Www.akburkut.Com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

扫一扫,访问微社区

كۆرۈش: 736|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئېلانچىلىق ئۇستىللىرىدىن ياردەم؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆر
100دوللار
   ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، جامائەت!تېنىچلىقمۇ؟؟؟؟
پېقىر ھەۋەسكارنىڭ بىكىتىمىزگە تېما يوللىمىغىنىغا ۋە تەرجىمە ئىشلىرىغا قاتناشمىغىنىمغا ئالاھەزەل 10 ئايلارچە ۋاقىت بۇلۇپ قاپتۇ. ئاۋا ئوقۇش پۈتتۈرىمەن دەپ ئالدىراش يۈرۈپتىمەن، ئاندىن خىزمەت تاپىمەن ھەم ئىمتىھان بىرىمەن دەپ يۈرۈپتىمەن، ئەمدى بولسا خىزمەت تېپىشقا ئالدىراپ، ئويلاشمايلا تاللىغان خىزمەت ئورنۇمدىن نارازى ۋە بىزار بۇلۇپ، ئارام ئېلىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي يۈرۈپتىمەن( ئانچە مۈنچە بىكىتىمىزنى ئارىلاپ، يېڭى چىققان كىنولارنىڭ مۇقاۋىسىغا قاراپ قويۇپ، كىنونىڭ ئۆزىنى كۆرەلمىگىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا)......
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم،مەمۇرلۇق ئىمتىھان بەرسەم ،يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بۆلۈپتۇ. شۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە نۇرغۇن ئاشكارىلاش ۋە تەشۋىق قىلىش تاختىلىرى(展板) بار ئىكەن، رەھبەرلەر مېنىڭ كومپىيۇتىر كەسپىنى ئۆگەنگەنلىكىمنى ئۇقۇپ، ئازراق بولسىمۇ پۇل تىجەپ قېلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ماڭا تاختىنى لايىھەلىتىۋېلىپ ئاندىن ئېلانچىلىق مەركىزىگە ئاپىرىپ پۈركۈپ چىقارماقچى بولدى. بىراق مەن فوتوشوپتا ئۆلچىمى ئۇزۇنلۇقى :2.4 مىتىر، كەڭلىكى:1.2 مىتىر تاختىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى مۇنداق تەڭشىدىم:


بىراق كومپىيۇتىر قېتىۋالدى.توردىن ئىزدەپمۇ تۈزۈك جاۋاپ تاپالمىدىم. كومپىيۇتىرنىڭ ئىچكى سىغىمى 2gb. شۇڭا سىلەردىن(ئېلانچىلىق ئۇستىلىرى ۋە بىلىدىغانلار) سۇراپ باقسام:
1. مۇشۇنداق چوڭ تاختىلارنى ئادەتتە قانداق دىتال بىلەن لايىھەلىسە مۇۋاپىق؟
2. پۈركىمە تاختا ئېلانلىرىنى شۇ تاختىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش لايىھەلەمدۇ ياكى كىچىكرەك لايىھەلەپ، ئاندىن چوڭايتىپ پۈركىسىمۇ بۇلامدۇ؟
3.مىنىڭ قىلغىنىم توغرا بوپتىمۇ؟
3. مۇشۇنداق چوڭ تاختا ئېلانلىرىنى ئىشلەشكە قانداق سەپلىمىلىك كومپىيۇتىر بولسا مۇۋاپىق؟
4. فوتوشوپ ئىشلەتكەندە باسما(پۈركىمە) ئېلانچىلىقتا قايسى خىل رەڭ شەكلىنى(rgb,cmyk( تاللايمىز، ئاخىرقى لايىھە رەسىمىنى قايسى خىل شەكىلدە ساقلايمىز؟



رەھمەت!!

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاشساقلاش ياخشىياخشى ناچارناچار
دىۋان
ۋاقتى: 2013-1-14 20:08:20 | ئايرىم كۆرۈش
(پۈركىمە) ئېلانچىلىقتا ئەڭ ياخشىسى cmyk ئەندىزسىنى تاللاڭ،لىكىن مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا سىزنىڭكىگە ئوخشاش ھۆججەت قۇرسام 160 مىگابايىتتىن ئاشمىدى،rgb ئەندىزسى قوللانسىڭىزمۇ يەنە قىتىۋالدىما؟
يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-1-14 23:53:39 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umid تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 00:00  

سىز ئىنىقلىقىنى يەنى 72 دەپ تەڭشىگەن ئورۇننى سانتىمىتىر پىكسىل غا تەڭشەپ قويۇپسىز ئۇنى دىيۇم پىكسىلغا ئۆزگەرتىڭ 16 بىتنى 8 بىتقا ئۆزگەرتىڭ ( ئۇيەردە ئىككىلا تاللاش بار بىرى سانتىمىتىر پىكسىل يەنى بىرى دىيۇم پىكسىل) ھۆججەتنىڭ ئىنىقلىقى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەچكە كومپىيۇتىر قىتىۋالغان گەپ
رەڭنى cmyk دا تەڭشەڭ چۈنكى باسما ماشىنىسى مۇشۇ رەڭنى تونۇيدۇ. بىسىپ چىقىرىلغان رەڭ ئەسلى لاھىيىسى ئوخشاش چىقىدۇ. كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى بەكلا تۆۋەن بولسا 240 سانتىمىتىرنى 24 سانتىمىتىر تەڭشەپ ئىنىقلىقىنى 150 ياكى 300 ئەتراپىدا تەڭشەپ (كومپىيۇتىرىڭىز سورىيەلمىسە مۇشۇ ئەتراپتا تەڭشەڭ) ئىنكاسنى تېلېفوندا يازغاچقا رەسىم يوللاش ئەپسىز بولۇپ قالدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1نومۇر +20 دوللار +50 يىغىش سەۋەبى
hawaskar + 20 + 50 جاۋابىڭىزنىڭ مۇكاپات.

باھا خاتىرىسى

گېلەم
ۋاقتى: 2013-1-15 14:11:55 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ سۆزلەپ باقايمۇ؟
سىز photoshop نىڭ cs نۇسقىسىنى ئىشلىتىدىكەنسىز ئۇنداقتا ئۈمىد قېرىندىشىم دىگەندەك رەڭنى cmyk غا توغۇرلاپ،ئۆلچەم بىرلىكىنى سانتىمىتىر بويىچە (يەنى( 120*240) تەڭشەپ، ئېنىقلىقىنى (像素/英寸) ھالەتتە 40-50 ئەتراپىدا قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر سىز لايىھەلىمەكچى بولغان دوسكىدا ئۇششاق خەتلەر كۆپ بولسا،ئېنىقلىقىنى سەل يۇقىرى قىلىسىز، ئەگەر ئاددىلا بولسا ئېنىقلىقىنى بەك يۇقىرى قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يۇقارقى سۆزلىگىنىم ئۆي سىرتى(户外广告) ئېلان لايھەسىدە قوللىنىدىغان ئۇسۇللار.
ئەگەر ئۆي ئىچى ئېلانى بولسا يەنى (室内广告) رەڭنى RGB غا تەڭشەپ،ئېنىقلىقىنى ئۆي سىرتى ئېلانىدىن سەل يۇقىرى قىلىپ لايىھەلىسىڭىز رەڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ،چۈنكى ئۆي سىرتى ئېلانى بىلەن ئۆي ئىچى ئېلانىنى باسىدىغان ماشىنا ئوخشاش بولمايدۇ.
يەنە چۈشىنەلمىگەن يەر بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|يانغۇن نۇسخىسى|قاماقخانا|ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ( 新ICP备16001784号-1

GMT+8, 2017-6-25 10:14 , Processed in 1.407782 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش