237
- تىزىملاتقان
- 2012-1-19
- ئەگەشكۈچى
- ئەگەشكىنى
- بلوگ
- ھوقۇقى
- 70
- نادىر
- ئاخىرقى قېتىم
- 1970-1-1
- دوست
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار بۈگۈن تارىخدا بىر كېلىدىغان ئېسىل بىر كۈن بولدى. بۇ ئېسىل كۈندە خوشاللىقلارمۇ راۋرۇس بولدى. بىزگە نىسبەتەن بۇنىڭدىن ئارتۇق خوشاللىق بولمىسا كېرەك. ئۇ خوشاللىقنى دېمىسەممۇ ھەممىڭلار بىلىپ بولدۇڭلار ھەقاچان. يەنى win8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپ پۈتۈن ئۇيغۇرلار دېگۈدەك خوش بولۇپ كەتتۇق، بۇ بىر تارىخ بولۇپ قالىدۇ ئاللاھ خالىسا. كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس بولۇپ قالىدىغان ئېسىل بىر ئېلېكترون ئىشلىرىدىكى بايلىق بولغۇسى. مۇشۇ ئىىشقا كۈچ چىقارغان (ئالىم مۇئەللىم...) لارغا ھاردۇق يەتمىسۇن، ئىشلىرى ئاسان بولسۇن. كۆپ تەشەككۈر.
خوش ئۇنداق بولسا ئۆز گېپىمىزگە كېلىلى. بىز بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى، مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار، تەرجىمانلار، ھەقلىق ئەزالار ۋە تەكلىپلىك ئەزالارنى يىغىپ قۇتياردا يەنە بىر قېتىملىق چوڭراق مۇكاپاتلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار، تەرجىمانلار تېز كىرىڭلار، يىغىن بار! دېگەن تېمىدا مۇزاكىرىگە تاپشۇرغان ئىدۇق. شۇ ۋەجىدىن پائالىيەتنى بۈگۈندىن باشلاپ نەتىجىسىنى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى نورۇز كۈنىدە ئېلان قىلىشنى لايىق تاپتۇق. قېنى ئەمىسە مۇكاپات مەزمۇنىغا دىققەت قىلغايسىلەر.
مۇكاپاتقا قاتناشتۇرىدىغان ئەسەرلەر تۆۋەندىكىچە:
1- يۇمشاق دېتال تۈزۈش
1: خىل دېتال : قۇتيار تور بېكىتى كومپيۇتېر، يانفون ۋە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى ئاساس قىلغان كەسپىي تور بېكەت. بۇنى تورداشلار بىلىدۇ. تۈزمەكچى بولغان يۇمشاق دېتالدا قۇتيارغا تور كۆرگۈ ئارقىلىق كىرمەستىن، ئاشۇ دېتال ئارقىلىقلا كىرىپ يېڭى فىلىملەرنى شۇ دېتال ئارقىلىق كۆرەلىسە، شۇ دېتال ئارقىلىق يېڭى تېما، ئىنكاسلارنى ئوقۇيالىسا، دېتاللارنى چۈشۈرەلىسە... ياكى شۇنىڭدەك قولايلىق بولسا بىرەر قورال ياساپ چىقسا. ئىملاسى توغرا، سۈپەتلىك، ئاممىباب بولسا. (سىناشقا ۋاقىت جىق، 3 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار)
2: خىل دېتال: قۇتياردىكى خەتلىك فىلىم ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۆلچەملىك بولغان يۇنىكودلۇق خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىش دېتالى ياساش. بۇنى ياسايمەن دەيدىغانلار بولسا مەن ئىقتىدارلىرىنى دەپ بەرسەم بولىدۇ. يەنى قولىمىزدا 2-3 خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە دېتاللار بار، مۇشۇ دېتاللارنىڭ ئىقتىدارىنى ۋە بىر قىىسم يوللىرىنى بىز تەمىنلەپ بەرسەك بولىدۇ.
3: خىل دېتال: توردا تۇرۇپ خەتلىك فىلىمنى تەرجىمە قىلىدىغان تور بېكەت دېتالى، بۇنى مۇڭلان ئەپەندىم باشلاپ قويغان. ۋاقىت يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغان. (مۇڭلانجاننىڭ ۋاقتى يار بەرسە مۇشۇنى پۈتتۈرسەكمۇ بولىدۇ، بولمىسا كېيىنكى پىلانغا ئېلىپ قويىمىز.)
2-قۇتيار نامىدا تۈرلۈك لايىھەلەرنى ئىشلەش
يەنى قۇتيارنى مەۋقە قىلىپ تۇرۇپ ھەرخىل شەكىلدىكى ھەرىكەتلىك ھەرىكەتسىز بولغان ئېلان رەسىمى، ئوبراز لايىھەلىرى، 3D لايىھەلەر ۋە فىلىملەر، قۇتيارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى تۈرلۈك لايىھە ئەسەرلەر، يەنى تور بېكەت ياكى كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى دېتاللارنىڭ ئوبرازى ۋە ماركا... دېگەندەك ئەسەرلەرنى قاتناشتۇرسىمۇ بولىدۇ.
مۇكاپات دەرىجىسى ۋە دەرىجىگە تېگىشلىك مۇكاپات بويۇملىرى
1-دەرىجىلىك مۇكاپات سانى: 1 نەپەر
2-دەرىجىلىك مۇكاپا سانى: 2 نەپەر
3-دەرىجىلىك مۇكاپات سانى: 3 نەپەر
4-دەرىجىلىك مۇكاپات سانى: 5 نەپەر
1-دەرىجىلىك مۇكاپات بويۇمى: 500 يۈەن نەق پۇل، ھەقىقى نەشردىكى win8 دىن بىر نۇسخا ۋە قۇتيارنىڭ ھەقلىق ئەزالىق سالاھىيتىگە ئېرىشىدۇ يەنى 100 مۇنبەر تەڭگىسى ۋە 250 نومۇر ‹تەرجىمە فىلىم تورىدىكى كىنو كۆرىدىغان ۋە چۈشۈردىغان نومۇر› بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئومۇمىي سوممىسى 850 يۈەنگە توختايدۇ.
2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا 200 يۈەن نەق پۇل ۋە ھەقىقىي win8 دىن بىر نۇسخا ۋە ھەقلىق ئەزالىق سالاھىيتىگە ئىگە بولىدۇ يەنى 50 مۇنبەر تەڭگىسى ۋە 150 نومۇر بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئومۇمىي سوممىسى 500 يۈەنگە توختايدۇ.
3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا قۇتيارنىڭ ھەقلىق ئەزالىق سالاھىيتىگە ئېرشىدۇ يەنى 100 مۇنبەر تەڭگىسى ۋە 250 نومۇر بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئومۇمىي سوممىسى 100 يۈەنگە توختايدۇ.
4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى : بۇنىڭ ئۈچۈن 50 مۇنبەر تەڭگىسى ۋە 100 تەرجىمە فىلىم نومۇرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
تېما يوللىغۇچىلار، تېما ئالدىغان [مۇكاپاتلىق] دەپ ئەسكەرتىشى كېرەك، ئۇنداق ئەسكەرتمىگەن تېما بىردەك ئادەتتىكى تېما قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى بولۇپ، 21-كۈنى بېلەت تاشلاشقا تېما يوللىنىلىدۇ. نەتىجىسى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنىپ، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ.
مۇشۇ تۈرلەر بويىچە ئۆز قابىليىتىنى نامايەن قىلىپ قۇتيار ئۈچۈن ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇڭ، ئىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار. سىز بىزنى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى قوللىسىڭىز بىزمۇ سىزنى قوللاپ ئاز تولا قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز.
بۇ پائالىيەت ئۈچۈن بېكىتمىز ئەزالىرىدىن Intizar ئەپەندىم 200 يۈەن، xungkar01 ئەپەندىم 300 يۈەن (پۇلنى تەييارلاپ سېلىپ بەرمەكچى) ياردەم قىلدى. ئۇلار چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ پائالىيەتنى ھەر قايسى تور بېكەتلەردە، مىكرو بلوگلاردا، QQ ۋە مىكروخەتلەردە تەشۋىق قىلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. تېخىمۇ جىق ئادەم بىلىپ ئۆز بىلىمىنى نامايەن قىلسۇن!
پائالىيەت جەريانىدا ياسىغان دېتال ۋە ھەر قانداق ئەسەرلەرنى تەمىنلەيدىغان بوشلۇق، ۋە ياكى باشقا ياردەملەر كېرەك بولسا، قۇتيار تور بېكتى ھەممىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ياردەمدە بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار تور بېكىتى
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|