بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pasiban تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-3 14:39
قىرىم تاتار تارىخي كىنو- سۈرگۈن
شىفىر:tatar فىلىم توغرىسىدا يازما بايانلار
تاتار نوپۇسىنىڭ يىرىمىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان چوڭ سۈرگۈن خىلمۇ-خىل مۇراسىملار بىلەن ئەسلىنىۋاتىدۇ.
سىتالىننىڭ باشقۇرۇشىدىكى سەۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى، قىرىم تاتار خەلقىگە، «گىرمانيەگە ياردەم قىلدى» دىگەن بەتنامنى چاپلاپ، 1944-يىلى5-ئاينىڭ 17-كۈنىنى 18-كۈنىگە باغلىغان كىچە، پۈتۈن خەلقنى ھايۋان توشۇيدىغان ۋاگونلارغا چىقىرىپ، ئىنسانلارغا تامامەن مۇۋاپىق كەلمەيدىغان شارائىتلاردا، ئۇتتۇرا ئاسىيا، سىبىرىيە ۋە ئۇرال رايونلىرىغا سۈرگۈن قىلغان. قىرىمنىڭ قىرىم تاتارلىرىدىن پۈتۈنلەي تازىلانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دوكىلات سىتالىنغا بىرىلگەندىن كىيىن، ئازاك دىڭىزىنىڭ بويىغا جايلاشقان ئارابات دىلى دىگەن يەردىكى ئۈچ يىزىدىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقى بايقالغاندا، بۇ يىزىدا ياشاۋاتقان پۇتۇن تاتارلارنى كىمىگە چىقىرىپ، كىمىنى دىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا چۆكتۈرۈۋىتىپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن.بۇ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەدىن كىيىن قىرىم تاتار خەلقى، نوپۇسنىڭ يىرىمىنى يوقاتتى. سۈرگۈندىن كىيىن، خەلق تەخمىنەن 50 يىل مەجبۇرى سۈرگۇندە تۇتۇلغان. ئانا ۋەتىنى قىرىمغا كىتىشىنى تەلەپ قىلسا تۈرمىگە سولانغان. قىرىم تاتار خەلقىنىڭ مىللى كىملىكى پۈتۈن تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلگەن.
قىرىم تاتار خەلقى 1980-يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا بىرلىكتە قىرىمغا قايتىپ كىلەلىگەن. ئەمما بۈگۈن يەنە سۈرگۈندىن قايتىپ كىلەلمىگەن 150 مىڭ قىرىم تاتارلىرى بار. قىرىم تاتارلىرى بۈگۈن ھەقلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى، ئانا تىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى، ئانا تىلىدا ئوقۇشنى ۋە قىرىمغا ئۇرۇنلىشىشقا ئوخشاش مەسىىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1944-يىلى 18-ماي كۈنى قىرىمدىكى بارلىق قىرىم تاتارلىرىنى سۈرگۈن قىلغان. سۈرگۈن جەريانىدا قىرىم تاتار ئەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قىزىل ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە ناتسىستلار ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەگە سۈرگەن قىلىنغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ % 46 تى يولدا ۋەياكى ئۆزلىرى يېتىپ بارغان جايلاردا ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە تۈرلۈك كېسەللەر تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان. قىرىم تاتارلىرى 1989-يىلغىچە سۈرگۈن قىلىنغان جايلاردا مەجبۇرى تۇتۇلغان. ئانا يۇرتىغا قايتماقچى بولغانلار تۈرمىگە تاشلانغان ۋە قايتىدىن باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلىنغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، قىرىم تاتارلىرى ئۆز يۇرتىغا قايتىشقا باشلىغان چاغدا، 150 مىڭ تاتار ماددىي ئىمكانسىزلىق ۋە قانۇنىي چەكلىمىلەر تۈپەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادا قېلىپ قالغان.
![]()
![]()
![]()
2009-يىلى ئۇكرائىنا، سوۋىت مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى KGBنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلىرىنى ئاچتى .ھۆججەتلەردە، يۈز مىڭلىغان قىرىم تۈركلىرىنىڭ رايوندىن قايسى شەكىلدە سۈرگۈن قىلىنغانلىقى تەپسىلى شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ.
ئۇكرائىنا جۇمھۇر رەئىسى ۋېكتور يۇشچەنكونىڭ يوليورۇقى بىلەن ئېچىلغان ئارخىپ ھۆججەتلىرىدە، قىرىم تاتار زىيالىلىرىنى ئۆلۈم پەنچىسىگە ئېلىپ بارغان يالغان دېلو ماتېرىياللىرىمۇ ئورۇن ئالغان.
قىرىم تاتارلىرىنىڭ كوللېكتىپ شەكىلدە سۈرگۈن قىلىنىش كۈنى خاتىرلەنگەن 18-ماي كۈنى، جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلگەن ھۆججەتلەردە، 1928-يىلى مىللەتچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنغان 63 نەپەر قىرىم تاتار سىياسەتچىسىنىڭ رەسىملىرى بار.
`قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا باھانە تېپىش ئۈچۈن تەييارلانغان يالغان ۋە ئۇيدۇرما دەلىللەر، ئەسلى مۇددىئالىرىنىڭ بىر خەلقنى تامامەن يوقىتىۋېتىش ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەرگۈدەك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق.گېرمانىيىلىكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈردى، دېگەن باھانە بىلەن 1944-يىلى 18-ماي كۈنى كېچىسى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرگەن سوۋىت ئەسكەرلىرى ئەر-ئايال، ياش-قېرى دېمەستىن يۈز مىڭلىغان قىرىم تۈركلىرىنى مەجبۇرى ھالدا ھايۋان سولايدىغان ۋاگونلارغا سولىدى.قىرىم تاتارلىرى نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىنلا ئۆلۈم سەپىرىگە ئاتلاندۇرۇلدى.
مەقسەت سۈرگۈن قىلىش ئەمەس ئىدى؛ مەقسەت قىرىم تاتارلىرىنىڭ كوللېكتىپ ھالدا يوقىتىلىشى ئىدى.
ۋاگونلارنىڭ ھەر بىرىگە ئولتۇرغۇدەك يەرمۇ قويماستىن 300 دىن ئارتۇق ئىنسان سولاندى. ۋاگونلارنىڭ ئىشىكلىرى 25، 30 كۈنگىچە ئاساسەن ئېچىلمىدى، ھەتتا ۋاگونلاردىكى جەسەتلەرمۇ سىرتقا چىقىرىلمىدى... ۋەھشىيلىك تولۇق مەنىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
سېبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا چۆللىرىدىكى لاگېرلاردا قانچە ئون يىل قورقۇنچلۇق زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرگەن قىرىم تۈركلىرىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشقا ئۇرۇنغانلىرى ئەڭ ۋەھشىيانە شەكىلدە جازاغا تارتىلدى. مەنبەسى: مىسرانىم تورى |