ئوڭ تەرەپنى ئېچىش

گىگانتلار زەربىدە 2- قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىسمى:
گىگانتلار زەربىدە
خەنزۇچە ئىسمى:
进击的巨人
چەتئەلچە ئىسمى:
attack on titan
دۆلىتى:
ياپونىيە
تىلى:
ياپونچە
تۈرى:
كارتون
فورماتى:
باشقا
ۋاقتى:
2013-04-06
يېزىقى:
ئۇيغۇرچە
رازمېرى:
1080× 1920
سىغىمى:
800MB~1G
ئۇزۇنلىقى:
24~26 مىنۇت
رېژىسسور:
ئاراكى تېتسۈرو (ئەجەل پۈتۈكى كارتون نۇسخىسىنىڭ رېژىسسورى)
باش روللاردا:
ئېرېن يېگار-  كاجى يۈكى
مىكاسا ئاكېرمان-  ئىشىكاۋا يۈيى
ئارمىن ئارلېرت-  ئىنوۈۋې مارىنا
رىۋايل-  كامىيا خىروشى
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:   يۈز نەچچە  يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلغۇچى گىگانتلار پەيدا بولۇپ ئىنسانلارنىڭ  مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىدە يۈز يىللىق تىنچ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەمما ئېرېن  يېگار بۇسېپىللار نىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا ئىنتىلەتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش سېپىل  ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشنى خالىمايتتى، سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز  كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئىنسانلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشى غايەت زور  گىگانت ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز سېپىل تۈۋىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ چوڭ  گىگانت ئەللىك مېتىر ئېگىزلىكتىكى مارىيا سېپىلى سىرتىدىن سېپىل ئىچىدىكى  ئىنسانلارغا قاراپ تۇرغان شۇ دەمدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ گىگانتلارنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قورقۇنچنى، ئۆزىنى ئۆزى قوتانغا سولىۋالغان مالغا ئوخشاش  ھاقارەتنى ئەسكە ئالىدۇ.

بېلەت كىرىمى: 44


2 - قىسىم «شۇ كۈنى» نىڭ مەزمۇنىدىن پارچە:
  گىگانتلار سېپىل ئىچىگە بۆسۈپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن ئېرېن ۋە باشقا پۇخرالارنىڭ جىمجىت تۇرمۇشى ۋەيران بولسى. بولۇپمۇ ئېرېن ئانىسىنى گىگانتلارنىڭ يەۋەتكىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇردى، بىر كىچىك بالىغا نىسبەتەن بۇ نەقەدەر ئېغىر زەربە... شۇنداقتىمۇ ئۇلار شىگانشىنادىن ساق سالامەت ئايرىلدى، بۇ چاغدا ئەسكەرلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن گىگانتلارنىڭ روس سېپىلىغا كىرىۋېلىشىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئەمما پۈتۈن بەدىنى ساۋۇتتەك قاتتىق گۆشلەر بىلەن قاپلانغان بىر گىگانت پەيدا بولۇشى بىلەن، بارلىق قارشىلىقلار ئەھمىيىتىنى يوقاتتى...



فىلىمدىن كەسمىلەر:






  مەزكۇر كارتوننىڭ تەرجىمىسى باشتىن ئاخىرى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققان بولغاچقا قىسمەن نۇقسانلار كۆرۈلگەن بولۇشى ئېنىق، ئىملا خاتالىقى ياكى ناتوغرا تەرجىمىلەرنى بايقىغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ.

360.txt

47 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 303

baidu.txt

41 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 263

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار 微信微信
ساقلاش
ساقلاش1
ياخشى
ياخشى0
ناچار
ناچار0

ئىسىل پاراڭلار11

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىۋان
Ablazewolf ۋاقتى: 2013-12-15 22:54:41 | ئايرىم كۆرۈش
1-قىسىمنى ئاۋۇ كۈنى كىنوخانىدا كۆرگەن. بۈگۈن باشتىن باشلاپ ئىككىلا قىسىمنى كۆرۈپ چىقتىم. خېلىلا ياخشى ئىشلەنگەن كارتونكەن. تەرجىمىسىگە بەكلا كۈچەپسىز. بىر يىل ۋاقت سەرىپ قىلغانلىقىڭىزنى بىلىپ، ئەستايىدىللىقىڭىزغا بەكلا قول قويدۇم. دېمىسىمۇ، تەرجىمىسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. قەدىمىي تۈركىي تىلدىكى سۆزلەرمۇ ئىشلىتىلىپتۇ. بۇ شۇ سۆزلەنى ئۇنۇتماسلىقىمىزغا پايدىلىق. يەنە ئۈنۈملىرىگىمۇ خېلى كۈچ چىقىرىپسىز. ئاپىرىن ئوقۇيمەن. ناخشىنىڭ تەرجىمىسىمۇ بەك ياخشى چىققان. كۆيدۈمغۇ بۇ ناخشىغا!
ئىككى قىسىمدىن پەقەت بىر يەردە ئىملا خاتالىقى ھەم ناتوغرا تەرجىمە بايقىدىم. بۇنچىلىك خاتالىقنى دەپ يۈرمىسەممۇ بولاتتى. ئەمما ئاۋۇ سەمىمىيتىڭىز تەسىرلەندۈرۈپ، بېرىدىغان مۇكاپات قىزىقتۇرۇپ شۇڭا يەنىلا يوللاپ قويدۇم.
*
*
*
يىكەنداز
arkan2010 ۋاقتى: 2013-12-15 23:43:58 | ئايرىم كۆرۈش
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2013-12-15 22:54
1-قىسىمنى ئاۋۇ كۈنى كىنوخانىدا كۆرگەن. بۈگۈن باشتىن باش ...

ئاپرىن! 1-قىسمىدىكى چارىلاش ئەترىتى-چارلاش ئەترىتى دەپ ئېلىناتتىغۇ دەيمەن!
گېلەم
بەھرام710 ۋاقتى: 2013-12-16 03:24:54 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ قىسىمىنىمۇ چۈشۈرۈپ ئىككى قىسىمنى بىر لا كۈرەي ئەمدى....لىكىن مۇشۇ پايۇن پاكارلىرى ياخشى ئشلەيدىكەن جۇمۇ كارتون دىگەننى ...مىنىڭ شەمشەر تورىدا بىر ئويناپ باققۇم بار(گەرچە راسىت شۇنداق نەرسە بولمىسىمۇ)..
كىگىز
ياساۋۇل ۋاقتى: 2013-12-16 13:29:29 | ئايرىم كۆرۈش
ئككى قىسىمنى تەپسىلىي كۆردۇم
تەرجىمە ئىنتايىن چۈشۈنۈشلۇك ياخشى چىقىپتۇ
راسىتمنى ئىيىتسام نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مەن كۆرگەن كاتۇنلار  ماۋۇ كارتۇننىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىكەن
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-16 14:32:50 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمسى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-16 16:50  
Ablazewolf يوللىغان ۋاقتى  2013-12-15 20:54
1-قىسىمنى ئاۋۇ كۈنى كىنوخانىدا كۆرگەن. بۈگۈن باشتىن باش ...


تۆۋە،،،   15 قىسىمنىڭ بېشىغا كېلىدىغان يەردىن چاتاق چىقىپ قالمىسۇن دەپ شۇنچە قارىسام ماۋۇ نەلەدە قالغان بولغىيتتى...  كۆپ رەھمەت سىزگە، مۇكاپات ئۈچۈن ئۈچىنچى قىسىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنىمۇ مۇڭداشقۇڭىزغا ئەۋەتىپ بېرەي.
ھە راست، بىر يىل بولاي دېدى دېگەن كارتون بۇ ئەمەس، «تېزلەتمە دۇنيا» دەيدىغان باشقا بىر كارتون، ئۇنىمۇ قىلىۋاتىمەن لېكىن باش ئاغرىتىدىغان يەرلىرى بەك كۆپ شۇڭا مۇشۇنداق بەك سۆرىلىپ كېتىپ بارىدۇ. «گىگانتلار زەربىدە» بىر ھېسابتا خېلى تېز تۈگىگەن بولدى...   
داق يەر
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-16 16:01:17 | ئايرىم كۆرۈش
arkan2010 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-15 21:43
ئاپرىن! 1-قىسمىدىكى چارىلاش ئەترىتى-چارلاش ئەترىتى دە ...

راست شۇنداقكەن، كۆپ رەھمەت، سىزگىمۇ ئۈچىنچى قىسىمنى ئەۋەتىپ بېرەي.
مىخ
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-16 16:04:38 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمسى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-16 14:19  

مەن ئۆزۈم بىر خاتالىق بايقىدىم،      بىر جايدا «ئۇ كەلدىم» دەپ چىقىپ قاپتۇ،   ماڭا مۇكاپات بېرىدىغانلار بارمۇ؟
قاتناشقانلار سانى 2دوللار +20 يىغىش سەۋەبى
ياساۋۇل + 10 ئىملا !
ئىلىياس + 10 ئوغۇل بالا !

باھا خاتىرىسىجەمئىي : دوللار +20

9#
razzak ۋاقتى: 2013-12-17 01:28:35 | ئايرىم كۆرۈش
نىمە  دىگەن  ئەرزانچىلىق  بۇ
بۇنى  كۇرۇپ  ئاخىرغا  قىزىقىپ  كەتتىم  تەرجىمىسى  بولسۇن  خەتلەرنىڭ  ئورۇنلاشتۇرشى بولسۇن
شەمشەر  تورى  دىگەن  كارتۇندىن  قىلىمايدىغان  كارتۇنكەن بۇ
ئاىىرقى  قىسىملىرىنى  ئوز  تىلدا  كۇندە  بىر  قىسىمدىن  كۇرۋاتقان  بولساممۇ، لىكىن  مۇشۇ  ئانا  يىزىقىمدا  كورگەندەك  راھەت ھەم  چۇشۇنۇشلۇك  ئەمەسلىكىنى  ھىس قىلدىم
شەمسى بۇرادەر  بۇ  كارتۇن  قىسىم  سانى  كوپ  ئەمەستەك  قىلىدۇ ،  لىكىن بۇلۇملىك  دەپ  ئاڭلىۋالدىم  بۇراستمىدۇ،  
10#
 ئىگىسى| شەمسى ۋاقتى: 2013-12-17 19:40:48 | ئايرىم كۆرۈش
razzak يوللىغان ۋاقتى  2013-12-16 23:28
نىمە  دىگەن  ئەرزانچىلىق  بۇ
بۇنى  كۇرۇپ  ئاخىرغا  قىز ...

بۇ كارتون جەمئى 26 قىسىم، بىر قىسىم ئەسلەتمە شۇڭا 25 قىسىم دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ھازىر بىرىنچى بۆلۈمى تۈگىدى لېكىن مەزمۇنى تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق، ئەسلى ئەسەر ئايدا بىر قىسىم چىقىدىغان كومىك بولغاچقا يەنە بىر بۆلۈم ئىشلەش ئۈچۈن ھازىرقى سۈرئەت ۋە مەزمۇن زىچلىقىدىن قارىغاندا ئاز دېگەندە يەنە بىر يېرىم يىلدىن كېيىن بىر بۆلۈمگە يەتكىدەك مەزمۇن چىقىدۇ، ئۇنى كارتون قىلىپ ئىشلەش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى ئېنىق.
11#
قاتىل731 ۋاقتى: 2013-12-17 20:16:11 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇستىدىكىلەر ماختاۋىرىپ، بىر سومنىڭ بېشى ئاغريدىغان بولىدىدە
12#
bhdr ۋاقتى: 2014-11-1 14:58:30 | ئايرىم كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قايتا تەھرىرلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن 2،6،16،19،20،قىسىملىرىنىڭ...........................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


0ئەگەشكىنى

18پىنتوزىلىرى

89تېمىسى

تېما يوللاش

QQ- يانغۇن نۇسخىسى-قاماقخانا- ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  

مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!

Powered by Discuz! X3.3© 2001-2013 Comsenz Inc.  ئاق بۈركۈت تورى  新ICP备16001784号-1